ئەسسىلامۇئەلەيكۈم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبەرەكاتىھۇ!!! بارلىق ئەزىز قېرىنداشلارغا مەن ئەنجۈرەدىن ئاللانىڭ ئوتلۇق سالامى بولسۇن!!!بۈگۈن مۇنبەرگە كىرىپ كۆزۈم ئەڭ ئاۋۋال<چىڭدۇدىكى مەن كۆرگەن ئۇيغۇرلار> دىگەن تىمىغا كۆزۈم چۈشۈپ قېلىپ دىققەت نەزىرىمنى سالدىم.دەسلەپتە ماڭا ئوخشاش ئىچكىردە ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى توغرىسىدىكى مەزمۇنلار دىقىتىمنى تارتتى ھەم ئۇنىڭدا دىيىلگەن ئەھۋاللاردىن ئىچىم قايتىدىن ئاچچىق بولدى.گەپنى كۆپ قىلماي ئەڭ ياخشىسى بىريىل ئاۋۋال يازغان بۇ تىمامنى ئوقۇپ بىقىڭلار. بۇ تىمىنى بىر قانچە مۇنبەرگە يوللىغان ئىدىم بۈگۈن كەڭساي مۇنبىرىدىكى ئاۋۇ تىمىنى كۆرۈش بىلەن يەنە قايتا بۇ مۇنبەردىمۇ يوللاشنى ئويلاپ قالدىم. توغرا چۈشۈنۈپ ئىلمى مۇنازىرە قىلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن!!!ئاللا ھەممىمىزگە كامىل مۇستەھكەم ئىمان ئاتا قىلسۇن ئامىن!!! بىزنى چۈشەنسەڭلار
بۇدۇنيانىڭ ئىشلىرى ئاجايىپ بولىدىكەن.گاھ ئادەمنىڭ مەسلىكى كەلگۈدەك چۈشىنىشلەر بولۇپ كىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان خۇشاللىقلارغا ئىگە قىلسا گاھ ئەكسىچە سەلبىي چۈشىنىشلەر ئادەمنى چىدىغۇسىز كۆڭۈل بىئارامچىلىقىغا مۇپتىلا قىلىدىكەن.
ھەر ئادەمنىڭ ئۆزگىچە مىجەز-خۇلقى بولغىنىدەك مىنىڭمۇ ئۆزۈمگە يارىشا جاھىل دىگەننى دىگەن قىلىدىغان مىجەزىم بار ئىدى. شۇ سەۋەپتىن ئالىي مەكتەپ ئارزۇ تاللاش ئىشىغا كەلگەندىمۇ چوڭلارنىڭ گىپىگە قۇلاق سالماي ئۆز گىپىمدە چىڭ تۇرۇپ ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى تاللىدىم.چوڭلارنىڭ دىيىشىچە ئىچكىردە كىشى يۇرتىدا قىينىلىپ ئوقۇغاندىن شىنجاڭدا ئۆز مىللەتلىرى،قىرىنداشلىرى ئارىسىدا ئوقۇسا ياخشى بولىدىكەنمىش.دەرۋەقە ئۇلار گىپىنىڭ .ئاساسى بار ئىدى بىراق مەن ئۇ تۇرمۇش قۇلايلىقلىرىنى ئويلىسام ئۆزۈمنىڭ ئارزۇ-پىلانلىرى بويىچە ئىش كۆرەلمەيتىم.
ئىشلار ئادەمنىڭ نىيىتىگە باغلىق بولامدۇ قانداق ئارزۇيۇم بويىچە ئىچكىردىكى بىر ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپتىمەن گەرچە بۇ مەكتەپ مەن ئەڭ ئارزۇ قىلغان مەكتەپ بولمىسىمۇ ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەنلىكىمگە خۇشال ئىدىم.شۇنداق قىلىپ مانا ئارزۇيۇم بويىچە ئۆزگىچە مۇھىتتىكى تۇرمۇشۇم باشلىنىپ كەتتى.بۇ قىسقىغىنا تۆت يىلنىڭ بىر يىرىم يىلى چوڭلار ئىيتىپ ئۆتكەندەك قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراپ يەنە شۇلار ئۆستىدىن غالىپ كىلىپ كۈنلەرنى ئايلارغا،ئايلارنى يىللارغا قۇغلىتىپ ئۆتكۈزدۈم.
بۇ جەرياندا ھەر تەتىلدە دىگۈدەك ئۆيگە قايتتىم.ئۆيگە قايتىشقا قانچە ئاز قالغانسىرى بۇ ۋاقىتلار بەكلا ئاستا ئۆتۈۋاتقاندەك تۇيۇلىۋاتاتتى.بۇ خۇشال دەقىقىلەرمۇ كىلىپ ساۋاقداشلار بىلەن بىللە يولغا چىقتۇق.بۇ ۋاقىتتا شىنجاڭغا يىقىنلاشقانسىرى ھاياجىنىمىزنى باسالماي قالاتتۇق.مەن تۇرغان بۇ شەھەر شىنجاڭغا ئانچە يىراق ئەمەس ئىدى شۇڭا پويىز ئىككىنجى كۈنى تاڭ سەھەردە قۇمۇل چىگرىسىگە كىرگەندە بىز ئۆزۈمىزچىلا چۇرقىرىشىپ خۇشال بولۇپ كىتەتتۇق.بۇ يوللارمۇ تۈگەپ ئاخىرى ئۈرۈمچىگە كەلدۇق.پويىز ئىستانسىدىن ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە بارغۇچە ئۈرۈمچىنىڭ كوچىللىرىغا،ئۆز مىللىتىمدىن بولغان قىرىنداشلىرىمغا تويماي قارايتىم.ئۇزۇندىن بىرى كۈتۈپ كەلگەن ئەشۇ ئەزىز قىرىنداشلىرىم بىلەن ئاخىرى دىدارلاشتىم.ئۇلارمۇ مەن بىلەن كۆز يىشى قىلىپ يۈز-كۆزلىرىمنى سىلاپ سۆيۇپ كۆرۈشۈپ كىتىشتى.
تەتىل كۈنلىرىم شۇندەق قىلىپ تۈگمەس مەكتەپ،تۇرمۇش ھەققىدىكى پاراڭلىرىم بىلەن مۇڭدىشىش،خۇشال-خۇرام ئولتۇرۇپ ھوزۇرللىنىپ ھەمدەستىخان بولۇش ھەم يەنە كۆرۈشمىگىلى ئۇزاق بولغان يىقىن دوسلىرىم،تۇنۇش-بىلىشلىرىم بىلەن دىدارلىشىپ تۇرۇش بىلەن باشلاندى لىكىن بۇ ۋاقىتلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇچراتقان خىلمۇخىل ئىشلامۇ بارا-بارا كۆپىيىپ بىرىۋاتاتتى.
بىز ئاجايىپ كىشلەردىن ئىكەنمىز ئەتراپىمىزدا كىچىككىنە ئۆزگىرىشلەر بولسا شۇنىڭغا باشقىچە كۆز قاراشتا قاراپ قىلمىغان خىياللارنى قىلىپ ئاخىرى يوق تەھلىللەرنى قىلىپ كىتىدىكەنمىز.ئەتراپڭمدىكىلەر ماڭا ھەيران بولغان ھالدا بىشىمدىن-ئايىغىمغىچە قاراپ كىتەتتى ۋە ھەر خىل ئاچچىق—تاتلىق گەپلەرنى قىلىشاتتى.ئەڭ يىقىن كىشىللىرىممۇ ئانچە-مۇنچە تەنە گەپلەرنى قىلىپ قويۇپ كۆڭلۈمنى قۇرۇت يەۋالغاندەك قىلىپ قۇياتتى.يوللاردىمۇ ساۋاقداشلىرىم ئۇچراپ مىنى گەپتە چىقىپ تۇراتتى.
بىر قىتىم نەۋرە ئاچامنىڭ ئۆيىگە كىتىپ بىرىش يولىدا بىر قانچە تولۇق ئوتتۇرىدىكى ساۋاقداشلىرىمنى ئۇچرىتىپ قالدىم.ئۇلارمۇ مىنى كۆرۈپ چاقىردى مەن ئۇلار قىشىغا بىرىپ ئەھۋاللاشتىم. ئۇلارمۇ ئۈستى- بىشىمغا قارىغاچ سالام قايتۇردى.ئارىدىن بىرى:
_ھوي،ھوي باللىنىڭ بەكلا ھالى بارغۇ؟ بىز چاقىرمىغىچە بىز ساۋاقداشلىرى بىلەن كۆرۈشكىلى كەلمەيدىكەن-دە.دىسە يەنە بىرسى:
_بۇ باللا ھازىر ئىچكىردىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيدۇ بىز بىلەن كۆرۈشسە سۈپىتىگە تەسىر يەتمەمدۇ؟!-دەيتى.ئەنە شۇنداق گەپلەر بىر-بىرىگە پاس بىرىلىپ دىيىلىۋاتاتتى.ئەمدى ماۋۇ بىرسىنىڭ مۇنۇ گىپىنى قارىمامدىغان.ئۇ ماڭا قاراپ ئۆزىنى سەل چەتكە ئالغاندەك قىلىپ:
_ھەي باللا چەتتىرەك تۇرۇڭلار جۇمۇ،بۇلار بەلكىم ئىچكىردە ئەبجەش نەرسىلەرنى،ھىلىقىنىڭ گۆشىنى يەپ ئاللاقاچان بۇلغىنىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن.دىدى.بۇ گەپتىن كىيىن ھەممىسى كۈلۈشۈپ كەتتى.بۇ گەپ جان-پىنىمدىن ئۆتۈپ ئاچچىقىمدىن نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم-دە،ئۇلار بىلەن تەگىشىشنى توغرا كۆرمەي ئۇلارغا:
_كەچۈرۈڭلار،ئاچام مىنى ساقلاپ قالغانىدى.مەن ئالدىن ماڭغاچ تۇراي. دەپلا كىتىپ قالدىم.شۇ بىر قانچە كۈن كۆڭلۈم نىر خىل چىۋىن يەۋەلغاندەك بولۇپ يۈردۈم.قىرىشقاندەك شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە يەنە بىر ساۋاقدىشىم تىلفۇن قىلىپ خەنزۇچە سۆزلەپ كەتتى.ئۇنىڭ دىيىشىچە مەن خەنزۇلار بىلەن ئارلىشىپ ئوقۇپ ئۇيغۇر تىلىنى ئۇنتۇپ چۇشەنمەس بولۇپ كىتىپتىمىشمەن.مەن ئۇنىڭ گىپىگە ئۇيغۇرچە چىرايلىق گەپلەرنى قىلىپ تىلفۇننى قويۇۋەتتىم.مانا مۇشۇنداق گەپ-سۆزلەر پات-پات ئۇچراپ تۇردى.شۇ چاغلاردا كۆڭلۈم بەك يىرىم بولۇپ يالغۇز خالىي جايلارغا بىرىپ يىغلاپ كىتەتتىم.
دەرۋەقە مەن مۇسۇلمان ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمدىن،مىھرىبان ئاتا-ئانامدىن ۋە سىرداش دوسلىرىمدىن ئايرىلىپ ئۆزگە مىللەتلەر ئارىسىدا،ئىچكىردە ئوقۇۋاتىمەن.ئەجىبا ئىچكىردە ئوقۇش گۇناھمۇ؟! مەنغۇ شىنجاڭغا ئەڭ يىقىن،مۇسۇلمانلار بىر قەدەر كۆپ بولغان بىر شەھەردە ئوقۇۋاتىمەن.مەن تۇرغان بۇ شەھەردىنمۇ يىراق بولغان،مۇسۇلماننىڭ ۋە مۇسۇلمانچە يىمەكلىكلەرنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئانچە بىلمەيدىغان شەھەرلەردە ئوقۇۋاتقان قىرىنداشلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس.ئۇلار ئەنە شۇ يۇرتقا بىرىش ئۈچۈن بىر قانچە كىچە-كۈندۈز،بىر قانچەمىڭ كىلومىتىر يولنى بىسىشىغا توغرا كىلىدۇ.ئەنە ئاشۇنداق يول ئازابىنى بىسىپ تۈگۈتۈش ئاسانمۇ؟!
شىنجاڭ تورى ئىتىلىپ قالغان بۇ بىر مەزگىلدە مەن ئىچكىردە ئوقۇۋاتقان بىر قانچە قىرىنداشلار بىلەن توردا ئەھۋاللىشىپ قالدىم.مەن پاراڭلاشقانلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى ماڭا ئوخشاش مۇئامىلىلەرگە كۆپ ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەچ بەزىبىر قىيىنچىلىقلارنى ھىسابقا ئالمىغاندا ئىچكىردە ئوقۇۋاتقانلىقىغا ھەرگىزمۇ پۇشايمان قىلمايدىغانلىقىنى،بەزىبىر باشقىلار ئىزدەپمۇ تاپالمايدىغان پۇرسەتلەر ۋە شارائىتلارغا مۇيەسسەر ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى.بىر قىتىم شەرقىي شىمال ئۈنۋىرسىتىدا ئوقۇۋاتقان جەنۇبىي شىنجاڭلىق بىر قىرىندىشىمىز بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم.ئۇ ماڭا ھەر قىتىمقى تەتىلدىكى ئۆيگە قايتىش ۋە مەكتەپكە قايتىشتىكى يول ئازابىنى ئويلاپ بىشىنىڭ قاتىدىغانلىقىنى،تاماق جەھەتتىمۇ قىينىلىۋاتقىنى لىكىن ئۆزىنىڭ يەنىلا غەيرەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەچ مىنىڭ شىنجاڭغا يىقىن،مۇسۇلمان قىرىنداشلارنى قەدەمدە بىر ئۇچراتقىلى بولىدىغان شەھەردە ئوقۇۋاتقانلىقىمغا شۈكرى قىلىپ خوش بولۇشىمنى ئېيتتى.ھەم ئاخىرىدامۇنداق دىدى:
_ئىچكىردە بۇنداق جاپا چىكىپ ئوقۇش بىز بىلەنلا كەتسۇن.كىيىن بالام ئىچكىردە ئوقۇيمەن دىسە جان-جەھلىم بىلەن توسۇيمەن ھەم بالامدىن-بالامغا بۇنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەن بۇنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى تۇتالماي كۈلۈپ كەتتىم.
دەرۋەقە بىز ئەنە شۇ ئۆزگە يۇرتتا ئۆزگىچە كىشلەرگە ئارلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرۈپ ئوقۇۋاتىمىز.بۇ يۇرۇتلاردا ياشاش ئاللاھ خالىسا بىزنى ھەگىزمۇ شۇ مۇھىتتىكىلەر بىلەن ئوخشاش بولۇپ كىتىدىغانلىقىمىزدىن دىرەك بەرمەيدۇ.سىلەر ئويلاپ تىگىگە يىتەلمەيدىغان پۇرسەت ۋە مۇھىتلار بىزگە مۇيەسسەر بەلكىم شىنجاڭدا ئوقۇغان بولساق ئۇ تاپقۇسىز پۇرسەتلەرگە بىزگە مۇيەسسەر بولماسلىقى مۇمكىن ئىدى.بۇ گەپلەر بىزنىڭ يۇرتىمىز شىنجاڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلىقىمىزدىن دىرەك بەرمەيدۇ.بۇ بىر ئەمەلىيەت.
قىرىنداشلىرىم، بىزنى چۈشەنسەڭلار!بىز سىلەر ئويلىغاندەك ئۇنداق ئۆزگىرىپ باشقىچە بولۇپ كىتىۋاتقىنىمىز يوق ھەم بۇنداق بولۇشتىن ئۇلۇغ ئاللا ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي.بىزنىڭ ئارىمىزدا سىلەر ھەۋەس قىلىپ ئاپىرىن ئوقۇغۇدەك قىرىنداشلىرىمىز ئاز ئەمەس ئەكسىچە ئۆزگەرمىدى ئەمەس بوشاڭلىق،ئىرادىسىزلىكى تۈپەيلى ئۆزگەرگەنلەرمۇ ئانچە-مۇنچە ئۇچراپ تۇرىدۇ لىكىن ئۇلار ھەممىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.ئىچكىردىكى ئاشۇ مۇھىت بىزنى ھەشەم-دەرەمدىن،غەيۋەت-شىكايەتتىن ئامال بار يىراق قىلىپ ئاددىي-ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈشكە،جاپاغا چىداپ غەيرەت قىلىش روھىغا ئىگە قىلىپ تاۋلاۋاتىدۇ بەلكىم شىنجاڭدا ئوقۇغان بولساق ئاشۇ ئارىمىزدىكى بىر قىسىم بايۋەتچىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي قالمايتۇق. ھازىرقى قىياپىتىمىز،پىكىر قىلىش يولىمىز ئەنە شۇ سىلەرنىڭ ئىدىيىسىڭلاردىكى سىلەر بىلىدىغان<<ھازىرقى زامان زامانىۋىي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىىللىرى>>دىن بولۇپ قىلىشىمىز مۇمكىن ئىدى.
قەدىرلىك قىرىنداشلىرىم،بىزنى چۈشەنساڭلار!بىز ئىچكىردە ئوقۇۋاتقان قىرىنداشلارغا توغرا كۆز قاراش بىلەن مۇئامىلە قىلساڭلار.بولسا بىز بىلەن كۆپرەك ھەم سۆھبەتتە بولۇپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئۆز-ئارا ئۆگىنىش،ئۆگىتىش بىلەن مەشغۇل بولساق.ئامال بولسا سىلەرمۇ مۇھىت ئالماشتۇرۇپ يۇت ئارلاپ ئۆزگە يۇرتلارنىڭ ياخشى تەبىئى،ئىجدىمائىي مۇھىتلىرىدىن،شارائىتلىرىدىن ۋە مەدەنىيەتلىرىدىن ھوزۇر ئېلىپ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرساڭلار.بىز سىلەرنىڭ ھەقىقى چۈشىنىشىڭلارغا ۋە ئىلھام مەدەتلىرىڭلارغا چىن قەلبىمىزدىن مۇھتاجمىز قىرىنداشلىرىم.
2010/2/21