باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 679 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: كىم سېنى چىن دىلىدىن يار دەيدۇ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6448
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
ئۆسۈش: 270 %
مۇنبەر پۇلى: 360 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-10
ئاخىرقى: 2011-04-05
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-13 04:23

كىم سېنى چىن دىلىدىن يار دەيدۇ

كىم سېنى چىن دىلىدىن يار دەيدۇ؟
دىلبەر ئەركىن

كىم سېنى چىن دىلىدىن يار دەيدۇ؟
 ئېسىمنى بىلسەم پەقەت مەنلا ئىكەنمەن.
 پۈتۈن جىسمىم، پاك مېھرىم بىلەن،
پەقەت بىر سېنىلا سۆيگەنىكەنمەن .


كىم سېنى چىن دىلىدىن يار دەيدۇ؟
ئېسىمنى بىلسەملا مەنلا ئىكەنمەن.
ھېچبىر تەمە كۈتمەستىن سەندىن،
بارلىقىمنى ساڭا بەرگەنىكەنمەن.


كىم سېنى چىن دىلىدىن يار دەيدۇ؟
ئېسىمنى بىلسەم پەقەت مەنلا ئىكەنمەن.
ھەر كۈن ئاخشام سېغىنىپ سېنى تەنھا،
بىرلا ئايدىن تەسكىن تاپقانىكەنمەن.


كىم سېنى چىن دىلىدىن يار دەيدۇ؟
ئېسىمنى بىلسەم پەقەت مەنلا ئىكەنمەن.
بارچە ئۈمۈدۈم، ئىشەنچىمنىڭ تۈۋرۈكى،
پەقەت سەندىن بەخىت ئىزلىگەنىكەنمەن.


كىم سېنى چىن دىلىدىن يار دەيدۇ؟
ئېسىمنى بىلسەم پەقەت مەنلا ئىكەنمەن.
سەندىن كۈتكەن بارچە بەخىت-شادلىقنى،
چەكسىز شېرىن  خىيالدا يۈرگەنىكەنمەن.


ۋاقىت ئايلار سىنايدىكەن بارچىنى،
ۋىجدان، سۆيگۈ، ئەقىدە، ئىشەنچنى.
ئاھ، سېنى شۇنچە تېز سىنىدى ۋاقىت،
پارە-پارە قىلدىڭ بۇ يىگانە يۈرەكنى.


بەرگەن ۋەدەڭ قالدىمۇ غەمكىن دالىدا،
شامال ئۇچۇرۇپ كەتتىمۇ يىراق-يىراققا.
قالدى پەقەت يۈرۈكۈمدە پىنھان سېغىنىش،
ئامالسىز قالدىممەن بۇ ئوت -پىراققا.


كىم سېنى چىن دىلىدىن يار دەيدۇ؟
پەقەت مەنلا دېيەلەيمەن ۋىجدانىم بىلەن.
كەتسەڭ كەتكىن يارىم قانچە يىراققا،
ھەرچاغ ئەسلەيمەن پاك قەلبىم بىلەن.


 كىم سېنى چىن دىلىدىن يار دەيدۇ؟
ساڭا ھەرچاغ ئۈنسىز بەخىت تىلەيمەن.
بىرگە بولۇش بولمىسما نىسىپ  يارىم،
بەخىتلىك بول ئىزگۈ تىلەك تىلەيمەن.


خەير،بۇ ھاياتتا بولىدىكەن مۇھەببەت،
ۋىسالسىز سۆيگۈ ئېزەر مىسكىن يۈرەكنى.
ۋىسال تاپقان يۈرەكلەر ئاھ شۇنچە شېرىن،
ئامان قىلسۇن سۆيگەن ھەم سۆيۈلگەننى.


شاماللاردىن ساڭا بەرسەم ھەرچاغ ئۇچۇرۇم،
ھېدىڭ كەلسە تاغنىڭ خۇشبۇي ھېدىدىن.
پەقەت رازى شۇنىڭغىلا يارىم مەڭگۈلۈك،
سېنى ھېدلىيالىغاچ بۇ ھاياتنىڭ قوينىدىن.

2011- يىلى 3-ئاينىڭ 14- كۈنى

ئەجەل كەلگەندە ئويغانغاننىڭ پايدىسى يوق .
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6477
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 44
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە44دانە
ئۆسۈش: 570 %
مۇنبەر پۇلى: 884 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-12
ئاخىرقى: 2011-03-16

ياخشى يېزىپسىز جۇمۇ ! ... ھىسسىيات شۇنداق بەلەن چىقىپتۇ ...