*CV I@:Q9
1949- يىلى 5- ئايدا شاڭخەي ئازاد قىلىنغاندىن كىيىن، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى شەرقىي جۇڭگو ھەربىي رايونى 3- دالا ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى سۇيۈينى 9- بىڭتۇەننى تەشكىللەپ، تەيۋەننى ئازاد قىلىش تەييارلىقىنى ئىشلەشكە مەسئۇل قىلدى. 1950- يىلى 1- ئايدا 3- دالا ئارمىيىسى شىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنىنى ئېچىپ، قىسىمنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە تەيۋەن ئۇرۇشىنى مەركەز قىلىشنى تەلەپ قىلدى. شۇ ئايدا شياۋجىنگۇڭ دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەندى ھەمدە نۆۋەتتىكى بىرىنچى ۋەزىپىسى دېڭىزدىن ئۆتۈپ 3- دالا ئارمىيىسىگە ماسلىشىپ ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق تەيۋەننى ئازاد قىلىش ئىكەنلىكى ھەققىدە بۇيرۇق تاپشۇرۇپ ئالدى. 6- ئاينىڭ باشلىرىدا سۇيۈي 7- نۆۋەتلىك پارتىيە مەركىزى كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىغا تەيۋەننى ئازاد قىلىش تەييارلىق خىزمىتىنىڭ ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. ھەمدە تەيۋەن جېڭىنى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ بىۋاسىتە تەشكىللىشىنى تەلەپ قىلدى. ماۋزېدوڭ سۇيۈيگە ئىشەنگەچكە بۇ جەڭگە يەنىلا سۇيۈينىڭ مەسئۇل بۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 3- دالا ئارمىيىسى دەسلەپتە تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا سەككىز جۈن قاتناشتۇرۇشنى بېكىتتى. تەيۋەن جېڭىنى بالدۇرراق باشلاش ئۈچۈن 3- دالا ئارمىيىسى 7-، 10- بىڭتۇەندىن جوشەن، جىنمىننى ھۇجۇم بىلەن ئېلىشنىڭ تۈرلۈك تەييارلىقلىرىنى تىزلىتىشنى ھەمدە جوشەن، جىنمىندىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ جەڭ قىلىشنى تەيۋەن جېڭىنىڭ ئەمىلى مانېۋىرى قىلىشنى تەلەپ قىلدى. KhPDXY]!
دەل شۇ جاغدا ئارمىيىمىز تەيۋەننىڭ چەتئەلدىن ياللانما قوشۇن كىرگۈزۈپ، ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاخباراتقا ئىگە بولدى. 3- دالا ئارمىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى تېزلىكتە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا : «تەيۋەننىڭ ھازىر تەخمىنەن يەتتە جۈن ئەسكىرىي كۈچى بار، ئۇنىڭ ئۇرۇش قىلىش قىسىملىرى 130 مىڭدىن 140 مىڭ ئەتراپىدا، ئەگەر بۇنىڭغا ياللانما قوشۇننى قوشقاندا جياڭ جيېشىنىڭ تەيۋەندىكى ئەسكىرىي كۈچى 200 مىڭ كىشىگە يىتىدۇ. ئەسلىدە بەلگىلەنگەن 3- دالا ئارمىيىسىنىڭ سەككىز جۈنىنى ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇش ئازلىق قىلىدۇ، شۇڭا 3- دالا ئارمىيىسىنىڭ ھەممىسىنى ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇش كېرەك . شۇنداق بولغاندا بۇنىڭغا ئارقا سەپ خادىملىرى بىلەن ئالاھىدە قىسىمنى قوشقاندا 500 مىڭ كىشى بولىدۇ » دەپ دوكلات قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئارمىيىمىزنىڭ ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسكىرىي كۈچى بىرىنچى قېتىم زور دەرىجىدە تەڭشەلدى. 3- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 5- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە 4- دالا ئارمىيىسىنىڭ 1- قىسمى خەينەن ئارىلى جېڭىنى قوزغاپ، دۈشمەننىڭ 33 مىڭدىن كۆپرەك ئادىمىنى يۇقۇتۇپ، پۈتۈن ئارالنى ئازاد قىلدى. جياڭ جېشى خەينەن ئارىلىدىكى ساۋاقنى كۆزدە تۇتۇپ، «بارلىق ئەسكىرىي كۈچنى توپلاپ تەيۋەننى ساقلاپ قېلىش» ئۈچۈن جوشەندىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلدى. تەيۋەن خەينەن، جوشەنلەردىكى ئەسكىرىي كۈچلەرنى يۆتكەپ كېلىپ موداپىئەنى كۈچەيتكەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ئەسكىرىي كۈچىنى 200 مىڭ كىشىدىن 400 مىڭ كىشىگە يەتكۈزدى. دۈشمەن ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئارمىيىمىزمۇ ئەسكىرىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ 16 جۈندىن كۆپرەككە يەتكۈزدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىمقى جەڭنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنىڭ سالمىقى زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىپ ، تەيۋەن جېڭىنى باشلاش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلدى. ئارمىيىمىز تەيۋەن جېڭىگە قاتنىشىدىغان ئەسكىرىي كۈچىنى كەينى كەينىدىن كۆپەيتكەچكە، قىسىملارنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزىدىغان كېمىلەرنىڭ يېتىشمەسلىكى تەيۋەن جېڭىنى بالدۇر باشلاشقا توسالغۇ بولۇپ قالدى. 1950- يىلى 6- ئايدا ئارمىيىمىز تەيۋەن جېڭىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتقان پەيتتە، (25- كۈنى) چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتلىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىتى 1949- يىلى 8- ئايدىن كېيىنكى قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇشتىن، بىۋاسىتە قۇراللىق ئارىلىشىشقا ئۆزگەردى. خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئارمىيىمىز بىرلا ۋاقىتتا شەرقىي شىمالدىكى چاۋشيەن بىلەن شەرقىي جەنۇبتىكى تەيۋەندىن ئىبارەت ئىككى ئۇرۇش يۆنىلىشىگە يۈزلەندۈردى. بىرلا ۋاقىتتا ئىككى تەرەپتە ئۇرۇش قىلىش ماۋزېدوڭنىڭ ھەربىي ئىدىيىسىگىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيتتى، دۆلەتنىڭ كۈچىمۇ يار بەرمەيتتى. qvs[Gkaa@
10- ئاينىڭ 19- كۈنى پىدائىي قىسىملار چاۋشيەنگە كىردى. 11- ئايدا ئەسلىدە تەيۋەن جېڭىنىڭ 1- سەپ قىسمى قىلىنغان 3- دالا ئارمىيىسىنىڭ 9- بىڭتۇەنى بۇيرۇق بويىچە ئۇرۇشقا قاتنىشىش ئۈچۈن چاۋشيەنگە باردى. شۇنداق قىلىپ ئارمىيىمىزنىڭ ئاساسىي سىتىراتىگىيىلىك يۆنىلىشى شەرقىي جەنۇبتىكى تەيۋەندىن پۈتۈنلەي شەرقىي شىمالدىكى چاۋشيەنگە بۇرالدى. ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىمۇ تەيۋەننى ئازاد قىلىپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش، ۋەتەننى قوغداشقا ئۆزگەردى. }]pO R&o
W,%qL6qV
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى، 1993- يىل 13- ئىيۇل |vj!,b88n#