باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 8194 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/8     Go
تېما: چەتئەللىكلەر-ئۇيغۇر ئەرلىرى يارىماس
دوستلىشىش
samanyoli
ھەربىر قىيىنچىلىقنىڭ  كەينىدە بىر ئاسانچىل ..
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1230
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1230دانە
ئۆسۈش: 5590 %
مۇنبەر پۇلى: 16284 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2011-10-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-08 10:22

چەتئەللىكلەر-ئۇيغۇر ئەرلىرى يارىماس

كۆچۈرمىكەشلىك بولسىمۇ لېكىن ياخشى ئەسەر بولغانلقى ئۈچۈن ،جىقراق كىشىلەر كۆرسۇن دىگەن مەقسەتتە كۆچۈرۈپ قويدۇم،ئەسەر ھەم مەنبەسى بولغان مۇنبەر ئىگىلىرىدىن كەچۈرۈم سورايمەن.




چەتئەللىكلەر : ئۇيغۇرئەرلىرى يارىماس؟
مۇقەددىمە؛ئەرەبتىن ئاڭلىغانلىرىم،ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئاھۇ-زارى
مەسلە زادى كىمدە؟تۈركلەر قانداق قىلىدۇ؟


       ھەر يىلى ئاياللار بايرىمى كەلگەندە ،ئۆزۈمنىڭ ھەقىقى ئەركەكلەرنىڭ ئشنى قىلالمىغانلىقىمدىن ئەپسۇسلىنىمەن.ئوچۇقىنى دىسەم  ئىنتايىن يارىماسلىقىمنى ھىس قىلىمەن.چۈنكى  مەن سىڭىللىرىم،ئاچىلىرىم ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىم ئىچىدىكى قىزلارغا مەسئۇل ،كۆيۈمچان تۇققان بولالمىدىم.ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتىكى يولۇققان قىينچىلىقىغا مەسلىھەتچى  ،تۈۋرۈك بولالمىدىم.شۇڭا قىز-ئاياللىرىمىز ھەققىدە بولۇنغان ھەرقانداق ئەيىبلەش،مەسخىرە قىلىش،ھاقارەتلەشكە قارىتا، مىللەت ھەققىدە گەپ ساتقۇدەك،ھىچكىمگە نەسھەت قىلغۇدەك،قىزلارنى تەنقىت قىلغۇدەك ھەققىم،سالاھىيتىم يوق دەپ قارايمەن.ئۈرۈمچىدە كۆزۇمگە كۆرىنىدىغىنى –قىز-ئاياللارنىڭ مۇرەككەپ تۇرمۇش قاينىمىدىكى يالغۇزلۇقى، ئامالسزلىقى.ئەمما ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسزلىكى. ئۇزۇندىن بىرى ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى ھەققىدىكى ئويلىنىشىم،ئۇلارنىڭ مەسللىرى ھەققىدىكى خىياللىرىم توختىمىدى،گىزىت-ژۇرناللارغا بىسىلغان ماقالىلاردا ئاياللارغا نەسھەت قىلىدىغان ماقالىلار ئۇزۇلمەيتتى،‹‹جەمئىيەت ئىنتايىن چىرىكلەشتى،ئۇيغۇر جەمئىيتىنڭ مەۋجۇتلۇقى ياخشى ئانىلارغا باغلىق ››دىگەن ئىددىينى ئاساس قىلغان، ناچارلارنى تەنقىتلەيدىغان ،ياخشلارغا ئىلھام بىرىدىغان مەزمۇندىكى يازمىلار توختىماي چىقىپ تۇردى.ئىنتر تورىدا بولسا،ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغان،ھەتتا ھاقارەت قىلىدىغان يازمىلار كۆپ يىزىلدى.‹‹ئاياللار بۇزۇلۇپ كەتتى ››دىگەن قاراشنى ھەممە ئادەمگە ئومۇملاشتۇرۇشنى ۋەزىپە قىلىۋالىغان جەميەتشۇناسلار شىنجاڭ مەدەنىيتى قاتارلىق نەشر ئورۇنلىرىدا ئاياللارنى توختىماي  قامچىلىدى،ئەمما ئاياللار زادى قانچىلىك بۇزۇلدى؟بۇنىڭ سەۋەبى زادى نىمە؟بۇنى قانداق ھەل قىلىش كىرەك؟ دىگەن مەسلىگە جاۋاب تىخى بولمىدى.

‹‹ئەرەب››تىن ئاڭلىغانلىرىم!

         2003-يىلى تور چايخانىسدا بىر قىز بىلەن تونۇشتۇم،ئۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى بىر ئەرەبكە ياتلىق بولغان ئۇيغۇر قىزى ئىدى،قسقىچە ئەھۋاللاشقاندىن كىين ئۇنىڭدىن، ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن ئىغىر تويلۇق بىلەن ئەرەبكە ياتلىق قىلىنغانلىقىنى،يولدىشنىڭ يەنە باشقا ئىككى ئەرەب ئايالى بارلىقىنى،يولدىشنى ئانچە ياقتۇرمايدىغانلىقىدەك ئشلارنى ئۇقتۇم.بۇ ئۇيغۇر قىزى بىلەن ئەرەب مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئۇققان تۇنجى ئۇچۇرۇم ئىدى.كىين بىر تىل مەكتىۋىدە ئەرەب تىلى مۇئەللىمى بولۇپ يۈردۈم،شۇ چاغدا،خۇددى چولپان  بولۇشتىن قىچىپ يۈرۈپ كۇرۇسقا كىرىۋالغاندەك چىرايلىق بىر قىز دەرسكە قاتناشتى.ئۈچنچى كۈنى مەن ئۇنىڭدىن ئەرەب تىلى ئۆگنىش مەقسدىنى سورىدىم،ئۇ قىز‹‹ دۇبەيگە چىقماقچى ئىدىم›› دىدى ،ئەمما چىرايىدا بىر خىل خىجىللىق ئەكس ئەتتى.دەم ئىلىش ئارلىقىدا ئۇنى دەرسكە باشلاپ كەلگەن بىر دوستۇم ئۇ قىز ئەرەبكە ياتلىق بولماقچى (يەنى ئىككىنچى خوتۇن بولماقچى)دىدى.شۇنىڭدىن كىين چەتئەللەردە يۈرىدىغان دوستلىرىمدىن،ئۈرۈمچىدىكى تۇققانلارنىڭ ئاغزىدىن ئەرەبلەر،پاكستانلىقلار،ھەتتا خەن يولداشلار بىلەن تويلاشقانلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ،‹‹بۇنداق ئشلار كۆپمۇ نىمە ،بۇنداقلا زادى قانچىلىكتۇ؟›› دەپ ئويلىدىم،ئەمما ئىنىق مەلۇمات بولمىدى.لىكىن شۇ چاغدا ئويلىغىنىم:بۇنداق قىزلار پۇلنى دەپ ھەممىنى قىلىدۇ، ،چەتئەللىككە قىزىزىقىپ،ئۆزىنى ئالاھىدە كۆرسەتمەكچى بولغان دەپ پەرۋا قىلمىدىم.بۇ ئشلار ئۆتتى، تۈگىدى.
2008-يىلى بىر ئەرەب بىلەن ئۈرۈمچىدە 2 ئايغا يىقىن بىللە يۈردۈق.بۇ ئەرەب تۇمارس مىھمانخانىسدا بولغان پاكستانلىق ئىككى ئەر،ياپونلۇق بىر قىز (خەنزۇ تىلى ئۆگەنگۇچى)،بىر خەنزۇ قىز (شنجاڭ ئۇنىۋىرستىتىدىن)، ى،بىر روس ئەر (شىركەت خوجايىنى) ئوتتۇرسىدا بولغان سۆھبەت ئارلىقىدا ‹‹ئۇيغۇر ئەرلىرى يارىماس،ئاياللىرى بەك جانلىق››دىدى،(كىين ئۇقسام بۇ گەپنى دەسلەپتە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى دىگەنىگەن،‹‹دۇنيا ئەر دەپ يىغلايدۇ›› دىگەندەك يازمىلاردا )
          سورۇندىكىلەر ھەممىسى ئورتاق ئىنگىلىز تىلىدا سۆزلىشەتتۇق،مەن تۇيۇقسز بۇ گەپنى ئاڭلاپ ناھايتى چىچىلدىم،ئەمما شۇ يەردىلا ئەرەب ناھايتى ئۇزۇن سۆزلىدى:مەن شنجاڭغا كىلىشتىن بۇرۇنلا ئۇيغۇرلارنى بىلەتتىم،ئۇيغۇر ھەققىدە ئاڭلىغان تۇنجى ھىكايەم بىر ئايالدىن باشلانغان،شۇ چاغدىلا بۇ يەرنىڭ ئەرلىرىنىڭ يارىماس ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغان،ئەمدى بۇ يەرگە كىلىپ كوچا-كويلاردا يۈرىۋاتقان قىزلارنىڭ كۆپچىلىكىگە قاراپ ئىنىق ھس قىلدىم،سلەرنىڭ ئەرلەر ئائىلە تۇتۇشنى بىلمەيدۇ،سلەرنىڭ ئاياللىرىڭلار چەتئەللىك ئەرلەر بىلەن كۆپ ئۇچراشماپتۇ،ئەگەر ئۇچراشسىلا سلەرنىڭ يىنىڭلارغا ھەرگىز قايتىپ كەلمەيدۇ،سلەر ئاياللارنى ھۆرمەت قىلمايسلەر،ئۇلارنى پۇل تىپىش،جان بىقىش ئۈچۈن كوچىغا چىقىرىپ قويسلەر،قىزلار ئاسي بولسا،ئۇلارنى بۇزۇق دەپ ئارىغا ئالمايسلەر،ئەمما ئۇلارنى ئوينايدىغان ئويۇنچۇق قىلىۋالىسلەر،.....بىر قىزنىڭ يولدىن چىقىشى كىمنىڭ مەسئۇلىيتى؟ دادىنىڭ ياكى ئۇنىڭغا سەمىمىيەتسزلىك قىلغان ئەركەكنىڭ .بىر ئايالنىڭ يولدىن چىقىشى كىمنىڭ مەسئۇلىيتى؟ئۇنىڭ ئىرىنىڭ.ئەگەر خالىمساڭمۇ ساڭا كۆرستىپ قوياي دىدى ۋە ياپونلۇق قىز ،مەن ۋە پاكستانلىق ئەلى تۆتەيلەن كونسۇل كوچسغا چىقتۇق.ھازىرقى ئىلزابىت مىھمانخانىسى بار دوقمۇشتا  ئۇزۇم،ئالما ستىۋاتقان (باققال)بىر ئايالنىڭ بىشدا قاراپ تۇردۇق،ئايال 45 ياشلار ئەتراپىدا بولۇپ يالغۇز ئىدى،مىۋە-چىۋىلىرى ئىنتايىن ئاز ئىدى،ئەمما يىقىن كىلىپ قارىغاندا،ستىۋاتقان ئالما،ئانارلىرى،ئۇزۇملىرى ئۇنچە سۇپەتسز ئەمەس ئىدى،ئۇنىڭ يىنىدا بولسا 30 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئەر خىلى چىرايلىق بىزەلگەن باققالچىلىق دۇكىنىدا تۇراتتى،ئۇنىڭكىدە مىۋىلەرنىڭ تۈرلىرى كۆپ ئىدى،ئەرەب ماڭا‹ ئوبدان قارا ›دىدى،قارسام ئۇ ئەرنىڭ باققال ئورنىغا 10 مىنۇت ئىچىدە 6 ئادەم كىلىپ 4ى مال سىتىۋالدى،ئۇنىڭ ئالمسنىڭ كىلوسى 2 يۇۋەن قىممەت ئىدى،ھىلىقى ئايالنىڭ بولسا ئەرزان ئىدى،خىرىدارلار ئۇنىڭ يىنىدىن باھاسىنىمۇ سورىماي ئۆتۇپ كىتەتتى.بۇ چاغدا ئەرەب ماڭا مۇنداق دىدى،مانا ئۆزۇڭ تەرجىمە قىلىپ بەردىڭ،ئايالنىڭ ئالمىسى ئەرزان ئىكەن،ھىلىقى خىرىدارلار ئاۋۇ ئەرنىڭ ئالمسنى ئالمىسا ئۇ ئەرگە ھىچقانداق چوڭ زىيان بولمايدۇ،چۇنكى ئۇنىڭ دۇكىنى چوڭ،ئىقتىسادى ئاساسى ياخشىراق،ئەمما بۇ ئايال ئالدىدىكى مۇشۇ بىر نەچچە كىلو ئالمىغا تاينىپ قالغان،شۇڭا ئۇنىڭ ئالمىسنى سەن سىتىۋال دىدى.مەن سىتىۋالدىم،(كىين)بىر كۇرۇستنىڭ ياتىقىدىكى بالىلارغا ئاپىرىپ بەردىم.كىين ئەرەب ئۇ ئايالدىن كۇنىدە نەچچە پۇل تاپىدىغانلىقىنى،مىۋىنى نەدىن ئالىدىغانلىقىنى،بالىلىرى بار-يوقلۇقىنى،يولدىشنى سورىدى،ئايال كۇندە     60-70يۋەن سودا قىلىدىغانلىقىنى،ئىككى بالسدىن بىرىنىڭ 14 ياش،بىرىنىڭ 10 ياش ئىكەنلىكىنى ،بالىلىرىنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى ،يولدىشنىڭ ھاراقكەش،قىمارۋاز ئىكەنلىكىنى،ئۆزلىرى بىلەن كارى يوقلۇقىنى،ئاجرشالمايۋاتقانلىقىنى ئىيتتى.ئۇ ماڭا مۇشۇ ئايالنىڭ بالىلىرىغا ئوقۇش پۇلىدا ياردەم قىلىش يولى ھەققىدە ئىزدىنىدىغانلىقىنى،ئۇنىڭ ئادىرس،تىلىفۇن نۇمۇرلىرىنى خاتىرلىۋىلىشنى ئىيتتى.ھەم ماڭا تەۋسيە قىلدى.كونسۇل كوچسدىن چىقىپ بولغۇچە ئەرەب يولدىن ئۆتكەن قىزلاردىن كەم دىگەن 6-7 نى پاھشە قىز دىدى،مەن ئۇلارنىڭ كىيم-كىچىكى،تەقى-تۇرقىغا قاراپ 2-3نى شۇنداقمىكىن دەپ قالدىم،ئەمما باشقسنى ئۇنداق ھۆكۈم قىلىش خاتا دىگەنىدىم،بۇنى ئۇنىڭغا بىلدۇرگىنىمدە ئۇ يىنىمىزدىكى ئەلىنى دەرھال بىر قىزنىڭ كەينىدىن يولغا سالدى،ئەلى ئۇنىڭ بىلەن سودىغا پۇتۇشۇپ قايتىپ كەپتۇ.يالغان دىدىم ئىچىمدە،لىكىن ئاچچىقىم كەلدى،غۇرۇرۇم تۇتتى،تاكى بىز چوڭ بازار ئىچىدىكى ك ئاف سى(كىندىجى)غا كىرگۇچە ئەرەب كەم دىگەندە 20 قىزنى پاھشەگە چىقىرىپ ماڭدى،خەپ دىدىميۇ ئەمما كىمنى تىللاشنى،دەردىمنى كىمدىن ئىلىشنى بىلمىدىم.كىندىجىغا كىرگەندە پاكستانلىق ئەلى ياندىكى ئۇستەلدە ئولتۇرغان ئۇچ قىزدىن بىرىنى كۆرسىتىپ ،‹‹ئۇنى مەن قىلغان،لىكىن قىز چىقمىدى،ماڭا بەك ئامراق،دوسلىرىنىمۇ تونۇشتۇردى،چاڭلىيۇۋەندىكى ئۆيىمىزدە 5 ئۇيغۇر قىزى،4 پاكستانلىق ئەر بىللە ئويناپ تاڭ ئاتقۇزدۇق دىدى››چىرايىم ئۆزگەردى،ئەقلىم قاچتى،ئەلىنڭ ياقىسغا ئىسلدىم،‹‹ھۇ ھارامدىن بولغان،كىمىڭنى ھاقارەت قىلىۋاتىسەن،ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن قىزغا تۆھمەت چاپلىغۇدەك بولدۇڭما؟سەن پۇلۇم بار دەپ مۇھتاج قىزلارنىڭ ھەممىسنى جالاپ دەپ قالدىڭمۇ؟››ئەلى مىنى بىر مۇش سالدى،مەن ئەبلەخنىڭ جان يىرىگە  بىرنى تىزلىدىم ،ھۇسەيىن (ئەرەب)بىزنى ئاجرتىتۋەتتى،ئەمما ھىلىقى قىز ھەيران بولۇپ كىلىپ،ئەلىگە خەنزۇچە:‹‹چىن ئەيدى،زىمىلى؟زا خۇيشر؟››دىدى.مەن :‹‹يوقىلەۋە قانجىق››دىدىم،ئۇ:‹‹ساراڭمۇ ما بىر نىمە،كاللسىدىن كەتكەن››دىدى ، دوسلىرى ئۇنى قايتۇرۇپ كەتتى.مەن شۇ پىتى ئۇ پاكستانلىق ئەبلەخ بىلەن قول ئىلىشپ كۆرۈشۈپ باقمىدىم،كىين ئۇ ھىلىقى ئەرەبكە ئالدى-كەينى بولۇپ 3 ئۇيغۇر قىزىنى تونۇشتۇرۇپتۇ،ئەرەب ماڭا ئۇلارنى سودسغا ھەمرا قىلىش ئۇچۇن ئۇلارنىڭ سالاھىيتى ئوقۇغۇچىمۇ ئەمەسمۇ ئىنىقلاشنى تاپىلىدى،ئۇلاردىن بىرى ئوقۇغۇچى ،ئىككىسى ئويۇنچى قىزلار بولۇپ ،مەخسۇس چەتئەللىك ئەرلەر بىلەن ئارلىشىدىغان بىر گۇرۇپپا قىزلار ئىكەن.ئوقۇغۇچى قىز ھەم ئىنگىلىزچە ھەم روسچىغا ئۇستا بولۇپ،ئالاقىچى ئىكەن.ئۇلارنىڭ يۇرتى بىر يەرلىك ئەمەس بولۇپ،ئوقۇغۇچى قىز شىماللىق،باشقىلار جەنۇبلۇق ئىكەن.
مەن ئۇلارنىڭ سالاھىيتىنى ئىنىقلىغاندىن كىين ئوقۇغۇچى قىزغا ئوچۇقلا نىمىشقا بۇ يولغا ماڭغانلىقىنى سورىدىم،نەتىجىدە ئىرىشكىنىم ئۇنىڭ دەسلەپتە ئۆزىنىڭ تۇنجىسنى ئۇيغۇر ساۋاقدىشىغا بەرگەنلىكىنى،يىگىت ئاۋۋال قىز كەلتۈرۈشنىڭ بارلىق 36 تەدبىرنى قوللانغان بولسا ،كىين ئويناپ تاشلۋەتكەنلىكىنى،ئۆزىگە ئويۇن،كىيم،ھۇزۇر ئۇچۇن پۇل لازىم ئىكەنلىكىنى،ھەم چەتئەللىك بىلەن ئوينسا سالاھىيتى ئاشكارىلانمايدىغانلىقىنى،ئۇنىڭ ئۇستىگە پۇلنى كۆپ تاپقىلى بولىدىغانلىقى،ھەم قەدىر-قىممىتى بىلەن ئوينىغىلى ،سورۇنلاردا باشقا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئالدىدا پەرقلىق ھىس قىلىدىغانلىقىنى ئىيتتى،شۇ كۇنى ئۇنىڭ يەنە بىر ھەمراھى ئۆزىنىڭ ئىرىنىڭ خىروئىن چىكىپ 2 يىل لوجۇ بولغانلىقىنى،ئۆزىنڭ بالا بىلەن يالغۇزلۇقىنى،ئامالسز قالغانلىقىنى،ئەگەر ھازىر 50 يۇۋەن بولسا،بالسغا 3-4-كۇنلۇك ئشلىتىپ تۇرۇپ،خىزمەتتىن بىرىنى تىپىۋالغۇسى بارلىقىنى ئىيتتى،مەن ئشەنگۇم كەلمىسمۇ،بىلىپ تۇرۇپ 50يۋەن بەردىم.ئەتە مىنى ئىزدەڭ ئش تىپىشقا ياردەم قىلاي دىدىم،ئەتىسى ئۇ تىلىفۇن قىلمىدى.شۇ چاغلاردا ئۇيغۇر سۇپىتىم بىلەن ھىس قىلالمىغان ئشلارنى ئەرەب،پاكستانلىق كۆزى بىلەن ھىس قىلدىم،مەن خەلق سۈپىتىدە تۈركتىن باشقىلارغا دوستانە مۇئامىلە قىلالماسلىقىم مۇمكىن ،ئەمما يەككە ئادەم سۈپىتىدە شۇ ئەرەبكە ،ئۇنىڭ ئاياللارغا بولغان مۇئامىلىسى ئۇنىڭ ئادىمىيلىكىگە بولغان قارشىمنى ئۆزگەرتتى،دەرۋەقە ئەرەبلەرنىڭ ھەممىسى ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلماسلىقى،كۆپ خوتۇنلۇق بولۇپ،ئشرەتلىك تۇرمۇش كەچۇرىدىغان بولۇشى،ھەممىسى ھورۇن،شەخسيەتچى بولۇشى ناتايىن.ھۇسەيىن ئۇرۇمچىدىن كىتەر چاغدا ئەلىيگە شۇنداق دىگەنىدى:سەن جالاپ ئىزلىسەڭ،دىنسز پاھشە ئىزلىمە،ئۇلارغا ھەم كۇچ ھەم پۇل سەرپ قىلما،مۇسۇلمان پاھشەلەرگە ياردىمىڭ بولۇپ قالىدۇ.ئۇلارنى بۇنداق قىلماسلىقىقا دەۋەت قىلىۋالىسەن.ئۇلارنى دىنسز يات مىللەت ئەرلىرنىڭ ئاستىغا تاشلىما. ئۇنىڭ قولۇمنى سىقىپ تۇرۇپ قىلغان بۇ گىپى ھازىرمۇ كاللامدا:سەن مىللەت ھەققىدە ئويلاشتىن ئاۋۋال ئاياللارنى كۆپ ئويلا، بىر ئايالغا ئىگە بولمىغان،ئايالنىڭ ھەممە ئىھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان ئەرنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ.‹‹سلەر مەڭگۇ باش كۆتۈرەلمەيسلەر،چۈنكى سلەر ئاياللارنى خورلايسلەر››. ئاياللىرىڭلار سلەرنىڭ سۆزۇڭلارنى ئاڭلىمىسا،سلەر بىلەن بىرمەيداندا بولمسا،دىن ،ئىماندىن سۆز ئاچما،بىر مىللەتنىڭ ئانىلىرى،قىزلىرى –بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدۇ.
مەسلە كىمدە؟
          كىين باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىغا ئائىت گەپلەرنى بەك تولا ئاڭلاپ زىرىكتىم،بۇلار ھازىر تەسر قىلمايدىغان بولۇپ كەتتى،ھازىر ماڭا مۇشۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇنى ھەل قىلىش چارسى ھەققىدە گەپ قىلالايدىغان ئادەمنىڭ گىپى بەك ياقىدۇ،چۇنكى تىللاشنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ،ئەمما نىمە ئۈچۈن شۇنداق؟ شۇنداق بولسا،ئەمدى قانداق قىلىشىمىز كىرەككەن؟ دىگەننى ئويلىنىشمىز كىرەك ئىدى.كىم نىمە دىيشىدىن قەتئىنەەر،پۇتۇن ئۇيغۇر جەمئىيىدىكى قىز-ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسللەرگە ئۇيغۇر دادىلار،ئۇيغۇر ئاكىلار،ئۇيغۇر ئۇكىلار،ئۇيغۇر ئەركەكلەر،مۇشۇلار مەسئۇل!چۇنكى ئۇلار ئۆزىنى ئەركەك دەيدۇ،ئۆزلىرىنى ئاياللاردىن ئۈستۈن،ئەركەكچىلىك ئىڭى كۈچلۈك،ئۆزىنى ئوغۇلبالا،بىز نوچى دەپ قارايدۇ.‹‹ئەركەك مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلسا ئەركەك،ئادا قىلمىسا،ئەركەك ئەمەس››،(تۈرك ئاتا سۆزلىرى).ئەمما ئائىلىسى تۇرۇپ ئاشنا ئويناش،بالىلىرىنىڭ ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك،پۇل توپلاپ كەلگۇسگە تەييارلىق قىلىش ئەمەس،سورۇندارچىلىق،شۆھرەت بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىش،بىلىم،ئىقتىسات،ساغلاملىق جەھەتلەردە خوتۇنلىرىدىن ئۇستۇن سالاھىيەت ھازىرلىيالماي، ئارقىدىن خوتۇنىنىڭ ئالدىدا تىلى تۇتۇلۇپ،ئۇلارنى باشقۇرالماسلىق،گىپىنى ئۆتكۇزەلمەسلىك.ئاخىرىدا ئايالى ئىرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەي تالاغا قاراش،
مانا ھازىرمۇ ھەركۇنى جەمئىيەت ھەققىدە قاخشاۋاتقان زىيالىيلارنى ،ياشلارنى كۆپ كۆرىمىز، جەمئىيەتنىڭ ئىچىدىكى بىزگە ئەڭ مۇناسۋەتلىك ۋە جىددى بولغان مەسلە-قىز-ئاياللار مەسىلىسى .مۇشۇنى ھەل قىلماي تۇرۇپ ھىچقانداق مەسلە ھەل بولمايدۇ.مەسلە زادى نىمە؟بۇ ئەخلاق مەسلىسى،قىممەت قاراش مەسلىسى،جەمئىيەتنىڭ ئاساسى يىمىرىلىش ئالدىدا،ئۇنى قانداق قۇتقۇزۇش كىرەك؟
ئائىلىدىن باشلاش كىرەك.ھەممە ئادەم ئائىلىسگە مەسئۇل بولۇشتىن،ئۆزىنىڭ زىممىسگە چۇشكەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ئائىلىدىن باشلىشى،قولىدىن كىلىشىچە باشقىلارغا يىتەكچى بولۇشى كىرەك،خاتالاشقانلارغا كۆيۇمچانلىق بىلەن يول كۆرسىتىشى كىرەك،چۇنكى ئۇلار- بىزنىڭ ئانىلىرىمىز،قىزلىرىمىز،ئاياللىرىمىز،سىڭللىرىمىز،بىزنىڭ غۇرۇرىمىز.

تۈركلەر قانداق قىلىدۇ؟

      تۈركىيەدە ئۇزۇن تۇرغان دوستۇم مۇنۇلارنى سۆزلەپ بەردى: قانچىلىك دەرىجىدە توغرىلىقىنى بىلمەيمەن،لىكىن پايدىلىنىش ماتىريالى بولالايدۇ.
تۈركلەردە بىر ئائىلىدە بىر ئوغۇلبالا بولسا،گەرچە كىچىك بولسمۇ ئەركەك بولغانىكەن،چوقۇم سىڭلىسى ۋە ئاچىسغا مەسئۇل بولىدىكەن.ئۇلارنى كەچتە نەگە باردىڭ،كىم بىلەن كۆرۈشتۈڭ؟نىمە ئش قىلدىڭ؟بىرى بوزەك قىلدىمۇ؟ دەپ سوراش ئومۇميۇزلۇك مىللى ئاڭغا ئايلانغانىكەن.بىر مەھەللىگە باشقا يەردىن بىر ئەر كىلىپ مەھەللە قىزلىرىغا چاقچاق قىلسا،كەينىگە كىرىۋالسا،ھەممىسى بىرلىشپ ئۇنىڭ ئەدىۋىنى بىرىدىكەن.باسقۇنچىلىق قىلىش دىگەن ئۇقۇم ئاز ئىكەن،ئەگەر قىلغانلار سادىر بولسا،جەمەتى بويىچە قۇرۇتىۋىتىدىكەن.كوچىلاردا قىزلار قانچىلىك يالىڭاچ يۇرۇشىدىن قەتئىنەزەر بىر ئەر كىلىپ ئۇنىڭغا يپىشۋالسا باشقا ئەرلەر ئۇنى ئاجايىپ ئىغىر ئالىدىكەن،قىزلار خالىسا،ساقچىلار كىلىپ ئۇ ئەرنى قاماققا ئالىدىكەن.ئەرلەر چوقۇم ئۆزىنى ئاياللاردىن ھەممە جەھەتتە ئۇستۇن تۇرۇشى كىرەك دەپ قارايدىكەن ھەم شۇنىڭ ئۇچۇن بارلىق كۇچى بىلەن تىرىشىدىكەن،تۈركلەر ئىنتايىن تىرىشچان بولۇپ،ئاياللىرىنى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتچىسى دەپ قارىماي،ئۇلارنىڭ ئىھتىياجىنى تولۇق قاندۇرىدىكەن،ئۆزىدىن گۇناھ ساقىت بولغاندا،ئاندىن ئاياللىرى ھەققىدە ئويلىنىدىكەن،ئۇلاردىن سەمىمىيەتسزلىك سادىر بولسا ئۆلتۈرۋىتىش شەرەپلىك جىنايەت ھسابلىنىدىكەن.ئەرنىڭ ئىززەت-نۇمۇسى،غۇرۇرى ئىنتايىن كاتتا ھىسابلىنىدىكەن ھەم ئەرلەرمۇ مۇشۇنى قوغداش ئۇچۇن تىرىشىدىكەن.

مەنبە:باغداش مۇنبىرى
ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 8
ئومۇمىي يازما: 1832
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1832دانە
ئۆسۈش: 4490 %
مۇنبەر پۇلى: 22146 سوم
تۆھپىسى: 171 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2011-10-20

ئونلىغان ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدە، ئۇيغۇر شائىر-يازغۇچىلار، تارىخچىلار، ئوبزورچىلار مىللىتىمىز ئىچىدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى، خاتالىقلارنى، جىنايەتلەرنى يېزىپ، ھەتتا چاۋىسىنى چىتقا يېيىپ ۋايىغا يەتمەكتە، مىللەتكە نەسىھەت قىلىپ چارچىماقتا. ئامما تېما ئۇيغۇرلار بۇ ئەھۋالغا قانداق چۈشۈپ قالدى؟ دېگەن سىزىققا كەلگەندە، بارلىق بۇلبۇللار سايراشتىن، بارلىق قەلەملەر يېزىشتىن توختايدۇ. بىزدىكى ۋىجدان مۇشۇمۇ؟ مىللەتنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت مۇشۇمۇ؟ مىللىتىمىز تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر، ئەڭ پاجىئەلىك كۈنلەرنى ياشاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۆز مىللىتىنى قوغدايدىغان قالقان بولۇشقا تېگىشلىك ئىدى ، لىكىن بەزى زىيالىلىرمىز ئۇيغۇر خەلقىنى قوغدىنىش قالقىنى قىلماقتا.  

ھەممە ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلىساق ئىنشائاللا  ئوڭشىلىپ كىتىدۇ ....
  
[ بۇ يازمىنىتاھىر 2011-03-10 22:30قايتا تەھرىرلىدى ]
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
atimiz qukum bugundin guzal bulidu !mana bu umid!!!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 130
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 462
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە462دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 4668 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-03
ئاخىرقى: 2011-10-19
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-08 13:48

ئادەم ئۆزى بىرىنچى ئامىل ! ئارتۇق گەپ قىلماي ، سىز رەنجىگەن ئەرلەر قانچىلىك ؟  ئاشۇنداق قىزلار بۇ يازمىدىن مودا كىيىم تىكتۈرۈپ كىيىۋالارمۇ ئەمدى ؟ ناۋادا سەۋەپ مۇشۇ بولسا تېخىمۇ كۆپ قىزلىرىمىز نىمىشقا ئۇنداق قىلمايدۇ؟ ....................كەچۈرۈڭ !
راستچىللىق ----------- ئادىمىلىكنىڭ بىرىنچى قەدىمى !!!
ھايات -كۆرەش،پۇرسەت،نەتىجە دىمەكتۇر
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 191
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 658
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە658دانە
ئۆسۈش: 1472 %
مۇنبەر پۇلى: 5978 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2011-10-20
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-08 13:52

‹‹سلەر مەڭگۇ باش كۆتۈرەلمەيسلەر،چۈنكى سلەر ئاياللارنى خورلايسلەر››. ئاياللىرىڭلار سلەرنىڭ سۆزۇڭلارنى ئاڭلىمىسا،سلەر بىلەن بىرمەيداندا بولمسا،دىن ،ئىماندىن سۆز ئاچما،بىر مىللەتنىڭ ئانىلىرى،قىزلىرى –بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدۇ.
مەسلە كىمدە؟ .................
/search.php?authorid-191.html
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1309
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1309دانە
ئۆسۈش: 330 %
مۇنبەر پۇلى: 13928 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2011-10-20
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-08 14:04

ئىي شۇكرى بىزدىن ھىلىقىدەك توننىلاپ باشقا مۇسۇلمان دولەتلەردىن قوغلانغان پاھىشىكلەردەك قىزلار چىقىپ باقمىدى ،،،،  شۇ ئەرەبلەر ئوزىنى پاك سانىغان دۇبەيدىنمۇ نەچچەمىڭ  جوڭگولۇق پاھىشە ھەيدەپ چىقىرىلىپتىكەن ،،،،  ئوزىگە ئوزى ئىگە مۇسۇلمان دىيارى تۇرۇپ نەچچە مىڭ پاھىشە سىڭىپ كەتكۇچە قاراپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ باشقا مىللەت قىزلىرى ، ئەرلىرى ھەققىدە گەپ قىلىش ئورنىمۇ بولمىسا كىرەك ،،،،  بىر موئمىن شەھەر ساياھىتى قىلسا قايسى شەھەردە قانداق مەسجىد بار ، قانداق ئولىمالار بار شۇ ھەقتە بەكرەك بىلىدۇ ،،، بىر پاھىشەۋاز بۇزۇق شەھەر ساياھىتى قىلسا نەدە بۇزۇق بار شۇنى بەكرەك بىلىدۇ ، ئەس يادى شۇنىڭدا بولىدۇ ،،،
ھەي قىرىنداشلىرىم ،،  چالما كىسەك جازاسى نىمىگە چىققان ، شۇ زىنا بار بولغاچقا ئەينى دەۋىردە ،،،، بۇ پاھىشە ، ناچار ئىشلار ئەينى دەۋىردە ھەم بولغان ، تارىختىن بۇيان بولىۋاتىدۇ ، مۇختار باي ئانا يۇرتتا زىيەكنىڭ ئايالى يەنى نۇرىنىڭ ئانىسى ئۇنىڭ كوڭلىنى ئىچىشىغا قوشۇلمىغاندا < ماڭا بۇ مەھەللىدە كىم ياق دىگەن > دەيدۇ ، بۇ جۇملە ئەلبەتتە مۇبالىغە ، ئەمما ھىچ بولمىغاندا ئاشنا ، زىنا دىگەنلەرنىڭ ئەينى دەۋىردىمۇ بارلىقىغا دەلىل بولالىسا كىرەك ،،،،
مانا « ئەرلىرى بىرمە مىلەتنىڭ ئاياللىرى بىرمە بولىدۇ » دىگەندەك فورمىلاغا ئايلىناي دەپ قالغان سوزلەر بىلەن ئوزىمىزنى ئوزىمىز ئىچىتىۋەرگەچكە ، ھەممە مىللەتتە بار بولغان ھەممە دىۋىردە بار بولغان پاھىشىدىن ئىبارەت ئىجدىمائىي مەسلىنى لايىقىدا قامچىلىماي ، ئويغۇر قىزلىرىنى پاھىشىگە ، ئەرلىرىنى غورۇرسىزغا چىقىرىپ ، ئەسلىدىنلا دىلى سۇنۇق ئويغۇرنى ئوزىدىن بەسۇندۇرۇپ سىسىتقاچقا  چەتئەللىكلەر شۇنداق ئىچىتىماي نىمە دىمەكچى ئىدى ، ئوزىنى ئوزى قەدىرلىمىگەننى خەق قەدىرلەمدۇ ،،تەنقىدمۇ جايىدا بولىشى كىرەك ، تەنقىد قىلمەن سوكىمەن دەپ ھەر قانداق بىرىنىڭ ئويغۇرنىڭ كاللىسىدىكى پاك قىزلار ، غورورلۇق ئەركەكلەرنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۇرىدىغان سوزلەرنى قىلىشى مىللەتكە قىلىنغان دۇشمەنلىك خالاس ، ئەلۋەتتە مەن خاتالىقنى ماختاڭ دىمەيمەن،لىكىن ھە دىگەندىلا قىزلار بۇزۇلدى، ئەرلەر ئانداق بولدى دەۋەرسە ئادەمنىڭ كوزىگە يولدىكى  قىزلار بۇزۇقتەك كورىنىپ قالىدىكەن ،، ياخشى قىزلار كوپ باللا،،، ئامما شۇ ناچارلار بەكرەك ئوزىنى ئاشكارلايدۇ كوچا كويلاردا ،، مەن غورۇرلۇق بولسام ئاچام سىڭلىمغا كۇچۇم يىتىدۇ ، ئاللاھ يەتكۇزسە تىخى ،،، شۇڭا تاھىر توغرا ئىيتىدۇ ھەممىنى ئوزدىنلا باشلايلى ،،،
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 198
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 7
ئومۇمىي يازما: 321
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە321دانە
ئۆسۈش: 2274 %
مۇنبەر پۇلى: 4905 سوم
تۆھپىسى: 41 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-07
ئاخىرقى: 2011-10-20
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-08 14:05

بۇ تېمىدا مۇبالىغا باركەن ....ئەمەلىيەت خېلى ئېچىنىشلىق بولسىمۇ لېكىن بەزى مەلۇماتلار
مۇبالىغە بىلەن يېزىلغان .
mp3
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4969
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 120
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە120دانە
ئۆسۈش: 480 %
مۇنبەر پۇلى: 1604 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-18
ئاخىرقى: 2011-06-29
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-08 14:07

مۇھەممەد راشىدىننىڭ مۇنۇ شىئىرى ئاجايىپ ماس  ھە!
..................
يىگىتلىرى ئەردەك ئەمەس روھى زەيپانە،
ئەقلى پۇلپەز غورورى دەز زەيلىشىپ كەتتى،
قىزچاقلىرى قىزدەك ئەمەس شەرمى-ھايا كەم
بېشى چۇۋۇق كۆكسى ئۈچۈق شىملىشىپ كەتتى
(ئىسىمدە مۇشۇنداقراق قاپتۇ)

ھەقىقى ئىماننى تۇرمۇش رېتىمىغا سىڭدۇرگەن ئەر-ئايال يۇقارقىدىن مۇستەسنا. چۇنكى ئۇلارنىڭ قۇلىدا خەرىتە بار. قايسى يول خەتەرلىك قايسى يول ياخشى ھەممىنى بىلەلەيدۇ.
ئاللاھ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1966
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 59
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە59دانە
ئۆسۈش: 230 %
مۇنبەر پۇلى: 752 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-16
ئاخىرقى: 2011-10-02
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-08 14:08

بۇ يازمىنى كۆرۈپ  ئۇيغۇرلانىڭ چوقۇم نەسلى قۇرۇپ كىتىدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتتى .
<<شىنجاڭدا شاپتۇل جىق قېقى ئاز، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ سېقى ئاز>> ئالامەت توغرا ئېيتىلغان ھىكمەت
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(general) لاۋزا گەپ
  • kalduk ibadat uqun,kaytimiz yisap uqun.mihmanbiz budunyada,ulimiz tirilix uqun.
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5388
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 440
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە440دانە
    ئۆسۈش: 600 %
    مۇنبەر پۇلى: 4850 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-01-01
    ئاخىرقى: 2011-10-20
    8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-08 14:21

    ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويلاندۇرىدىغان تېما ئىكەن.
    بىر ئائىلە باشلىقى بولغان ئادەم ئۆزىنىڭ مەسئۇليىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك ئەلۋەتتە،ھەدىس شەرىپتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن؛<(ئەي ئۈممەتلىرىم )سىلەر بىر پادىچىدۇرسىلەر،ھەربىرىڭلار ئۆزەڭلارنىڭ پادىسىغا مەسئۇل>.
           دىمەك ھەبىر ئادەم ئۆز ئائىلىسىگە(ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا) مەسئۇل بولىشى لازىمدۇر.
    all praise to allah , the lord of the worlds
    دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1309
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1309دانە
    ئۆسۈش: 330 %
    مۇنبەر پۇلى: 13928 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-08-27
    ئاخىرقى: 2011-10-20
    9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-08 14:23

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى ilim نىڭ 2011-03-08 14:07 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
    مۇھەممەد راشىدىننىڭ مۇنۇ شىئىرى ئاجايىپ ماس  ھە!
    ..................
    يىگىتلىرى ئەردەك ئەمەس روھى زەيپانە،
    ئەقلى پۇلپەز غورورى دەز زەيلىشىپ كەتتى،
    قىزچاقلىرى قىزدەك ئەمەس شەرمى-ھايا كەم
    .......

    روزى سايىت شىئىرى ،،،