باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 689 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: (ھېكايە) تەقدىرنىڭ چاقچىقى
ئەركەتۈرۈك
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2013
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 556
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە556دانە
ئۆسۈش: 6390 %
مۇنبەر پۇلى: 10943 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-17
ئاخىرقى: 2012-02-25
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-10 18:09

(ھېكايە) تەقدىرنىڭ چاقچىقى

تەقدىرنىڭ چاقچىقى
تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلاردا ئۇ ھەر كۈنى ئەتتىگىنى خۇشال ھالدا مەكتەپكە يۈرۈپ كىتەتتى. مەكتەپتە ئۇنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرغان بىر نەرسە بار ئىدى...
بىرىنچى سائەتلىك دەرىسكە زىل ئۇرۇلسا ئۇ قايسى دەرىسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ:
- كىمنىڭ دەرسى ھازىر؟ دەپ سۇراپ قۇياتتى، ساۋاقداشلىرى:
- پەلسەپە ئۇقۇتقۇچىسى ھاتەمنىڭ دەپ جاۋاپ بىرىشەتتى. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ يۈزى ئوت بولۇپ ۋىللىدە ياناتتى دە، دەرھال يەرگە قارىۋالاتتى، ئىچىدە بولسا بىر خىل تاتلىق سېزىم ئۆتكەندەك بۇلاتتى.
ساۋاقداشلىردىن بىرى:
- ھاتەم مۇئەللىم كىلىۋاتىدۇ، دەپ ۋارقىرغاندا بولسا ھەركەتلىرى قالايمىقانلىشىپ، ئىچىدە چۈشۈنىكسىز بىر نىمىلەرنى غىڭشىيتتى.
مۇئەللىم سىنىپقا كىرىپ ئۇقۇغۇچىلارغا ئەتتىگەنلىك سالام بىرەتتى.
قىزنىڭ كۆزى بولسا مۇئەللىمنىڭ يۈزىنى ساياھەت قىلىشقا باشلايتتى، مۇئەللىممۇ پات-پات ئۇنىڭغا قاراپ قۇياتتى. قىز بۇ چاغدا مۇئەللىمنىڭ ئۆزىگە خۇپيانە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى سەزگەندەك بۇلاتتى دە، دەرھال خىياللىرىنى يىغىپ رېئاللىققا قايتىپ كىلەتتى.
ھاتەم مۇئەللىم قىرىق ئىككى ياشلاردا، قىز بولسا ئونئالتە ياشتا ئىدى.
قىز ئۆزىدىن: بىر كۈنلەر كىلىپ چىن يۈرىكىمدىن ياقتۇرىدىغان بۇ كىشى بىلەن توي قىلالامەنمۇ ؟ دەپ سۇرايتتى.
قىز: مۇئەللىمنى تۇنجى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى ئۇنى ئوتتۇزلاغا كىرگەن، تېخىچە توي قىلمىغان دەپ ئويلىشى مۇمكىن. دەپ ئۆزىنى بەزلەيتتى.
مەكتەپ پۈتتۈردىغان يىلى ھاتەم مۇئەللىم كۆڭلىدىكىنى ئاخىرى ئاشكارلاپ قىزغا توي قىلىش تەكلىۋىنى قويدى ۋە چوڭلارنىڭ ئالدىغا قىزنى سوراپ بېرىشقا پۈتۈشى.
چوڭلار، ئۇ ئادەم قىزدىن نەچچە ئون ياش چوڭ ئىكەن دەپ ئىككىسىنىڭ ئىشىغا قەتئى قۇشۇلمىدى.
ئۇلار قىزغا بىرمۇنچە نەسىھەتلەر قىلىشىپ كەتتى:
-    ئۇ ئادەم سەندىن نەچچە ياش چوڭ تۇرسا، توي قىلساڭ قانداق بەخىتلىك بۇلالايسەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئوتتۇزغا كىرگەندە ئۇ ئاتمىشتىن ھالقىغان بولىدۇ. بۇ چاغدا سېنىڭ ياشلىقىڭ نابۇت بولمامدۇ؟
ئاخىرى ئۇلار قىزغا، بىر ئۆمۈر بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن يېشى ماسلىشىدىغان بىرى بىلەن توي قىلىش تەكلىپىنى بەردى.
ئاخىرى قىز ئۆزى بىلەن تەڭتۈش بىر يىگىت بىلەن توي قىلدى.
تويدىن كىيىن ئۇ ئەدەبىيات پاكولتىتىغا ئوقۇشقا كىردى.
بىر كۈنى ئۇ مەكتەپتىن ئۆيىگە قايتىپ ئەمدىلا ئولتۇرۇشىغا تۇيۇقسىز ئۆي تېلفۇنى جېرىڭلاپ كەتتى:
-ۋەي.. سىز ئەھمەدنىڭ ئايالىمۇ؟
-ھەئە، مەن شۇ، نېمە ئىشىڭىز بار؟
-ئېرىڭىز يۇقرى سۈرئەتلىك تاش يولدا ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچىراپ قازا قىلدى.......
..................................................................................
يولدىشىنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن ئايلار ئۆتتى. قۇرسىغىدا ئېرىنىڭ قوشكېزەك باللىرى قالغان ئىدى. ئۇلارنىمۇ يەڭگىدى.
ئۇ غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەيتتى:
-|بۇ يىگىت بىلەن ئۆيلەنسەم ئۇزۇن يىللار ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشىيالايدىغاندەك ئويلاپ كىتىشتى، مانا مەن بىلەن بىر نەچچە ئايلا بىللە ياشىيالىدى....
ياشتا ماس كېلىدىغانراق بىرى بىلەن ئۆي تۇت. ئۇزۇن يىل بىللە تۇرمۇش كەچۈرەلەيسەن دەپ تەقدىرگە چاقچاق قىلماقچى بولۇشقان ئىدى، مانا ئەمدى تەقدىر ئۇلارغا ئېغىر چاقچاق قىلدى.
ئۇ ھاتەم مۇئەللىمنى سۈرۈشتۈرۈپ باقتى. مۇئەللىم ئاللىقاچان توي قىلىپ كەتكەن ئىدى.
ئاخىرى دەرت-ئەلەم تارتقىنى جەمئىيەت ۋە ياكى باشقا كىشىلەر ئەمەس قىزنىڭ ئۆزى بولدى.
قىز ئەلەمگە چىدىماي قوللىرى بىلەن ياشلىرىنى سۈرتكەچ:
تەقدىرگە چاقچاق قىلغان ئىدىڭلار مانا ئەمدى تەقدىر ماڭا چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى...



ئاپتۇر:  مەھمۇد قائۇد
(مەھزۇن تەرجىمىسى)





ئەسسالام قېرىنداش يولۇڭ تۈز بولسۇن ،
ياخشى ئىش ئىزلىرىڭ ئىبرەت بوپ قالسۇن .
باشلىغىن دوسلارنى ياخشى يوللارغا ،
بۇنىڭدىن دوسلارمۇ ھەق يولنى تاپسۇن.