باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1232 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: سىتودىنت دوستلىرىمغا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6448
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
ئۆسۈش: 270 %
مۇنبەر پۇلى: 360 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-10
ئاخىرقى: 2011-04-05
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-10 15:21

سىتودىنت دوستلىرىمغا

        ھاياتىمىز شۇنچە چەكلىك ، چەكلىك ھاياتنى مەنىلىك ، ئەھمىيەتلىك ، قەدىر- قىممەتلىك ئۆتكۈزۈشتىنمۇ ئارتۇق خوشاللىق بولمىسا كېرەك. بىز قاچان ئۆزىمىزدىن رازى بولالىساقلا ، ئاندىن ئۆزىمىزگە ھەقىقىي ئوخشايمىز .
     مەن ھاياتىمنى قانچىلىك ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزەلىدىم ، زادى قانچىلىك ئۆز- ئۆزۈمدىن رازى بولغۇدەك ئىشلارنى قىلالىدىم. مەنمۇ ئىككىلىنىپ قالىدىكەنمەن، شۇنداق سەنمۇ ھەم مەنمۇ ، نۇرغۇنلىرى ئىككىلىنىپ قالىدۇ. توغرا بىز ئۆزىمىزنى ئېتساق ياخشى ئوقۇپ ئىمتىھان بېرىپ ، ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتىمىز ، ئاتا-ئانلىرىمىز بولسا تاپقان- تەرگىنىنى بىزگە ئەۋەتىپ ، بىزدىن سۆيۈنۈپ ، كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولىدىغانلىقىمىزنى كۈتۈپ ئولتۇرماقتا. جاپا تارتسىمۇ بىزگە قىلچىمۇ چاندۇرماي كەلمەكتە . بىزلەر بولساق شۇ پۇللارغا قانچىلىك ئوقۇپ كەتتۇق-ھە! بىز ھەرخىل- ھەرياڭزا ياىسنىپ ئۆزىمىزنىڭ كۆڭلىدە چىرايلىقلىشىپ ، زامانغا يىتىشىپ كېتىپ بارىمىز . ئەكىسچە  شۇ جاپاكەشلەرنىڭ چېھرىدىكى ۋاقىتنىڭ ئىزناسى بولغان تال- تال قورۇقلار كۆپەيمەكتە. بىز قانچىلىكىمىز  بۇنى ھىس قىلىپ يىتەلىدۇق. ھەممىمىز سىتودىنت، ياخشى ئويلىنايلى ، ھەربىر كۈن ھەربىر مىنۇت ، سىكونتلارمۇ بىز ئۈچۈن غەنىيمەت، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلمايلى .ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمىغان ئولتۇرۇشلاردىن ئۆزىمىزنى تارتايلى. ھاراق- شاراپلاردىن يىراق تۇرايلى. قانچىلىك يىگىتلىرىمىز مۇشۇ ھاراق سەۋەبلىك قانچىلىغان سۆيۈملۈك ئادەملىرىگە يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەي يۈرىشىدۇ. ھەي ھاراقنى دوست قىلىپ يۈرگەن يىگىتلەر ، قاراڭلار ئەتراپىڭلاردا شۇنچىلىك ئىسىل تەڭتۇشلىرىڭلار ئاز ئەمەس،  ھاراقسىز ، كەلسە- كەلمەس سورۇنلاردىن خالى ، پاك-دىيانەتلىك ، پەزىلەتلىك ، ئاتا- ئانىسىغا كۆيىنىدىغان، مىللىتىمىز قىزلىرىنى قەدىرلەيدىغان ، ھۆرمەتلەيدىغان ، ئاسرايدىغان ياشلىرىمىزلا ھامان قەدىر- قىممەتلىك بولالايدۇ. 
      ھاياتنىڭ قەدىر-قىممىتى ئەنە شۇنداق ئاددى، ئەمما ئەھمىيەتلىك ئىشلار ئارقىلىق روياپقا چىقىدۇ. سۆيۈملۈك قىزلار، سۆيۈملۈم دوستلىرىم ، مەنمۇ بىر قىز، ھەممىمىز كەلگۈسىنىڭ ئانىلىرى، بىز كەلگۈسىدە بىر ئايال ھەم بىر ئانىنىڭ رولىنى تەڭ ئالىمىز . مەسئولىيىتىمىزنىڭ ۋەزنى شۇنچىلىك ئېغىر، بىزمۇ ئوغۇللاردىن قاقشىماي ، بىز نىمىلەرنى قىلدۇق دېگەنلەرنى ئويلىيالايدىغان بولايلى. بىز ئوقۇۋاتىمىز، ئوقۇمىغان تەڭتۇشلىرىمىز ئۆزىگە چۇشلۇق ئىش قىلىۋاتىدۇ. بەلكىم يەنە بەزىلىرى ئانا بولغان بولىشى مۇمكىن . بىز ئوقۇۋاتقان سىتودىنت قىزلار بىلىم سەۋىيىمىز يۇقىرى قاتلام قاتارىغان كىرىمىز ، بىلىدىغانلىرىمىز ھەم باشقىلارغا قارىغاندا بىر قەدەر مۇكەممەل، ئەلۋەتتە ئۆزلىكىدىن ئۈگىنىۋاتقانلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە.
     ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ھەقىقەتەن چىرايلىق، لېكىن شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەك، ھەقىقىي گۈزەللىك ھەرگىزمۇ تاشقى گۈزەللىك ئەمەستۇر، ھەقىقىي گۈزەللىك بىباھادۇر، ئۇ بولسىمۇ ئىچكى گۈزەللىك بىلەن تاشقى گۈزەللىك بىرلىشىشىدۇر. ئەلۋەتتە ئادەمنىڭ قەلبى گۈزەل بولسا ئۇ تولىمۇ سۆيۈملۈك. ئەمەلىيەتتە باشقىلارنىڭ ھەقىقىي ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قەلبىمىز گۈزەل ، خۇلقىمىز گۈزەل، گەپ- سۆزىمىز گۈزەل بولىشى كېرەك. ئەلۋەتتە بۇ تۇغرۇلۇق نۇرغۇن ماقال-تەمسىللار بار ، مەسىلەن: چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس، سۆيگەن چىرايلىق ... ، ئەپسۇس يەنە بىر قىسىم سىتودىنت قىزلىرىمىز بولسا ، تاشقى گۈزەللىكنى قوغلىشىپ مودا بىلەن تەڭ ماڭغان بولسىمۇ، لېكىن بىلىپ- بىلمەي نۇرغۇن نەرسىلىرىنى يوقۇتۇپ قويۇشماقتا. بىزدىكى ھەقىقىي گۈزەللىك قارىشى نۇرغۇنلىغان مويسىپىتلىرىمىزنى ئەپسۇسلاندۇرماقتا... بۇنىڭ سەۋەبى زادى نەدە ؟بىز ئازغىنە ۋاقىت چىقىرىپ بۇ ھەقتە ياخشى ئويلىنالىساقلا چوقۇم بىز ئېرىشمەكچى بولغان جاۋابكا ئېرىشەلەيمىز.   
    بىز كەلگۈسىنىڭ ئانىلىرى ، بىر مىللەتنىڭ  ئانىلىرى، بىز ئۆزىمىزنىڭ خاسلىقلىرىمىزنى يوقۇتۇپ قويمايلى ، ئوغۇللىرىمىزنى ھۆرمەتلەيلى ، مۇھىمى ئۆزىمىزگە ئوخشايلى ، بۇ ئوخشاشلار:
تىلىمىز ئوخشىسۇن، ئەبجەش تىلدا گەپ قىلىشنىڭ ئۆزى ئانا تىلىمىزغا قىلىنغان ھاقارەت، تىلىمىزنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى ئازلاپ كېتىۋاتقان ھازىرقى ئىجتىمائى تۇرمۇشتا ساپ ئانا تىلىمىزدا سۆزلەيلى .
ھەرىكىتىمىز ئوخشىسۇن، ھەرىكەتمۇ بىزنى ھەرخىل مىللەتلەردىن پەرىقلەندۈرىدۇ. بىز يات مىللەتلەرنىڭ ھەرىكىتى يەنى قىلىقلىرىنى ئاڭسىز ھالدا دورىمايلى .  بىزنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىمىز  بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىزگە باھا بېرەلەيدۇ. بىز ھەرگىزمۇ باشقىلار ئاتىلىپ قالمايلى ،
     ئېتىقادىمىز چىڭ بولسۇن، بىز ئېتىقادىمىزغا چىڭ بولساق، بىزنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىمىز شۇنىڭ تىزگىنلىشىدە بولىدۇ. نۇرغۇن ئىشلاردىن ئۆزىمىزنى چەكلىيەلەيمىز، ئەلۋەتتە ھازىرقى جەمىيەتتىكى نۇرغۇن ئىشلار دەل مۇشۇ ئېتىقادنىڭ سۇسلىشىپ كەتكىنىدىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆز ھەرىكىتىنى روھى دۇنياسى ئارقىلىق چەكلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ، قەدىر- قىممىتىنى يوقىتىپ، ئۆز پۇتىغا پالتا چاپماقتا. سۆيۈملۈك قىزلىرىمىز ، ئېتىقادىمىز چىڭ بولسۇن، قەلبىمىز پاكىزە بولسۇن.\
      بىز قىلماسلىققا تىگىشلىك ئىشلار نۇرغۇن ، مۇھىمى بىز ئۆزلۈكىمىز ھەققىدە سالماقلىق بىلەن ئويلىنالىساقلا چوقۇم ھەممىنىڭ تىگىگە يىتىشىمىز مۇمكىن .
       ئەي سىتودىنت يىگىتلەر، قىزلار ، مەن ھەم سىلەر بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۈمۈدلىرى ، پەخىرلىك پەرزەنتلىرى ، بىزنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىمىز كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى ۋەزىپىلىرىمىز بەك مۈشكۈل، بىز ئۆزىمىز ھەققىدە ياخشى ئويلىنايلى ، يۇقىردىكىلىرى مېنىڭ پەقەت ئازغىنە پىكرىم ۋە كۆز-قارىشىم ، ئىشىنىمەن، چوقۇم بىز ھەربىرىمىز بىر نىيەت بىرمەقسەتتە تىرىشساق بىز قىلالايمىز ، مىللىتىمىزنىڭ سۆيۈملۈك قىز-ئوغلانلىرى بولالايمىز. خەير
ئويلانماقتىمەن...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 820
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە820دانە
ئۆسۈش: 1923 %
مۇنبەر پۇلى: 9561 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2012-05-01

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! سىزنىڭ قېرىنداشلىرىڭىز ئۈچۈن قىلغان ئەجرىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ ساۋابىنى بەرسۇن!
سىز ئېيتقاندەك، ھازىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ كۆپ قىسمى  ھەقىقەتەن يامان خۇلقلارنى ئۆزىگە سىڭدۈرىۋالدى.  ئەمما ئۇلارغا ئەخلاقىي تەربىيە ئېلىپ بېرىشنىڭ ئۈنۈمى ئويلىغىنىڭىزدەك ياخشى بولمايدۇ.  چۈنكى ئۆز تىمىڭىزدا ئېيتقىنىڭىزدەك:
<<ئېتىقادىمىز چىڭ بولسۇن، بىز ئېتىقادىمىزغا چىڭ بولساق، بىزنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىمىز شۇنىڭ تىزگىنلىشىدە بولىدۇ. نۇرغۇن ئىشلاردىن ئۆزىمىزنى چەكلىيەلەيمىز، ئەلۋەتتە ھازىرقى جەمىيەتتىكى نۇرغۇن ئىشلار دەل مۇشۇ ئېتىقادنىڭ سۇسلىشىپ كەتكىنىدىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆز ھەرىكىتىنى روھى دۇنياسى ئارقىلىق چەكلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ، قەدىر- قىممىتىنى يوقىتىپ، ئۆز پۇتىغا پالتا چاپماقتا. سۆيۈملۈك قىزلىرىمىز ، ئېتىقادىمىز چىڭ بولسۇن، قەلبىمىز پاكىزە بولسۇن.\>>  

ئىتىقاد تۈزەلمەي تۇرۇپ ئەخلاق مۇكەممەل تۈزەلمەيدۇ.   ئىتىقاد، ئەقىدە، ئاللادىن قورقۇش بىزنىڭ ھەرقانداق  ئىشىمىزنىڭ توغرا  ياكى خاتا بولۇشىنى بەلگىلىيەلەيدۇ.   شۇڭا، ئەخلاق تەربىيىسىنىڭ ئورنىغا ئەقىدە تەربىيىسىنى دەسسەتسەك، تېخىمۇ يۇقىرى ھەم ھەقىقىي پايدىلىق ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز.
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+2(تاھىر) ناھايىتى توغ ..
  • تەپەككۇر _ ئېسىل نېئمەتتۇر!
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6448
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 16
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
    ئۆسۈش: 270 %
    مۇنبەر پۇلى: 360 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-03-10
    ئاخىرقى: 2011-04-05
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-11 21:16

    بۇ ماقالەم بەك ئالدىراپ يىزىلىپ قالدى. شۇنداقتىمۇ ئىنكاس بىلدۈرگىنىڭىزگە رەھمەت. شۇ جەمىيەت شۇنچىلىك دەرىجىدە بىزلەرنى قىيىن-قىستاققا ئېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۆزىمىز ھەققىدە ياخشى ئويلانمىساق بولمايدۇ. چۈنكى بىز ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان نۇرغۇن ئىشلار بىزنى ئۈن-تىنسىز يىغلاشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ئامال قانچە قانچىىلىك ئادەملىرىمىز ھازىر ئۇيغۇرچە كىتاپ ،ژورناللارنى كۆرىدۇ دەيسىز . ھازىرقى باللانىڭ كۆپىنچىسى <مىڭكاۋخەن>  ئۇيغۇرچە كىتاپ-ژورناللارغا دېگەندەك قىزىقىپ كەتمەيدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئۇلارنىڭ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى بىلىشى يەنىلا چەكلىك .
        ئېتىقادنىڭ ئۆزى بىر مۇكەممەل قانۇن. دۆلىتىمىز قانۇنى پەقەت بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنى چەكلىيەلەيدۇ-خالاس. ئەمما <قۇرئان كەرىم> بولسا بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنى چەكلەپلا قالماستىن بەلكى بىزنىڭ روھىمىزنىمۇ چەكلىيەلەيدۇ. بىزنىڭ ئېتىقادىمىزنىڭ ئۆزى بىر مۇكەممەل قانۇن. ئەگەر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى مۇشۇ قانۇن چەكلىگەن بولسا ئىدى . نۇرغۇن ئىشلار باشقىچە بولاتتى . ئاخىردا دەيدىغىنىم. بىزنىڭ ، مېنىڭ قىلالايدىغىم، ئۆزىمىزدىن باشلاش، چۈنكى بىز ئىدىيىمىزنى باشقىلارغا تاڭالمايمىز . دوستلىرىمىزنىڭ دىلىغا پاكلىق تىلەيمەن. ئىنساپ تىلەيمەن. ئىمان تىلەيمەن. خەير
    ئۆلۈم مۆئمىنلەر ئۈچۈن يىتەرلىك ۋەز-نەسىھەتتۇر.
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6385
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 209
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە209دانە
    ئۆسۈش: 870 %
    مۇنبەر پۇلى: 2873 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-03-04
    ئاخىرقى: 2012-03-20
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-13 16:00

          اللە رەھمەت  قىلسۇن قېرىندىشىم،ئەتراپىمىزدا مۇشۇنداك ياخشى يوللارنى تاپقانلارغا ھەۋەس  بىلەن  قاراپ،شۇنىڭ نىمە ئۇچۇن  ئكەنلىكىگىمۇ تەئەجۇپلىنىش  ئچىدە قاراپ شۇنىڭغىمۇ قىزىقىدىغان مىنكاۋخەن قېرىنداشلىرىمىز  ھەم مەۋجۇت،بۇلار نىمە ئۇچۇن ياشايدىغانلىقىغا پىكىر يۇرگۈزۈپ باققانلار،ئەمما نۇرغۇن سىتۇدېنتلار ھېچنىمە توغىرسىدا  ئويلىمايدۇ،شۇنداق بىرئۇخلاپ قالغان مۇسۇلمان  بۇلۇپ قالىدۇ،ئەمما ڭزدىنىپ  باقسا ئۇزىگە ئەڭ گۇزەل بولغان بىر ئسلامىي خۇشاللىقنى تاپالايتتى،ئەمما ئۇلار خۇشاللىقنى باشقا نەرسىلەردىن ئزدەۋاتىدۇ.ھېچنىمە توغىرسىدا ئويلانمايدىغان،پىكىر يۇرگۈزمەيدىغان كىشلەر خۇددىي سىگانلاردەك ئۈزىنى كىرا قىلغانلارغا ئوخشايدۇ،ئۇزلىرىنى ئۇزلىرىنىڭ خاھىشى بويىچە باشقۇرىدۇ.
    كۇز بەزىدە سوزلەيدۇ،ئېغىز سۇزلىيھلمىگەن چىنلىكنى،ئەمما يىتەلمەيدۇ يۇرەكتىكى چىنلىققا.
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6448
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 16
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
    ئۆسۈش: 270 %
    مۇنبەر پۇلى: 360 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-03-10
    ئاخىرقى: 2011-04-05
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-13 19:42

       راست دەيسىىز  بىز ھازىر بىر چوڭ تاللاش تاللىنىش يولىغا كېلىپ قالدۇق. بىزلەر بەخىتنىڭ ھەقىقىى مەنىسىنى بىلەلمەيۋاتقان ئاشۇ ياشلارغا ، سىتودىنتلارغا ئېچىنماي تۇرالمايمىز . بىز پەقەت روھى دۇنياسى چېرىكلەشكەن ئاشۇ ياشلارغا ئىچېنىش نەزىرىمىز بىلەن قاراپ قالىمىز خالاس، چۈنكى بىز ئۇلارنى ئۆزگەرتىشكە قادىر ئەمەس،  ئۇلار ئىزدەۋاتقان روھى خوشاللىق ھامان ئۆزىنى خانىي ۋەيران قىلىدۇ. ياشلىرىمىز كاللىسىنى سىلكىۋىتىپ ئوبدانراق ئويلىنىپ باقمىسا بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ قالدى، بىز باشقا مىللەتلەرنىڭ بىزنى كەمسىتىشلىرىگە ھەرقاچان چىداپ تۇرالمايمىز  ئەلۋەتتە، لېكىن نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ دېگەننى ئويلىشىپ بېقىشقا ئۈلگۈرمەيمىز، بىز ياشلار سىتودىنتلار ئۆزىمىزنى ئوبدان تەكشۈرۈپ، ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز ئوبدانراق دېئاگنۇز قويوپ باقايلى ! بىز ئۆزىمىزدىكى ياتلىشىلارنى ھېس قىلىپ يېتەلىسەك،  ئۇنى ئۆزگەرتىش تامامەن قولىمىزدىن كېلىدۇ، دوستلىرىم سۆيۈملۈك قېرنداشلىرىمىز ... پاكلىق ، چىن دىل بىزدە ھەرۋاقىت ئەكىس ئەتسۇن