查看完整版本: [-- Blazevic:  بارى دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىدا پۇت دەسسەپ تۇرىدۇ. --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> تەنتەربىيە مەخسۇس سەھىپىسى -> Blazevic:  بارى دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىدا پۇت دەسسەپ تۇرىدۇ. [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kilichek 2011-03-16 12:04
 Blazevic : <خاڭجۇ يېشىل شەھەر> كوماندىسىنىڭ ئۈچ توپ بىلەن يېڭىلىشى مېنى تولىمۇ ھاڭ-تاڭ قالدۇردى. بارى كەلگۈسىدە دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىدا پۇت دەسسەپ تۇرىدۇ.
 
تەرجىمە قىلىپ يوللۇغۇچى: كىلىچەك
2011-03-16 00:10
          
   بۈگۈن كەچ بىز ئىككى مەيدان مۇسابىقە كۆردۇق ۋە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل ھېسياتتا بولدۇق. <خاڭجۇ يېشىل شەھەر> كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى مېنى تولڭمۇ ھەيران قالدۇردى.ھەيران قالدۇردىلا ئەمەس، مېنى تولىمۇ ھاڭ-تاڭ قالدۇردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ھىچكىممۇ نەتىجىنىڭ مۇنداق بولۇپ كېتىشىنى ئويلاپ باقمىغان. بۈگۈنكى <خاڭجۇ يېشىل شەھەر> كوماندىسى مەن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى خاڭجۇدا مۇسابىقىسىنى كۆرگەن كوماندا بىلەن پۇتۇنلەي ئوخشىمايتى. ئەگەر يېنىمدا باشقىلار بولمىغىنىدا ئىدى، مەن چوقۇم كۆزلىرىمدىن چاتاق چىقتىمىكىن دەپ ئويلىغان بولاتتىم.
   
  بۇ ھەرگىزمۇ  <خاڭجۇ يېشىل شەھەر> كوماندىسىنىڭ ھەقىقى سەۋىيەسى ئەمەس ئىدى. ئارقا سەپ مۇداپىيەدىن ناھايىتى چوڭ چاتاق چىقتى، سەۋەنلىكلەرمۇ ناھايىتى كوپ بولدى. ئارقا سەپ مۇداپىيەدىن سەۋەنلىك كۆرۈلۈپلا قالماستىن، يەنە تېخى پاسلاردىمۇ خاتالىق كۆرۈلدى. بۇ بەلكىم توپچىلارنىڭ چوڭ مۇسابىقەلەرگە ماسلىشاشماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن. بىراق، مىنىڭ دەپ قويىدىغىنىم شۇكى، بارىنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسىمۇ بىزنى ئۈمۈتسىزلەردۇرمىدى. ئۇ بەئەينى كوماندىنىڭ بىردىن-بىر ئۈمۈت يۈلتۈزى ئىدى.  بىرقانچە قېتىم ياندىن بېسىپ ئۆتكەندىكى سۈرئىتىمۇ شۇنداق تىز بولدى. مەن ھازىر ئۇنىڭغا دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىدىن مۇۋاپىق ئورۇن ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن. بارى گەرچە دەل قايىدا ئوينىغان بولسىمۇ،لىكىن پۇتكۇل كوماندىدا رەقىبىگە تەڭ ئەجىللىك بىر زەربە بېرىش ئىدىيىسى كەم بولۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ بۇ بىر مەيدان مۇسابىقىدىن ياخشى بىر تەجرىبىنى يەكۈنلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

        ئەكسىچە،<تىيەنجىن تەيدا> كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى بىزنى ھۆزۈرلاندۇردى. بۇ بىر ئىتتىپاقلاشقان كوماندىنىڭ غەلبىسى ئىدى. كوماندا بىر گەۋدە تاكتىكىسى بۆيىچە توپ ئوينىدى. كۆپچىلىك ناھايىتى ياخشى ماسلاشتى. مۇشۇنداقلا ماسلاشسا، ئۇلارنىڭ ئۈزۈپ چىقىش ئىھتىمالى چوڭ. ئەتە بىز يەنە شەندۇڭغا بېرىپ، "شەندۇڭ لۇنىڭ" كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرگەچ، كونا دوستۇم ئىۋاننى يوقلايمەن. "شەندۇڭ لۇنىڭ" كوماندىسىدا دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىنىڭ ئىككى ئەزاسى مىرەخمەتجان بىلەن 郑铮 بار. مەن ئۇلارنى نوقتىلىق كۈزىتىمەن.
 
 
مەنبە:
 

muhtarbay 2011-03-16 14:33
ھەقىقەتەن شەرەپ ھىس قىلغۇدەك نەتىجە  بىزنىڭ پەخىرلىك ئارسلانلىرىمىز  ئادەم دىڭىزىنىڭ ئچىدىن ئۇزۇپ چىقىۋاتىدۇ بۇ ئاسان نەتىجە ئەمەس

uighur-biz 2011-03-16 14:55
ئاساسلىق گەپ تىئىنىردا   2010 -يىلىق پۇتبۇل مۇسابىقىسدە  ئارگىنىتىنا كۇمانىدسنى كۈچى ھەققەتەن زۇرئىدى شۇنىچە ياخشى كۇمانىدىنى مارادۇننا پۇق قىلىدى. ئۇ كۇمانىدكى ئەڭ قابىل پۇتپۇلىچى مسسىنىڭمۇ  كۇچى ئاجىزلىق قىلدى. بىركۇمانىدىنىڭ ماسلىشچانلىقىنى ۋە ئاجىزلىقىنى شۇ كۇمانىدىكى قايسى ئەزانىڭ يىتەرسز ئىكەنلىگنى بىلىپ يىتىش نىئىنىرنىڭ  ئەڭ چۇڭ ۋەزىپىسى .  ئابىدۇبارى قىرندىشم شۇنچە كۇچىگەن بىلەن قالغانلارنىڭ ماسلشىچانىلىقى بۇلمىسا بىكار.


ئسىمىنى  ئابىدۇبارى  دەڭ قىرنىدشم . تۈزتىۋىلىڭ.

yusanjan 2011-03-16 15:41
قالتىس  

xamxat 2011-03-16 16:12
پوتبول دېگەن مانا شۇ

تاھىربەگ 2011-03-16 18:50
ھەي راستىنلا  خاڭجۇ يىشىل شەھەرنىڭ  ئارقا سەپ ئوينىغان شوگۇڭلىرى بەكلا  ئاجايىپ ئوينىدى ،  خۇددى مەيداندا يوقتەك ...  ھېلىقى فىلىمدە دىگەندەك شوگۇڭ بىلەن سەيچى دىخانلار پېتىشالمىدى ، ماسلىشالمىدى ....  ئابدۇلبارى خۇددى بىر توپ قاپاقباشنىڭ ئارسىدا قالغاندەكلا !!!  
ھېلىقى مازنىڭ مۇسابىقىنى چۈشەندۈرىشلىرىچۇ تېخى ، كۆڭلۈمنى ئېلىشتۇرۇپ ....  

alpacino 2011-03-17 04:18
بىرلا  ئابدۇلبارى  كۈچەپ  قالغان  چاڭچىلكەشلە  كۈچىمىسە  ئۇتتۇرىشى  مۇقەررەر  بولدىدە  ....

amanxa 2011-03-17 20:55
بارى، مىرئەخمەتلەر بىرگە ئويناپ باقسا كۆرۈپ باقساق..

almiliq 2011-03-17 21:14
مىرئەخمەت، بارى ( ئەسلىدە ئابدۇبارى، ئابدۇلبارى دەپ يېزىلىشى كېرەك ئىدى ) ۋە ئۆتكۈر قاتارلىق پوتبۇل ئەزمەتلىرىمىز سىلەرگە غەلبە، ئۇتۇقلار يار بولسۇن!

تىرىشقان ئۇزار ، تاشقا مىق قاقار.
                                                     ئۇيغۇر خەلق ماقالى


查看完整版本: [-- Blazevic:  بارى دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىدا پۇت دەسسەپ تۇرىدۇ. --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.057725 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us