5@P2Z]Q
1949- يىلى 5- ئايدا شاڭخەي ئازاد قىلىنغاندىن كىيىن، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى شەرقىي جۇڭگو ھەربىي رايونى 3- دالا ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى سۇيۈينى 9- بىڭتۇەننى تەشكىللەپ، تەيۋەننى ئازاد قىلىش تەييارلىقىنى ئىشلەشكە مەسئۇل قىلدى. 1950- يىلى 1- ئايدا 3- دالا ئارمىيىسى شىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنىنى ئېچىپ، قىسىمنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە تەيۋەن ئۇرۇشىنى مەركەز قىلىشنى تەلەپ قىلدى. شۇ ئايدا شياۋجىنگۇڭ دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەندى ھەمدە نۆۋەتتىكى بىرىنچى ۋەزىپىسى دېڭىزدىن ئۆتۈپ 3- دالا ئارمىيىسىگە ماسلىشىپ ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق تەيۋەننى ئازاد قىلىش ئىكەنلىكى ھەققىدە بۇيرۇق تاپشۇرۇپ ئالدى. 6- ئاينىڭ باشلىرىدا سۇيۈي 7- نۆۋەتلىك پارتىيە مەركىزى كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىغا تەيۋەننى ئازاد قىلىش تەييارلىق خىزمىتىنىڭ ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. ھەمدە تەيۋەن جېڭىنى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ بىۋاسىتە تەشكىللىشىنى تەلەپ قىلدى. ماۋزېدوڭ سۇيۈيگە ئىشەنگەچكە بۇ جەڭگە يەنىلا سۇيۈينىڭ مەسئۇل بۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 3- دالا ئارمىيىسى دەسلەپتە تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا سەككىز جۈن قاتناشتۇرۇشنى بېكىتتى. تەيۋەن جېڭىنى بالدۇرراق باشلاش ئۈچۈن 3- دالا ئارمىيىسى 7-، 10- بىڭتۇەندىن جوشەن، جىنمىننى ھۇجۇم بىلەن ئېلىشنىڭ تۈرلۈك تەييارلىقلىرىنى تىزلىتىشنى ھەمدە جوشەن، جىنمىندىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ جەڭ قىلىشنى تەيۋەن جېڭىنىڭ ئەمىلى مانېۋىرى قىلىشنى تەلەپ قىلدى. `Q