باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 11908 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تەرەققىياتىمىز كىمنىڭ قولىدا؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1214
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 114 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2011-05-27
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-15 18:40

تەرەققىياتىمىز كىمنىڭ قولىدا؟

ئەسكەرتىش: بۇ يازما gayrat828 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-03-15)
تەرەققىياتىمىز كىمنىڭ قولىدا؟ 

    سىز مىللى مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىللىرىمىزنىڭ زامان شاۋقۇنلىرى ئىچىدە ئۈن-تىنسىز غايىپ بولۇپ كىتىشىنى خالامسىز؟
 
    سىز ئىپتىخار تۇيغۇللىرىمىزنى ئويغىتىپ، غورۇر ۋە ئىشەنچىمىزنى ئۇلغايتىپ كىلىۋاتقان باشلامچى كارخانىللىرىمىزنىڭ ۋەيران بولغان، نۇرغۇن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشسىزلىق كوچىسىدا سەرسان بولغان ھالىتىنى كۆرۈشنى خالامسىز؟
 
     سىز بىر مۇناپىق ياكى ۋىجدانىڭىزنى ئىت يەپ كەتكەن ئادەم بولمىسىڭىزلا خالىمايسىز!
ئەكسىچە، ھەر بىر ئۇيغۇر، ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭمۇ، مىللى كارخانىللىرىمىزنىڭ بايراقدارى بولغان «ئارمان»، «ئىخلاس»، «ئامىنە»، «گۈل يۈرەك»... شىركەتلىرىنىڭ دۇنياۋى سەھنىدە پارلىشىنى، «ئۇيغۇرسوفت» قا ئوخشاش يۇمشاق دىتال شىركەتلىرىنىڭ دۇنياۋى سەۋىيدىكى يۇمشاق دىتاللارنى ئىشلەپچىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ! چۈنكى، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى يالغۇز شۇ كارخانا، شۇ شىركەتكىلا تەئەللۇق بۇلۇپ قالماي يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ ، ئۇيغۇر ئىختىسادىنىڭ تەرەققىياتى . ئۇلار ئۆز تەرەققىياتى بىلەن بىرگە ئۆزى تەۋە بولغان مەدەنىيەت تۈركۈمىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىللىرىنىمۇ باشقىلارغا تونۇتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ، مىللىي كارخانىلارنىڭ تەرققىياتى ۋە دۇنياغا يۈزلىنىشى ئەمەلىيەتتە بىر خىل مەدەنىيەت ئاڭ-فورماتسىيسىنىڭ تەرققىياتى ۋە دۇنياغا يۈزلىنىشىدۇر.
 
 ئۇنداقتا ئاشۇ شىىركەت – كارخانىلارنىڭ تەرەققى قىلىشى نىمىگە باغلىق؟ كىمنىڭ قولى ئارقىلىق ئەمەلگە  ئاشىدۇ؟
بىز شۇنداق جاۋاب بىرەلەيمىزكى، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى تەكلىماكاننىڭ گىرۋىكىدە غەمگە چۆكۈپ ئولتۇرغان دىھقان؛ ئالىي مەكتەپ قوينىدىكى «سىز»؛ ئالدىراش تۇرمۇش رىتىمىدە پالاقلاپ يۈرىۋاتقان «ئۇ»؛ بور توزانلىرىنى ئاسمانغا يۇلتۇز قىلىپ چېچىۋاتقان «مەن» ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. سىز ياكى مەن ئاشۇ شىركەتلەرنىڭ تەرەققى قىلىشىنى ياكى ھالاك بولۇشىنى، كىيىنكى قەدەمدە مىللى مەدەنىيەتنىڭ، ئۇيغۇرچە ئاڭ-فورماتسىينىڭ تەرەققى قىلىشى ياكى ھالاكىتىنى بەلگىلەيمىز!
 
  ئۇيغۇر سوفت شىركىتىدىكى ئالىم ئەھەت ئەپەندى ئۇيۇشتۇرغان بىر قېتىملىق لىكسىيدە، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتاللار ۋە ئۇنىڭ كەلگۇسى توغرىسىدا گەپ بولغاندا، بىرەيلەن ئالىم ئەھەت ئەپەندىمدىن: « ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتال سەۋىيسى دۇنياۋى سەۋىيدىن ناھايتى ئارقىدا قالغاننىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كەلدى . بىزنىڭ قەدىمىمىز تەرەققىيات سەۋىيسىگە ماسلاشمىغاچقا باشقىلار ئىشلىگەن يۇمشاق دىتاللار بازارلارنى ئىگەللەپ كىتىۋاتىدۇ. سىز دىيارىمىزدا مۇشۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق كىشى، سىز ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتال بازىرىنىڭ كەلگۇسىگە قانداق قارايسىز؟» دەپ سورىغاندا ئالىم ئەھەت ئەپەندى بىردەم تۇرۇپ كىتىپ :« بۇ سۇئالغا بىرىدىغان جاۋابىم شۇكى، مەن باشقىلارغا بىر نەرسە دىيەلمەيمەن . ئەمما ئۆزۈم شۇنداق ھۆددە قىلىمەنكى، مەن ئىشلەتكەن كومپىيوتىرداچوقۇم ئۇيغۇرچە يېزىق ۋە ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتال بولىدۇ؛ مىنىڭ بالام ۋە ئايالىم ئىشلەتكەن كومپىيوتىرداچوقۇم ئۇيغۇرچە يېزىق ۋە ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتال بۇلىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى . بالىلار بىر نەرسىنى چۇشەنمىگەندەك بىردەم تۇرۇپ قىلىشتىيۇ، ئارقىدىنلا ھەممىسى قايىللىق بىلەن باش لىڭىشتىشتى.
قارىماققا ئالىم ئەھەت ئەپەندىنىڭ گىپى سۇئال بىلەن تازا باغلىنىشى يوقتەك تۇرىدۇ. لىكىن تېگى – تەكتىدىن ئالغاندا ئۇ ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ماھىيەتلىك باغلىنىشنى ئىپادىلەپ بەرگەن.
ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدىغان خېرىدار بولغاندىلا، شىركەت تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ، يېڭى تۈرلەرگە قورقماي مەبلەغ سالالايدۇ. شۇڭلاشقىمۇ سودىدا: «خېرىدار-خۇدا» دەپ تەمسىل قىلىنىدۇ. راسىت، بىر قىسىم شىركەتلەر ئاۋۋال ئۆزلىرى ئىھتىياج شەكىللەندۈرۈپ، ئاندىن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدۇ، ئاخىردا ئۆز مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۆزلىرى شەكىللەندۈرگەن ئاشۇ ئىھتىياجنى قاندۇرۇپ پايدا ئالالايدۇ. ئەمما بۇ مونوپول خاراكتىرىدىكى شىركەتلەرگە ماس كىلىدۇ. ئەكسىچە، بىزنىڭ مىللىي كارخانىلىلىرىمىز ئاشۇنداق مونوپوللۇقلار ئىچىدىن خۇددى قىيا تاش ئارىسىدىن كۆكلەپ چىققان گىياھتەك كۆكلەپ چىقماقتا. ئاشۇ خىل كۆكلەشلەرگە ئەل سۆيەر ئوغلانلارنىڭ يۈرەك قېنى، تەۋەككۈلچىلىكى سىڭگەن. ئەمدى ئۇ پەرۋىش قىلىشقا، قوغداشقا، يىتەكلەشكە مۇھتاج.  گىياھ دەسلەپتە ئۈنگەندە ئىنتايىن ئاجىز بۇلىدۇ، ئەمما ئۇ ئۆسكەندە، باراقسانلىغاندا بولسا شۇنى ئۆستۈرگەن ئادەملا ئەمەس، يەنە نۇرغۇن ئادەم ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنەلەيدۇ، ئۇنىڭ سايىسىدا سالقىندايدۇ.
 
  مەن شۇنداق بىر ئادەتنى يىتىلدۈرگەن : بىر نەرسە سېتىۋالسام ئوخشاش مەھسۇلات ئىچىدە ئۆز شىركەتلىرىمىز ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتى ئازراق قىممەت بولسىمۇ، سۈپىتى باشقا مەھسۇلاتلارغا يەتمىسىمۇ يەنىلا شۇنى سېتىۋالاتتىم. مىللىي كارخانىللىرىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشىم ئۇلارنى قوللىغىنىم ،ئۇلارغا تەرەققىيات پۇرسىتى يارتىپ بەرگىنىم، مىللى مەدەنىيتىمىزنىڭ مەۋجۇتلىغى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشقىنىم ئىدى. چۈنكى ئۇلار نۇرغۇن «مەن»لەرنىڭ قوللىشى ئاستىدا تەرەققى قىلسا، ھەتتا چەتئەللەرگىچە تەرەققى قىلسا، چەتئەللەرگە ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىمۇ ئۇلارغا «ساتاتتى»، ئىستىمال قىلدۇراتتى. باشقىلار مىنىڭ كىملىكىمنى ئاشۇلار ئارقىلىق تونۇيتتى. مىنىڭ يەنە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىۋالغىنىم خوتەندىكى، قەشقەر كونا شەھەردىكى ياكى قەشقەر يېڭىشەھەردىكى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم قىلغىنىم ئىدى. ئۇلار مەندەك ئىستىمالچىلىرىغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن ئاشۇ سەبىيلەرگە ئوقۇش شارائىتى ھازىرلاپ بىرەتتى. ئاشۇ سەبىيلەر ئىچىدىن كەلگۈسىدە دۇنياۋى ئالىملار چىقمايدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟
 
    بىزنىڭ بىر  كارخانىنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىشىمىز ئاددى ھالدىكى بىز مەنپەئەتلىنىدىغان، كارخانا پايدا ئالىدىغان جەريان ئەمەس. ئاشۇ كارخانىلارنى قۇرۇۋاتقان ئەزىمەتلەردە پۇل تېپىشتىن ئىبارەت ئارزۇدىن باشقا تېخمۇ يۈكسەك بىر ئارزۇ – مىللىي مەدەنىيەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش، مىللىي گەۋدە سۈپىتىدە دۈچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، مىللەتنى، خەلىقنى تەرەققىياتقا باشلاشتىن ئىبارەت بىر ئىستەك يۈرەكلىرىدە يالقۇنجاپ كۆيۈپ تۇرىدۇ. ئۇنداق بولمىسا ئالىم ئەھەت ئەپەندى لوندۇن ۋە ئامرىكىدىكى ئاكىلىرىنڭ: «بۇياققا كەل، ئاشۇ بىلىمىڭ بىلەن يۇقىرى تەمىناتلىق خىزمەت تاپالايسەن، قاچانغىچە 30 يۇەنگە ئەلكاتپ  سېتىپ يۈرىسەن» دىيشىگە پەرۋا قىلماي «ئۇيغۇرسوفت»نى دەپ بۇ يەردە قالمىغان؛ دوكتۇر خالمۇرات غوپۇرمۇ يۇقىرى ئىش ھەققى ۋە خىزمەت شارائىتىنى تاشلاپ چەتئەلدىن يېنىپ كىرمىگەن؛ رادىل ئابلامۇ  ھازىرقى ئىگلىگىنىڭ قەنتىنى چاقماي «ئۆگىنىمەن، تەرەققى قىلدۇرىمەن »دەپ پايپاسلاپ يۈرمىگەن بولۇر ئىدى...  ئۇلارنىڭ نەزرىدە پۇلدىنمۇ مۇھىم بىر نەرسە بار ئىدىكى، ئۇلار شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ راھەتلىرىدىن ۋاز كەچكەن، ئۈزلۈكسىز تىرىشقان ۋە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان ئىدى .
 
  دىمەك، ئۇيغۇر كارخانچىللىرىنىڭ، تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئېيتساق مىللىتىمىز ۋە مەدەنىيتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ قولىدا. مىللىي كارخانىللىرىمىزغا، مىللىي مەدەنىيتىمىزگە تەرەققىيات پۇرسىتى ھازىرلاپ بىرەمدۇق ياكى ئۇلارنى ھالاكەت يولىغا باشلامدۇق بۇ ئۆزىمىزگە باغلىق.
 
ئاخىردا مۇنداق بىر ھېكايە بىلەن يازمامنى ئاخىرلاشتۇرىمەن:
 
چەتئەلدىكى بىر يەھۇدىلار مەھەللىسىدە بىر يەھۇدىي بار بولۇپ، باشقا يەھۇدىلار ئۇنى « ئاچكۆز، ئالدامچى» دەپ بەكمۇ يامان كۆرىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھېلىقى « ئاچكۆز، ئالدامچى» دەپ ئاتالغان يەھۇدىي مەھەللىنىڭ چېتىدە دۇكان ئېچىپتۇ . ھەيران قالارلىقى، شۇ مەھەللدىكى يەھۇدىلار خېلى يەرلەردىن، نۇرغۇن دۇكانلاردىن ئاتلاپ  كىلىپ  ئۇنىڭ دۇكىنىدىن نەرسە-كېرەك سېتىۋالىدىكەن. بىر چەتئەللىك بۇنى چۈشەنمەي قوشنىسدىن سوراپتۇ: «سەن پالانچىنى ئالدامچى، ئاچكۆز دەپ تىللاۋاتاتتىڭ، ئەمما يەنە ئۇنىڭ دۇكىنىدىن نەرسە-كېرەك سېتىۋالىدىكەنسەنغۇ؟»دەپ سوراپتۇ. ھېلىقى يەھۇدىي:«ئۇنىڭ ئالدامچى، ساختىپەزلىكى راست، ئەمما ئۇ سودىدىن پايدا ئالسا ئاشۇ پۇللارنڭ بىر قىسمى بىلەن باللىرىنى تەربىيلەيدۇ، بەلكىم باللىرى ياراملىق ئادەم بولۇپ يەھۇدىيلار ئۈچۈن چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بىرەلىشى مۇمكىن » دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
 
شۇنداق ، بىز ئۆزىمىزنىڭ مىللىي كارخانىلىرىنى ئۆزىمىز قوللاپ ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلسەك ئۇلارمۇ پات ئارىدا دۆلەت ئىچىدىكى ھەم دۇنياۋى داڭلىق كارخانىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدۇ ئەلۋەتتە........
 
 
مەنبە :  ئېقىن ژۇرنىلى 2011- 01- ساندىن .
[ بۇ يازمىنىsardar688 2011-03-16 16:30قايتا تەھرىرلى ]
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+2(تاھىر) ناۋات
  • مۇنبەر پۇلى:+2(gunahkar) ناۋاتتەك تېم ..
  • دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1444
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 1
    ئومۇمىي يازما: 13
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
    ئۆسۈش: 110 %
    مۇنبەر پۇلى: 230 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-02
    ئاخىرقى: 2011-07-20
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-16 17:20

    مەن  بىر  ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسى ، ھەردائىم  چىش پاستىسى   سىتىۋالماقچى  بولسام  ئۇيغۇرلار ئىشلەپ چىقارغان چىش  پاستىسىنى  سىتىۋاللاتتىم .ئابدۇللا ئابدىرىھىمنىڭ ئىمزاسى بار،يەنە باشقا شىركەتلەرنىڭ ....ئىسمى  ئىسىمدە  قالماپتۇ ، ئىشقىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ  تاۋار  ماركىسى بار  چىش پاستىلىرىنى سىتىۋاللاتتىم .

    بىر  قىتىم  يەنە  بىر  ئۇيغۇر  ساۋاقدىشىمغا  سەنمۇ   ئۇيغۇرلارنىڭ  تاۋار  ماركىسى بار  چىش پاستىلىرىنى  سىتىۋالغىن دىسەم

    ئۇ : ئاداش  بۇ  قۇيمىچىلار   ئىچكىرىدە  ياساپ  ئۇيغۇرچە ماركا  چاپلاپلا سىتىۋىرىدۇ  دىدى.
    مەن: ئاداش  شۇنداق بولسىمۇ  ئۇيغۇر  شىركەتلىرىگە  ئازىرراق  بۇلسىمۇ  پايدا  تىگەر.
    ئۇ؛مەن  ئۇنداق قۇيمىچىلارنىڭكىنى ئالغاندىن  田七  تىيەنچى چىش  پاستىسى  ئالىمەن.
    مەن :  بىز  سىتىۋالساق ئۇلارغا ئاززىراق بولسىمۇ  قۇللاش بولىدۇ،ئىلھام بۇلىدۇ ، ھازىر  ئۆزلىرى ياسىمىغان بولسا ،
    مەن قوللىسام ، سەن  قوللىساڭ، ئۇ  قوللىسا  ئاندىن  ئۇلارمۇ  مەلۇم مەبلەخكە ئىرىشىپ  ئۆزلىرى  ئىشلەپ  چىقىردىۈان  بولىدۇ
    ، بۇرۇن  نەدە ئۇيغۇرچە  تاۋار ماركىسى بار   چىش  پاستىسى  بار  ئىدى  ، نەدە   ئۇيغۇرچە  تاۋار ماركىسى بار   تۇڭلاتقۇ
    بار ئىدى، سىنئالغۇ، ئۇنئالغۇدىن ئەسەرمۇ  يۇق ،  ئەمدى  بار بولدى ،  نىمە  ئۈچۈن  ؟ خەلىق  قوللىغانلىقى  ئۈچۈن ،
    خەلىق  نىمە  ئۈچۈن  قوللايدۇ؟   چۇنكى  ئۇلار  تەرەققىي  قىلسا   مىللىتىمىزمۇ   نەپكە  ئىرىشىدۇ،  باشقە  مىللەتلەر  سانائەت
    دەۋرىدىن ئاللىقاچان  ئۇچۇر  دەۋرىگە  كىرىپ  بولدى ، بەلكىم  ئۇچۇر دەۋرىدىنمۇ ھالقىماقچى بولۋاتىدۇ . بىز  ئۇيغۇرلار
    ئەمدى  يىزا - ئىگىلىك دەۋرىنىڭ  ئاخىرىدا(كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار كۆزدە   تۇتۇلدى)  تۇرۋاتىمىز ، سانائەت دەۋرىگە تىزدىن يۈرۈش قىلىشىمىز كىرەك ، ئۇچۇر  دەۋرىمۇ  بىزنى  ساقلاپ  تۇرماقتا ،
    ئۇ:....................................
      مەن :...........................
      
          بۇ  ئىش  تۇغۇرلۇق  بەك  كۆپ  تالىشىپ  كەتتۇق ، مەن  ئۇنى  زادىلا  قايىل  قىلالمىدىم ،  ئۇ  مەن ئۇ  ئالدامچىلارغا ئىشەنمەيمەن لا   دەيتتى. مەن  ئۇنىڭدىن  ئۇلار  قانداق    ئالدامچىلىق  قىلىپتۇ  دىسەم ، ئۇ  جاۋاپ  بەرمەيتتى.

      بۇ  ماقالىنى  كۆرۆپ شۇنداق  سۈيۈندۈم ،  ئۇيغۇرلارمۇ   ماشىنا ، ئايرىپىلان ، پويىز   ياسىشى  كىرەك   ھەم  ياسايدۇ
    1930 نەچچىنچى   يىللىرى  ماخمۇت  سىجاڭ  قەشقەردە  چەتئەلگە ئۇقۇغىلى چىقىدىغان  ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلارغا  چاي  بىرىپ :
    باللىرىم  ياتنىڭ ئىلىگە  چىقساڭلار   سوپۇن ياساشنى  بولسىمۇ  ئۇگۇنۇپ  كىلىڭلار :
    دەپتىكىن    ماڭا  بۇ  گەپ  بەك  تەسىر  قىلغان . سانائەتنىڭ ،بىلىمنىڭ كارخانىنىڭ ، مىىللەتكە   نەقەدەر  مۇھىملىقى  چىقىپلا  تۇرىدۇ .
    بۇرۇن  كەڭسايدا  بىر  ماقالە   ئۇقۇغانمەن   .  ئاخرىنى   شۇنداق  ئاخىرلاشتۇراي  !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

      مىللىي  ئىقتىساد  بولماستىن ، مىللىي  تەرەققىييات  بولمايدۇ !!!!