ئەگەر <نەۋرۇز بايرىمى> ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇدۇمى بويىچە ئۆتكۈزۈلسە ئىدى، ئۇنى ئاللاھمۇ قوبۇل كۆرگەن بولاتتى... ناترۇئال ئىگىلىك ئاساس ئورۇندا تۇرغان قەدىمكى جەمئىيەتلەردە ھەربىر ئائىلىنىڭ قىشلىق غەملىشى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەرنىڭ قىشتىن چىقىپ يازغا بىمالال ئۇلۇشىشقا يېتىپ ئاشىدۇ. بەزىلەرنىڭ قىش پەسلىدە ئاران يىتىپ ئەتىيازغا ئېشىنالمايدۇ. ئەتىياز بولۇپمۇ ھەمەل ئايلىرىدا غورىگۇل ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئەڭ قىيىنچىلىق مەزگىلىدە تۇرىدۇ. قان-قېرىنداش ئۇيغۇر خەلقى ئەنەشۇ قىيىنچىلىق پەسلىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈش ئۈچۈن بۇ ساخاۋەت بايرىمىنى مەيدانغا كەلتۈردى... شۇڭا ئۇنى بەزى جايلاردا <زارا خاتىمە> دەپمۇ ئاتايدۇ.
<نورۇز> تارىختا ئالتە خىل نام بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن:
بىرىنچى، <نەۋرۇز> پارىسچە سۆز بولۇپ يېڭى كۈن دىگەن مەنىدە.
ئىككىنچى، <نورۇز> تۈركچە سۆز بولۇپ ئۇز كۈن، چىرايلىق كۈن دىگەن مەنىدە.
ئۈچىنچى، <باھار بايرىمى> تۈركلەرنىڭ باھار بايرىمى ھەمەل ئېيىنىڭ 21-22-كۈنلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
تۆتىنچى، <يېڭى يىل بايرىمى> تۈركلەر ھەقىقى ماھىيىتىدىكى يېڭى يىلنى نەۋرۇزدىن ھىساپلايدۇ.
بەشىنچى، <كۆكىل بايرىمى> پۈتكۈل كائىنات ئويغانغان، پۈتكۈل جانلىقلار ئۆچەكتىن چىققان مەزگىل.
ئالتىنچى، <ساخاۋەت بايرىمى>، <نورۇز> ھازىرقى قىسمەن تالىپچاقلارنىڭ نەزىرىدىكى ئسلامغا يات بايرامدەك تۇيۇلغىنى بىلەن، تارىختا قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ پايتەختى بالاساغۇندا، يەنى بۈگۈنكى <ھەسسۇلتۇنۇم>دا ھەر يىلى نەۋرۇز كۈنى ئوردا غايەت چوڭ توققۇز داشقازاننى ئېسىپ يىتىم-يىسىرلارنىڭ، مۇساپىرلارنىڭ ۋە كەمبىغەللەرنىڭ ھالىدىن جىددى خەۋەر ئالاتتى... تارىخنامىلەردىكى <سۇلتانەم داشلىرى> دىگەن ئاتالغۇ مانا شۇ...