گېنېرالنىڭ ئىزاھاتى: قازاق مۇنبىرىدە ئۇچراتقان ئىدىم،تارىخقا مۇناسىۋەتلىك يازما بولغاچقا،كۆرۈپ قويۇشقا تېگىشلىككەن دەپ،بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدىم. يېقىندا تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى،پروفېسسور،خەنزۇشۇناس،تەرجىمان مۇختەرخان ئورازباينىڭ<<...ئېلدىباي ئاقىن>> دېگەن كىتابى نەشىردىن چىقتى.(ئالمۇتا 2008)
خەنزۇ ئالىملىرىنىڭ <<لى بەي>> دەپ يۈرگىنى 8-ئەسىردە ياشىغان ئېلدىباي ئاقىن ئىكەن.ئېلدىباي (701-762)شىۋ دەرياسى(سىر دەرياسى دېمەكچىمىكىن) بويىدىكى سوياپ شەھىرىدە تۇغۇلغان.ئېلدىباي 12ياشقا تولغاندا قېرىندىشى(سىڭلىسى) ئايتولدى بىلەن ئىككىسى تارىخىي سەۋەپلەر بىلەن دادىسىغا ئەگىشىپ جۇڭگوغا بارىدۇ.شۇنداق قىلىپ،ئېلدىباي بىلەن ئايتولدى شۇ پېتى جۇڭگودا قالىدۇ.
خەنزۇ ئالىملىرى ئىلىم ۋە ھۈنەرگە نېمە دېگەن ئادىل پوزىتسىيە تۇتقان -ھە؟ ئۇلار تا بۈگۈنگە قەدەر <<لى بەي جۇڭگوغا سىر بويىدىن كەلگەن>>لىكىنى ئېنىق ۋە ئاشكارا يازماقتا.
ئېلدىباي ئاقىن جۇڭگودا ئىلىم تەھسىل قىلىدۇ ۋە خەنزۇتىلىنى راۋرۇس ئۆگىنىپ،خەنزۇچە شېئىرلارنى يازىدۇ.دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ،خەنزۇلار خانىنىڭ ئوردا مەسلىھەتچىسى دەرىجىسىگە كۆتۈرىلىدۇ.ھازىرغا قەدەر ئېلدىباي ئاقىننىڭ شېئىرلىرى(خەنزۇچە يېزىلغان،ئەلۋەتتە)25 توم بولغان.مۇختارخان ئورازباي ئۆز كىتابىدا ئېلدىباي ئاقىننىڭ 59 شېئىرىنى قازاقچىغا تەرجىمە قىلغان.بۇ شېئىرلاردا ئېلدىباينىڭ يۇرتىنى،خەلقىنى،تۈرك يېرىنى،تۇققانلىرىنى سېغىنغانلىقى ئىپادىلەنگەن.
قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى. مەنبە:
http://www.elares.net/bbs/read.php?tid=4816&fpage=3 ئەمدى نەزەرىڭىز تۆۋەندىكى <پاراڭ>دا بولسۇن: بۇرۇن ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئەدەبىيات مۇئەللىمىمىز تاڭ سۇلالىسىدىكى 3 شائىرنى تۇنۇشتۇرغاندا لى بەي خەنزۇ ئەمەس،بەلكى ئۇيغۇر دېگەن .ئۇ چاغلاردا مەن مۇئەللىمنى جۆيلىۋاتىدۇ،دەپ ئويلىغان ئىدىم .
يېقىندا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 10-قانىلىدا قويۇلىدىغان بىر پروگىراممىسىدا فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پىروفېسسورى چەن ۋىن جۇڭ< لى بەي خەنزۇ مىللىتىدىن ئەمەس بەلىكى ھازىرقى قىرغىزىستان تەۋەسىدە تۇغۈلۇپ بەش يىشىدا ئائىلىسىدىكىلەرگە ئەگىشىپ سىچۇندا ئۇلتۇراقلىشىپ قالغان 胡人>دەيدۇ.
بىلىشىمچە، بۇرۇن ئۇيغۇرلارنى مۇشۇنداق دەيتىكەنتۇق. لېكىن ئۇمۇ ئېنىق قىلىپ ھازىرقى ئا مىللەت يا ئا مىللەت دىمىدى ،بۇ تۇغرىسىدا بىلىدىغان تورداشلار بولسا چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار!
http://hi.baidu.com/tanhayurak/blog/item/22ab82b15ef1c0500823023f.html گېنېرالنىڭ كۆز قارىشى: لى بەينىڭ مىللەت تەۋەلىكىنى بېكىتىش ھەرگىزمۇ ھەركىمنىڭ سوبېيكتىپ قارىشى بويىچە جۆيلۈپ قويۇشى ئارقىلىق بەلگىلەنمەيدۇ. تارىخىي ئىشلاردا تارىخىي دەلىل-ئىسپات بولۇشى كېرەك.دەلىلسىز ئېيتىلغان بىر ئېغىز سۆزمۇ چوڭ تالاشقا سەۋەب بولىدۇ.گەپ مۇشۇ بويىچە بولىۋەرسە،كېيىنچە ماۋزېدوڭنىمۇ قازاق ياكى ئۇيغۇر دەيدىغان گەپلەرنىڭ چىقىشى تۇرغانلا گەپ...