查看完整版本: [-- بارىلىق خانىم- قىزلارغا بايراملىق سوۋغات............رەسىملەر --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> خانىم - قىزلار -> بارىلىق خانىم- قىزلارغا بايراملىق سوۋغات............رەسىملەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ahlak 2011-03-07 23:15
بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن...........

uighur-biz 2011-03-07 23:37
قىزلار خانىم - قىزلار بايىرىمىلارغا مۇبارەك بۇلسۇن.


< خالىس ياردەم _ بارلىق كەڭساي تورنى زىيارەت قىلغۇچى دۇستلار كەڭسايغا كىرگەنىدە كەڭسايىدىكى ئىلاننى چىكىشنى ئۇنىتۇپ قالماڭلار!!! ۋاختى بارلار سائىتىگە بىرقىتىىدىن باسساڭلاربۇلىدۇ.>

zero903 2011-03-07 23:43
مەن قاچاي جۇما...............

ahlak 2011-03-08 00:09
رەھمەت

taranqi217 2011-03-08 00:45
                 ئەسلى ئانىلارغا كۇندە بايرام بولىشى كىرەك ...................

anjura 2011-03-08 01:12
ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
ئاللا ئىمانىمىزنى  مۇستەھكەم قىلغاي ئامىن!!!كەچۈرۈڭ قېرىندىشىم مەن مەخسۇس <خانىم_قىزلار بايرىمى> نامى بىلەن ئاتالغان بۇ سوۋغاتلىرىڭىزنى قوبۇل قىلالمايمەن.چۈنكى مىنىڭ دىنىمىزدا يوق ئىشقا قاتنىشىپ ئاللاھ ئالدىدا گۇناھكار بولغۇم يوق!!!ئەگەر گۇناھكار بولمايدىغان ئىشقا شىرىك قىلماقچى بولسىڭىز ئىنشائاللا مەن دەرھال سەپكە قوشىلىمەن.................

ilim 2011-03-08 09:55
بايراملىرىمىز ئەجەپ كۆپ ھە بىزنىڭ............. بىز نىمە دىگەن بەخىتلىك مىللەت ھە؟؟!!!
روجىستىۋا بايرىمىمىز قاچاندۇ؟؟؟

maslakdax 2011-03-08 10:18
ئەخلاق ئەپەندىم،غەرپتىن ئىمپرت قىلىنغان مۇشۇنداق تۈگىمەس بايراملارغا ئەگىشىش  مىللىتىمىزدىكى  يەنە بىر ئىللەت.مۇشۇ ئىللەتلەرنى تۈزىتىشكە مەيلىڭىز بارمىكىن؟

paris 2011-03-08 10:20
تەربىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ياخشى رەسىملەر ئىكەن ھەم سۆزلەر كەن .

arzuyum 2011-03-08 10:41
سىزنىڭ بۇ بايرامنى ئىتىراپ قىلغىنىڭىز مىنى بەكلا .............

end 2011-03-08 12:15
  ھەنىم بولسا بۇمۇنبەر دە ھەق سۆزلەيدىغانلاخىلى كۆپ........

turan0995 2011-03-08 12:41
بىزنىڭ ئىككىلا بايرىممىز بار،بىرى قۇربان ھېيت بىرى روزى ھېيت.باشقا بايراملار دېنسىزلەرنىڭ بايرىمى.تاللاش ئۆزىڭىزدە ناسارا بۇلامسىز،مۆمىن بۇلامسىز ئەركىنلىك ئۆزىڭىزدە.ئاخىرى ھىساپ بېرىلدىغان كۇندە بۇنىڭ جاۋابىنى ئالسىز.

illikbahar 2011-03-08 12:50
بايراملام   بولسا  ئوينايدىغان    يەيدىغانلا    نەرسە  بولسا   يەۋىردىغان     مىللەت    بولۇپ    قالمايلى    ئاق   قارنى  ........؟؟؟؟؟؟؟؟؟  

waytowa 2011-03-08 15:26
روجىستىۋا بايرىمىمىز قاچاندۇ؟؟؟ 6-قەۋەتكە جاۋاپ:892720920 غا خەت ياز مەن ساڭا قاچان بولدىغدنلىقىنى دەپ بېرەي .ئەرزىمەيدۇ.

ilim 2011-03-08 17:05
مۇشۇ يەردىلا دەپ بىرىڭە

xarifa 2011-03-08 17:16
مۇسۇلماننىڭ ئىككىلا بايرىمى  با ،ئۇنىڭدىن باشقىسنىڭ  بىزگە كېركى يوق .
جاپا چىكىپسىز.

dellyar571 2011-03-08 17:41
خانىم قىزلار بايرىمى ياۋروپادا پەيدا بولغان ۋە راۋاجلانغان ئۆرۇپ ئادەت ،بىزنىڭ  دىن بىلەن بىۋاستە  باغلىنىشى يوق  ئۆرۇپ ئادەتلىرىمىزگە ئوخشاش نەرسە  ،بۇنداق ئىشلارنى ئۆزىنىڭ ھالىغا قويۇپ بىرىمىز ، ئارتۇقچە ئىىلۋىلىپ سەپكە بۆلىنىپ كىتىشنىڭ  ۋە بىكاردىنلا  كۆڭىل ئاغرىقى تىپىۋىلىشىنڭ ئورنى يوق ، ئەخلاق ئەپەندىنىڭ بۇ كۈنلا ئەمەس بولسا ھەر قاچان ئاياللار ئانىلارنىڭ  قىمىتى كۆرسىتىدىغان ئەسەرلەرنى يولشىنى ئۈمۇت قىلىمىز    

anjura 2011-03-08 18:47
     ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
     ئەزىزى قېرىندىشىم يۇقىردىكى ئىنكاسىڭىزنىڭ <خانىم قىزلار بايرىمى ياۋروپادا پەيدا بولغان ۋە راۋاجلانغان ئۆرۇپ ئادەت ،بىزنىڭ  دىن بىلەن بىۋاستە  باغلىنىشى يوق  ئۆرۇپ ئادەتلىرىمىزگە ئوخشاش نەرسە  ،بۇنداق ئىشلارنى ئۆزىنىڭ ھالىغا قويۇپ بىرىمىز........>بۇ قىسمىنى چۈشىنەلمىدىمغۇ؟! ئەجىبا دىن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ ئالدىمىزغا كەلگەنلىكى بايراملارنى تەبرىكلەپ خۇشال بولۇپ <ئەبجەش زامانىۋى مۇسۇلمان>بولۇپ يۈرىشىمىزنىڭ ھاجىتى بارما؟! ئاندىن يەنە دىننى-شەرىئەت ئۆرپ-ئادەتكە بويسۇنمايدۇ ئەكسىچە ئۆرپ-ئادەتكە شەرىئىتىمىزدىن چىقىپ كەتمىگەن يول بىلەن مۇئامىلە قىلساق ئاللا رازىلىغا ئىرىشەلەيمىز دەپ قارايمەن.
    بۇ يەردىمۇ سەپكە بۆلۈنگەنلىك ۋە يەنە كۆڭۈل ئاغرىتقانلىق مەسىلىسى يوق قېرىندىشىم. بەلكىم سىزمۇ بىلسىڭىز كىرەك <مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ ئەينىكى>دىيىلگىنىدەك سىز ماڭا ئەينەك، مەن سىزگە ئەينەك بولۇپ كەم جايلارنى ئۆز-ئارا كۆرسىتىپ تولۇقلىساق ھەقىقى مۇسۇلمان قېرىنداشلاردىن بولالايمىز.ئاللا ھەممىمىزگە كامىل ئىمان ئاتا قىلغاي ئامىن!!!!!!

تاھىربەگ 2011-03-08 19:07
ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم دىللىيار ئەپەندى ، بايا تېخى تورخانىغا كىرىشنىڭ ئالدىدا  بىرئىشقا شاھىد بولدۇم .
مۇشۇ ئاتالمىش خانىم قىزلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن مەكتىپىمىزدىكى مەلۇم يۇرتنىڭ  ئوغۇل قىزلرى توپ توپى بىلەن دىباغا كىرىپ ئويناپ چىقماقچى بولۇپتىكەن ، بار يوق ئىككى دىبا لىق تۇشاپ كىتىپتۇ  . مەلۇم يۇرتنىڭ نوچىللىرى  بىر دىباغا كىرىپ سەۋەپسىزلا بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپتۇ . ئۇرۇشۇشتىكى مەخسىدى ئۇلارنى قورقۇتۇپ دىبانى بوشىتىشكەن . ئۇرۇلغان بالىنىڭمۇ ئوغۇل قىز يۇرتداشلىرىمۇ  شۇ بايرامنى تەبرىكلىگىلى چىقىپتىكەن . ئۇلارمۇ بوشكەلمەپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇرۇش توپلىشىپ ئۇرۇشۇشقا ئايلىنىپ كىتىپتۇ  . نەخ مۇشلىشۋاتقان يىرىگە چىقىپ قاپتىمەن مەكتەپنىڭ ئالدىغا .  ئىككى يۇرتنىڭ كام دىگەندە 100 دەك  ئوغۇل بالا توپلىشىپ ئۇرشىۋىتىپتۇ . 
ھەممىسى ئۇيغۇر .....    
     5 مىنۇت بولا بولماي 110 كىلىپ 30_40 نى ماشىنىغا پۇلاپ_تىقىپ دىگەدەك ئېلىپ كەتتى ........    شۇنداق ئۇسقانلىق زەبەردەس يىگىتلىرىمىز دەڭا ....    
  ئالدىنى مەكتەپتىن ھەيدىشى مۇمكىن ، كەينىگە ئاگاھلاندۇرۇش بىرىدۇ .....
مانا بۇ بىدئەت بايراملارنىڭ بىزلەرگە كەلتۈرگەن كىچىك زىيىنىنىڭ بىر قىسىمى ....  
    چوڭ شەھەرلەردە نىمىش بولاتىدۇ ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ ....  
ئۆزىگە قويىۋەتسەكمۇ مۇشۇنداق سەپلەرگە بۆلىنىپ ئۇرىشىدىكە ،ئۇنىڭدىن چەكلەپ تۇرغىنىمىز ياخشىمىكى دەيمەن ...

tokkustara 2011-03-08 20:13
ۋاھ ھەقىقەت قىزلىرمىز ئىغىز چىشىغا كەلگۇچىلىك مەھكەم چىشلىۋالىدىغان سۆزلەركەن

arzuyum 2011-03-08 20:20
ھەمشىرەم ئەنجۈرەگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن !

xarifa 2011-03-08 21:09
   ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
     ئەزىزى قېرىندىشىم يۇقىردىكى ئىنكاسىڭىزنىڭ <خانىم قىزلار بايرىمى ياۋروپادا پەيدا بولغان ۋە راۋاجلانغان ئۆرۇپ ئادەت ،بىزنىڭ  دىن بىلەن بىۋاستە  باغلىنىشى يوق  ئۆرۇپ ئادەتلىرىمىزگە ئوخشاش نەرسە  ،بۇنداق ئىشلارنى ئۆزىنىڭ ھالىغا قويۇپ بىرىمىز........>بۇ قىسمىنى چۈشىنەلمىدىمغۇ؟! ئەجىبا دىن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ ئالدىمىزغا كەلگەنلىكى بايراملارنى تەبرىكلەپ خۇشال بولۇپ <ئەبجەش زامانىۋى مۇسۇلمان>بولۇپ يۈرىشىمىزنىڭ ھاجىتى بارما؟! ئاندىن يەنە دىننى-شەرىئەت ئۆرپ-ئادەتكە بويسۇنمايدۇ ئەكسىچە ئۆرپ-ئادەتكە شەرىئىتىمىزدىن چىقىپ كەتمىگەن يول بىلەن مۇئامىلە قىلساق ئاللا رازىلىغا ئىرىشەلەيمىز دەپ قارايمەن.
    بۇ يەردىمۇ سەپكە بۆلۈنگەنلىك ۋە يەنە كۆڭۈل ئاغرىتقانلىق مەسىلىسى يوق قېرىندىشىم. بەلكىم سىزمۇ بىلسىڭىز كىرەك <مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ ئەينىكى>دىيىلگىنىدەك سىز ماڭا ئەينەك، مەن سىزگە ئەينەك بولۇپ كەم جايلارنى ئۆز-ئارا كۆرسىتىپ تولۇقلىساق ھەقىقى مۇسۇلمان قېرىنداشلاردىن بولالايمىز.ئاللا ھەممىمىزگە كامىل ئىمان ئاتا قىلغاي ئامىن!!!!!!


مانا بۇ ھەق گەپ. ئىسلام دىنى زاماننىڭ ئالمىششى ئۆرپ-ئادەتنىڭ كۆپىيشىگە ئەگىشىپ  ئۆزگۈرۈپ قالدىغان دىن ئەمەس،دىن دىگەن بىزگە قانۇن ئىنسان قاننۇنغا بويسۇندۇ. قانۇن ئىنسانغا ئەمەس.
قېرندىشىم سىزگە ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن!

dellyar571 2011-03-08 21:53
anjura
سۆزدىن سۆز چىقىرىش ۋە بۇنى باشقىلارغا چاپلاش بىكاردىن- بىكار ئۇرۇشقىسى ياكى  ئۆزىنى كۆرسەتكۈسى كىلىپ سەكرەيدىغان ئادەملەرنىڭ ئىشى . گىپىمدىن گەپ چىقارماي تۇرۇڭ ھەر يەكشەمبە كۈنى نۇرغۇن خىزمەتچىلەر دەم ئالىدۇ شۇڭا بەزىلەر يەكشەبىنى كىچىك بايرام ساناپ شەنبە كۈنى كەڭ ياكى جۇمە كۈنى ئولتۇرۇش ئۇيۇشتۇرىدۇ ،يەكشەمبە كۈنى دەم ئىلىش ئەسلى غەرىپىنىڭ دىن مەنبەلىك قايىدىسى ئىدى كىيىن خەلقارالىشىپ  ئۇنىڭ دىن بىلەن  ئالاقىسى ئۆزۇلگەن  ھالدا كۆپ قىىىم دۆلەتلەرنىڭ  قوبۇل قىلىنغان ئۆرۇپ ئادىتى بولۇپ قالدى .مۇشۇنداق دۇنيادا  بىۋاستە دىن بىلەن  باغلىنىشى بولمىغان كۆرمىڭلىغان ئۆرۇپ ئادەتلەر  قايدە يوسۇنلار بار دۇنيادىكى مۇسۇلمان بولغان مىللەتلەر بۇ ئادەتلىردىن دىنغا زىيىنى بولغانلىرىنى دىن روھىىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ ،زىيىنى بولمىغانلىرىنى ئۆز ئىستىكى ئارزوسىغا بىقىپ يوقىتىپ ياكى بەرپا قىلىپ ماڭماقتا .
ئۆز مىللىتىنىڭ مىللى ئۆرۇپ ئادەتلىرىنى دىنىغا  مەجبورى زىدىيەتلەشتۇرۇپ يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش كىشىنى ئاللاھنىڭ ئۆزى بار قىلغان  مىللى مەجۇتلىقنى  ئىتىراپ قىلماسلىققا باشلاپ قويىدۇ ،  باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆرۇپ ئادەتلىرىنى بولۇپمۇ دىنسىزلار ياكى ئەھلى كىتاپ مىللەتلىرىنىڭ ئۆرۇپ ئادەتلىرىنى زىيادە  قوبۇل قىلىش ۋە تەشۋىقى قىلماقنىڭ ئاقىۋىتىمۇ يەنىلا ئوخشاش نەتىيجە بىرىدۇ شۇڭا ئاياللار بايرىمنى ئاللاھنىڭ مىللەتنى بار قىلىش ھىكمىتىدىن ئىنسان قەلبىدە تۇغۇلدىغان  مىللەت سۆيگىمىز ۋەجىدىن قارشى ئىلىپ كەتمەيمىز  لىكىن قارشى ئىلىپ تەبرىكلىگەنلەرنى دىنى تۇيغۇلىرىمىزغا تايىنىپ  دىنسىزلىق, ئىمانسىزلىققا ئەيىلىمەيمىز چۇنكى  مەيلى مۇسۇلمان مىللتىنڭ ۋە ياكى غەيرى مۇسۇلمان مىللىتىنىڭ دىنغا ئالاقىسى بولمىغان ئۆرۇپ ئادەتلىرى بولسۇن دىنى ئالىملارنىڭ بايانىدا ئوخشاشلا ئادەت بىدئەتلىردۇر      
تاھىر
كىشىلەر جەدەللىشەي دىسە   ھىلىغۇ ئاياللار بايرىمىدا بىر يەرگە بىرىپ جىدەللىشىپتۇ  ناماز ئوقىغىلى بىرىپ مىچىتلەردىمۇ جىدەللىشىدۇ ، بىز مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەدددەس كەبىدىمۇ 30 يىل ئىلگىرىلا  قانلىق ئىتىشىلار بولۇپ 400گە يىقىن ئادمنىڭ قىنى ئىرىق بولۇپ مەھچىتتە ئاققان ئىدى.ئادەمنىڭ يۇرىكى پاكىز بولمىسا  ئىمام بولامدۇ لۇكچەك  بولامدۇ ،قانداق سورۇنغا بىرىپ نىمە ئىشى قىلىدۇ بىز بىر نىمە دىيەلمەيمىز
  

xahla91 2011-03-08 22:24
بۈگۈن بايرامكەن ، راستلا بايرامكەن ، چۈشلۇك تاماققا تەييارلىق قىلىۋاتاتىم ،باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان 10 ياشلىق ئوغلۇم ، ھەم تەييارلىقتىكى 6 ياشلىق قىزىم كىرىپ كەلدى ، قازان بېشىدا ئۇلارنىڭ سالامىنى ئېلىك ئىلىپلا ، دەرھال يېشىنىپ يۈز قوللىرىنى يۇيۇشقا بۇيرۇپ قويۇپ دىققەت قىلماپتىمەن ، تاماقنى قاچىلارغا ئېلىپ چىقسام ئىككىسى ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كەلدى ، قاچىنى ئۈستەلگە قويۇپ ئاران ئۈلگۈردۇم ، ئىككى پەرزەنتىم ئىككى تەرەپلەپ بويۇنلىرىمغا ئېسىلىپ مەڭزىمدىن سۆيۈپ تۈرۈپ ، <<بايرىمىڭىزغا مۇبارەك ئاپا !>>دىيىشكىنىچە بىر تالدىن قىپ قىزىل ئەتىرگۈلنى قولۇمغا تۈتقۈزدى ،
بايا ھىلىلا تېخى بالىلارنىڭ دادىسىنىڭ بىر دەستە گۈلىنى قۇبۇل قىلدىم ، بۈگۈن مېنىڭدەك بەخىتلىك ئايال بارمىدۇ ،  ياشلىرىمنى توختۇتالمايۋاتىمەن  ، تېخى ئالدىنقى يىلىلا مەنمۇ ئاپامغا بىر سىۋەت گۈلنى سوۋغا قىلغان ئىدىم ، ھەر يىلقى ئانىلار بايرىمى ، ئاتىلار بايرىمى ، ھەم نورۇز ،مانا مۇشۇنداق ئاياللار بايرىمى قاتارلىقلاردا ، بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇپ خوشاللىققا چۆمەتتۇق ، بىراق بۇ يىلقى بايرامدا ئاپام يوق ، ئاپام بار بولغان بولسا مەن يەنىلا ئادىتىم بۇيىنچە بالىلىرىمنى ئەگەشتۈرۈپ ئاپام ياقتۈردىغان قىپ -قىزىل خۇش پۇراق ئەتتىر گۈلدىن بىر سىۋەت ئېلىپ يەنە ئۇنىڭغا ئاپامغا لايىق بىرە سوۋغاتنى يانداشتۇرۇپ ئاپامنى يۇقلار ئىدىم ، ئەپسۇس،،،،،،،،

بۇ بايرام ھالال بولامدۇ ھارام بولامدۇ ، پەققەت بىلگۈچى ئاللاھ ،

تاھىربەگ 2011-03-08 22:25
بەك توغرا گەپ قىلدىڭىز يۈرەك ، يۈرەك ، مۇشۇ نەرسىگە پاكىز ساغلام ئەقىدە سىڭمىسە ، شۇ جاھالەتنىڭ پىرلىرى بىشىمىزدا موللىغ ئېتىپ ئوينايدۇ .......

بىلىمەن ، سىزنىڭ بىلىمىڭىز كۆپ ... سىز بىلەن مۇنازىرلىشىپ بولالمايمەن ، ... 
  سالام مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان ئۈستىدىكى ھەققى ... بۇنى سىزمۇ بىلىسىز  ...  
   بەلكىم سالىمىمنى ئىلىك ئالماسلىقىڭىزدا بىرەر مەخسەت باردۇر ، بولسا شۇنى دەپ بەرسىڭىز .  

muhajir1 2011-03-08 22:44
ئۈتكەندە بىرسى <<ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا مەدىيھە>> دەپ ماۋزۇ قۇيۇپ شېر يېزىپتىكەن بەك نوچى. بۇنىمۇ شۇنداق رەدىيە ئۇخشايدۇ دەپ ئىشەنچىلىك ئاچسام ئەسلا ھەقىقەتەن مەدىھەكەن ئەمەسمۇ.... 

ahlak 2011-03-09 14:49
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار....  يازغان ئىنكاسلىرىڭلارغا ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم. ئاللاھ تائالا مۇنداق دىگەن:سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان،ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ ،يامان ئىشلاردىن تۇسىدىغان بىر جامائە بولسۇن، ئەنە شۇلار مەقسىەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر.  قۇرئان كەرىم سۈرە  بەقەرە197- ئايەتنىڭ بىر قىسمى..


查看完整版本: [-- بارىلىق خانىم- قىزلارغا بايراملىق سوۋغات............رەسىملەر --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.069020 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us