بۈگۈن بايرامكەن ، راستلا بايرامكەن ، چۈشلۇك تاماققا تەييارلىق قىلىۋاتاتىم ،باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان 10 ياشلىق ئوغلۇم ، ھەم تەييارلىقتىكى 6 ياشلىق قىزىم كىرىپ كەلدى ، قازان بېشىدا ئۇلارنىڭ سالامىنى ئېلىك ئىلىپلا ، دەرھال يېشىنىپ يۈز قوللىرىنى يۇيۇشقا بۇيرۇپ قويۇپ دىققەت قىلماپتىمەن ، تاماقنى قاچىلارغا ئېلىپ چىقسام ئىككىسى ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كەلدى ، قاچىنى ئۈستەلگە قويۇپ ئاران ئۈلگۈردۇم ، ئىككى پەرزەنتىم ئىككى تەرەپلەپ بويۇنلىرىمغا ئېسىلىپ مەڭزىمدىن سۆيۈپ تۈرۈپ ، <<بايرىمىڭىزغا مۇبارەك ئاپا !>>دىيىشكىنىچە بىر تالدىن قىپ قىزىل ئەتىرگۈلنى قولۇمغا تۈتقۈزدى ،
بايا ھىلىلا تېخى بالىلارنىڭ دادىسىنىڭ بىر دەستە گۈلىنى قۇبۇل قىلدىم ، بۈگۈن مېنىڭدەك بەخىتلىك ئايال بارمىدۇ ، ياشلىرىمنى توختۇتالمايۋاتىمەن ، تېخى ئالدىنقى يىلىلا مەنمۇ ئاپامغا بىر سىۋەت گۈلنى سوۋغا قىلغان ئىدىم ، ھەر يىلقى ئانىلار بايرىمى ، ئاتىلار بايرىمى ، ھەم نورۇز ،مانا مۇشۇنداق ئاياللار بايرىمى قاتارلىقلاردا ، بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇپ خوشاللىققا چۆمەتتۇق ، بىراق بۇ يىلقى بايرامدا ئاپام يوق ، ئاپام بار بولغان بولسا مەن يەنىلا ئادىتىم بۇيىنچە بالىلىرىمنى ئەگەشتۈرۈپ ئاپام ياقتۈردىغان قىپ -قىزىل خۇش پۇراق ئەتتىر گۈلدىن بىر سىۋەت ئېلىپ يەنە ئۇنىڭغا ئاپامغا لايىق بىرە سوۋغاتنى يانداشتۇرۇپ ئاپامنى يۇقلار ئىدىم ، ئەپسۇس،،،،،،،،
بۇ بايرام ھالال بولامدۇ ھارام بولامدۇ ، پەققەت بىلگۈچى ئاللاھ ،