باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2486 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: Blazevic:  بارى دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىدا پۇت دەسسەپ تۇرىدۇ.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6340
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 100 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-02
ئاخىرقى: 2011-03-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-16 12:04

Blazevic:  بارى دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىدا پۇت دەسسەپ تۇرىدۇ.

 Blazevic : <خاڭجۇ يېشىل شەھەر> كوماندىسىنىڭ ئۈچ توپ بىلەن يېڭىلىشى مېنى تولىمۇ ھاڭ-تاڭ قالدۇردى. بارى كەلگۈسىدە دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىدا پۇت دەسسەپ تۇرىدۇ.
 
تەرجىمە قىلىپ يوللۇغۇچى: كىلىچەك
2011-03-16 00:10
          
   بۈگۈن كەچ بىز ئىككى مەيدان مۇسابىقە كۆردۇق ۋە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل ھېسياتتا بولدۇق. <خاڭجۇ يېشىل شەھەر> كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى مېنى تولڭمۇ ھەيران قالدۇردى.ھەيران قالدۇردىلا ئەمەس، مېنى تولىمۇ ھاڭ-تاڭ قالدۇردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ھىچكىممۇ نەتىجىنىڭ مۇنداق بولۇپ كېتىشىنى ئويلاپ باقمىغان. بۈگۈنكى <خاڭجۇ يېشىل شەھەر> كوماندىسى مەن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى خاڭجۇدا مۇسابىقىسىنى كۆرگەن كوماندا بىلەن پۇتۇنلەي ئوخشىمايتى. ئەگەر يېنىمدا باشقىلار بولمىغىنىدا ئىدى، مەن چوقۇم كۆزلىرىمدىن چاتاق چىقتىمىكىن دەپ ئويلىغان بولاتتىم.
   
  بۇ ھەرگىزمۇ  <خاڭجۇ يېشىل شەھەر> كوماندىسىنىڭ ھەقىقى سەۋىيەسى ئەمەس ئىدى. ئارقا سەپ مۇداپىيەدىن ناھايىتى چوڭ چاتاق چىقتى، سەۋەنلىكلەرمۇ ناھايىتى كوپ بولدى. ئارقا سەپ مۇداپىيەدىن سەۋەنلىك كۆرۈلۈپلا قالماستىن، يەنە تېخى پاسلاردىمۇ خاتالىق كۆرۈلدى. بۇ بەلكىم توپچىلارنىڭ چوڭ مۇسابىقەلەرگە ماسلىشاشماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن. بىراق، مىنىڭ دەپ قويىدىغىنىم شۇكى، بارىنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسىمۇ بىزنى ئۈمۈتسىزلەردۇرمىدى. ئۇ بەئەينى كوماندىنىڭ بىردىن-بىر ئۈمۈت يۈلتۈزى ئىدى.  بىرقانچە قېتىم ياندىن بېسىپ ئۆتكەندىكى سۈرئىتىمۇ شۇنداق تىز بولدى. مەن ھازىر ئۇنىڭغا دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىدىن مۇۋاپىق ئورۇن ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن. بارى گەرچە دەل قايىدا ئوينىغان بولسىمۇ،لىكىن پۇتكۇل كوماندىدا رەقىبىگە تەڭ ئەجىللىك بىر زەربە بېرىش ئىدىيىسى كەم بولۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ بۇ بىر مەيدان مۇسابىقىدىن ياخشى بىر تەجرىبىنى يەكۈنلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

        ئەكسىچە،<تىيەنجىن تەيدا> كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى بىزنى ھۆزۈرلاندۇردى. بۇ بىر ئىتتىپاقلاشقان كوماندىنىڭ غەلبىسى ئىدى. كوماندا بىر گەۋدە تاكتىكىسى بۆيىچە توپ ئوينىدى. كۆپچىلىك ناھايىتى ياخشى ماسلاشتى. مۇشۇنداقلا ماسلاشسا، ئۇلارنىڭ ئۈزۈپ چىقىش ئىھتىمالى چوڭ. ئەتە بىز يەنە شەندۇڭغا بېرىپ، "شەندۇڭ لۇنىڭ" كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرگەچ، كونا دوستۇم ئىۋاننى يوقلايمەن. "شەندۇڭ لۇنىڭ" كوماندىسىدا دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىنىڭ ئىككى ئەزاسى مىرەخمەتجان بىلەن 郑铮 بار. مەن ئۇلارنى نوقتىلىق كۈزىتىمەن.
 
 
مەنبە:
 
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1460
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1460دانە
ئۆسۈش: 1770 %
مۇنبەر پۇلى: 16033 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-03-27
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-17 20:55

بارى، مىرئەخمەتلەر بىرگە ئويناپ باقسا كۆرۈپ باقساق..
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.