ئاللا ئىگەم ئىشلىرىمىزنى ئاسان قىلسۇن، ئادەم دىگەننىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئەمەستە...
ئىنىممۇ شۇنداق مەنمەنچى ئىدى، مەن بولسام ئاددى- ساددا، نەرسە كىرەك ياكى كىيىم كىچەك سىتىۋالسام ئىمكانقادەر مىللى ماركىنى ھەم جانلىقلارنىڭ سۈرىتى يوق نەرسە كىرەكلەرنى سىتىۋالاتتىم، مىللى ماركا بولمىغان تەقدىردىمۇ چوقۇم مىللىلاردىن سىتىۋالاتتتىم.بىز دىگەن مۇسۇلمان ، مەسچىتلەرگە كىرىپ ئۇنداق كىيىم-كىچەكلەر بىلىن ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ ئەلۋەتتە...بىر ھىيتتا ئىنىم بەخىت يولى بازىرى دەپ بىر بازار بولدىغان خەنزۇلار بازىرى بار ئىدى، ئىنىم شۇ يەدىن 75يۈنگە بىر تاسما سىتىۋاپتۇ، قارسام سۈپىتىمۇ مىنىڭكىدىن ئانچە پەرىقلەنمەيدىكەن، مەيلى دىدىم نەدىن ئالغىنىنى ئاڭلاپ ئاچچىقىم كەلگەنتى.2ئاي بولا-بولمايلا ئۇ تاسمىسى ئۈزۈلۈپ كەتتى، مەن ئۇنىڭغا بىر تاسما ئىلىش ئۈچۈن بىر ئۇيغۇر تونۇشۇم باتتى، ياشقا چوڭاراق بولسىمۇ بەك چىقىشقاق ئىدى، مەنمۇ چاقچاقچى بولغاچ سودا قىلىش جەريانىدا تونۇشۇپ قالغانتۇق، مەن ئىنىم بىلەن شۇ ئادەمنىڭ دۇكىندىن بىر تاسما سىتىۋالدۇق، ھىلىقى ئىنىم 75يۈنگە ئالغان تاسمىدىن شۇ ئادەمنىڭ دۇكىندىمۇ باركەن نەچچە پۇل دەپ سورسام 20 يۈەن ، سىز ئالسىڭىز 15يۈنگە بىرەي دىدى، بىزمۇ باشقىنى تاللاپ ئالدۇق، دۇكاندىن چىققاندىن كىيىن ئىنىمغا قارىدىم ، ئۇمۇ گەپ قىلمىدى،ئۇنىڭ ئالدىدا مەن نەرسە كىرەك سىتىۋالغاندە مىللىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەكلىكىنى ئىيتسام ئىنىم ۋە ئائىلەمدىكىلەر مىنى بەك چۈپەي، كاج دەيىتتى، لىكىن ھازىر ئۇنداق ئەمەس....
ھەربىر ئىشنى شۇنداق كىچىك ئىشلاردىن، ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزدىن، ئائىلىمىزدىن ، يىقىنلىرىمىزدىن، دوسلىرمىزدىن باشلىساق، شۇ يىقىنلىرىمىز، دوسلىرىمىزمۇ دوسلىردىن باشلىسىلا ، بۇ ئىشلارمۇ چوقۇم بىر كۈنى ئەمەلگە ئاشقۇسى، ھازىر مىللى كارخانىلاردىن ھەرقانداق بىر مەھسۇلاتنى ئىزدەپ تاپالايمىز، گەرچە باشقا شىركەتلەربىلەن شىىرىك ئىشلەپ چىقارسىمۇ،لىكىن شۇلارنىڭمۇ ئۆزلىرنىڭ ئىشلەپ چىقارغۇسىى بار، ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق، بۇنىسى ھەممىمىزگە ئىنىق، بىز (مەن )لەر قوللاپ بەرسەكلا بۇ ئىشلارمۇ چوقۇم ئەمەلگە ئاشقۇسى.....
ئەمسە ئىشنى مەندىن باشلايلى.....
