باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 26845 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/5     Go
تېما: ئەزىمەتلىرىمىزنى تونىۋىلىڭ ......
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 2355
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2355دانە
ئۆسۈش: 5240 %
مۇنبەر پۇلى: 29036 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-18 10:37

ئەزىمەتلىرىمىزنى تونىۋىلىڭ ......

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-03-24)
ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم قېرىنداشلار بۇ تېمام ئارقىلىق  مىللىتىمىز ئىچىدىن يىتىشپ چىققان ، دۆلەت ئىچى سىرتىغا تونۇلغان  ئۈچ پۇتبولچى ئەزىمەت يەنى ئابدۇلبارى ، مىرئەخمەتجان ۋە ئۆتكۈر قاتارلىق ئوغلانلىرىمىزنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى ، ھەمدە بۇ ئەزىمەتلەرنڭ بۇندىن كىيىنكى بارلىق مۇسابىقىللىرىنى خەۋەردار بولالىساملا مۇشۇ تېمىغا يوللايمەن ، شۇڭا تورداشلارنىڭ بۇ تېمىغا پات_پات كىرىپ تۇرشىنى ئۈمىد قىلىمەن ..

ئالدى بىلەن ئۇيغۇر پۇتبولچىلىغى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇڭ ....


















ئۇيغۇرلاردا ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ھەر خىل تەنتەربىيە تۈرلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە پۇتبول ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. بەزى تارىخىي مەلۇماتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قوۋملەرنىڭ قوزىنى تۇلۇمچىلاپ سويۇپ ئىچىگە يەل (ھاۋا) تولدۇرۇپ ئىشلەنگەن توپنى تېپىش ئۇسۇلى بىلەن قارىمۇ قارشى قەلئەلەرنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىدىغان «تەپۇك» تېپىش ناملىق بىر ئويۇنى بار ئىدى، دېيىلگەن («تۈرك قامۇسى»، 29– توم، 384–بەت) يەنە «تۈرك مىللىي مەدەنىيىتى» دېگەن كىتابنىڭ 276– بېتىدە پۇتبول، چەۋگەن ئويۇنلىرى ھون دەۋرىدىن بۇيان «تۈركىي قوۋملەر ئارىسىدا ئوينالغان» دېگەن ئىبارىلەر بار.
تارىخىي پاكىتلاردىن قارىغاندا، پۇتبول ياكى توپ تۈركىي قوۋملەر تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان. دەرۋەقە، ئۇ چاغلاردىكى توپ ھازىرقى زاماندىكى توپقا ئوخشاشماستىن «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا كۆرسىتىلگەندەك، تۇلۇمچە سويۇلغان قوزا تېرىسىگە يەل قاچىلاپ تېپىش، يىپ توپ تېپىش، يۇمشاق نەرسىلەردىن ياسالغان تڭپنى تېپىش شەكلىدە بولغان.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ پۇتبول ئويناش ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئادەت بولغان. ئۇيغۇر بالىلىرى ئورما ۋاقتىدا بۇغداي ئېڭىزى، كۈزدە قوناق ئېڭىزى ۋە خامانلاردا ئېشەك مىنىپ ئوغلاق (تۇلۇمچە سويۇلغان قوزا تېرىسىگە سامان تىقىپ ياكى يەل بېرىپ، )چەۋگەن، ۋاللەي ئويناشتىن تاشقىرى، يىپتىن ياسالغان ياكى ئىككى كونا تۇماق ئىچىگە يۇڭ ياكى پاختا تىقىپ توپ قلىپ، چاپاندىن قاپقا (قەلئە) ياساپ پۇتبول ئوينايدۇ.
ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 70– يىللىرى مەشھۇر سودىگەر، مەرىپەتچى زات باۋۇدۇن مۇسابايوۋ شىنجاڭدىكى دىنىي مەكتەپلەردە پەننىي دەرس قوشۇپ ئوقۇشنى يولغا قويىدۇ. 1883– يىلى ئاتۇش ئىكىساقتا دەسلەپ ئۈچ سىنىپلىق مەخسۇس پەننى مەكتەپ، 1885– يىلىغا كەلگەندە زامانىۋى سەككىز سىنىپلىق پەننىي مەكتەپ سېلىپ، ئالتە مو يەردە تەنتەربىيە مەيدانى ياسايدۇ. ئوقۇغۇچىلار بۇ مەيداندا يۈگۈرۈش، سەكرەش، مېڭىش، تۇرۇش قاتارلىق ئاددىي تەنتەربىيە مەشغۇلاتلىرىنى ئېلىپ بېرىشتىن سىرت، چامباش، پۇتبول، تارتىشماق (ئارقان ۋە كالتەك)، «ئەسىر ئېلىش»، «تاش كەلدى – تاش كەتتى» قاتارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان.
1902– يىلى باۋۇدۇنباي ئۆز خىراجىتى بىلەن روسىيە، تۈركىيىگە ئوقۇغۇچى چىقىرىدۇ. ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتقاندىن كېيىن باشقا تەنتەربىيە تۈرلىرى قاتارىدا پۇتبولمۇ زامانىۋىلىشىدۇ، تەتىجىدە ئۇيغۇر تۇنجى زامانىۋى پۇتبول كوماندىسى قۇرۇلىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي پۇتبول پۈتۈن شىنجاڭغا تارقىلىدۇ.
1927– يىلى 7– ئايدا، ئاتۇش ئىكساققتا قۇرۇلۇغان ئۇيغۇر پۇتبولچىلار كوماندىسى ئەنگىلىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ پۇتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، ئۇلارنى بىرگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن، شىۋىتسارىيىنىڭ ئىشتىن سىرتقى پۇتبول كوماندىسىنى نۆلگە قارشى يەتتە نەتىجە بىلەن يېڭىدۇ.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئەينى ۋاقىتتا ئىكساقتا قۇرۇلغان پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى گەرچە يېشى يەتمىشتى ئاشقان بولسىمۇ، يېڭى زامان پۇتبول مەيدانىدىن ئورۇن ئالىدۇ. كېيىن (1951-يىلى) ياشانغان دېھقانلاردىن تەركىب تاپقان بۇ ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسى غەربىي شىمال رايونى بويىچە چېمپيۇن بولىدۇ.
بۇ ئەھۋاللار بىزگە پۇتبول ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي تەنتەربىيە تۈرلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ خەلقىمىز ئارىسىدا خېلى بۇرۇنلا كەڭ ئومۇملاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.




ئەمدى نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى   خەۋەر  بولسۇن !!










تەڭرىتاغ پالىۋانلىرى

ئوڭدىن سولغا ئۆتكۈر ، ئابدۇلبارى ، مىرئەخمەتجان  
    ئۆز خەۋىرىمىز : بۇ يىل قىشتا ئاپتونوم رايونىمىزدا قاتتىق سوغۇق بولۇپ ، كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى . 3ــ ئاي كىرىشى بىلەن شىنجاڭنىڭ تېمپىراتۇرىسى بىر ئاز ئىللىغان بولسىمۇ ، ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك ياغقان قار سەۋەبىدىن ، شىنجاڭنىڭ تېمپىراتۇراسى ئاۋۋالقى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدەك ئىسسىپ كېتەلمىدى . لېكىن ، مۇشۇنداق سوغۇق كۈنلەردىمۇ ، خۇددى كىشىلەرگە مەدەت بېرىۋاتقاندەك ، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدىغان خۇش خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇردى .


 
   16 ــ  مارت ، جۇڭگو پۇتبول جەمئىيىتى  يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو دۆلەت كوماندىسى ۋە جۇڭگو ئولىمپىك كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى . مىرئەخمەت بىلەن بارى يەنە بىر قېتىم جۇڭگو ئولىمپىك كوماندىسى تىزىملىكىگە كىردى . كىشىلەرنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى ، مىرئەخمەتنىڭ شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندىسىدىكى شىنجاڭلىق يۇرتدىشى ئۆتكۈر ھەسەن ، جۇڭگو دۆلەت كوماندىسىنىڭ بۇ قېتىمقى تىزىملىكىگە كىرىپ ، مىرئەخمەتتىن قالسا ئىككىنچى بولۇپ جۇڭگو دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان ئۇيغۇر پۇتبولچى بولۇپ قالدى .





ئابدۇلبارى

2 ــ ئاينىڭ ئاخىرىدا خاڭجۇ لۈچىڭ كوماندىسىدىكى بارى ، شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندىسىدىكى مىرئەخمەت بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ئولىمپىك كوماندىسىغا تاللانغانىدى . بۇ خۇش خەۋەرنىڭ ئايىقى تېخى ئۈزۈلمەستىنلا ، ئاسىيا چېمپىيونلار لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە بارى خاڭجۇ لۈچىڭ كوماندىسى ئۈچۈن بىر توپ كىرگۈزۈپ ۋە بىر توپ ھۇجۇم پاس بېرىپ ، خاڭجۇ كوماندىسىنى بۇ مۇسابىقىدىكى تۇنجى غەلىبىگە ئېرىشتۈردى . مىرئەخمەتكە بولسا گوللاندىيەنىڭ داڭلىق پۇتبول كوماندىسى ئاجاكىس كوماندىسىنىڭ كۆزى چۈشۈپ ، بۇ كوماندىنىڭ سىناق مەشىقىگە قاتنىشىش تەكلىپىنى تاپشۇرىۋالدى . بۇ ئارقا ــ ئارقىدىن كەلگەن خۇش خەۋەرلەر شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرىغا زور خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى . كىشىلەر شىنجاڭ پۇتبولىنىڭ شانلىق تارىخىي ئېچىلىشقا باشلىدى ، شىنجاڭ پۇتبولىنىڭ باھارى يېتىپ كەلدى دېيىشتى .





مىرئەخمەتجان





ئۆتكۈر ھەسەن

ئەمدى ئىنكاس ئارقىلىق بۇ ئەزىمەتلىرىمىزنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن !!




[ بۇ يازمىنىتاھىر 2011-03-28 00:00قايتا تەھرىرلىدى ]
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1424
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1424دانە
ئۆسۈش: 1770 %
مۇنبەر پۇلى: 16184 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-03-30

ئەمدى ياخشى بولدى، باشقىلار ئۇيغۇرلارنىڭمۇ پۇتبۇل ئوينىيالايدىغانلىقىنى بىلىپ قالسۇن...
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 2355
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2355دانە
ئۆسۈش: 5240 %
مۇنبەر پۇلى: 29036 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-30
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-18 18:34

مىرئەخمەتجان مۇزەپپەر






ئسمى : مىرئەخمەت .مۇزەپپەر
ئېنگىلىزچە ئسمى:Mirahmetjan Muzepper YJ6:O
دۆلىتى:جوڭگۇ  
تۇغۇلغان جايى:قەشقەر 
يۇرتى:جوڭگۇ -----قەشقەر 
تۇغۇلغان ۋاقتى:  1991-1-14
ئىگىزلىكى:182

ئىغىرلىقى:73
سول پۇتىدا توپ تىپىدۇ .
كەسپى:پۇتبول

كۇلۇپ:شەندۇڭ لۇنىڭ 
كىيىم نۇمىرى:25

دۆلەت كوماندىسىدىكى نۇمىرى:16  
ئورنى:سول كىراي ،سول بىك،  ئارقا بەل 






پەخىرلىك ئوغلانىمىز مىرئەخمەت مۇزەپپەر 1991- يىلى 1 -ئاينىڭ 14-كۇنى قەشقەر شەھىرىدە پۇتبول ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇنىڭ چوڭ دادىسى  ئىلگىرى شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۇركۇمدىكى شىنجاڭ پۇتبۇل  كوماندىسنىڭ ئەزاسى ھىسابلىندۇ .ئىلگىرى  شىنجاڭ كوماندىسىغا ۋاكالىتەن  توپ تەپكەن .مىرئەخمەتنىڭ دادىسى مۇزەپپەر ئاكىمۇ ئىلگىرى شىنجاڭ كوماندىسغا تاللانغان ، ھەم شىنجاڭ كوماندىسغا ۋاكالىتەن توپ تەپكەن .مىرئەخمەت 3 ئەۋلات شىنجاڭنىڭ پۇتبۇلچىلىقىغا ۋەككىلىك قىلدىغان شەخىسلەر ھىسابلىندۇ .(3ئەۋلات پۇتبولچى) مىرئەخمەت سول پۇتىدا توپ تىپىدىغان ماھىر . ئۇنىڭ مەيداندىكى ئورنى :سول بىك ، سول كىراي ، ئارقا بەل  قاتارلىق  كوپ خىل ئورۇننىڭ ھۆدىسىدىن چىقالايدۇ .ھەم دۆلەت كوماندىسىدا ۋە شەندۇڭ ،كوماندىلىرىدىمۇ ئوخشىمىغان ئورۇندا ئۇزىنىڭ  تىخنىكىسىنى تۇلۇق كۆرسەتكەن . ئۇ مۇداپىيەدە چىڭ ،تىخنىكىسى ياخشى ئوخشىمىغان ئورۇندىكى ئىپادىسى ياخشى .ھۇجۇمغا ياردەملىشىشى ئاكتىپ .


2004-يىلى مىرئەخمەت شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندا مەكتىپىگە كىلىدۇ .ئۇ بۇيەردە بىرقەدەر ياخشى پۇتبول تىخنىكا   تەربىيسىدىن  تەربىيە ئالىدۇ ھەم  ئۇزىنىڭ ياخشى ئىپادىسى بىلەن شەندۇڭ كوماندىسىنىڭ  15 ياشلىقلار ئەتىرتىگە كىرىدۇ ھەم ئاساسلىق ئەزا سۇپىتىدە توپ ئويناپ شۇ يىلى 15 ياشلىقلار بىرلەشمە مۇسابىقىسدە كوماندا چىمپىيۇن بۇلىدۇ  16 ياشلىقلار مۇسابىقىسىدە كوماندا ئۆز ئىپادىسىنى تاپالماي چىمپىيۇنلۇقتىن مەھرۇم قالدۇ كىيىن 17 ياشلىقلار مۇسابىقىسدە توپ ئويناپ بىرلەشمىدە چىمپىيۇن بۇلىدۇ . 2008-يىلى 17 ياشقا كىرگەن يىلى شىنجاڭ لاتارىيەسى پۇتبۇل  كوماندىسى مىرئەخمەت بىلەن ئالاقىلىشىپ كوماندىسغا قۇشۇۋالىدۇ .ھەم شۇ يىلى شىنجاڭغا ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ .2009-يىلى شىنجاڭغا ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشدۇ .شىنجاڭ كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ . 2009-يىلىنىڭ ئوتتىرا مەزگلىدە شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندىسىنىڭ 19 ياشلىقلار كوماندىسىغا قايتىپ كىلىدۇ . 2010-يىلىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندىسىدىن خىنەن قۇرلۇش پۇتبۇل كوماندىسغا 1 يىللىق ئىجارىگگە بىرىلدۇ . ئىجارىگە بىرىش ھەرگىز مىرئەخمەتنىڭ كوماندىدا ئىپادىسى ياخشى بولماسلىق ئەمەس بەلكى شەندۇڭ كوماندىسى جۇڭگۇغا نىسبەتەن ئەنئەنىۋى كۇچلۇك كوماندا ھىسابلىندۇ (جۇڭگۇنىڭ زەردار كوماندىسى)  بۇكوماندىدا دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ماھىرلىرى ۋە چەتئەلنىڭ ياخشى پۇتبۇلچىلىرى توپلاشقان . مىرئەخمەت بۇكوماندىدا يىشى بىرقەدەر كىچىك ھەم كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئورنى بىرقەدەر مۇقىم بولغاچقا چىنىقىش ۋە مەيدانغا چىقىپ تىخنىكىسىنى ياخشلاش ئۇچۇن خىنەن كوماندىسغا 1 يىللىق ئىجارىگە بىرىلدى . بۇقىتىم دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنالماسلىقىمۇ ئۇنىڭ ئىپادىسىنىڭ ياخشى بۇلمىغانلىقىدىن ئەمەس ، مىرئەخمەت بۇيىل ئەمدى 20 نىڭ قارسىنى ئالدى دۆلەت كوماندىسدا يىشى كىچىك ماھىر ھىسابلىندۇ . مىنىڭچە ما تۇڭگان بۇياش ماھىرنى تىخى پىشىپ يىتىلمىدى ئۇنىڭغا يەنە پۇرسەت باردەپ ئۇنى ئۇزىنىڭ تىخنىكىسىنى نامايەن قىلىش ئۇچۇن بۇياش ماھىرنى كوماندىغا تاللىمىدى ،بۇيىل ئەمدى 20نىڭ قارسىنى ئالغان مىرئەخمەتكە يەنە نۇرغۇن پۇرسەت بار چۇنكى ئۇنىڭ كەسپى ھاياتى تىخى ئەمدى باشلاندى .






2009-يىلى مىرئەخمەتنىڭ پۇتبۇلچىلىق ھاياتىنىڭ يەنە بىر بۇرلۇش نۇقتىسى بولدى ئۇ شۇيىلى دۆلەت ياشلار پۇتبۇل كوماندىسغا تاللىنىپ باشلىنش ئالدىدا تۇرغان  ئاسيا ياشلار پۇتبۇل مۇسابىقىسگە قاتنىشش سالاھىتىگە ئىرىشىپ پۇتۇن شىنجاڭ پۇتبۇل خۇمار دوسلارنى خۇشاللىقا چۇمدۇرگەندى .ئاسىيا ياشلار پۇتبۇل مۇسابىقىسى تاللاش مۇسابىقىسدە  جۇڭگو كوماندىسى تۇنجى بۇلۇپ فېلىپىن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ .مىرئەخمەت ئاساسلىق ئەزا سۇپىتىدە مەيدانغا چىقىپ بىرتوپ ئۇرۇپ دۆلەت ياشلار پۇتبۇل كوماندىسغا ۋاكالىتەن ئۆزىنىڭ تۇنجى توپىنى كىرگۇزىدۇ .مۇسابىقىدىكى ياخشى ئىپادىسى بىلەن دۆلەت كوماندىسىغا تاللىندۇ . 2010-يىىلى 1-ئاينىڭ 21-كۇنى شەرقى ئاسىيا 4 كۇچلۇكلەر مۇسابىقىسگە قاتنىشىدىغان دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىنڭ تىزىملىكىنى ئىلان قىلدۇ  تىزىملىكتە بىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانىمىز مىرئەخمەتمۇ بار ئىدى .   مىرئەخمەت دۆلەت پۇتبول كوماندىسغا  تاللانغان تۇنجى ئويغۇر ئوغلانى ھىسابلىندۇ (ھەممىمىزنىڭ پەخىرلىنىشگە تىگىشلىك!) مىرئەخمەتنىڭ  دۆلەت ياشلار پۇتبۇل كوماندىسىدىكى  تىرنىرى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا  ئۇ توغۇرلۇق توختۇلۇپ :مىرئەخمەت مۇزەپپەر  مۇداپىيە ئقتىدارى كۇچلۇك ، ئختىيارى توپلىرى ۋە ئۇزۇن پاسلىرى ياخشى تىخنىكىسى ياخشى كۆپ ئۇرۇننىڭ ھۇدىسىدىن ياخشى چىقىدۇ  دەپ باھا بەردى ، 2010-يىلى مىرئەخمەت جوڭگۇ ئولىمپىك كوماندىسىغا تاللىنىپ گۇۋاڭجۇدا ئۇتكۇزۇلگەن ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنىغا  قاتناشتى . جۇڭگۇ بىلەن قىرغىغىستان كوماندىسى مۇسابىقىسىدە جۇڭگۇ كوماندىسى ئۇتتۇرۇپ قۇيۇش خەۋىپىدە قالىدۇ  مىرئەخمەت  ياندىن سەپدىشىغا ياخشى پاستىن بىرنى بىرىدۇ  توپ كىرىدۇ جۇڭگۇ كوماندىسى كىيىن ئەڭ ئاخىرقى مۇنۇتتا يەنە بىرتوپ كىرگۇزۇپ كەينىدە قالغان شارائىتتا مەغلۇبىيەتنى غالىبىيەتكە ئايلاندۇرۇپ غەلبە قىلىدۇ . مىرئەخمەتنىڭ شۇ مۇسابىقىدە ئىپادىسى ناھايتى ياخشى بۇلىدۇ .




2002-يىلى شەندۇڭ كوماندىسىنىڭ ياردەمچى تىرنىرى ياش ئستىقباللىق نۇتىلارنى بايقاش ئۇچۇن قەشقەرگە كىلىدۇ .ھەم مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرنىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن مىرئەخمەت مەشىق قىلىۋاتقان جايغا بىرىپ كۇرىدۇ ،تىرنىر مىرئەخمەتجاننىڭ تىخنىكىسىنىڭ ياخشىلىقىنى كۇرۇپ ئۇنى شەندۇڭ كوماندىسىغا بىرشىنى خالايدىغان ياكى خالىمايدىغانلىقىنى سورايدۇ . شۇنىڭ بىلەن مىرئەخمەت دادىسى مۇزەپپەر ئاكا مىرئەخمەت باشلىچىلىقدىكى 5 شىنجاڭلىق بالىنى ئىلىپ شەندۇڭ كوماندىسغا شارائىت ،مەكتەپ ۋە مۇناسىرەتلىك ئشلارنى سۇرۇشتۇرگىلى شەندۇڭغا بارىدۇ .ئۇ لۇنىڭ پۇتبۇل مەكتىپىنى كۇرۇپ خاتىرجەم بۇلىدۇ چۇنكى بۇيەردە قىلىپقا چۇشكەن كەسپى مەشىق ،ھەم شۇيەرنىڭ مەشىقىنى قۇبۇل قىلىۋاتقان  20 نەچچە شىنجاڭلىق بالىنى كۇرىدۇ ۋە ئۇلاردىن بۇجاينىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى شارائىت كەسپى جەھەتتە كۇپ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئاڭلايدۇ.  مۇزەپپەرئاكا يەنە شىنجاڭلىق ئۇقۇغۇچىلارغا ئىچىپ بەرگەن مۇسۇلمانچە تاماقخانىنى كۇرۇپ خاتىرجەم ھالدا مىرئەخمەتنى شەندۇڭ لۇنىڭ مەكتىپىگە قالدۇرۇپ شىنجاڭغا قايتىدۇ . مىرئەخمەت شەندۇڭدا ياخشى مەشىق قىلىپ 3 ئۇرۇننىڭ ھۇدىسىدىن چىقالايدىغان كۆپ ئقتىدارلىق ياخشى ماھىرغا ئايلىنىدۇ .شەندۇڭ 19 ياشلىقلار كوماندىسىنىڭ تىرنىرى ئاخبارات ۋاستىلىرىگە :ئۇ كۆپ ئۇرۇننىڭ ھۆدىسىدىن ياخشى چىقىدۇ ئۇھەم مۇداپىيەگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ بۇنىڭدەك ماھىر جۇڭگۇدا ئاز ئۇچىرايدۇ دەپ تەرىپلىگەندى . ئۇ ئۇز ئىپادىسى بىلەن ياخشى باھالارغا ئىرىششىكە تىگىشلىك .ئۇ جۇڭگۇ دۆلەت كوماندىسغا تاللانغان بىردىنبىر ئويغۇر ئۇھەم شەندۇڭ لۇنىڭ پۇتبۇل مەكتىپىدىن بىراقلا دۆلەت كوماندىسغا قاتناشقان بىردىنبىر ماھىر ھىسابلىندۇ .
[ بۇ يازمىنىتاھىر 2011-03-23 11:31قايتا تەھرىرلىدى ]
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 2355
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2355دانە
ئۆسۈش: 5240 %
مۇنبەر پۇلى: 29036 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-30
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-18 18:34

ئابدۇلبارى مۇھەممەت




 

ئسمى :ئابدۇلبارى .مەمەت 
تۇغۇلغان ۋاقتى :1989-10-27 (21 ياش )

مىللىتى :ئۇيغۇر  
ئىگىزلىكى :1.75


ئىغىرلىقى :70
ئورنى:ھۇجۇمچى  
يۇرتى:دىيارىمىز
قان تىپى :AB
توپ تەپكەن كۇلۇبى : 
2008-2009  شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيسى كوماندىسى


2010-يىلى   جىجىياڭ  خاڭجۇ يىشىل شەھەر كوماندىسى




ئابدۇلبارى 14 ياشقا كىرگەن يىلى تىلۋۇزۇردىن جۇڭچۇۋەن پۇتبول مەكتىۋىنىڭ ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلش ئۇچۇرىنى كۇرىدۇ ،ۋە شىنجاڭدىكى ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئورنىغا بىرىپ سىناق مۇسابىقىسگە قاتنىشىپ تالانتىغا ۋە تىخنىكىسغا تايىنىپ شىنجاڭ رايۇنىدىن 1- بۇلۇپ ئنتاھاندىن ئۇتۇپ تاللىندۇ .16 ياشقا كىرگەن يىلى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتنىشش پۇرسىتىگە  ئىرىشىپ شىنجاڭ كوماندىسغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە چۇشىدۇ .ۋە مۇسابىقىە مەيدانىدىكى نۇرلۇق يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ .  شىنجاڭ كوماندىسى قەدەممۇ قەدەم  غەلبە قىلىپ ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىگە تالىنىش مۇسابىقىسنى ئويناۋاتقاندا ئابدۇلبارى ھالقىلىق بىرتوپنى كىرگۇزۇپ  ھەممىنىڭ دىقىتىنى تارتىدۇ ۋە شۇمۇسابىقىدە ئابدۇلبارىنىڭ ھالقىلىق كىرگۇزگەن توپىغا تايىنىپ شىنجاڭ كوماندىسنىڭ 46 يىللىق  مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنى مۇسابىقىسنىڭ پۇتبول تۇرىنىڭ ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشش  چۇشىنى رىئاللىقا ئايلاندۇرۇدۇ . بىر توپ بىلەن نام چىقىرش يۇلىنى كۆپ قىسىم پۇتبول مەستانىلىرى يىقىندا ئۇنىڭ ئاسىيا سەپىرىدە باشلانغان دەپ قارىشى مۇمكىن دەل شۇمۇسابىقىدە شۇ ھالقىلىق توپى بىلەن شىنجاڭنىڭ  يۇقىرى سەۋىيدىكى پۇتبول تۇرىدە ھەل قىلغۇچ تارىخىنى يارىتىپ شىنجاڭدىكى   نۇرغۇن توپ مەستانىلىرنىڭ جۇملىدىن    مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئاخبارات  ۋاستىلىرى ھەرقايسى كۇلۇپ ۋە تىرنىرلارنىڭ دىقىتىنى تارتىدۇ  ۋە بىرتوپ بىلەن نام چىقىرىش سەپىرىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى  باسىدۇ .







ئىككى يىلدىن كىيىن يەنى ئابدۇلبارى 18 ياش ۋاقتىدا شىنجاڭ  تەنتەربىيە  لاتارىيسى پۇتبول كوماندىسنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى سۇپىتىدە مۇسابىقىگە چۇشىدۇ ،ئىككى يىللىق جۇڭگۇ Bدەرىجدىكى پۇتبول كوماندىسدا توپ  تەپكەن ئابدۇلبارى  بىرلەشمىدە  B دەرىجدىكى يەنە بىر كوماندا خاڭجۇ كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئابدۇلبارىنىڭ ئىپادىسى ناھايتى ياخشى بۇلىدۇ ۋە مۇسابىقىدە قارشى تەرەپنىڭ 2 مۇداپىيچىسىنى چىرايلىق ئالداپ ئۇتۇپ  سەبدىشىغا چىرايلىق پاستىن بىرنى بىرىدۇ  توپ كىرىدۇ شىنجاڭ كوماندىسمۇ مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۇرىدۇ .شۇ ۋاقىتتا خاڭخۇ كوماندىسنىڭ باش تىرنىرى  بۇيى ئانچە ئىگىز بولمىغان  لىكىن تىخنىكىسى ۋە  پارتىلاش كۇچى يۇقىرى بۇ ئۇيغۇر يىگىتىگە  قىزىقىپ قالىدۇ . بىر پەسىللىك مۇسابىقىدىن كىيىن شەنشى كوماندىسى ئابدۇلبارىنى قۇشىۋىلىش تەكلىۋىنى سۇنىدۇ لىكىن  خاڭجۇ كوماندىسىنىڭ كۇچلۇك  تەلىۋى بىلەن ئابدۇلبارى  خاڭجۇ كوماندىسنىڭ  قىتىلدۇ . \

2010-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۇنى جۇڭگۇ بىرلەشمىسى  جىجياڭ يىشىل شەھەر كوماندىسنغا ۋاكالىتەن  ئاساسلىق ئەزاسۇپىدە مەيدانغا چۇشىدۇ .
ئابدۇلبارى كوماندىغا ۋاكالىتەن  توپ كىرگۇزۇپ غەلبىنى قولغا كەلتۇرەلمىگەن بولسىمۇ  لىكىن ئۇ جۇڭگۇ بىرلەشمە مۇسابىقىسدە  مەيدانغا چۇشكەن تۇنجى ئۇيغۇر ئوغلانى ۋە جۇڭگۇ بىرلەشمىسدە ئاساسلىق ئەزا سۇپىتىدە مەيدانغا چۇشكەن تۇنجى ئۇيغۇر ئوغلانى بۇلۇپ قالغاندى . باشقا يۇرىتتا ئۆز نىڭ مەۋجۇتلىقىنى تۇنىتىش ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ  ئۆزقىمىتىنى يارىتىش  ھەرقانداق ئادەمنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ  .  
2010-يىلللىق جۇڭگۇ بىرلەشمىسى 5- ئايلانما  مۇسابىقىسدە  جىىجياڭ خاڭجۇ  يىشىل شەھەر كوماندىسى بىلەن تىيەنجن كوماندىسى  مۇسابىقىلىشىدۇ مۇسابىقىدە ئابدۇلبارى 32-نۇمۇرلۇق كىيىمنى كىيىپ ئاساسلىق ئەزا سۇپىتىدە  مەيدانغا چۇشىدۇ  .ئالدىنقى مەيداندا  ئىككى كوماندا تەڭلىشىپ قالىدۇ كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ 53 مىنۇت بولغاندا ئابدۇلبارى  ئوتتىر مەيداندىن  چەكلەنگەن رايۇنغىچە تىز سۇرئەتتە توپ ئىلىپ كىرىپ  چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدىكى  مۇداپيسىز تۇرغان سەبدىشىغا چىرايلىق پاستىن بىرنى بىرىدۇ لىكىن  سەبدىشى قۇرۇق ۋاتارغا بۇلۇڭ تالىماي توپ ئۇرۇدۇ توپنى ۋارتار تۇتىۋالىدۇ  بۇ بىرقىتىملىق مۇسابىقە  جىجىياڭ كوماندىسنىڭ  مۇسابىقىدىكى ئەڭ ئۇنۇملۇك ھۇجۇم قوزغىشى ئىدى  مۇسابىقە 0-0 ئاخىرلاشقان بولسىمۇ ئابدۇلبارى مۇسابىقىدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇمۇرغا ئىرىشىدۇ . ئابدۇلبارىنىڭ شىنجاڭدىكى تىرنىرى پەرھات ئاخبارات ۋاستىلىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ ئابدۇلبارىنىڭ تىخنىكىسى ياخشى ،بۇسۇپ كىرىش ئقتىدارى ياخشى   ئۇنىڭ  دۆلەت كوماندىسغا كىرىش ئقتىدارى بار دەپ بۇلدۇرگەن ئىدى .




2011-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۇنى ئاسىيا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى كىچىك گۇرۇپىدىكى مۇسابىقە يەنى F  گۇرۇپىدىكى  مۇسابىقە  ئوينالدى ،سىرىق ئەجداھا تەنتەربىيە سارىيدا  يەنى جىجىياڭ كوماندىسىنىڭ مەيدانىدا  جىجىياڭ كوماندىسى ياپۇنىينىڭ چىمپىيۇن كوماندىسى ئەمىلى كۇچى كۇچلۇك  ئاسىيا  چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىدە  چىمپىييۇن بۇلۇش ئىھتىمالى چوڭ دەپ قارىلىۋاتقان  كوماندا بىلەن مۇسابىقىگە چۇشىدۇ . مۇسابىقە ئالدىنقى مەيداندا ئىككى كوماندا تەڭلىشىپ قالغان ئەھۋالدا كىيننكى مەيدان باشلىنىپ 59 مىنۇت بولغاندا جىجىياڭ كوماندىسى ئادەم ئالماشتۇرۇپ ئابدۇلبارىنى مەيدانغا چۇشىرىدۇ  . 1 مىنۇت بولا بولماي ئابدۇلبارى  سەبدىشى راملىسقا چىرايلىق ياردەمچى پاستىن بىرنى تاشلاپ  سەبدىشنىڭ نۇمۇر ئىلىشغا  كۇچ قۇشىدۇ .  86 مىنۇت بولغاندا ئابدۇلبارى  ئوڭ تەرەپتىن  توپ ئىلىپ مىڭىپ تۇيۇقسىز ۋارتارغا توپ ئۇرىدۇ  ئۇ توپنىڭ بۇلۇڭ تاللىشى  ئادەمنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ  شۇنىڭ بىلەن جىجىياڭ كوماندىسى ئاسىيا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسنىڭ  غەلبىسنى قولغا كەلتۇرىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئابدۇلبارى جۇڭگۇ تەنھەركەت  ئاخبارات  ۋاستىلىرنىڭ  ۋە ئاسىيا رايۇنىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلىندۇ ۋە بىرتوپ بىلەن نام قازىنىش  سەپىرىنىى داۋاملاشتۇرىدۇ .  بۇ دەل كىلىپ قىلىش ياكى  تەلەيمۇ ؟ ياق بۇ  ئابدۇلبارىنىڭ  كىچىكىدىن جاپالىق مەشىقىنىڭ ۋە تىخنىكىسنىڭ پۇتبول مەيدانىدىكى  ھەققى  نامايەن بۇلىشى ئىدى.

ئابدۇلبارىنىڭ شۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە دۇنياۋىي سەۋىيەدە كىرگۈزگەن توپى







، بۇنىڭ بىلەن ئابدۇلبارى ئەگەر  يىتەرلىك ۋاقىت بولسىلا ئۆز تىخنىكىسىنىڭ ئەمىلى كۇچىنى ھەققى كۆرسىتالايدىغانلىقىنى ئەمىلى ھەركىتى بىلەن ئسپاتلىشى ئىدى . ئۆتكەن يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۇنى جىجىياڭ كوماندىسغا ۋاكالىتەن تۇنجى توپنى كىرگۇزگەنگە قەدەر ھازىرغىچە ئابدۇلبارى كەسپى مەشىقكە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ تىرىشىپ  شىنجاڭ رايۇنىنىڭ  پۇتبولچىلىقىنى ئچىكىرى ئۆلىكىلەردە ئاسيا رايۇنىدا  نۇر چاقنىتىش يۇلىدا تىرىشىپ  مەشىق قىلماقتا  .ئۇنىڭ جاپالىق مەشىقى ۋە تىرىشچانلىقىغا تاينىپ   يىقىندا  جۇڭگۇ ئولىمپىك دۆلەت كوماندسنىڭ باش  تىرنىرى بۇلازىۋىچ تەرپىدىن  جۇڭگۇ  ئولىمپىك كوماندىسغا تاللىنىپ دۆلەت كوماندىسغا تاللىنىش ئارزۇسىنى بىرقەدەم ئالدىغا سۇردى .ۋە بىزدەك  شىنجاڭ پۇتبول مەستالىرىنى چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغىسىغا چۆمدۇردى . ئابدۇلبارى  ئاددى تۇرمۇش  كەچۇرۇش  ئەھۋالىغا ماسلاشقان تىرىشچان  ياراملىق  ئش ئۇقىدىغان يىگىت ئۇ مۇئاشىنىڭ %70 تىنى ئائىلىسگە ئەۋەتىدۇ  .يىقىندا  150 مىڭ يۇۋەننى ئۇرۇمچىدە ئۆي ئىجارە ئىلىپ ئولتۇرۋاتقان  ئاكىسغا ئەۋەتىپ بىرىدۇ بۇئش ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئاشكارلانغاندىن كىيىن  مۇخپىرلار ئۇنى زىيارەت قىلغىلى كىلىدۇ  ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى  ئشلىرى توغرىسىدا سۇئال سورىغاندا بارى  مەن ھازىر پۇتۇن زىھنىمنى  پۇتبولغا قارىتىمەن  قالغان ئشلارنى  كىيىنچە ئويلىشىمەن دەپ ئىپادە بۇلدۇردى  شۇنداق ئابدۇلبارى خەلقىڭنىڭ سىنىڭدىن كۇتكەن ئۇمۇتلىرىنى ئاڭلاۋاتامسەن بىز  مىرئەخمەت  ،ئابدۇلبارى ..... قاتارلىق ئۇيغۇر ئوغلانلىرىنىڭ زەپەر ساداسىنى ئاڭلىغىنىمىزدا قانچىلىك  خوشاللىقا چۇمىدىغانلىقىنى ھىس قىلامدىغانسىلەر قىرىنداشلىلىرىم  تىرىشىڭلار  بىز سىلەر ئارقىلق  پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى ئىزدەۋاتىمىز  بىز سىلەردىن پەخىرلىنىمىز . بۇ ئوغلانلىرىمىز ھازىر باشقىلارغا نىسبەتەن شنجاڭنىڭ پۇتبولچىلىق تەرەقىياتىنىڭ  مەسئۇلى ۋە نامايەندىسى  شىنجاڭنىڭ پۇتبولچىلىق ئشلىرىنىڭ تەرەقىياتى ياش نوتىلارنىڭ  تەرەقىيات يۆنىلىشى سىلەر ئارقىلىق  پايدىلىق شارائىتقا ۋە تىخىمۇ چوڭ پۇرسەتكە ئىرىشكۇسى !!!
[ بۇ يازمىنىتاھىر 2011-03-23 20:21قايتا تەھرىرلىدى ]
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 2355
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2355دانە
ئۆسۈش: 5240 %
مۇنبەر پۇلى: 29036 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-30
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-18 18:35





ئىسىم - فامىلىسى : ئۆتكۈر ھەسەنجان .....    
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1993-يىلى 4-ئاينىڭ 10- كۈنى
يۇرتى: غولجا شەھىرى

بوي ئىگىزلىكى:181cm  
   بەدەن ئىغىرلىقى : 
  توپ تىپىدىغان پۇتى: سول پۇت.. 
مەيداندىكى ئورنى: ئوتتورا بىك ، سول بىك... 
  ئۆتكۈرنىڭ دادىسى ھەسەنجان ئاكا، ئاپىسى ساجىدەم ھەدە.... 

  ئۆتكۈر ياقتۇرىدىغان چەتئەللىك چولپانلار: بارسېلونا كۇلۇبىدىكى پۇيۇل ۋە مادرىدتىكى راموس ئىكەن.. 




ئۆتكۈر 1993- يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى غولجا شەھىرىدە تۇغۇلغان.ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى كىچىك تىجارەتچى ئىكەن. . .ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنى غولجا شەھەرلىك 9-باشلانغۇچتا ئوقۇغان.ئۇ باشلانغۇچ 5-سىنىپقىچە ئوقۇغان ئىكەن..ئۇ غولجىدىكى ۋاقتىدا ،9-باشلانغۇچتىكى ئابدۇشۈكۈر ، ئەسئەت، فەرۇق مۇئەللىم؛ 2-ئوتتورا مەكتەپتىكى شاۋكەت ۋە ئىلياس مۇئەللىم؛12-باشلانغۇچتىكى قۇربانتاي مۇئەللىم قاتارلىق مۇئەللىم -تېرنىرلارنىڭ تەربىيىسىنى ئالغان. 2003-يىلى 8ئايدا شەندوڭ ئۆلكىسىدىكى شەندوڭ لۇنىڭ تەيشەن كۇلۇبىنىڭ مەشىق مەكتىپىگە تاللىنىپ بارغان. ئۇ شەندوڭغا بارغاندىن كىيىن ئۇ يەردىكى شارائىتنى كۆرۈپ ئۆزىگە بىر پۇرسەت كەلگەنلىكىنى ھىس قىلغان. مەن ئۇنىڭدىن باشتا بارغاندا كەلگىنىڭدىن پۇشايمان قىلىپ، كۆنەلمىدىڭمۇ دەپ سورىغان ئىدىم..؛لىكىن ئۇ ماڭا ‹.ياق››دەپ جاۋاب بەردى. چۈنكى ئۇ، ئۇيەرگە بارغان يىلى ئۇ يەردە بىزنىڭ شىنجاڭلىق باللا كۆپ ئىكەن...ھەم ئۆزىنىڭ بۇنداق ياخشى شارائىتقا ۋە پۇرسەتكە ئىرىششىنىڭ ئوڭاي ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىپ ، ئۆز كۆڭلىگە گۈزەل ئارزۇلارنى پۇككەنلىكىنى ئىيتتى.ھەم ئۆزىنىڭ ناھايىتى تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىيتتى. 
  ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ تىرشچانلىقى نەتىجىسىدە ئۆز ئاتا - ئانىسىنىلا ئەمەس بەلكى ، ئۆز خەلقىنى خوشال قىلدى ۋە رازى قىلدى~!
ئۆتكۈردىن دۆلەت ياشلار كوماندىسغا ۋاكالەتەن روسىيەگە بىرىپ ئوينىغان مۇسابىقىسىدە قانداق تەسىراتقا كەلگەنلىكىنى سورىسام. ئۇ چەتئەل كوماندىلىرىنىڭ توپ ئويناش رىتىمىنىڭ بەك تىز ئىكەنلىكىنى جوڭگو پوتبولىچىلىقى بىلەن بولغان پەرىقىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا، بۇ ئەھۋالنى چەتئەل كوماندىلىرى بىلەن مۇسابىقە ئوينىغاندىلا ھەقىقى  بىلگىنى بولىدىغانلىقىنى ئىيتتى. ئۇ شۇ قىتىملىق مۇسابىقىدا كاپىتان بولۇپ ئويناپتۇ..بىر مەيدان ئوتتورا بىك تۇرۇپتۇ ،قالغان مەيدانلاردا سول بىك تۇرۇپتۇ. 
ئۇ 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى دۆلەت كوماندىسىنىڭ چاقىرتىشى بىلەن دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەشىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن بىيجىڭغا باردى. ئۇ دۆلەت كوماندىسىنىڭ چاقىرقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن بەك خوشال بولغانلىقىنى ئىيتتى.ياشلار كوماندىسىدىن ئۆتكۈر قاتارلىق  6بالىنى ئەكىلىپتۇ. بۇ قىتىمقى ئامرىكا قىتئەسىدىكى ئىككى مەيدان مەشىق  مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىۋىتىپتۇ. لىكىن ، بۇ قىتىم ئۆتكۈر قاتارلىق ياشلار كوماندىسىدىن كەلگەن باللارنىڭ ئامرىكىغا بىرىشى ئىنىق ئەمەسكەن. ھازىر جېڭجې قاتارلىق دۆلەت كوماندىسىنىڭ چوڭلىرىدىن 5-6سى چاقىرتىلىپتۇ..ئامرىكىغا بارىدىغانلارنىڭ سانى 18 ئادەم بولۇشى مومكىنكەن..شۇڭا ئۆتكۈرلەر بارالمايدىكەن.(بۇ ئۆتكۈر ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى) مەن ئۇنىڭدىن‹‹ بارالماي قالساڭ ئەپسۇسلىنامسەن؟ ››دەپ سورىسام ئۇ،‹‹ياق، چۈنكى مۇشۇ يەرگە كىلىپ دۆلەت كوماندىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە مەشقىقە قاتناشقىنىمنىڭ ئۆزى چوڭ ئىش بولدى.لىكىن، مەن بۇنىڭغا شۈكۈر قىلمايمەن..تىخىمۇ تىرىشىپ دۆلەت كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى بولىمەن..ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە سىلەردەك مەدەت بەرگۈچىلەر بولسىلا بۇ ئاللا خالىسا ئەمەلگە ئاشىدۇ›› دىدى... مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىم !!! ئۇنىڭ ھازىرقى كەيپىياتى بەك ياخشىكەن..مەشىقتە تېرنىرلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشىپتۇ.  مۇشۇ يىلى 8-ئايدا تەكلىپ مۇسابىقىسى بار ئىكەن،چەتئەل دۆلەت كوماندىلىرى كىلىدىكەن.بۇ مۇسابىقىگە ئۆتكۈرنىڭ سەپداشلىرىدىن،ئۆتكۈربىلەن بىر ھۇجۇمچى ۋە بىر ۋاراتانى تاللاپتۇ. مۇسابىقىنى ئىنىق ئوينايدىكەن..
ئۇنىڭدىن ،كوماندىدىكى سەپداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ۋە ئۆزىگە ئۇلارنىڭ بولغان كۆز قارىشىنى سورىسام،ئۇ، ئۆزىنىڭ سەپداشلىرى بىلەن غولجىدىكى ئاغىنىلىرىدەكلا ياخشى ئۆتىدىغانلىقىنى ۋە سەپداشلىرىنىڭ ئۆزىنى بەك ياقتۇردىغانلىقىنى ۋە كاپىتان دەپ ھۆرمەت نەزىرىدە قارايدىغانلىقىنى ئىيتتى.. 

 
ئۆتكۈرنىڭ مىجەزى بەك ئىسىل، كەم سۆز،كىچىك پىئىل، سەمىمىي ۋە ئەدەپلىك ياخشى يىگىت!! ئۇنىڭ مۇشۇنداق ياخشى خارەكتىرى بولغانچقا تېرنىرلىرى ۋە سەپداشلىرى ئۇنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن.
ئۆتكۈر مۇنبىرىمىزدىكى ۋە شىنجاڭدىكى پوتبول سۆيەرلەرگە ئۆزىنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى سىلەرگە يەتكۈزۈپ قويۇشۇمنى ھاۋالە قىلدى

.-‹‹ ئەسسالاممۇ ئەلەيكوم مىنى قوللاۋاتقان ئاكا -ئۇكا قىرىنداشلار! مىنى قوللاۋاتقىنىڭلاردىن بەك خوشالمەن! مەن ھەر ۋاقىت سىلەرنىڭ قوللاش- قۇۋەتلىشىڭلارغا مۇھتاج، مىنى تىخىمۇ قوللىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن! مەن ئاللا خالىسا تىخىمۇ تىرىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ مىللىتىمنى تونىتىمەن! سىلەرگە كۆپ تەشەككۈر! بولۇپمۇ ھۇررا كۇلۇبى ۋە ھۇررا مۇنبەر باشقۇرغۇچى ۋە مۇنبەر ئەھلى سىلەرنىڭ مىللىتىمىزنىڭ پوتبولچىلىقىغا چىقىرىۋاتقان كۈچۈڭلار بەك كۆپ. سىلەرگە رەھمەت! ھەممىڭلارغا سالامەتلىك تىلەيمەن!›› دىدى...

ۋاقتىم بەك قىس بولغاچقا ئاساسلىق يەرلەرنى يازدىم.... توغرا چۈشۈنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!!  ئۆتكۈرنى  ياخشى تونىدىڭىزمۇ؟  

تۆۋەندىكى ئۇتكۈرنىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرى



ئۆتكۈر قىشلىق تەتىلدە ئانا مەكتىۋىگە كېلىپ مەشىق قىلىشنى ئۇنۇتمىدى .




ئۆتكۈر بالىلىق چاغلىرىدىكى تەربىيلەنگەن مەكتىۋېدە كىچىك پوتپولچى ئەزىمەتلەر بىلەن بىرگە .

[ بۇ يازمىنىتاھىر 2011-03-18 19:27قايتا تەھرىرلىدى ]
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 2355
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2355دانە
ئۆسۈش: 5240 %
مۇنبەر پۇلى: 29036 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-30
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-18 19:40

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،تورداشلار! 
بۇگۇن داڭلىق پۇتبول چولپىنىمىزنىڭ بىرسى بولغان ئابدۇلبارىنىڭ ئىسمىنى ،شۇنداقلا باشقا چولپانلىرىمىزنىڭمۇ ئسمىنى تولۇق ئاتاشقا چاقىرىق قىلىمەن.
ئىسىمنى تولۇق دىيىش - ھەممىمىزنىڭ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەجبۇرىيىتى ھىسابلىنىدۇ. ~

ئابدۇلبارىنىڭ ئىسمىدىكى «بارى» دىگەن سۆز ئاللاھنىڭ 99 ئىسىم-سۈپىتىنىڭ بىرسى بۇلۇپ، مەنىسى -«يوقلۇقتىن پەيدا قىلغۇچى ئاللاھ» دىگەنلىك بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپىتى بىلەن بىۋاستە ئىنساننى چاقىرىشقا قەتئىي بولمايدۇ. ئالدىغا چوقۇم «ئابدۇ، ئابدۇل»نى قوشۇپ، ئاندىن چاقىرىشقا بولىدۇ، بۇ يەردىكى «ئابدۇ، ئابدۇل»نىڭ مەنىسى - «بەندىسى، قۇلى» دىگەنلىك بولىدۇ.




«ئابدۇلبارى»نىڭ مەنىسى - « يوقتىن پەيدا قىلغۇچى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بەندىسى» دىگەنلىك بولىدۇ، مانا بۇ ئىنساننىڭ چاقىرىشقا تىگىشلىك ئىسمى بولالايلى،،، 
ساتتاركام ئابدۇلبارى بىلەن ئالاقىلشىپتىكەن ، ئۇ ئالدۇلبارى دەپ ئاتىساڭلار بولىدۇ دەپتۇ . ئۆزىمۇ رازى بوپتۇ . ئەمدى يەنە گۇناھقا ئىشلەۋەرمەي ئىسىمنى تولۇق ئاتايلى !!! 
شۇڭا مەيلى «ئابدۇلبارى» بولسۇن، مەيلى باشقا توپچىلىرىمىز بولسۇن، مەيلى كىم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر تولۇق ئىسمى بويىچە چاقىرىشقا ئادەتلىنەيلى ! 


ئابدۇلبارى ، مىرئەخمەت  ، ئۆتكۈر ھۇررا تەڭرىتاغ يولۋاسلىرى !!!!!!!!! 
[ بۇ يازمىنىتاھىر 2011-03-24 11:48قايتا تەھرىرلىدى ]
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1341
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 139
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە139دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 1525 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-30
ئاخىرقى: 2012-03-29
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-24 11:51

ىۇررا، ھۇررا، ھۇررا!!!
muhsin
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6677
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 21
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە21دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 302 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-23
ئاخىرقى: 2011-04-08
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-24 23:09

bak yah xiboptu
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3067
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 66
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە66دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 380 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2011-12-22
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-25 10:48

ھەقىقى ئەزىمەتلەر ، لونىڭ كوماندىسىدا توپ ئويناۋاتقان شىنجاڭلىق ماھىرىلار ناھايتى كۆپ .
دوستلىشىش
تېكەس
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6224
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 38
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە38دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 435 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-23
ئاخىرقى: 2012-03-30
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-25 18:15

ياشا ئەزمەتلەر. ئاللا ئشلىرىڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن ئامىن،،،،،،،،،،،،،،،،،،،