بۈگۈن بۇ كۆڭلۈمدىكى يىشىلمىگەن سىرنى كەڭ تورداشلارغا سۆزلەيدىغىنىمدىن ھاياجانلىنىۋاتىمان چۈنكى بۇ سۆزلىرىمنى باشقا دوستلىرىمغا دىيىشنى خالىمايمان ،توردا سۆزلىسەم بىر ئاز يەڭگىللەپ قالارمەن.
مەن بۇ يىل 22 ياشتا ، يېقىندا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتىم (7 ~8 ئاي بۇلۇپ قالدى) سىلەر مۇ ھېس قىلغانسىلەر بۇ ۋاقتىدا ئادەم قىزلارغا قىززىقىدىغان توي قىلىشقا قىززىقىدىغان ۋاقىت، مەن كۈندە ئويلايتتىم ۋە ئۈزلۈكسىز ئويلىنىۋاتىمەن ،قانداق قىز بىلەن توي قىلسام ياخشى بەخىتلىك بولارمەن دەپ. مىنىڭ دوست بۇرادەرلىرىم خېلىلا كۆپ ،نىمىشقىكىن ئۇلار بىلەن كۆرشسەملا دىيىشىدىغان گەپ { قايسىڭلارنىڭ قولىدا قىزلا بار ئويناپ كەلمەمدۇق ، ياتاق ئاچقىلى بولسا تېخى ياخشى بۇلاتتى } ، نىمىشقىكىن مەنمۇ شۇلارغا ئوخشاشلا شۇلار تەرەپتە گەپ قىلىپ بولسا شۇنداق بولغان بولسا ياخشى بۇلاتتى دەپ قويىمەن ،،،،،،،،،........چۈنكى مەن شۇنداق دىمىسەم ئۇلارنىڭ سېپىدىن چۈشۈپ قالىدىغاندەكلا..... كۈنلىرىم شۇنداق مەنىسىز ...ئۇلار قىلغاننى مەن قىلالمايدىكەنمەن .... چۈنكى كۆڭلۈم چۈشكەن بىر قىز بار ئىدى ( ئەينى ۋاقىتتا مىنى تاشلاپ باشقا بىرى بىلەن كەتكەن ،لىكىن مەن ئۇنىڭ قولىنىمۇ تۇتۇپ باقمىغان ) شۇڭلاشقىمىكىن قىزلار بىلەن كۆرۈشسەم يېقىنچىلىق قىلالماي قالىمەن........
بەزىدە يالغۇز ئولتۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن بۇ جاھاندا مەن يالغۇزلا ئۆتەرمەن مۇ دەپ ،بەزىدە مۇنداقمۇ خىيالغا كەپ قالىمەن ،ئەگەر مەن توي قىلىپ بالىلىق بولسام .......ھازىر باشلانغۇچتىن تارتىپ ھەممە دەرستلىك خەنزۇچە بۇلۇپ كەتكەن تۇرسا بالام كەلگۈسىدە يا ئۇيغۇرچىنى يا قۇرئاننى ئۈگەنگىلى ئۇنىمىسا قانداقمۇ قىلارمەن دەپ ئويلايمەن ......... يەنە تۇرۇپلا مەن چوقۇم ياخشى تەربىيلىيەلەيمەن دەپ ئويلايمەن ...يەنە ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى بىر ئاپا كىرەكتە ....ھازىرقى قىزلارغا ئىشەنچ قىلالمايمەن....
شۇنداق بولسىمۇ مەن ئالدىنقى ھەپتە قەتتى نىيەتكە كىلىپ بىر قىز بىلەن يۈرۈشنى قارار قىلدىم، ۋە بىر ئاغىنەمنىڭ قىز دوستىنىڭ دوستى بىلەن تۇنۇشماقچى بولدۇم... باشتا چىرايلىق تۇنۇشۇپ قالدۇق كىيىن ئۇنىڭ بىلەن ئۆتۈش ئۈچۈن گۈل سوۋغا قىلدىم ، ئۇ قۇبۇل قىلدى .....
شۇنداق قىلىپ بىز كۈندە كۆرىشەلمىسەكمۇ تېلفۇندا بولسىمۇ كۆرۈشۈپ تۇردۇق.....
بۈگۈن شەنبە كۈنى ئىدى بىز ئىككىمىز بىر چايخانىغا بېرىپ ئولتۇرماقچى بولۇپ ، بىر ئادەتتىكى چايخانىغا باردۇق،
ئىككىمىز خىزمەت توغۇرسىدا پاراڭلىشىپ كەتتۇق ،2 سائەت ئۆتكەندىن كىيىن پاراڭمۇ تۈگەپ قالدى ،مەن ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇردۇم ، بىردەم كۆزىمىز بىر بىرىگە تىكىلىپ قارىشىپ كەتتۇق ، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى سۆيدۈم ........بەلكىم قىلغىنىم خاتادۇ ياكى توغىردۇ دەپ كۆڭلۈمدە شۇنداقلا ئويلىدىم ، خېلى ئۇزاققىچە سۆيۈشتۇق ئۇمۇ مىنى رەت قىلمىدى ، ماسلىشىپلا كەتتى ...... مەن توختىدىم .....(بىز ئولتۇرغىنى ئۈستى ئۇچۇق ئايرىمخانا ئىدى )
بىردەم دىن كىيىن يېنىمىزدا 4 ياكى 5 قىزلارنىڭ ئاۋازى ئۈللۈك چىقىپ كەتتى....تىللاشقان چاقچاق قىىشقان ....بىز سەل بىئارام بولدۇق ،مەن ئاستا ئۇلارنىڭ يرنىغا بېرىپ پەس ئاۋازدا پاراڭلىشىڭلار دىدىم، ئۇلار جاۋاپ قايتۇرمىدى ، مەن ئورنۇمغا يېنىپ كەلدىم قارىسام ئۇلار ئەمدىلا 15 ياكى 16 ياشلار دا بار قىزلار ئىكەن ، بىز ئىككىمىز بىردەم جىملا ئولتۇردۇق ،ئۇلار يەنە ئۈللۈك سۆزلەشكە باشلىدى ، ئۇلار نىڭ تاماكا چىكىش ھاراق ئىچىش دىگەندەك گەپلىرى ئىنىق ئالىناتتى ، مەن بىئارام بۇلۇشقا باشلىدىم چۈنكى مىنىڭمۇ بىر 16 ياشلىق سىڭلىم بار ئىدى، ئۇلار بىردەمدىن كىيىن ھاراق ئىچىشكە باشلىدى ئاۋازى ئنتايىن ئىنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى ....بىردەمدىن كىيىن ئۇلار بىلەن تەڭتۈش ئىككى ئوغۇل بالا ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇردى ،،ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن توختىماستىن مۇھەببەت توغۇرلۇق پاراڭ بۇلىۋاتاتتى، بردەم سوقۇشقان بىردەم يىغلىغان ئاۋاز ئاڭلىناتتى ، مەن تېخىمۇ بىئارام بۇلدۇم .....ۋە ئۆيۈڭگە كەچ قالمىغىن دىگەن بانا بىلەن چىقىپ كىتەيلى دىدىم ، ئۇمۇ قوشۇلدى ....
ئىككىمىز چىقىپ كەتتۇق ،ئۇ ئۆيىگە قايتتى مەنمۇ قايتتىم،،،،،،،
ئۆيگە قايتىپ چچ رىمنى ئاچتىم قارىسام بىر ئاغىنەم بار ئىكەن ناخشا ئاڭلاش مەقسىتىدە يىڭى ناخشا بولسا ئەۋەتىڭلا ...... دىدىم.....
ئۇ بىر نەچچە ناخشا ئەۋەتتى ئاندىم ماڭا زىرىكىپ كەتتىم ئەتە دىباغا بېرىپ ئويناپ كەلسەك دىدى.....مىنىڭ كۆڭلۈم ئانچە تارتمىدى ۋە ئۇنىڭغا يېنىمدا پۇل ئاز ئىدى دىدىم،،،، ئۇ مەن مىھمان قىلىمەن دىدى ..
مەن سورىدىم مۇشۇ كۈنلەردە نىمە ئىشلار نى قىلىپ؟ دىدىم
ئۇ ئىشتىن چۈشۈپ شۇ قىزلار بىلەن ئويناپ كۈندە بىر خىلىنى دەڭلا تېخى دىدى، مەن بىر تەرەپتىن ھەۋەس قىلغاندەك يەنە بىر تەرەپتىن كۆڭلۇم يېرىم سورىدىم ...
نەدە ئويناپ .. دىدىم .
ئۇ .. شۇ ياتاقتا بولمامدۇ كۈندە ياتاق ئېچىشقىلا پۇل خەجلەپ دىدى ..
تۇرۇپلا سىڭلىم يادىمغا كەپ قالدى ،ئاچچىقىم كېلىپ قالدى دە ..
بۇنداق قىلغۇچە بىر قىز نى تېپىپ توي قىلساڭلا بولمامدۇ دىدىم.
ئۇ ماڭا : ئاداش نىم پايدىسى توي قىلاي دىسەم پۇل بولمىسا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جەمىئەتنىڭ ئەھۋالىنى سىلىمۇ بىلىسىلە پۇل تاپماق تەس بوپ كەتتتى ،مۇشۇ مائاشىم بىلەن بىر ئۆينى قانداق باققىلى بۇلىدۇ ، مەمۇرىلىق ئىمتاھاندىن يا ئۆتكىلى بولمىسا ، قىزلار بىلەن مۇشۇنداق ياشىساق كۆڭۈللۈك ئەمەسمۇ دىدى.
مەن بىر تۇرۇپ راس شۇندق يەنە بىر تۇرۇپ ئۇنداق ئەمەستەك ........ئىشقىلىپ بېشىم ئايلىنىپلا قالدى.....
بۇ كۈنلىرىم مۇشۇنداق ئۆتۈپ كىتەرمۇ ............
بۇ ياشلىقىم مۇشۇندق ئۆتۈپ كىتەرمۇ .....
جەمىئەتتە ئەخلاققا قانۇن بولمىسا .... ھەممە يەر بۇزۇقچىلىققا تولسا ..كىيىنكى ئەۋلاتلار نىم بۇلۇپ كىتەر ...
مەن شۇنچە ئويلىدىم بۇ ئىشلارنى بۇ مەسىلىلەرنى مەن بىر ئادەم ئۆزگەر تەلمەيدىكەن مەن ...
مەن جەمىئەتكە باقمىسام جەمىئەت مىنى قۇبۇل قىلمىسا ،مەن جەمىئەتكە باقاي دىسەم ،نە مىللى ئۆرۈپ ئادەت نە ئىنساپ غورۇر ، نە ئادىمىيلىك خىسلەت .......
ئەل ئاغىنىلىرىم مەسچىتكە بېرىپ ئىبادەت قىلىدۇ ،ئەمما بۇزۇقچىلىقنى تەڭ ئېلىپ بارسا قانداق بۇلىدۇ،،
مەن پات پات ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ (ساراڭنىڭ خىيالى) دىگەن كىنىو نى كۆرىدىغان بۇلۇپ قالدىم،،،،،،خۇددى ئويلىسام شۇ كىنودىكى ساراڭغا ئوخشاش خىيال قىلىپ قالىمەن ، ئۇ ئىشنى قىلاي دىسەممۇ يول يوق،بۇ ئىشنى قىلاي دىسەممۇ يول يوق .......بىر ئىسلامى دۆلەتكە چىقىپ ياشىسام نە ياخشى بۇلاتتى ھە .......
ئاڭلىسام ئىسلام دۆلەتلىرىدە بۇزۇقچىلىق قىلسا ئۆلۈم جازاسى بىرىلىدىكەن .....
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ..... ئاللاھ بۇ يۇرتىمىزنى بۇزۇقچىلىقتىن كەيپى ساپادىن ساپ قىلسىكەن ،ھەممىمىزگە ئىسىل ئەخلاق پەزىلەت ئاتا قىلسىكەن دەيمەن .....