شىنجاڭدىكى مەسىلىلەر ئاللا بۇرۇن ھەل بولغان ! قورساق توق كىيىم پۈتۈن يەنە قانداق مەسىلە بولماقچىدى ! <<قوش تىللىق مائارىپ>>نىڭ يولغا قويىلىشى بىلەن ئۇيغۇر سىتودېنتلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلۇشۇش نېسبىتى100دە 200 % كاپالەتكە ئېگە بولدى ! بۇ يەردە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەردەك چوڭ مىللەتچىلىك دەيدىغان نەرسە مەۋجۈت بولمىسا يا! تۆۋىنى ئىشىك باقارلىقتىن تارتىپ يۇقىرى ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ مۇئاۋىن سېكىرتارلىقىغىچە ھەممە كەسىپتە ئۇيغۇرنى تاپقىلى بولىدۇ . ھۆكۈمەت تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا قېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا كاللەك كاللەك قىلىپ ئايدا 250 سومدىن پۇل تارقىتىپ بېرىۋاتسا ....بىرئائىلىدە بىرمۇ خىزمەتچى بولماسلىق مەسىلىسى ئەمەلىلىشىپ ئانا يۇرتىدا ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرالمايۋاتقان ياشلار ئىچكىرىگە بېرىپ ھەقسىز تاماق ھەقسىز ياتاق ھەقسىز <<ئىقتىساسلىشىش>> پۇرسىتىگە ئېگە بولىۋاتسا يەنە تۈگىمەيدىغان قانداق يۈزى قېلىن مەسىلىكەن بۇ ! ئۇيغۇرلار چاغاندا خەنزۇ يولداشلار قۇربان ھېيتتا ھېيت ئوينايدىغان بۇنداق ئېناق جەمىيەتتە تۈگىمەيدىغان قانداق دېگەن يۈزى قېلىن مەسىلىكەن بۇ ! ئەمەلىيەتتە ئەھۋال يولداش جىياڭچۈنشەن ئېيتقاندەك <<ئېنتايىن ياخشى>> ھەرگىزمۇ بىر ئۇچۇم <<مىللى بۆلگۈنچى >><<زوراۋان تېرورچى >><<ئونسۇرلار>> ئېيتقاندەك ئۇنچىلىك ناچار ئەمەس! چارلاش ساقچىلىرىنىڭ كېچىنى كېچە دېمەي ئۆي - ئۆيلەرنى كوچا كويلارنى تېنتىشى نەتىجىسىدا كوچىدا قالغان ۋېلسىپىتلىرىمىزنى ئوغرى ئالماس بولدى ! كەپتەرلىرىمىزنىڭ كاتەكلىرىگە قۇلۇپ سېلىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمىدى!
ھەي! مۇشۇنداق ئېناق ۋەزىيەتنى قەدىرلاپ ئىتتىپاقلىشىپ قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرلىمەي بىخود يۈرگەن كىشىلەرنى كۆرسەم......
غەزىپىم كېلىدۇ !