باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3900 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: مۇستاپا  كامال دىنسىزمۇ ياكى تەقۋادار مۇسۇلمانمۇ ؟؟؟؟  2
تۇپراقتەك كەمتەر بول ....--
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3034
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1791
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1791دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 9266 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2012-03-29
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-07 02:26

مۇستاپا  كامال دىنسىزمۇ ياكى تەقۋادار مۇسۇلمانمۇ ؟؟؟؟  2

ئاتاتۈرك دىنىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»نى ئىنسانلارغا رەھبەر يەنى يول باشلىغۇچى قىلىپ چۈشۈرگەن. ئاللاھ «قۇرئان كەرىم» ئارقىلىق ئىنسانلارنى قاراڭغۇلۇقتىن نىجادلىققا ئىرىشتۈرۈپ، ئۇلارغا قۇتۇلۇش يولىنى كۆرسەتكەن. «قۇرئان كەرىم»نىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى بىلدۈرۈلگەن ئايەتلەرنىڭ بىرىدە «(بۇ)ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۇر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز — نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر.»(18)دەپ كۆرسىتىلگەن. ئاتاتۈركمۇ «قۇرئان كەرىم»نى ئۆزىگە يىتەكچى قىلغان بىر مۇسۇلمان ئىدى. ھاياتىدا ھەر ۋاقىت قۇرئان ئوقۇتۇشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن. ھاپىز زەكى چاغلار ئاتاتۈركنىڭ بۇ تەرىپىنى شەرھىيلەپ، «ئاتاتۈركنىڭ قىز قېرىندىشى ماقبۇلە خانىم بىلەن ئۇزۇن يىل قوشنا ياشىدۇق. ھەر يىلى رامىزان ئېيى يېقىنلاشقاندا، ئاتاتۈرك قىز قېرىندىشىغا ‹ماقبۇلە رامىزان كېلىۋاتىدۇ. ئانىمىزغا ئاتاپ خەتمە ئوقۇتۇشقا سەل قارىما›دەپ، خەتمە ئوقۇيدىغان قارىغا بىرىش ئۈچۈن كونۋېرىتتە پۇل بىرەتتى»دەيدۇ.(19)
ئاتاتۈرك «قۇرئان كەرىم»گە بولغان ساداقىتىنى بىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنى«كىتابى ئەكمەل»(يەنى «ئەڭ مۇكەممەل كىتاپ») دەپ تەرىپلەيتتى. دولما باغچە سارىيى ۋە چانقايا قەسىرىگە قارىلارنى چاقىرتىپ، پات — پات قۇرئان ئۇقۇتاتتى. ئايەتلەر ئۈستىدە تەھلىللەرنى يۈرگىزەتتى ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنى ۋەتەپسىرى ھەققىدە پىكىرئالاقىسىدا بولاتتى. ئاتاتۈرك «قۇرئان كەرىم»نىڭ خەلق تەرىپىدىن چۈشىنىلىشى ئۈچۈن زور دەرىجىدە ئەجىر سىڭدۈرگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مۇبارەك كىتاپنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلدۇرۇش ۋە تەپسىر يېزىشنى ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«تۈركلەر قۇرئانغا ئەگىشىدۇ. لېكىن ئۇنىڭدا نىمە دېيىلگەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە نىمىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ ۋە بىلمەي تۇرۇپ ئېتىقاد قىلىدۇ. مىنىڭ مەقسىتىمئۆزى ئەگىشىپ مىڭىۋاتقان كىتاپتا نىمىلەرنىڭ بارلىقىنى تۈركلەر چۈشەنسۇن»(20)ھەقىقەتەن، بۇ كىتاپ ئۇنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە كۆرسەتمە بىرىشى بىلەن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىندى. شۇنىڭدەك ھادىملى ئەپەندىنىڭ«خۇلاساتۈل بەيان فى تەپسىرىل قۇرئان»، ھامدى يازىرنىڭ «ھەق دىنى قۇرئان تىلى»قاتارلىق تەپسىرلىرىمۇ يەنە ئۇنىڭ دەۋرىدە نەشىر قىلىندى. جۇمھۇرىيەتنىڭ دەستلەپكى 15 يىلىدا، يەنى ئاتۈركنىڭ ھايات مەزگىلىدە «قۇرئان كەرىم»گە ئائىت 10 كىتاپ يېزىلىپ نەشىر قىلىندى ۋە كۆپ قىسمى خەلققە ھەقسىز تارقىتىلدى. تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان ھەدىسلەرمۇ تۈرك خەلقىنىڭ ھەقىقىي ئىسلامنى ئۈگىنىشى ئۈچۈن يەنە ھەقسىز تارقىتىلدى. يەنە شۇ مەزگىلدە جامەلەرنىڭ دىنىي خادىملارغا بولغان ئېھتىياجىنى قامداش مەقسىتىدە ئىمام — خاتىپ مەكتەپلىرى ئېچىلدى. ئاتاتۈرك دىننى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن قىلغان ھەرىكەتلىرىنى مۇنداق ئىپادە قىلغانىدى:«ئالدى بىلەن قۇرئاننى تىلىمىزغا تەرجىمە قىلدۇرماقچى بولدۇم. بۇ كىتاپ تۇنجى قېتىم تۈركچىگە تەرجىمە قىلىندى. ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ھاياتىغا ئائىت بىر كىتابنىڭ تەرجىمە قىلىنىشىغا بۇيرۇق چۈشۈردۇم.»(21)
ئاتاتۈرك جامەلەردە ئوقۇلىدىغان خۇتبىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىگە ئىرىشىشى، يەنى ئىنسانلارغا پايدىلىق ۋە يول كۆرسەتكۈچى بولۇشى ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلىرىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن:«خۇتبە ئوقۇشتىن مەقسەت خەلقنى قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەئۇلارغا يول كۆرسىتىشتۇر. خۇتبە ئوقۇغان كىشلەر سىياسىي ۋەزىيەتنى، جەمىئىيەت ئەھۋالىنى، مەدەنىي ھالەتنى ۋە مەدەنىي دۇنيانىڭ مەسىلىلىرىنى ھەر كۈنى دىققەت بىلەن كۈزىتىپ تۇرۇشى شەرتتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن خۇتبە تامامەن تۈركچە ۋە كۈنىمىزگە ئۇيغۇن بولۇشى كىرەك.»(22)
تۈركىيە ۋە چەتئەل ئالىملىرىنىڭ ھەممىسى لائىكلىكنى ئاتاتۈرك ئىنقىلابىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدۇ. گەرچە تۈرك ئىنقىلابى ئىچىدە ئىپادىلەنگەن چۈشەنچىلەر بىر پۈتۈن بولسىمۇ، ئەمما بۇ پۈتۈنلۈكنىڭ تايانغان ئىككى ئاساسىي ئۇلى مىللەتچىلىك ۋە لائىكلىك بولۇپ، بۇ باشقا چەشەنچىلەرنى مۇستەھكەملىگەن. ئاتاتۈركنىڭ تۈركىيىدە يولغا قويغان لائىكلىك تۈزۈمى ئىسلامنىڭ تۈپ ئەقىدىسىگە ئۇيغۇن ئىدى. لائىكلىك دۆلەت تۈزۈمىنىڭ ۋە ھوقۇق پىرىنسىپلىرىنىڭ دىنگە ئەمەس، بەلكى ئەقىل بىلەن بىلىمگە تايانغانلىقىدۇر. بۇنىڭ مەنىسى دۇنيا ئىشلىرى بىلەن دىنىي ئىشلارنى بىر بىرىدىن ئايرىپ، جەمىئىيەتتە ئېتىقاد ۋە ئىبادەت ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇش دېگەنلىكتۇر. ئاتاتۈرك لائىكلىك چۈشەنچىسىنى مىللىي بىرلىك ۋە ھەمكارلىق يارىتىش جەھەتتە، دۆلەتنىڭ مەۋجۇدىيىتى ۋە كېلىچىكىنى قوغداش نوقتىسىدا زۆرۈر دەپ قارىغان. لائىكلىك چۈشەنچىسى ئارقىلىق مىللىي ئىرادىنىڭ پۈتۈنلىشىشىگە ئاسانلىق يارىتىلاتتى، شەخسلەرنىڭ ئىبادەت ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى قانۇن ئارقىلىق قوغدىلىپ، ئۇلارنىڭ دىنگە ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىكىگە قارىتا يۈرگىزىلىدىغان بېسىم بىكار قىلىناتتى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ بىر بىرىگە ئازادە مۇئامىلە قىلىشىغا شارائىت ھازىرلىناتتى. لائىكلىك مۇشۇ تەرىپى بىلەن ئىسلام دىنىگە ئۇيغۇن بىر قۇرۇلما ئىدى. چۈنكى دىندا زورلاش يوقتۇر. بۇ ھەقتە مۇنداق ئايەتلەر بار. «دىندا(ئۇنىڭغا كىرىشكە)زورلاش يوقتۇر»(23)، «سەن پەقەت(ئۇلارغا)ۋەز-نەسىھەت قىلغۇچىسەن. سەن ئۇلارنى مۇسەللەت(يەنى ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلىغۇچى)ئەمەسسەن.»(24)، «ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى. سەن كىشىلەرنى مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلامسەن؟»(25)دېمەك، ئىسلامدا ۋىجدانغا بېسىم يوق. ۋىجدانغا ھۆرمەت كۆرسىتىش قۇرئاننىڭ بۇيرىقى. دىنغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەركىمنىڭ ۋىجدانىغا قالدۇرۇلغان. بۇ، تۈرك ۋەتەنداشلىرىغا ئەركىن بىر تاللاش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بىرەتتى. بۇ چۈشەنچىنىڭ ھېمايىسى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى ھەر بىر ۋەتەنداش ئىرىشكەن ئېتىقاد ئەركىنلىكى بويىچە ياشاش ۋە ئىبادەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ۋە كاپالىتىگە ئىرىشەتتى.
1938 – يىلى ئىلان قىلىنغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ ئون بەش يىللىقىغا بېغىشلانغان كىتاپتا ئاتا تۈركنىڭ ھايات چېغىدا قوبۇل قىلىنغان لائىكلىك پرىنسىپى مۇنداق ئىزاھلانغان:«مىللىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتقا شەخسلەرنىڭ دىنسىز، شۇ خىل ياكى بۇ خىل ئېتىقاد سىستېمىسىگە مەنسۇپ بولۇشى ئۇنىڭ مىللىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىپىسى جەھەتتىن نە بىر ئەيىپ، نە بىر پەزىلەت ھېساپلانسۇن. تۈركىيىدە دىننىڭ دۇنيا ئىشلىرىدىن ئايرىم تۇتۇلغانلىقى لائىكلىكنىڭ ئىلانقىلىنغان كۈنىدىن ئېتىبارەندۇر.ھىچكىم ھېچقانداق بىر ئىبادەتكە زورلانمايدۇ. ھېچكىم ۋىجدانىنىڭ ئىلھامى بىلەن قوبۇل قىلغان ئىبادەتتىن چەكلەنمەيدۇ.»(26)
دىققەت بىلەن كۆزىتىلسە كۆرگىلى بولىدۇكى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوللانغان بۇ لائىكلىك مودېلى ئەسلىدە ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا ئىنتايىن ئۇيغۇن ئىدى. چۈنكى يۇقىرىدا دېيىلگىنىدەك، ئىسلامىيەت ئېتىقاد ئۈچۈن ھۆر ئىرادىنى ۋە ۋىجدانىي بىر قايىللىقنى شەرت قىلاتتى. بىر كىشىنىڭ ئىسلامىيەتنى دىن سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشى تامامەن ئۇنىڭ ھۆر ئىرادىسىگە باغلىق ئىدى. ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنمۇ قۇرئاندا بۇيرۇلغان ئىبادەتلەرنى ئىجرا قىلىشى ياكى چەكلەنگەن ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشى تامامەن خۇسۇسىي ۋىجدانى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئەلبەتتە مۇسۇلمانلار بىر بىرىنى قۇرئاندا بەلگىلەنگەن ئەخلاقىي خاراكتېرلەرنى ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرسا بولىدۇ. لېكىن بۇنى بېسىم قىلىش ئارقىلىق ئورۇنلاشقا بولمايدۇ. دىن بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. ئاتاتۈرك ئىسلامنىڭ پارلاق دەۋرىگە قايتىپ، دەۋرگە ۋە ئەقىلگە ماس كەلمىگەن، كونىرىغان ھوقۇق پىرىنسىپلىرىنى چۆرۈپ تاشلاپ دۆلەتنى لائىكلاشتۇرغان. ئەمما ئىسلامنىڭ ئېتىقاد ۋە ئىبادەتكە تايانغان پرىنسىپلىرىغا ھەرگىز چېقىلمىغان. ئۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«دىن بىر ۋىجدان مەسىلىسىدۇر. ھەر كىم ۋىجدانىنىڭ بۇيرىقىغا بويسىنىشتا ئەركىندۇر. بىز دىنگە ھۆرمەت قىلىمىز. ئويلىنىش ۋە تەپەككۇرغا قارشى ئەمەسمىز. بىز پەقەت دىن ئىشلىرىنى مىللەت ئىشلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرماسلىققا تىرىشىمىز. غەرەزلىك ۋە ھەرىكەتكە ئايلانغان مۇتەئەسىپلىكتىن ساقلىنىمىز»(27)،«تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە قۇرامىغا يەتكەن ھەر قانداق بىر كىشى ئېتىقاد قىلىدىغان دىنىنى تاللاشتا ھۆر بولغىنىدەك، ھەر قانداق بىر دىننىڭ مۇراسىملىرىمۇ ئەركىن بولىدۇ. يەنى ئىبادەت ئەركىنلىكىگە چېقىلىشقا بولمايدۇ. تەبىئى ھالدا ئىبادەتلەر تىنىچلىق ۋە ئەخلاق پرىنسىپلىرىغا قارشى ئەمەس. سىياسىي نامايىش شەكلىدە قىلغىلىمۇ بولمايدۇ. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە ھەر كىشى ئاللاھقا خالىغىنىچە ئىبادەت قىلسا بولىدۇ. ھېچكىمگە دىنىي پىكىرلىرى سەۋەبىدىن بىر نەرسە قوللىنىشقا بولمايدۇ.»(28)،«لائىكلىك ئەسلا دىنسىزلىق بولمىغىنىدەك، ئۇ ساختا دىندارلىق ياكى سېھىرگەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشقا دەرۋازىسىنى ئاچقانلىقى ئۈچۈن ھەقىقىي دىندارلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئىمكانىيەت ياراتتى. لائىكلىكنى دىنسىزلىق بىلەن ئارىلاشتۇرماقچى بولغانلار تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن كۆزلىرىنى پەردە تۇسۇۋالغان شەرق مىللەتلىرىنىڭ مۇتەئەسىپلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.»(29)،«سوفتالار(دىندارلارنى ئاتاشتا قوللىنىلغان بىر خىل نام—ئا)گۇرۇھىنىڭ دىن كومسىيونچىلىقىغا يول قويماسلىق كىرەك. دىندىن ماددىي مەنپەئەت كۈتكەنلەر يىرگىنچلىك كىشىلەردۇر. بىز دەل بۇ ھالەتكە قارشى ھەم بۇنىڭغا يول قويمايمىز.»(30)، «لائىكلىك يالغۇز دىن بىلەن دۇنيا ئىشلىرىنىڭ ئايرىۋىتىلىشىلا ئەمەس، بەلكى يەنە بارلىق ۋەتەنداشلارنىڭ ۋىجدان، ئىبادەت ۋە دىنىي ئەركىنلىكى دېگەنلىكتۇر.»(31)مۇستاپا كامال 1924-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى فرانسىيىلىك بىر مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇنىڭ «ئىنقىلاپ دىنگە قارشى قانداق مەۋقەدە بولدى؟»دېگەن سۇئالىغا «سىياسىتىمىزنى دىنگە قارشى دېيىش ئۇياقتا تۇرسۇن، تېخى دىن جەھەتتىن قىلغانلىرىمىزنى يىتەرلىك ئەمەس دەپ قارايمەن»دەپ جاۋاپ بەرگەن. دېمەك، لائىكلىك دىنىيئەركىنلىكنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان ھەقلەرنىڭ قوغدىلىشى ۋە كاپالەتكە ئېلىنىشى ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر بىر شەرت ئىدى.ئاتاتۈركنىڭ لائىكلىك چۈشەنچىسىنى ئوردىناريۈس، پروفېسور ۋە دوكتور فۇئات باشگىل مۇنداق ئىزاھلايدۇ: «ئەڭ جانلىق ۋە ئەڭ قىسقا ئىپادىلىگەندە لائىكلىك دىنىي ئەركىنلىكنى ۋە بۇنىڭدىن تۇغۇلغان ۋەتەنداشلىق ھەقلىرىنى دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداشتۇر. دۆلەت ھاياتىدىكى لائىكلىكنىڭ غايىسى دەل مۇشۇدۇر. لائىك دۆلەت دىنىي ئەركىنلىكنى ۋە دىندارلارنى ھەر خىل ھۇجۇملاردىن قوغدايدىغان دۆلەتتۇر>>(32)ئەمدى بىز لائىكلىك چۈشەنچىگە زىت دۆلەت مودېلىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى، مەسىلەن،ئىنسانلارنى مەجبۇرىي ھالدا مۇسۇلمان ياكى خرىستىيانغا ئايلاندۇرغان بىر مەملىكەتتە دىننىڭ سىياسىي بىلەن بىرىكىشى نەتىجىسىدە دىنگە ئىشەنگۈچىلەرنىڭ دىننىڭ پرىنسىپلىرى بويىچە ياشاشقا زورلىنىشى تەبىئىي ھالدا مەۋجۇت بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ھاكىمىيەت ئۆزىنىڭ سىياسىي غايىسى ئۈچۈن دىننى ۋاستە قىلىش ۋە ۋەتەنداشلارنىڭ دىنىي ھېسياتىنى بىر خىل قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىشقا ئورۇنىشىمۇ تەبىئىي ھالدا شەكىللىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋال تارىختا كۆپ كۆرۈلگەن.بۇ خىل دۆلەت مودېلى جەمىئىيەتتىكى بارلىق كىشىلەرنى ناماز ئوقۇش ياكى چېركاۋغا بېرىش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ ساقچى ياكى ژاندارما قىسىملىرى ئارقىلىق زورلىشىمۇ مۇمكىن، ياكى بىراز مۆتىدىل بىر سىياسەتنى قوللىنىپ ناماز ئوقۇغانلارغا ياكى چېركاۋغا بارغانلارغا ئېتىبارلىق مۇئامىلە قوللىنىشى ياكىمۇكاپاتلايدىغان ئۇسۇلنى قوللىنىشى مۇمكىن. بۇنداق دۆلەت ھامان لائىكلىككە قارشى بولۇپلاقالماي، يەنە ئىسلامىيەتكە ۋە «قۇرئان كەرىم»ئەخلاقلىرىغىمۇ زىتتۇر. چۈنكى، زورلاش ياكى مەنپەئەت بەدىلىگە قىلىنغان ئېتىقاد ۋە ئىبادەتنىڭ ھېچقانداق بىر مەنىسى بولمايدۇ. ئېتىقاد ۋە ئىبادەت پەقەت ئاللاھقا يۈزلەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن بولغاندىلا ئاندىن ھەقىقىي قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. ئەگەر دۆلەت ئىنسانلارنى ئېتىقادقا ۋە ئىبادەتكە زورلىسا، ئىنسانلار پەقەت ئاشۇ ھاكىمىيەتتىن قورققانلىقى ئۈچۈن دىندار كىشىلەرگە ئايلىنىدۇ.دىنىي جەھەتتىن قوبۇل قىلىنىدىغىنى ۋىجدان تامامەن ئەركىن بولغان ھالەتتە دىننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدۇر. دېمەك، «ئاتاتۈركنىڭ لائىكلىك ھەققىدىكى ئىبارىلىرى ئىسلامنىڭ روھىغا ۋە مەقسىتىگە تامامەن ئۇيغۇن ئىدى.»(33)
ئاتاتۈرك بىر سەمىمىي دىندار كىشى ئىدى. ئاتاتۈرك ئىسلام ئەخلاقىنى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ۋاجىپلىرىنى ئائىلە تەربىيىسىدىكى چېغىدا قوبۇل قىلغان. كېيىنكى ئوقۇش ھاياتىدىمۇ بۇنى كۈچەيتىپ بارغان. ئۇ «بىلىملىك — زامانىۋىي – دىندار»قۇرۇلمىنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ ئۇتۇقلۇق تەدبىقلىغۇچىسى ئىدى. ئاتاتۈرك قالاقلىق ۋە مۇتەئەسسىپلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئىسلامنى يۈكسەلدۈرگەن. بۇ ئارقىلىق ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئەڭ توغرا شەكىلدە ئايرىپ بەرگەن. خانىقا، گۈمبەز ۋە ئۇششاق ئىبادەتخانىلار ئۇنىڭ دەۋرىدە تاقىۋىتىلگەن. ئەمما تۇنجى تۈركچە قۇرئان تەرجىمىسىئۇنىڭ دەۋرىدە نەشىر قىلىنغان.جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە ئانادودا سېلىنغان مەسچىتلەرنىڭ سانىمۇ تارىختىكى ھەر قانداق دەۋردىكىدىن كۆپ بولدى. تۈرك كىشىلىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغان ۋە مۇتەئەسسىپلىككە ھەر ۋاقىت قارشى تۇرغان ئاتاتۈرك تۈرك مىللىتىنى دىننىڭ ئەسلىسىگە يۈزلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ۋە بۈگۈنكى كۈندە مىللەت خاراكتېرلىك يەتمەكچى بولغان قۇرۇلمىنى تولۇق نامايەن قىلىپ بەرگەن ئىدى.
شۆبھىسىزكى، دىن ئاتاتۈركنىڭمۇ ناھايىتى دىققىتىنى تارتقىنىدەك، دېموكراتىيىنىڭ ۋە مىللى پۈتۈنلۈكنىڭ ۋاز كىچەلمەيدىغان بىر ئېھتىياجى ئىدى. بىر مىللەتنىڭ كىشىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تۇتۇپ تۇرۇشتىكى ئەڭ كۈچلۈك زەنجىر ھېساپلانغان دىن ئائىلە، ئەخلاق ۋە دۆلەت مۇئەسسىسەلىرىنىڭمۇ مەۋجۇتلىقىنى ساقلايدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر. دىنىي ئەخلاق مەۋجۇت بولمىغان ياكى دىنىي قىممەتلەر يوقالغان جەمئىيەتتە بۇنىڭ تەبىئىي بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە ئائىلە، ئەخلاق ۋە دۆلەت ئۇقۇملىرىمۇ كۈچىنى يوقىتىپ قىسقا ۋاقىتتىلا گۇمران بولىدۇ. مىللەتنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى قانچىلىك قەدىمىي بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، مىللەتنىڭ ئەزالىرىنى بىر بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان بارلىق مىللىي ۋە مەنىۋىي قىممەتلەر زەنجىرىنىڭ ئۈزۈلىشىگە، باشباشتاقلىقنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ۋە جەمئىيەتنىڭ پارچىلىنىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. شۇ سەۋەپلىك، جەمىئىيەت توقۇلمىسىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكنى ئىپادىلىگەن دىن مۇئەسسىسەسىنىڭ مەجۇتلىقىنى ساقلىيالمىغان مىللەتنىڭ سوتسىيالوگىيىلىك ۋە ئىلمىي نوقتىدىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس. مەيلى شەخس ئۈچۈن بولسۇن، ياكى مىللەت ئۈچۈن بولسۇن، دىننىڭ لازىملىق بىر مۇئەسسىسە ئىكەنلىكىنى تۇنۇتقان ۋە سىياسىي ساھەدىكى سانسىز ئىنقىلاپلىرى ئارقىلىق بۇ ساغلام پىكرىنى كەڭ خەلققە تارقىتىشنى نىشان قىلغان ئاتاتۈرك تۈرك مىللىتىنىڭ دىندار بولۇشىنى ۋە دىنىي قىممەتلەرنى قوغدىشىنى «دىن كىرەكلىك بىر مۇئەسسىسەدۇر. دىنسىز مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا ئىمكانىيەت يوق»، «دىن بار. ئۇ لازىمدۇر»(34) دېگەن سۆزلىرى ئارقىلىق بىلدۈرگەنىدى.
ئۇ مىللىتىنى باتىل ئېتىقاتلاردىن تازىلاشنى ۋە ھەقىقىي دىنگە يۈزلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغانىدى. بۈيۈك رەھبەر ھەقىقىي دىننىڭ ئاساسلىرىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنى قانداق ئۆلچەم بىلەن قىممەتلەندۈرۈش كىرەكلىكىنى 1923-يىلى 2- ئاينىڭ 7-كۈنى بالىكەسىردىكى پاشا جامەسىدە خۇتبىدا سۆزلىگەن بىر سۆزىدە مۇنداق ئىپادە قىلغان:«ئاللاھ بىر، شۆھرىتى ئۇلۇقتۇر. ئاللاھ سىلەرنى سالامەت ۋە ھۆرمەتلىك قىلسۇن. يىتەكچىمىز پەيغەمبەر ھەزرەتلىرىنى ئاللاھ ئىنسانلارغا دىنىي ھەقىقەتلەرنى بىلدۈرۈشكە ئەلچى قىلىپ تەيىنلىگەن. بۇنىڭ تۈپ ئاساسىھەممىزگە مەلۇمكى، ئۇلۇغ قۇرئاندىكى مەنىسى ئوچۇق بولغان ئايەتلەردۇر. ئىنسانلارغا تەرەققىيات روھىنى بەرگەن دىنىمىز ئاخىرقى دىندۇر، ئەڭ مۇكەممەل دىندۇر. چۈنكى دىنىمىز ئەقىلگە، مەنتىقىگە ۋە ھەقىقەتكە تامامەن ئۇيغۇن.»(35)ئاتاتۈرك ئىسلام دىنىنىڭ ئىلىمگە ۋە مەنتىقىگە تامامەن ئۇيغۇن بىر دىن ئىكەنلىكىنى باشقا بىر نۇتقىدىمۇ مۇنداق ئىپادە قىلغان:«بىزنىڭ دىنىمىز ئەڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن ۋە ئەڭ تەبىئىي بىر دىندۇر. شۇڭا، ئۇ ئاخىرقى دىن ئىدى. بىر دىننىڭ تەبىئىي بولۇشى ئۈچۈن ئەقىلگە، تېخنىكىغا، ئىلىمگە ۋە مەنتىقىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. بىزنىڭ دىنىمىز بۇلارغا تامامەن ئۇيغۇن. ئىسلامنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى ئىچىدە ھېچكىمنڭ خاس بىر سىنىپ ھالىتىدە ياشىشىغا ھەققىي يوق. ئۆزىدە مۇشۇنداق بىر ھەق بار دەپ قارىغۇچىلار دىنىي پرىنسىپلارغا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلمىغان كىشىلەردۇر. بىزدە رۇھانىيلىق يوق، ھەممىمىز باراۋەر. دىنىمىزنىڭ پرىنسىپلىرىنى باراۋەر ھالدا ئۈگىنىشكە مەجبۇرمىز.»(36)
ئاتاتۈرك تۈرك مىللىتىنىڭ دىندار بولۇشىنى ۋە دىنىي قىممەتلەرنى قوغدىشىنى كۈچلۈك تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ زەئىپلىشىشىنى دىنگە باغلىغان تۈرك دۈشمەنلىرىگە بەرگەن جاۋابى مۇنداق ئىدى:«دۈشمەنلىرىمىز بىزنى دىننىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغان دەپ قارىلايدۇ. تۇرغۇنلىقىمىزنى ۋە زەئىپلىشىشىمىزنى بۇنىڭغا باغلايدۇ. بۇ خاتا. بىزنىڭ دىنىمىز ھېچقاچان ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ كەينىدە قېلىشىنى ئارزۇ قىلغان ئەمەس. ئاللاھنىڭ بۇيرىغىنى مۇسۇلمان ئەرلەر بىلەن مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ بىرلىكتە دىنىي تەربىيە ئېلىپ يىتىشتۈرۈلىشىدۇر. ئەرلەر ۋە ئاياللار بۇ ئىلىم ۋە تەربىيىنى ئىزدەپ قەيەردە بولسا شۇ يەرگە بېرىشقا ۋە ئۇنىڭ بىلەن قوراللىنىشقا مەجبۇردۇر. ئىسلام ۋە تۈرك تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان بولساق كۆرۈلىدۇكى، بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىمىزنى مىڭ خىل پرىنسىپلارغا باغلاندۇق دەپ قارايدىغان ئىش يوق. تۈرك ئىجتىمائىي ھاياتىدا ئاياللار ئىلىم جەھەتتىن تەلىم ۋە تەربىيە كۆرۈشتە ۋە باشقا تېمىلاردا ئەرلەردىن قەتئىي ئارقىدا قالغان ئەمەس. بەلكىئۇلاردىنمۇ ئىلگىرى كەتكەن.»(37)
ئاتاتۈرك ئۆزىنىڭ دىنىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بىلمەكچى بولغان فرانسۇز مۇخبىرى مائۇرىك پېرنو بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئۇنىڭغا بەرگەن كەسكىن جاۋابى مۇنداق ئىدى.
م. پېرنو :«ئۇنداقتا يېڭى تۈركىيىنىڭ سىياسىتىدە دىنگە قارشى ھېچقانداق بىر خائىش ۋە ماھىيەت يوق دەمدۇق؟»
ئاتاتۈرك:«سىياسىتىمىزنىڭ دىنگە قارشىلىقى ئۇياقتا تۇرسۇن، تېخى دىن جەھەتتىن قىلغانلىرىمىز يىتەرلىك ئەمەس دەپ قارايمەن.»
م.پېرنو:«ھۆرمەتلىك جاناپلىرى ئويلىغانلىرىڭىزنى ماڭا تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپ بىرەمسىز؟»
ئاتاتۈرك:«تۈرك مىللىتى تېخىمۇ دىندار بولۇشى كىرەك. يەنى ئەڭ سەمىمىي دىندار بولۇشى كىرەك دېمەكچىمەن. مەن بىۋاسىتە ھەقىقەتكە قانداق ئىشەنسەم دىنىمگىمۇ شۇنداق ئىشىنىمەن. دىنىمىزدە ئەقىل– ئىدراكقا زىت، تەرەققىياتقا توسقۇن ھېچقانداق بىر نەرسە يوق. ھالبۇكى تۈركىيەدىن مۇستەقىللىقىنى ئالغان ئاسىيا مىللىتى ئىچىدە تېخىمۇ قالايمىقان، سۈنئى ۋە باتىل ئېتىقادلاردىن ئىبارەت بىر دىن يەنىلا مەۋجۇت. لېكىن بۇ نادانلار، بۇ زەئىپلەر ۋاقتى كەلگەندە يۇرۇقلىققا ئىرىشىدۇ. ئەگەر يورۇقلۇققا يېقىنلىشالمىسا ئۆزىنى ھالاك قىلىپ مەھكۇملۇققا قويىدۇ. ئۇلارنى قۇتقۇزىمىز.»(38)
ئاتاتۈرك باشقا تەرەپتىكى ئالاھىدىلىكلىرىگە ئوخشاش، دىندارلىقى بىلەنمۇ تۈرك مىللىتىگە ئەڭ گۈزەل ئۆرنەك بولغان. بۇ بۈيۈك رەھبەر دىندار كىشىلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى سۈپىتىدە دىن ئادەملىرىگە ھەر ۋاقىت ھۆرمەت كۆرسىتەتتى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى دىنيانەت ئىشلىرى مىنىستىرى رېفات بۆكرەكچى ئاتاتۈركنىڭ ئۆزىگە كۆرسەتكەن ھۆرمىتىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:«ئاتاتۈركنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەن چېغىمدا مېنى ئورنىدىن تۇرۇپ، تەكەللۇپ ۋەمۇلايىملىق بىلەن قارشى ئالدى. ‹پاشام مىنى خىجىل قىلىۋاتىسىز›دېسەم، ئۇ ‹دىن ئادەملىرىگە ھۆرمەت كۆرسىتىش مۇسۇلمانچىلىقنىڭ ۋاجىپلىرىدىن بىرىدۇر›دېدى. ئاتاتۈرك شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن مۇقەددەس دىنىمىزنى سىياسەتكە ۋاسىتە قىلغان نادان دىن ئادەملىرىنى ياقتۇرمايتتى.»(39)
ئاتاتۈرك ھەر قانداق بىر مۇتەئەسسىپلىككە قارشى ئىدى. بۇ ھەقىقەتنى ئۇ مۇنداق دېيىش ئارقىلىق ئېنىق كۆرسەتكەن:«تۈركلەر ئىسلامغا ئېتىقاد قىلسىمۇ، بۇزۇلۇشقا ۋە چۈشكۈنلىشىشكە دۇچ كەلدى. ئۆتمۈشنىڭ باتىل ئادەتلىرى ۋە ئېتىقادلىرى بىلەن ئىسلامىيەتنى ئارىلاشتۇرىۋېلىپ، ھەقىقىي ئىسلامىيەتتىن يىراقلاشقانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى دۈشمەنلىرىنىڭ ئەسىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. ھەقىقىي ئىسلامنىڭ ناھايىتى ئۇلۇغ ۋە ناھايىتى قىممەتلىك ھەقىقەتلىرىنى دېگەندەك قوبۇل قىلىشتا چىڭ تۇرمىدى. چۈشكۈنلىشىشىمىزنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرىدىن بىرىنى دەلمۇشۇ نوقتا تەشكىل قىلىدۇ.»(40)دېمەك، ئاتاتۈرك ئىسلام دىنىنى غەيرى چۈشەنچىلەردىن تازىلاپ ساپ ۋە ھەقىقىي ھالىتى بىلەن تۈرك مىللىتىگە بىلدۈرۈشكە تىرىشقان. ھەرگىزمۇ دىننى ئىسلاھ قىلىشقا ئۇرۇنغان ئەمەس. ئۆزىمۇ «مەن ليۇتېر بولمايمەن»(41)دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. ئىسلام دىنى ھەققىدە مۇشۇنداق ئۇلۇغ پىكىرلەرگە ئىگە بولغان ۋە ھەرقانداق مۇھىتتا بۇ چۈشەنچىلىرىنى ئوچۇق ئىپادىلەپ ماڭغان ئاتاتۈرك ئاللاھتىن قورقىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنى قولىدىن كىلىشچە ئورۇنداشقا تىرىشقان تەقۋادار بىر مۇسۇلمان ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ ھەرىكەت شەكىللىرىدە ۋە تۇرمۇش ئۇسۇللىرىدا «قۇرئان كەرىم»دە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسىل سۈپەتلىرى سۈپىتىدە بىلدۈرۈلگەن خاراكتېرلەرنىڭمۇ نامايەن بولغانلىقىنى كۆرىمىز. مەسىلەن، كەمتەرلىك، نۇمۇسچانلىق، كەڭ قۇرساقلىق، تىنچلىقنى سۆيۈش، كېڭىشىش، باشقىلار بىلەن يارىشىش، تىرىشچانلىق، يېقىملىق سۆز قىلىش، ئىللىق مۇئامىلە قىلىش، ھېسسىيلىكتىن يىراق تۇرۇش، ئەقىلچىل بولۇش، ئەخلاق ئىگىسىگە ئايلىنىش، مەۋقەسى مۇقىم بولۇش، پاكىزلىقنى سۆيۈش، ياخشى ياسىنىش، سەنئەت ۋە ئېستېتېتكىغا ئەھمىيەت بىرىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرى دەل ئىسلام ئەخلاقىدىن مەنبەلەنگەنىدى.
قىسقىسى، يۇقىرىدىكى بايانلىرىمىز ئاتاتۈركنىڭ دىندار كىشى ئىكەنلىكىنىڭ يىتەرلىك پاكىتلىرىدۇر. «قۇرئان كەرىم»دە «يالغان سۆزلىگەن ۋە باشقىلارغا قارا چاپلىغانلار مۆئىمىن ئەمەستۇر»دېيىلىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ روھى بىلەن شۇنداق دېيىشكە ھەقلىقمىزكى، مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى ئىنكار قىلغانلار ياكى ئۇنىڭغا قارا چاپلىغانلار «قۇرئان كەرىم»دىكى ھەقىقەتلەرنى ئىنكار قىلغانلاردۇر.
________________________________________
مەنبەلەر:
(1) ئىبراھىم سارىچام، سەيفەتتىن ئەرشاھىن:«ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخى»، تۈركچە،88 – بەت.
(2)«ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»(«تۈركلەر»ماددىسى)، تۈركچە،12-توم،2- قىسىم596-بەت.
(3) «مۇستاپا كامالنىڭ سۆز ۋە نۇتۇقلىرى»، تۈركچە،2- توم،582-بەت.
(4)«ئاتاتۈرك چۈشەنچىلىرى ۋە ئىنقىلاپ تارىخى»، تۈركچە، 269-271-بەتلەر.
(5)نەدىم سەنبائى:«ئاتاتۈرك»، تۈركچە، 102-بەت.
(6)ھارۇن ياھيا: «ئاتاتۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى»، تۈركچە،2-توم، ئېنتېرنېتتىن ئېلىندى.
(7)ئۇتقان كوچاتۈرك: «ئاتاتۈركنىڭ پىكىر ۋە چۈشەنچىلىرى»، تۈركچە،26 -بەت.
(8)شەمسەتتىن گۈنالتاي:«ئۈلكۈ ژورنىلى»، تۈركچە، 9-توم، 100-سان، 3- بەت.
(9) ئاخمەد گۈرباش: «ئاتاتۈرك ۋە دىن تەربىيىسى»، تۈركچە، تۈركچە، 28-بەت.
(10)شەمسەتتىن گۈنالتاي:«ئۈلكۈ ژورنىلى» ،تۈركچە، 9-توم، 100-سان،4- بەت.
(11) ھارۇن ياھيا: «ئاتاتۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى»، تۈركچە، 2-توم، ئېنتىرنېتتىن ئېلىندى.
(12)«ئاتاتۈركنىڭ سۆز ۋە نۇتۇقلىرى»، تۈركچە، 2-توم،86-بەت.
(13) سۈلۈيمان تۈلۈجۈ:«مۇسۇلمانلارنىڭ تەبىئىي پەنگە قوشقان تۆھپىلىرى»، «تۈرك دۇنياسى تارىخ ژورنىلى»، تۈركچە،1987 -يىل،4-سان،39-بەت.
(14)«كۆرۈشكە تىگىشلىك بىلىملەر ئېنسىكلوپېدىسيى» ،تۈركچە،2- توم،940-بەت.
(15)«ئاتاتۈركنىڭ تاللانما سۆزلىرى»،تۈركچە،131- بەت.
(16)«ئاتاتۈركنىڭ سۆز ۋە نۇتۇقلىرى»،تۈركچە،2-توم،90-بەت.
(17)«ئاتاتۈرك چۈشەنچىلىرى ۋە ئىنقىلاپ تارىخى»،تۈركچە،2- توم،277-بەت.
(18)«قۇرئان كەرىم»(سۈرە ساد)،29-ئايەت،ئۇيغۇرچە، 456-بەت.
(19)ئەرجۈمەنت دەمىرەر: «دىن، جەمئيەت ۋە كەمال ئاتاتۈرك»،تۈركچە، 10-بەت.
(20) ئوسمان ئەرگىن:«تۈرك مائارىپ تارىخى»،تۈركچە، 1-بەت.
(21)فەتھى ناجى:«ئاتاتۈركنىڭ ئاساسلىق قاراشلىرى»، تۈركچە،55-بەت.
(22)«ئاتاتۈركنىڭ سۆز ۋە نۇتۇقلىرى»، تۈركچە،2-توم، 93-بەت.
(23)«قۇرئان كەرىم»(سۈرە بەقەرە)، 256- ئايەت، ئۇيغۇرچە،43-بەت.
(24)«قۇرئان كەرىم»(سۈرە غاشىيە)،21-،22-ئايەت،ئۇيغۇرچە،599-بەت.
(25)«قۇرئان كەرىم»(سۈرە يۇنۇس)،98-ئايەت، ئۇيغۇرچە 221-بەت.
(26)ئۇتقان كوجاتۈرك: «ئاتاتۈركنىڭ پىكىر ۋە چۈشەنچىلىرى»، تۈركچە، 34-بەت.
(27)ئۇتقان كوجاتۈرك:«ئاتاتۈركنىڭ پىكىر ۋە چۈشەنچىلىرى»،تۈركچە،34-بەت.
(28)ئافەت ئىنان:«مەدەنىي بىلىملەر»،تۈركچە،470-بەت.
(29)سادى بوراق: «ئاتاتۈرك ۋە دىن»،تۈركچە، 4-بەت.
(30)قىلىچ ئالى:«ئاتاتۈركنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى»،تۈركچە، 116-بەت.
(31)«ھېكمەتلىك سۆزلىرى بىلەن ئاتاتۈرك»،تۈركچە، 24-بەت.
(32)ھارۇن ياھيا:«ئاتاتۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى»،تۈركچە ،2- توم، ئېنتېرنېتتىن ئېلىندى.
(33)ھارۇن ياھيا:«ئاتاتۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى»، تۈركچە،2-توم، ئېنتېرنېتتىن ئېلىندى.
(34)ئاساف ئىلباي:«يېقىن كىشلىرىنىڭ خاتىرىلىرى»،تۈركچە،102-بەت.
(35) «ئاتاتۈركنىڭ سۆز ۋە نۇتۇقلىرى»، تۈركچە،2-توم،93-بەت.
(36)«ئاتاتۈركنىڭ سۆز ۋە نۇتۇقلىرى»،تۈركچە،2-توم،90-بەت.
(37)«ئاتاتۈركنىڭ سۆز ۋە نۇتۇقلىرى»،تۈركچە،2-توم،86-بەت.
(38)ئاھمەت گۈرباش:«ئاتاتۈرك ۋە دىن تەربىيىسى»،تۈركچە،32-بەت.
(39)ئاھمەت گۈرباش:«ئاتاتۈرك ۋە دىن تەربىيىسى»، تۈركچە، 12-بەت.
(40) سادى بوراك:«ئاتاتۈرك ۋە دىن»، تۈركچە،36-37-بەتلەر.
(41)ش.س. ئايدەمىر:«يىگانە ئادەم»، تۈركچە، 3- توم،496-بەت.
(42)ئىبراھىم ئاگاھ چۇبۇكچۇ:«مەدەنىيەت تارىخمىزدا دىن»، «بەللەتەن»، تۈركچە،1990 -يىل،210-سان،787-بەت.

مەنبە: دەۋىر ئىزدەش تورى
ئەللەر  ياخشى بىز  يامان ، ئەللەر بۇغداي بىز سامان ...
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2851
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 989
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە989دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 5377 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2012-03-15

بۇنى بىلىگۇچى ئاللاھ بىلىدۇ.


  <   خالىس ياردەم _ بارلىق كەڭساي تورنى زىيارەت قىلغۇچى دۇستلار  كەڭسايغا كىرگەنىدە  كەڭسايىدىكى ئىلاننى چىكىشنى ئۇنىتۇپ قالماڭلار ۋاختى بارلار سائىتىگە بىرقىتىىدىن باسساڭلاربۇلىدۇ.>                          
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 198
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 353
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە353دانە
ئۆسۈش: 2544 %
مۇنبەر پۇلى: 5788 سوم
تۆھپىسى: 41 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-07
ئاخىرقى: 2012-03-29
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-07 16:41

بىز ھۆكۈم قىلغۇچى ئەمەس ......بىز ئىسلام تۈرۈكلىرىنى ياقتۇرىمىز
مەسىلە مۇشۇنداق ئاددى .
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1966
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 57
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە57دانە
ئۆسۈش: 230 %
مۇنبەر پۇلى: 752 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-16
ئاخىرقى: 2011-10-02
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-07 18:02

ئاتا تۈرك مۇستاپا كامال ھەقىقى بىر ئەركەك ، ۋەتەن ئۈچۈن ھەممە نىمىستىن كېچەلىگەن
مەن ئۇنىڭغا  قايىل
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1659
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1659دانە
ئۆسۈش: 7940 %
مۇنبەر پۇلى: 22717 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-03-30
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-07 18:24

مۇستاپا كامال ،،،،،،باتۇر قەھرىمان ،ئۇنىڭغا سان ساناقسىز تونلارنى كەيدۇرۇشكە بۇلىدۇ،،،،ئۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ،،،،،،مېيت نامىزىمنى ئوقۇماڭلار دەپ ۋەسىيەت قىلغۇچى،،،،ياۋرۇپادىكى شۇ زاماندىكى چوڭ گېنىراللار تەرىپىدىن -خىرىستىئانلار نەچچە يۈز يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ يېتەلمىگەن ئىسلام دۇنياسىنى ئاتېئېزىملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت نىشانغا يەتتىڭىز -دەپ تارتۇقلانغۇچى،،،،تالاي تالاي مۇسۇلمانلارنىڭ قان قەرزىگە بوغۇلغۇچى،،،،ئىشقىلىپ تولا بۇنداق تونلار ،،،،،،ئەگەر گىتلىر بىلەن ئىككىسنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان قان قەرزىنى سۇرۇشتۇرسە گىتلىرنىڭ ئازراق چىقىشى مۇمكىن ،،،،،،،،
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1340
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1340دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 15240 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-03-28
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-07 18:49

بىر كۇنى چاچلىرى بۇدىرە ، چىپپىتە كىيىنگەن مودا بىر قىز بىر ئوغول بىلەن بىرگە يولدا كىتىپ بارسا باشتىن ئاياق ئەۋرىتىنى ئەتكەن بىر قىز  قارشى تەرەپتىن كىلىۋىتىپتۇ ،، ھىلىقى مودا قىز يىنىدىكى ئوغولغا "مۇشۇنداق ئوزىنى ئورىۋالىدىغانلار كوزەمگە جىندەك كورىنىدۇ " دىسە ھىلىقى يىنىدىكى ئوغولمۇ كۇلۇپ كىتىپ " بەلكى سەنمۇ مۇشۇ ئەپتىڭ بىلەن ئۇنىڭ كوزىگە جىن كورىنەرسەن ھە قاچان " دەپتۇ ،،،،،،،،

ئوخشىمىغان مەيداندىن ئوخشىمىغان نوختىدىن باھا بىرىلگەندە يوقارقى ھىكايىدىكىدەك ئەھۋال مەيدانغا كىلىدۇ ،،،، چۇنكى چىقىش نوقتىسى ئوخشاش بولمايدۇ ،،،، شۇڭا بىرلىرىنىڭ كوزىدىكى قەھرىمان بىرلىرىنىڭ كوزىدە جاللات ، بىرلىرىنىڭ كوزىدىكى مەرەز بىرلىرىنىڭ كوزىدىكى ئىسىل سۇپەتلىك كىشى ،،،، ئەمەلىيەتتە ھەممە تەرەپنىڭ ئوزىگە چۇشلۇق مەيدانى بار بۇلۇپ شۇ ئوخشىمايدىغىنى قايسى نوقتىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ باھا بىرىشتە ،،،،،  
ھەربىي، سىياسى ، مىللەت ساھەسىدىن ئىغىز ئىچىلسا بۇ كىشىگە مەدھىيە ياغىدۇ ،،،،،  ئەمما دىنى نوقتىسىدىن بۇ كىشىگە بولغان باھادا ئىختىلاپ تۇگىگەن ئەمەس ،دىننىڭ ئولچىمى قورئان ھەدىس ،ئەگەر ئىنسابى بار ئادەم بولسا « توغرا بۇ ئادەم مەشھۇر سىياسىئون، ھەربىي ئالىم ، بۇلارنىڭ ئولچىمى ئورۇش ۋە سىياسى سەھنىدىكى ئىپادىسى ، ئەمما ھەر نەرسىنىڭ ئولچىمى بولغىنىدەك دىنىي نوقتىدىن كۇزەتكەندە ئۇ دىننىڭ بويرىقى بويىچە ياشىغانمۇ يوق ، بۇنىڭغا ئۇنىڭ سىياسىيون مىللەتپەرۋەرلىكى بىلەن ئەمەس ئاۋال دىننىڭ ئولچىمى بولغان قورئان ھەدىسكە سىلىپ تۇرۇپ باھا بىرىش كىرەك  » دىسە توغرا بولىدۇ ، مۇمكىن بولسا تۇركچە بۇلىدىغان قىرىنداشلار ، مۇستافا كامالدىن 70 يىل كىيىن دۇنياغا كىلىپ ، ۋە ئۇنىڭ يۇرتىدىن يىراق بىر ئەلدە تۇرۇپ ، نەچچىنجى قول ماتىرىيالنى كورۇپلا باھا بىرىلگەن ماقالىنى ئاساس قىلماي بۇ ھەقتىكى ئىشلارغا قىززىقسا ئۇنىڭ تەرجىمھالىنى بىر ئوقۇپ كورىشىنى ئاندىن ئالدىرماي ئىنساب بىلەن بۇ كىشىنىڭ توھپىسى ۋە سەۋەنلىگى ھەققىدە پىكىر يۇرگۇزىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن ،،،، بۇ كىشىنى بۇ يەردە باھالاتقۇزۇش ئاقىلانىلىك بولمىسا كىرەك ،،،،
بۇ ماقالىمۇ بەك چوڭ تىمىغا ئىسىلىۋاپتۇ ،،،،،  بۇ كىشىگە باھانى شۇ كىشىنىڭ پايدا زىينىنى كورگەن تۇركىيە تۇرۇكلىرى بەرسۇن ،،،
قالغان ئەڭ توغرا باھانى ئاللاھ ئوزى بىرىدۇ قىيامەتتە ،،،،،،  
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5930
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 42
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە42دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 580 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-27
ئاخىرقى: 2011-04-16
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-07 20:20

ئىسلام خەلپىلىك تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ تاشلاش يۈزەكى بىر ئىش بولماستىن، روس، ئىنگىلىز ۋە ياۋرۇپانىڭ پىلانلاپ بەرگەن ئىنچىكە پىلانى بىلەن بولغان. شۇڭا 1909- يىلى سۇلتان ئابدۇلھەمىدنى ئىلىپ تاشلىغاندا، ئۇنىڭ ئورنىغا ئابدۇلھەمىدنىڭ تاغىسىنىڭ كىچىك بالىسىنى ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. بولمىسا 1909- يىلى خەلىپىنى سۈرگۈن قىلىپ بولغان ۋە پۈتۈن ھوقۇق كامالچىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ بولغان. سەۋەبى ناھايىتى ئىنىقكى، بۇ ئىشنى تەدرىجى ئىلىپ بارغان، شۇنىڭغىچە مۇستاپا كامالنى تەربيىلەپ يىتۈشتۈرگەن. ئۇ قانۇنلۇق ھۆكۈمەت رەئىسى بولۇپ، پۈتۈن ھوقۇقنى قولىغا رەسمى كىرگۈزىۋالغاندىن كىيىن ئاندىن خەلىپىلىك تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە ئىسلامنى ھاياتتىن يىراقلاشتۇرغان.مۇستاپا كامال ھوقۇققا چىققاندىن تارتىپ، ئەنگىلىيە ۋە روسلارغا ساداقەتمەن بولۇپ كەلگەن ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرغان.لىكىن ئىسلام مانا بۈگۈن تۈركىيە ياشلىرىنىڭ قەلبىدە ناھايىتى بىخ تارتىپ كۈچلۈك چوغلانماقتا ۋە گۈللەنمەكتە
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3301
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 334
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە334دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1750 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2012-03-29
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-07 20:54

ئۆزۋاختىدا  مۇستاپا كامال بولمىسا بۇگۇنكى  تۇركىيەمۇ بولمايتى  سۇلتان  تەسلىم بۇلۇپ  ئۆزىنىڭ نەپسىنى قوغدىغان   مۇستاپا كامال  ئوتتۇرغا چىقىپ پۇتۇن بىر مىللەتنىڭ  كەگۇسىنى قوغدىغان   ئۇسۇلچىغىمۇ   سەھنەكېرەك  نامەزخانغىمۇ   مەسچىد كېرەك  مۇسۇلمان بۇلۇپ  ياشاشقا بىر تىرتۇرىيە  بىر ماكان كېرەك ئەگەر زىممىنى خەققەتارتقۇزۇپ  قۇيۇپ ئاھ ئۇرۇپ ئاللاغا زارلاپ قاخشىغان بىلەن  ئىزىغا كەلمەيدۇ   مۇستاپا كامال  تۇرۇكلەرنى ئىسلام دىندىن ۋازكىچىڭلار دىمىگەن  ھۇكۇمەتنى  دىندىن خالى  دىمەك پوشكال ئوغرىسى موللامدىن خالى قىلىش  دۆلەتنى  قانۇن ئارقىلىق  ئىدارە قىلىشنى  كۆزلەپ شۇنداق قىلغان  ئەگەر  ئۆزپىتى تۇرىۋەرگەن بولسا  ئىراق  ۋە ئاپاغانىستاندەك  تىنجىمايدىغان  ئۇرۇش توختىمايدىغان  قالاق بىر دۆلەتكە  ئايلانغان ياكى چاك چىكىدىن پارچىلىنىناتتى  ئازىرقىدەك  تەرەققىمۇ  قىلالمايتى  تۇركىيەنىڭ  كىشى بېشى مىللى  دارامىتى  2008 يىلى  11  مىڭ  ئامىرىكا  دوللىرى بۇلۇپ  دۇنيانىڭ  ئوتتۇرچە سەۋيىسىگە يەتتى  تۇركىيە يەنە  1990-يىلى باشلاپ  ئامرىكىنىڭ  F-16 تىپلىق  ئەڭ ئىلغار  كۇرەشچى  ئارۇپىلانىنى  ئۆزى ياساپ  ئېيىغا 6  دانىدىن ئىشلەپ چىقىرىپ  مىسسىر  . ئىرائىلىيە  قاتارلىق  دۆلەتلەرگە  ئېكىسپوت  قىلىپ  مۇسۇلمان دۆلەتلىرى  كۇرەشچى  ئارىپىلان  ياسىيالماسلىق تارخىغا  خاتىمە بەردى  باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىگە  قاراپ باقايلى   ئىلامىيەتنىڭ مەركىزى بولغان  سەئۇدى  ئەرەبىستانى ھەتتا مىخنىمۇ   ئۆزى  ئىشلەپ چىقىرالماي نىفىت ساتقان پۇلغا سېتىۋالىدۇ  بۇنى نىمە دىگۇلۇك  باشقا مۇسۇلمان  دولەتلەرنىڭ سىياسى ۋەزيىتىگە  قاراپ باقايلى بىرسى ئۆلمىسە  يەنە بىرسى كۇن كۆرمەيدۇ نامراتلىق  تۇقۇنۇش توختىمايدۇ  بۇ نىمە مۇسۇلمان بولغان گۇنامۇ    
[ بۇ يازمىنى.boran 2011-03-07 21:01قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
wwwhanjar
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4563
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 14
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە14دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 70 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-03-29
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-07 21:36

سېرېق  چاچلېق  پەلۋاننېڭ  تارېخېنې  ئوقۇشسا   ئۇ  ئولۇشكە  1،2،سا ئەت  قا لغاندېمۇ   ھا  را ق  ئېچېشنې  تاشلېيالمېغان  
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1191
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1084
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1084دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 12044 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-26
ئاخىرقى: 2012-03-30
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-07 21:52

مۇنازىرىنى چۇقۇم كوتۇرۇپ ياكى چوكتۇرۇپ قىلىش شەرىت ئەمەس ...قېنى خالايدىغانلار  تارىخى يازمىلارنى ئاساس قىلىپ سوزلىسەكمۇ بۇلار ..لېكىنزە..ئادەم تىللاپ ئىگىسى بېرىدىغان ھۇكۇمنى كەڭ سايدىلا چىقىرۋېتىش   ھەددىدىن ئاشقانلىقمىكىن دەيمەن دە مەن ...مۇشۇ كەڭ سايغا بىر ماقالا بېرىلىپتۇ «پادىشا نىمە ئىش قىلىدۇ ؟» دەپ .....شۇنى ئۇقۇپ بېقىڭلار قېرىنداشلار ...مۇستاپا كامال ئۇلۇپ كەتتى .ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ھۇكۇم چىقىرلىپ بولدى . ئەمما تۇركىيە  مەۋجۇت .ئوتكەننى كوچىلاپ جاپا تارتماي ئالدىمىزغا قاراپ كىلىدىغاننى ئۇيلاشقان ياخشى ...... ...
كەچۇرۇڭلار ئۇرۇشمايمەن!!!!