مەن ئادەتتە خەنچىگە ئۆزگىرەي دەپ قالغان ئائىلە سايمانلىرىنىڭ نامىنى (مەسىلەن: تېزگىنەك، تېلېۋېزور، توڭلارتقۇ، كىرئالغۇ، سىن قويغۇ،ئۈنئالغۇ...) دەك ئۇيغۇرچە ئاتاشنى مەشىق قىلىۋاتقىلى ئۇزاق بولدى، خېلى كۆنۈپ قالدىم. لېكىن .ئاكىلىرىمغا ھەيران تېلېفۇن نومۇرۇڭ قانچە دېسە بىر مۇنچە خەنچە ساننى دەيدۇ. مەنمۇ چۈشەنسەممۇ قەستەن چۈشەنمەيمەن، خەنچىدىن ساۋادىم تۆۋەنرەك، سەندەك يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەندە شۇنداق ئاتامەن. (ئەمەلىيەتتە نەۋرە ئاكامنىڭ خەنچە سەۋىيىسى يوق دېيەرلىك) دەپ قويىمەن. ئۇلار تېخى خەن تلىنى بىلمەي تۇرۇپ قارىغۇلارچە شۇنداق ئاتايدۇ. ھەي

مانا بۇنى بىلىمسىزلىك دەيمىز.
مەنغۇ ھازىرچە خەنچىنى سويىۋەتكىدەك بولمىساممۇ ھەر ھالدا ھاجىتىمدىن چىقىپ كېلىۋاتىمەن. ئەگەر تاللاش توغرا كەلسە خەنچىنى بىلمەي تۇرمۇشۇم غۇربەتچىلىكتە ئۆتسىمۇ رازىمەن. لېكىن ئانا تىلىمنى ئەزىزلەيمەن، پەخىرلىنىمەن.
مېنىڭ ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغىنىم : يانفۇن نومۇرلىرىنى خۇددى چوڭ بىر نەسىنى دەۋاتقاندەك خەنچە دېيىش، شۇ گەپنىڭ خەنچە مەنىسىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ خەنچە ئاتاش. بىر چىرايلىق ئۇيغۇرچە گەپنىڭ ئارىسىغا بىر ئىككى خەنچە گەپنى ئارىلاشتۇرۇۋېلىش...لار. بولۇپمۇ خەنچە سەۋىيىسى 0 ھالەتتە تۇرۇپ نادانلىقنى چاندۇرۇپ خەنچە ئاتاش.