دېڭىز سۈيىنى شىنجاڭغا باشلاشقا 60مىليارد مەبلەغ كېتىدىكەن،مەبلەغ سالغۇچى تەرەپ زىيان چىقمايدۇ دېدى .
بوخەي دېڭىزىنىڭ سۈيىنى شىنجاڭغا باشلاش پىلانى تالاش تارتىش پەيدا قىلدى.
دېڭىز سۈيىنى قۇملۇققا باشلاش پىلانى خەۋەر قىلىنغاندىن كىيىن،دۆلەت ئىچىدىكى كۆپلىگەن سۇ ئىشلىرى مۇتەخەسلىرى ۋە مۇھىت ئاسىراش ئەربابلىرى ھەممىسى:«نۆۋەتتە 60مىلىيارد مەبلەغ بىلەن سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى مەيلى ئىقتىسادىي جەھەتتىن بولسۇن ۋە ياكى تېخنىكا جەھەتتىن بولسۇن ئەمەلگە ئاشمايدۇ»دېدى.ئۇلار بۇ قۇرۇلۇشنى سەنشىيا توسمىسى ۋە جەنۇپنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلىشى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ مۇنازىرە قىلدى .
تەننەرقى ۋە مۇھىت بۇ قۇرۇلۇشنىڭ كىشىنى گۇمانغا سالدىغان ئىككى مۇھىم نوقتا.
بىراق ،ساھە سىرتىدىكىلەرنىڭ گۇمانىغا قارىتا،تۈر مەسئۇل تەرەپ ئىچكى موڭغۇل شىلىنگول ئايمىقى خوڭيۈەن دېڭىز سۈينى نىتراللاشتۇرۇش شىركىتى(تۆۋەندە خوڭيۈەن شىركىتى دېيىلىدۇ) بۇنداق دەپ قارىمىدى .مەزكۇر شىركەتنىڭ باشلىقى ۋاڭشىيۇشۈن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا :«بىز زىيان تارتىدىغان سودىنى قىلمايمىز » دېدى .
ئېگىلىنىشىچە،نوۋەتتە ئىچكى موڭغۇل تەرەققىيات-ئىسلاھات كومتېتى بىلەن لىياۋنىڭ تەرەققىيات-ئىسلاھات كومتېتى بۇتۈرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان.ۋاڭشىيۇشۈننىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ تۈرگە مۇناسىۋەتلىك بەش ئورۇندا ئىش باشلانغان.
ئىنىرگىيە سەرپىياتى يۇقۇرىمۇ ياكى پايدىسى يۇقۇرىمۇ؟
پىلانغا ئاساسلانغاندا،«دېڭىز سۈيىنى غەرىپكە باشلاش»قۇرۇلۇشى بولسا بوخەي دېڭىزىنىڭ غەربىي شىمال قىرغىقىدىن دېڭىز سۈيىنى دېڭىز يۈزىدىن 1200مېتىر ئېگىزلىككە چىقىرىلىدۇ، ئاندىن سۇ ئىچكى موڭغۇلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن ئۆتۈپ ،يەنە شىمالىي كەڭلىك 42گرادۇسنى بويلاپ،يەنشەن تېغى،ينشەن تېغى،چۇلاڭشەن تېغىدىن ئۆتۈپ يەنخەيگە كىرىپ مازوڭشەن تاغ تىزمىسىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ شىنجاڭغا قۇيۇلىدۇ.
بۇ بۇ قۇرۇلۇشنىڭ تۆت تاغ تىزمىسى ،بىر كۆلدىن ھالقىپ ئۆتۈپ جۇڭگونىڭ غەربىدىكى سەككىز قۇملۇقنى قاپلايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ۋاڭشىيۇشۈننىڭ تونۇشتۇرىشىچە،بۇ قۇرۇلۇش ئىككى چوڭ باسقۇچقا بۆلىنىدىغان بولۇپ،بىرىنىچى باسقۇچ:سۇنى بوخەينىڭ غەربىي شىمال قىرغىقىدىن دېڭىز يۈزىدىن 1200مېتىر ئېگىزلىككە چىقىرىش. بۇ جەرىياندا دىيامېتىرى 3.2مېتىر بولغان ئەينەك پولات تۇربا ئارقىلىق توشۇلىدۇ.ئىككىنچى باسقۇچ بولسا ،320كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يەر ئاستى تونىلى ياسىلىپ ،دېڭىز سۈيى ئىچكى موڭغۇل شىلىنگول ئايمىقى دېڭىز سۈيى تۇزسىزلاشتۇرۇش زاۋۇتىغا يەتكۈزىلىدۇ.
خوڭيۈەن شىركىتىنىڭ ھېساپلىشىچە،پۈتۈن قۇرۇلۇشقا 62.8مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە ،قۇرۇلۇش چىقىمىلا 56.7مىليارد يۈەن بولىدىكەن .
مەبلەغ سېلىش نىسبىتىدىن قارىغاندا ،قۇرۇلۇش چىقىمى مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى ئېگەللىگەن بولسىمۇ،مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە،سۇ تارتىش سەرپىياتى ۋە تۇزسىزلاشتۇرۇش تەننەرخىنىمۇئاز كۆرۈشكە بولمايدىكەن.
جوڭگو سۇ كۈچى ئېلىكتىر ئىنىرگىيسى جەمىيتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭبوتىڭ مۇخبىرلارنىڭ زېيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى:«كەڭ كۆلەملىك سۇ تارتىشقا ناھايتى يۇقۇرى توك كۈچى بولمىسا بولمايدۇ،بۇنداق بولغاندا ئىنىرگىيە سەرپىياتى ناھايتى يۇقۇرى بولىدۇ،ھازىر دۆلىتىمىز ئىنىرگىيسى شۈنچە قىس بولىۋاتسا،چەتئەلدىكى ئوخشاش تۈردىكى شامال ئىلىكتىرى ۋە قوياش ئىنىرگىيسى تەجرىبىلىرىنى ئىشلەتكىلى بولسا ئاندىن بولىشى مۇمكىن».
سۇ تارتىش تەننەرخىنىڭ يۇقۇرلىقى گۇمانىغا قارىتا،ۋاڭشىيۇشۈن مۇنداق دېدى:«سۇ تارتىش جەرىيانىدا،بۇ قۇرۇلۇش ئىچكى موڭغۇلنىڭ مول شامال ئىلىكتىر ئىنىرگىيسى بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىدۇ». ئۇ يەنە تەكىتلەپ:«بۇ تۈرنىڭ ئىلگىرلىشىگە ئەگىشىپ،قوياش ئىنىرگىيسىمۇ سۇ تارتىش سېستىمىسىدا ئىشلىتىلىدۇ».
جاڭبوتىڭ مۇنداق دېدى:«شامال ئىنىرگىيسى ئەسلىدىنلا تۇراقسى تۇرسا،شۈنچىلىك كۆپ سۇنى سامال ئىلىكتىرى بىلەن تارتىش مۇمكىن ئەمەس »دېدى.
بۇنىڭدىن باشقا ،ۋاڭشىيۇشەننىڭ قارىشىچە تۇزسىزلاشتۇرۇش بۆلىكىدە ،شۇ يەرنىڭ كۆمۈر سانائىتى ۋە ئىلىكتىر كارخانىلىرىنىڭ ئېشىندى ئىسسىقلىدىن تولۇق پايدىلىنىپ تۇزسىزلاشتۇرۇشنى تاماملىغىلى بولىدىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى:«ھازىقى كۆمۈر سانائىتى ۋە ئىلىكتىر كارخانىلىرىنىڭ ئىسسىقلىق ئىنىرگىيسىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى پەقەت%37 بولۇپ ،ھورغا ئايلىنىپ كەتكەن قىسىمىدىن باشقا يەنە %50 ئېشىندى ئىسسىقلتىن پايدىلىنالايمىز،بۇ تۇزسىزلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى بىر قىسىم ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ».
ئۇ مۇخبىرلارغا مۇنداق ھېساباتنى سوقۇپ بەردى:«خوڭيۈەن شىركىتىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ھېساپلىشىچە،شىركىتىمىز يىلدا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان سۇ365مىلىيۇن توننا بولۇپ ،4.7مىلياردلىق ئقتىسادىي ئۈنۈم يارىتالايدۇ،بۇنىڭ ئىچىدە،ھەرتوننا سۇنى تۇزلاندۇرۇش چىقىمى 4يۈەن ئەتىراپىدا،شامال كۈچى بىلەن سۇ يەتكۈزۈش تەننەرخى ئىككى يۈەن ئەتىراپىدا بولىدۇ،چىقىمنى چىقىرۋەتكەندە بىز ھەر يىلى 1.2مليارد يۈەن كېرىم قىلالايمىز».
ۋاڭشىيۇشۈننىڭ ئاشكارىلىشچە،خوڭيۈەن شىركىتى شېنخۇا،داتاڭ قاتارلىق ئىنىرگىيە شىركەتلىرى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ بولغان بولۇپ،دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاندۇرغاندىن كىين ھەربىر توننا سۇنىڭ پۈتۈشۈش باھاسى 10يۈەن بولىدىكەن.
جاڭبوتىڭ مۇنداق دېدى:«ئالىملارنىڭ نەزىرۋىي يەكۈنى ئەمەلىي مەشغۇلاتقا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ،قارىشىمچە،بۇ قۇرۇلۇش 30-50يىلدىن كىيىن ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن».
ۋاڭشىيۇشۈن مۇنداق دېدى:«بۇ قۇرۇلۇشقا تەييارلىق قىلغىلى 6يىل بولدى،جوڭگو سۇچىلىق ئاكادېمىيسى قاتارلىق 51تەتقىقات ئورنى باھلاش ۋە تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى ،بۇ ھەرگىزمۇ مىڭبىركېچە ھىكايىسى ئەمەس».دېدى.
دېڭىز سۈيىنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىشچانلىق جېڭى
شىنىجاڭ خەلق ھۆكۈمىتى تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىدىن لى شىنئې زېيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى:«دېھقانچىلىقتا سۇ تېجەش،يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش ۋە قار سۈيىدىن پايدىلىنىش رايۇنىمىزنىڭ ئۇزاق مۇددەت تەرەققىياتىغا پايدىسىز بولۇپلا قالماي ،يەنە ئىكىلوگىيلىك تەڭپۇڭلۇقنى بۇزىدۇ،«دېڭىز سۈيىنى غەربكە باشلاش»قۇرۇلىشى بولسا دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى سىتىراتىيگىيلىك تاللىشى بولۇپ ،رايۇننىڭ بايلىق ئارتۇقچىللىقنى تەرققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق»دېدى.
بىراق،شىمالدىكى قورغاقچىلىقنى ھەل قىلىدىغان «جەنۇپنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش»قۇرۇلىشى ۋە چاڭجىياڭنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدا كەلكۈنگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ياسالغان «سەنشىيا»قۇرۇلىشىغا ئوخشاش «دېڭىز سۈيىنى غەربكە باشلاش »قۇرۇلىشىنىڭمۇ ئىكىلوگىيلىك تەڭپۇڭلۇقنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىتىش مەسىلىلىرى مەجۇت،مەسىلەن،سۈنئى كىلىماتنى ئۆزگەرتىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تەبئى ئاپەت،سۇ ئۆسىتىڭى ئېقىپ ئۆتىدىغان ئىچكى موڭغۇل چىگىرىسىنىڭ تۇزلۇقلىشىشى قاتارلىق .شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا ،دېڭىز سۈيىنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىشچانلىغىمۇ مۇتەخەسىسىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىماقتا.
نۆۋەتتە ،بىر قىسىم دېڭىز بويى رايۇنلىرىدا دېڭىز سۈيىنى تۆكۈش سەۋەبىدىن تۇپراق كىسلاتا-ئىشقارلىغىدا ئۆزگىرىش بولغان بولۇپ،ئەگەر دېڭىز سۈيى ئېقىپ كەتسە،ئەزەلدىن يېغىن مقدارى تۆۋەن بولغان ئىچكى موڭغۇل ۋە شىنجاڭدا تۇپراقنىڭ تۇزلۇقلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
جۇڭگو يۇقۇرى تېخنىكا تەتقىقات جەمىيتى دېڭىز -ئوكيان شۆبىسىنىڭ كاتىپى ،ئالىي ئېنجىنىر جاڭ باۋيىڭنىڭ بىلدۈرىشىچە،باشلانغان دېڭىز سۈيى ئىچكى قۇرۇقلۇق تۇپراق قۇرۇلمىسىغا تەسىر قىلمايدىكەن ۋە ھېچقانداق زېيانلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلمايدىكەن.
جاڭ باۋيىن مۇنداق دېدى:«دېڭىز قولتۇقىدىكى دېڭىز سۈيى تىنىچ ئوكىيان بلەن تۇتىشىدۇ،ئادەتتە ئۆزلىكىدىن پاكىزلىنىش دەۋرى بەش يىل،بوخەي سۈيى تارتىلغاندىن كىيىن پاكىزلىنىش دەۋرىنى قىسقارتىپ ،دېڭىز قولتۇقى رايۇننىڭ مۇھىتىنى ياخشىلايدۇ،بۇنىڭ بىلەن باقمىچىلىق تەرققىياتى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ».
ۋاڭشىيۇشۈن مۇخبىرغا يەنە مۇنداق دېدى:«مۇھىت مەسىلىسىنى بىز ئاللىبۇرۇن ھەل قىلىپ بولدۇق،دېڭىز سۇيىنى يەتكۈزىدىغان تۇربا پولات ئەينەكلىك بولۇپ،چېرىپ ۋە ئېقىپ كەتمەيدۇ،ئەڭ ئىلغار تېخنىكا قوللۇنىلغان.تۇربا ئورنىتىشقىمۇجۇڭگو تۈمۈر يول قۇرۇلۇش گورۇھى مەسئۇل بولىدۇ،شۇڭا مەيلى تېخنىكا جەھەتتىن بولسۇن ۋە ياكى قۇرۇلۇش قىلىش جەھەتتىن بولسۇن كاپالەتكە ئېگە».
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:«دېڭىز سۈينى قۇملۇققا باشلاش ئارقىلىق،شىنجاڭدا بىرمىلىيارد 800مىليۇن مو تېرىلغۇ يەر پەيدا قىلغىلى بولىدۇ.ئىسرائىلىيەنىڭ قۇملۇقتىن پايدىلىنىش نىسبىتى شۇنداق يۇقۇرى ،بىراق شىنجاڭ شۈنچە كەڭىرى تۇرۇپ پايدىلىنىش نىسبىتى پەقەت تۆت پىرسەنت .
[ بۇ يازمىنىgeneral 2011-03-12 15:50قايتا تەھرىرلىدى ]