بىزنىڭ ئاتا-ئانىلاردىن ئاغرىنىدىغان يولىمىز يوق دەپ ئويلايمەن.بولۇپمۇ مەن شۇنداق،ئەتراپىمدا كۆرىۋاتقان دوسلىرىم
شۇنداق.نۇرغۇن ئاتا-ئانىلاردا بالىلىرىنى تەربىلىيەلىگۈدەك ئىسلامىي ئىلىم يوق،شۇڭا ئۇلار ئۆگىتىشكە ئامالسىز.ئۇلار مانا مۇشۇنداق ئۆزلىرى ئامالسىز قالغاچقا بىزنى باشقىلارنىڭ قولىدا ئوقۇتىۋاتىدۇ،نېمىنى دېسەك قىلىپ بېرىۋاتىدۇ،مۇشۇ بالام بىر نەرسىنى
بىلىۋالسىكەن دەۋاتىدۇ،ئەمدىكى گەپ بىزدە قالدى؟ھەر بىرىمىزنىڭ ئەتراپىدا يوق دېگەندىمۇ بىر ياكى ئىككى تەقۋا بالا ياكى ھەمشىرە بولىدۇ.دىننى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەرمۇ ھەم كۆپ بولىدۇ،ئەلۋەتتە ئەتراپتىكى مۇشۇنداق مۇھىت ئىلىم ئىگەللەۋاتقان كىشى ئۈچۈن ئويلىنىشقا،تەپەككۇر قىلىشقا،ئىبرەت ئېلىشقا تىگىشلىك ئىدى.بىراق بىز پەرۋا قىلمىدۇق،قىلساقمۇ بىر دەملىك ھاياجانلىنىپ توختاپ قالدۇق.بۇرۇنقىسىنى ئاتا-ئانىمىزدىن كۆرۈدۇقمۇ دەيلى،لېكىن ھازىرقىدەك مۇشۇنداق ئۇچۇر دەۋرىدە
ئۆگىنىشكە تولۇش شارائىت بار تۇرۇپ،يەنە كاللىمىزنى چايقىمىغان،بىلگەن سەنىمىگە دەسسەپ يۈرگەن بالىلارغا باشقىلاردىن
ئاغرىنىش ئارتۇقچە.