شۇ ئىلىمنى بەرگۇچىمۇ ئاللاھ تۇرسا قانداق قىلىپ ئىتىقاد بىلەن ئىلىمنىڭ مۇناسىۋىتى بولمىسۇن.
ھەر قانداق ئىش پەرۋاردىگارنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ۋە قانۇنيىتى بويىچە بۇلىدۇ، قانۇنىيەتسىز ئىش بولمايدۇ. ئىلىمنىمۇ ئۇگىنىش تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ئىرىشىدۇ. مانا بۇ قانۇنىيەت.كىيىمنى سىلىپ تالاغا چىقسىڭىز سوغۇق تىگىپ زۇكام بۇلىسىز،مانا بۇ قانۇنىيەت.قورساق ئاچسا تاماق يىسىڭىز قوساق تۇيىدۇ بۇمۇ قانۇنىيەت.ھەر قانداق ئىش پەرۋاردىگار ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان قانۇنىيەت بويىچە بۇلىدۇ.
تەقدىر مەسىلىسىنى پەقەتلا پەرۋاردىگار بىلىدۇ. تەقدىر سەۋەب نەتىجە مۇشۇ بويىچە ماڭىدۇ.
پەرۋەردىگار رەھمان بولغانلىقى ئۇچۇن،ئىنسانلارغا ئەڭ چوڭ نىممەت ئەقىلنى بەردى،ئاندىن ئەقىلنى توغرا يولغا ئىشلىتەلمەي قالمىسۇن دەپ توغراخاتانى كورسۇتۇپ بەردى،يەنە بىلمەي قالمىسۇن دەپ پەيغەنبەر ئەۋەتىپ ئۆزىنىڭ كالامىنى يەتكۇزۇپ شۇلار ئارقىلىق بىزگە چۇشەندۇرۇپ بەردى.ئۇلار كەتكەندىن كىيىن ھەر زامان ھەر ۋاقىت ئارىمىزغا پەندە ۋە دىندا بىلىملىك كىشلەرنى ئەۋەتىپ ئەسكەرتىپ ئۆزىنىڭ بىرلىكنى تۇخۇمدىن تۇك ئۇنىدىغان ئىشنىڭ يوقلىقىنى چۇشەندۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ.قانداق بۇلۇپ مۇشۇنداق ئاددى بىر مەسىلە سىزنىڭ باش قاتۇرۇپ تەتقىق قىلىپ ئۇزۇن بولغان بىر تىمىنى يىزىشقا سەۋەبچى بولغانلىقىنى پەقەت چۇشەنمىدىم.
ھازىرغىچە مەن ھەر قانداق بىر تەتقىقاتچى ياكى ئالىمنىڭ بىر نەرسىنى يوقتىن پەيدا قىلدىم دىگىنى ئاڭلاپ باقمىدىم،ھەممىسى بايقىدىم دەپ ئىلىپ كىلىۋاتىدۇ.يەنى بۇرۇندىن بار بولغان لىكىن بايقىمىغان نەرسىنى تىرىشىپ ئۇگىنىپ تاپقانلىقىنى دەپ كىلىۋاتىدۇ.دىمەك ئىلىم پەقەت ئۇگىنىش ئارقىلىق ئاندىن كىلىدىغانلىقىنى ،ھەر قانداق نەرسىنى پەرۋەردىگار بارلىققا كەلتۇرگىنى بىلگىلى بۇلىدۇ. ھەر قانداق ئادەمنىڭ بىلىم سەۋىيىسى ئوخشاش بولمايدۇ،كىچىك بىر ئىشنى چوڭ قىلىپ كورسۇتۇپ ساماننىڭ ئاستىدىن سۇ يۇگۇرتۇش توۋەن پەس ئادەملەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى.مەن سىزنى ئۇنداق دىمىدىم ھەرگىز ھاياجانلانماڭ.
بىر سەھرالىق ئەرەبنىڭ پەرۋەردىگارنى قانداق چۇشەنگەنلىكى توغۇرلۇق بىر ھەدىس بار ئىدى.ئۇنتۇپ قاپتىمەن ئۇنىڭدا شۇ سەھرالىق ئەرەب توگىنىڭ مايىقىغا قاراپ چۇشەنگەنلىك سوزلەنگەن. ئەگەر ئىلىم بولمىسا ئۇ شۇنچىلىك ئىشنىمۇ بىلمەيتى.
سىز دىگەن "ئۇلار دىنىي ھەقىقەتنى بايقاشنى كىشىلەرنىڭ ئەقلى بىلىشىگە يۈكلەپ قويغان. بايا دېگەندەك، ئېتىقاد بىلەن بىلىمنى بىر-بىرىگە زورمۇ-زور باغلىۋالغان. ئۆزىنى ئەقىللىق، ئۆزگىلەرنى بولسا نادان دەپ ئويلاپ، ئۆز كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ كەلگەن"
ئەقىل بولمىسا قانداق قىلىپ دىننى چۇشەنگىلى بۇلىدۇ؟ مانىڭغا جاۋاب بىرىڭە. ھەر قانداق ئادەمنىڭ چۇشىنىشى ئوخشاش بولمايدۇ. ئالىملار قانچە تەتقىق قىلغانسىرى شۇنچە چۇشىنىدۇ ھەقىقەتنى بىلىدۇ.
دىھقان يەردىن ئۇسۇپ چىققان مايسىنىڭ شۇ پەرۋەردىگار تەرىپدىن بولغانلىقىنى بىلىدۇ.
بەزىلەر ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا ئالەم جىسىملىرىغا شۇلارنى كورۇپ چۇشىنىپ پەرۋەردىگارنىڭ بىرلىكنى ھەقىقەتلىكنى بىلىپ ئىمان ئىيتىدۇ.بەزىلەر پەندىكى ئادەم ئەزالىرى ياكى ئۆزگۇرۇشلەرگە قاراپ چۇشىنىپ ئىمان ئىيتىدۇ.يەنە بەزىلەر يەنە باشقىچە چۇشىنىدۇ.مۇشۇلارغا ئەقىل بىلىم بولمىسا قانداق چۇشىنىدۇ؟
"«تۇغۇلغاندا ئىمان بىلەن تۇغۇلۇش، تەربىيە تەسىرىدە ھەر خىل ئېتىقادقا ئىگە بولۇش» نىڭ مەنىسى دەل مۇشۇ يەردە. تۇغۇلغان بالىلاردا ئەقلى بىلىم بولمىغىنى بىلەن توغرا ئېتىقاد بولىدۇ دېگەنلىك، ئېتىقاد بىلەن بىلىم مۇناسىۋىتىنى ئارلاشتۇرىۋالماسلىق كېرەكلىكىنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلار تۇغۇلۇپ-ئۆسۈش جەريانىدا ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى پروگراممىلاپ، ئۇلارغا ئۆز ئەقىدىلىرىنى سىڭدۈرىدۇ، بالىلار ئەقلى بىلىشكە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئۆز كۆڭلىدىكى ھېلىقى ئېتىقادلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئېتىقادلىرى كۆڭۈللىرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرى ئېتىقادى تەرىپىدىن قاتتىق تىزگىنلەنگەن، بۇ ھالدا ئۇلارنىڭ بىلىملىرىنىڭ ئۆز ئېتىقالىرىغا قارشى تۇرۇشىدىن ئېغىز ئېچىش تەس، شۇڭا ھەر قانچە بىلىملىك بولغان تەقدىردىمۇ، مەيلى دۇرۇس ياكى باتىل ئېتىقادلار بولسۇن، شۇ ئادەمگە مۇستەھكەم يىپىشىۋالغان ئەھۋالنى كۆپ كۆرەلەيمىز.
پەرۋەردىگار رەھىملىك بولغانلىقى ئۇچۇن ئىنساننى ياراتقاندا ئۇنى مۇسۇلمان قىلىپ يارىتىدۇ.لىكىن كىيىن ئاتا ئانىسى ئۇنى ناسارا يەھۇدى ياكى باشقا قىلىپ تەربىيلەيدۇ. ياۋرۇپادا كوپ كىشلەرنىڭ كىيىن چوڭ بولغاندا ئىسلام دىنىنى تاللىغانلىقى تۇغۇرلۇق خەۋەرلەرنى كورۇپ تۇرىمىز.ئەقىل بىلىم نىمىنىڭ توغرا خاتالىقىنى ئۆزى ئايرىيدۇ.بۇنى مەجبۇرلارش تىڭىش ياكى سىزنىڭ باشقىچە چۇشەندۇرىشىڭىز بويىچە بولغاندا قىلىچ بىلەن تىڭىش كەتمەيدۇ.بۇرۇنمۇ بولمىغان ۋە كىيىنمۇ بولمايدۇ.ئەگەر بولغان بولسا ئىدى.مۇسۇلمانلار ياۋرۇپانىڭ غەربىگىچە ئىسلاھ قىلىپ ئىسلامنى تارقاتقاندا شۇ يەردىكى چىركاۋلار ناسارالار يوقىغان بۇلاتتى.شەرىق تەرەپتە بولسا نەچچە يۇز يىل ھوكىمرانلىق قىلغان ھىندىستاندا ھىندى دىنى مايا مەدىنيىتىدەك يەرشارىدىن يوقىغان بۇلاتتى ھىلىمۇ شۇ بۇتخانىلار ھازىرغىچە بار.
"تەيسىننى ۋە مۇسۇلمان بولغان يەنە بىر ئامېرىكىلىق يىگىتنى ئالساق، ئۇلارنىڭ ھەق-ناھەق مەسىلىلەرگە چىداپ تۇرالمايدىغان، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئارقىلىق ئۆز توسالغۇلىرىنى تازلاشقا ئادەتلەنگەن خاراكتىرى، ھەمىشە رايىش -يۇۋاش بولۇشقا ۋە ئۆز كۈچىنى پەقەت ئۆز نەپسىنى يېڭىشكە قارىتىشقا ئۈندەيدىغان، زىيادە ئاقكۆڭۈللۈك تەشەببۇسىغا ئىگە خرىستىئان ئەقىدىسى تەرىپىدىن قانائەتلەنمەي، ئەكسىچە ئۆز خاراكتىرىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن كەلگەن ئىسلام بىلەن قانائەتلەنگەن. "
ئەگەر خىرىستىيان دىنى سىز دىگەندەك زىيادە ئاقكۆڭۈللۈك تەشەببۇسىغا ئىگە بولسا 1920 نەچچىنچى يىللىرى ئەنگىلىيە شىۋىتسىيەدىن كەلگەنلەر شىنجاڭدىكى ئاسار ئەتىقە ئالتۇن كۇمۇشنى بۇلاپ خىجىل بولماي ئۇنى ئۇچۇق ئاشكارا مۇزىيغا قۇيۇپ كورگەزمە قىلمىغان بۇلاتتى. 1492 يىللىرىغۇ دەيمەن كىرست قۇشۇنىنى بىلىسىزغۇ دەيمەن،ئىسپانىيەدە مۇسۇلمانلارنى يەھۇدىلارنى قانداق قىرغىن قىلغىنىنى ،ھىلىمۇ مۇسۇلمانلار 5 ئەۋلات يەھۇدىلارنى ساقلاپ قوغداپ قالغان شۇ چاغدا.يىقىنقى 10 يىللادا ئاففان ئەرەبلەرنى قانداق قىرغىن قىلغىنى ئىراقنىڭ ھازىر نىمىگە ئوخشاش قالغىنى كورۇپ تۇرىۋاتىسىز.
"لېكىن، ئاخىرىدا شۇنىمۇ تولۇقلاپ قويۇش كېرەككى، ناھايىتى ئاز ساننى تەشكىل قىلىدىغان يەنە بىر تۈرلۈك كىشىلەر بار بولۇپ، ئۇلارئۆز ئېتىقادىدىكى ساختا بولغان ۋە سەپسەتەگە ياتىدىغان تەرەپلەرنى ھەقىقەتەن بايقاپ يەتكەن ھەم شۇ بىلىملىرى ئاساسىدا ھەر قانداق ھەقىقەت قىياپىتىگە كىرىۋالغان تەلىماتلارغا ئالدىنىپ قالماي، شەيتاننىڭ تۈرلۈك ئېزىقتۇرىشىدىن ياخشى قوغدىنىش مەقسىتىگە يەتكەن. كىتابتا ئېيتىلغان ”ھېدايەت تاپقانلار“ دەل شۇلار بولسا كېرەك."
چۇنكى ئىسلام دىنىدا ھاراق قىمار قىزلار بىلەن ئارلىشىپ ئويناش بىر كىچىلىك مۇھاببەت دىگەنلەرنى چەكلەيدۇ. خىرىستىيان دىنى بولسا بۇلارنى چەكلىمەيدۇ.ھەر ئىككىسى بىر ئىلاھ دەيدىغانلىقى ئۇچۇن ئاسانراق بولغان خىرىستىيان دىنىنى تاللايدۇ.ئەلۋەتتە سىزگە يەنە دەيدىغىنىم ئامال بار توي قىلماڭ،چۇنكى خىرىستىيان دىنىدا ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارىغا تىخىمۇ يىقىن بۇلۇش ئۇچۇن توي قىلماي چىركاۋدا تۇرۇش كىرەك،ھەرگىز ئامىرىكىدىكى ھىلىقى بوپتەك 修女 لارغا چاققاق قىلىپ يۇرمەڭ.بولمىسا نىكاھسىز بالىلارنى كوپەيتىپ باقالمىغاندا ئىچكىرگە يوللاپ ئوغىرلىققا سالىدىغان ئىش چىقىدۇ.