%s|Ely)
1969- يىلى ئىلىمىزنىڭ شەرىقىي شىمالدىكى جېن باۋداۋ ئارىلىدا يۈز بەرگەن جۇڭگو – سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش پۈتۈن دۇنيانى زىل- زىلىگە كەلتۈرىۋەتتى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى ئىلغار تانكىلىرىغا تايىنىپ جۇڭگو زىمىنىدا خالىغانچە زورلۇق- زۇمبۇلۇق قىلدى. ئارمىيىمىزنىڭ تانكىغا قارشى ھەر خىل قورال ياراقلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ T62 تىپلىق تانكىلىرى ئالدىدا كارغا كەلمەي قالدى. بۇ چاغدا ئارمىيىمىزنىڭ پىشقەدەم مارشاللىرى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ، تىت-تىت بۇلۇشتى. ئۇلارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يېڭى تىپتىكى تانكا تىشەر قورالنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋەزىپىسى مەلۇم ھەربىي ئىشلار پەن –تەتقىقات ئورنىغا تاپشۇرۇلدى. يېڭى تىپتىكى بۇ قورال-ياراقنى تەتقىق قىلىپ ياساش ئىشى ناھايىتى يۇقىرى تېخنىكىلىق ھىسابلاشلارغا مۇھتاج ئىدى. دۈشمەن تانكىسىنىڭ تاشقى پولات قېپىنىڭ قېلىنلىقى زادى قانچىلىك؟ ئوقنىڭ سۈرئىتى قانچىلىك بولغاندا پولات قاپنى تىشىپ ئۆتەلەيدۇ؟ پولات قاپنى تىشىپ ئۆتۈشتە ئوق بىلەن پولات قاپ ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشتىن ھاسىل بۇلىدىغان تېمپۇراتۇرا زادى قانچە گىرادۇس بۇلىشى كېرەك؟ مانا بۇ مەسىلىلەر پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ بېشىنى تازا قاتۇرىۋەتتى. ئېنىق ۋە توغرا سانلىق مەلۇماتلار بولمىسا بۇ تەتقىقات ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش مۈمكىن ئەمەس ئىدى. PiIpnoM
بەخىتكە يارىشا پەن-تەتقىقات ئورگانلىرىمىز دېپلوماتىيە يولى ئارقىلىق بۇ قىيىن مەسىلىلەرنى ھىساپلايدىغان بىر يۈرۈش ماتىماتىكىلىق فورمىلالارغا ئىرىشتى. لېكىن پەن-تەتقىقات خادىملىرى ئىچىدە بۇ فورمىلالارنى چۈشۈنىدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىدى. ئىلىمىز ئەمدىلا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ھىساپلاش ماشىنىسىدا بۇ بىر يۈرۈش فورمىلانى ھىساپلاپ چىقىرالايدىغان تەرتىپ قۇرۇلمىسى يوق ئىدى. KL57#gV
مارشال يې جيەنيىڭ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن: pJ"qu,w
ـ تانكا تېشەر قۇرالنى تەتقىقى قىلىپ ياساش ئىشىنى زادى كىچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ مەلۇم بىر داشۆسىدە ليۇ گۇاڭجى دەيدىغان بىر توپ-زەمبىرەك مۇتىخەسىسى بار، قىيىن مەسىلىلەرنى شۇنىڭ يارىدىمى بىلەن ھەل قىلىڭلار دەپ يوليۇرۇق بەردى. "$^ ~!1~
ئەينى ۋاقىتتا ليۇ گۇاڭجى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بىر تالاي تارىخى مەسىلىسى بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىقى ئەينى يىللىرى ليۇ گۇاڭجى ھېتلىر گېرمانىيىسىنىڭ بىر ھەربىي قورال-ياراق زاۋۇتىدا توپ-زەمبىرەك لاھىيەلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇتىخەسىس بولغانلىقى ئىدى. 6iE
ئىككى نەپەر ھەربىي خادىم بۇيرۇققا بىنائەن شەندوڭ ئۆلكىسىگە كىلىپ، بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ناھەيىتى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. xj;H&swo
ئۇلار ليۇ گۇاڭجى بىلەن بىرىنچى قېتىم مەكتاب كۆكتاتلىقىدا ئۇچراشتى ھەمدە فورمىلا يېزىلغان ھېلىقى قەغەزنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ: {qJ1ko)$
- بىز ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىمىز، بۇ قىيىن ھىسابلاش مەسىلىسىگە يۇلۇقۇپ قېلىپ، سىزدىن يارىدەم سوراپ كەلدۇق دىدى. C1n>
M}b
ليۇ گۇاڭجى فورمىلاغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىپ، بىر ھازاغىچە ئۈن-تىنسىز خىيال سۈردى ۋە ئاندىن: {Gk1vcq
- بۇ فورمىلانى نىمە ئىشقا ئىشلەتماكچىسىلەر؟ - دەپ سورىدى. O;jrCB
- ئەلۋەتتە ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا ئىشلىتىمىز. L^?qOylu
- ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا بۇنداق فورمىلا ھەرگىز ئىشلىتىلمەيدۇ، ئېلىڭلار بۇنى، - ليۇ گۇاڭجى شۇ زامات فورمىلا يېزىلغان قەغەزنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدى – دە، ئۇتۇغۇچىنى ئېلىپ ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولدى. Jk
n>S#SZ
- بوۋاي بۇ نىمە قىلغىنىڭىز؟ ھېلىقى ئىككى ئەسكەر ھاڭ-تاڭ بۇلۇپ تۇرۇپلا قالدى. XK@E;Rv
ليۇ گۇاڭجى ئۇلارغا لەپپىدە بىر قاراپ قۇيۇپ، - ماڭا ئىشەنمىگەندىن كىيىن مىنى ئىزدەپ نىمە قىلاتتىڭلا؟ - دەپ سۇغۇقلا جاۋاپ بەردى. qqY"*uJ'
ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ بۇ ئىككى ئەسكەر ئۇنى يەنە ئىزدەپ كەلدى. بۇ قېتىم ئۇلار ھەربىي فورما كىيگەن بۇلۇپ، قوللىرىدا بىرمۇنچە سوۋغا –سالاملار بار ئىدى. ئۇ ئىككەيلەن مەكتەپ رەھبەرلىكىگە تۇيدۇرماستىنلا ئۇدۇل ليۇ گۇاڭجىنىڭ ئۆيىگە باردى ۋە ئىشىكتىن كىرىپلا ئۆزرىخالىق بىلدۈرۈپ: d^
8ZeC#
- باشلىقىمىز بىزنى تەنقىت قىلدى، ئىلگىرى بىز سىزنى تازا ئوبدان چۈشەنمەپتۇق، سىزنى تېخى ....... – دەپ ئەمدىلا ئېغىز ئېچىشىغا، ليۇ گۇاڭجى: kxhWq:[c
مەن سىلەرنى كەلمەي قۇيارمىكىن دەپ ئەنسىرىگەن ئىدىم، ئەگەر ۋاختىدا كەلمىگەن بولساڭلار دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشىغا دەخلى يەتكۈزۈپ قوياتتىڭلار. سىلەر ماڭا ئاۋۇ كۈنى كۆرسەتكەن فورمىلانى ھىسابلاپ چىقىرىپ قويدۇم، سىلەرگە لازىملىق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى تەييار قىلىندى. ئىشنى دەرھال باشلىساڭلار بۇلىدۇ دىدى – دە، كارۋات ئاستىدىن بىر تۇتام قەغەزنى ئېلىپ ئۇلارغا سۇندى. قەغەزلە فورمىلا ۋە ئىمىر-چىمىر رەقەملەر بىلەن تۇلۇپ كەتكەن ئىدى. يېشى چوڭراق ئەسكەر ئەجەبلەنگەن ھالدا: &B1Wt