14- قەۋەتكە:
ئوتتا كۈيۈپ، سۇدا ئېقىپ، ئۇرۇشتا قاتتىق پارتىلاشتا ھاۋاغا ئايلىنىپ كېتىپ ئۆلۈش... قاتارلىقلار تەغدىر، قىسمەت، قازا ۋە قەدەر دەپ ئاتىلىدۇ. ھەممە نەرسىنىڭ بىر ئۇسۇلى، بىر قانۇنى، بىر پىرىنسىپى، بۇلىدۇ. بىز مۇسۇلمانلار ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن ۋاپات بولساق ئۇسۇلىغا ئۇيغۇن يۇيۇپ، كېپەنلەپ، نامىزىنى چۈشۈرۈپ، يۈزىنى قىبلىغا قارىتىپ، بېشىنى شىمالغا، پۇتىنى جەنۇپقا قىلىپ دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە دەپنە قىلىمىز. جەسىدى تېپىلمىسا ئۆلگەنلىكىگە پىكىر بىرلىكىگە كەلسە ئۇ كىشىنىڭ ئىسمى ۋە جىنسىنى ئاتاپ تۇرۇپ، شۇ كىشىنىڭ ياكى كىشىلەرنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشكە نىيەت قىلىپ تۇرۇپ غايىۋى جىنازا نەمىزى ئۇقۇيمىز.
ھەممە نەرسىنىڭ بىر قانۇنىيېتى، بىر ئۇسۇلى بولىدۇ. مېسىلەن: لەغمەننى چۇكىدا يەيمىز، سۇيقاشنى قۇشۇقتا ئىچىمىز. لەغمەننى ئىشتىم دېسەك بولمىغاندەك، سۇيغاشنىمۇ يېدىم دىسەك توغرا بولمايدۇ.
جۇنگۇدا بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدا ئامىركىنىڭ دۆۋلەت شىئىرى ئۇقۇلمايدۇ. ئامىركىنىڭمۇ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدا جۇنگۇنىڭ دۆۋلەت شىئىرى ئۇقۇلمايدۇ. مۇسۇلماننىڭ جەسىدى ھىچ بىر زامان، ھىچ بىر يەردە، ھىچ بىر بانا ۋە سەۋەپتىن مۇتلەق كۆيدۈرۈلمەيدۇ.
سىز بىر مۇسۇلمان بولسىڭىزمۇ، خىرىستىيان، كاتولىك بولسىڭىزمۇ، كومۇنىست، ئاتائىست ياكى ھەر نىمە بولسىڭىزمۇ بۇنى بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك.