بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى sawirqan نىڭ 2011-03-17 16:24 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
يۇقارقى يازما ئۆزىڭىزنىڭ كۆزقارىشىمۇ قانداق. مىنىڭچە باھا چۈشىدۇ. چۈنكى ھازىر ئۆي بەك كۆپ سىلىنىۋاتىدۇ. بىر ئادەمدە نەچچە يۈرۈش ئۆي بولۇپ كەتتى. ئۆنىڭ ئۈستىگە تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرگە سىلىپ بىرۋاتقان ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيلەرنىڭ كۆلىمى يىلدىن -يىلغا كىڭىيىۋاتىدۇ، ئۆي باھاسى يەنە ئۆسىۋەرسە ئۇنى ئالالاتدىغان ئادەملەرنىڭ سانى ئازلايدۇ. چۈنكى دۆلىتىمىزدە تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلىر خىلى جىق .
بانكا ئۆي باھاسىنى كونتۇرۇل قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۆي سالغۇچى، ئۆي ئالغۇچىنى بانكىغا تۇتۇپ بىرىپ ، بانكىدىن پۇلنى بىر قىتىمدىلا ئىلىپ كىتىپ قالىدۇ. ئۆي ئالغۇچى بىر ئۆمۈر بانكىغا قەرز تۆلەيدۇ.
قايسى يىلى ئىچكىردە جامائەت ئۆي فۇندى قەرزىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى ئازراق ئۆستۈرۈلگەندە ،گۇاڭجۇ ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىكى نۇرغۇن ئۆي سىتىۋالغۇچىلار كىچە- كۈندۈز ئوچىرەت تۇرۇپ ، ئۆي قەرزىنى بىر يولىلا قايتۇرۋەتكەن. بۇنىڭ بىلەن بانكىنىڭ خىزمەت بىسىمى ئىشىپ كەتكەن. نۇرغۇن ماددى ئەشيا ھەم نۇرغۇن خادىم تەكلىپ قىلىپ ، بۇرۇنقى قەرز ھۆججەتلىرىنى يىڭىلاشقا مەجبۇر بولغان. پۇل -مۇئامىلە ساھاسىدە نۇرغۇن قالايمىقانچىلىق كىلىپ چىققان.
مەن بۇ توغرىلىق ماتىريالنى كۆرگەن چىغىمدا ،< يالاڭغىداق سۇدىن قورقماپتۇ.،> دىگەندەك ، ئاۋۇ شۇنچە باي گۇاڭجۇلۇقلارنى قۇرقۇتقان كىچىككىنە ئۆسۈم ،بىزدەك شىنجاڭدىكى مائاشى تۆۋەن ئادەملەرنى قورقۇتالماپتۇ. دەپ ئويلاپ قالغانتىم.
كىيىن ئۆسۈم نىسبىتى يەنە چۈشۈپ ئەسلىدىكى ھالەتكە كەلدى. دىمەك ئۆي سىتىۋالغۇچىلار بانكىدىكىلەرنى باقىدۇ. ئۆي سىتىۋالغۇچىلار بولمىسا بانكىمۇ جان باقالمايدۇ دىگەن گەپ . ھەرگىزمۇ بانكا ئۆي باھاسىنى كۆنتۇرۇل قىلىپ ، ۋەيران بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ دىگەن ئىش يوق.