يۇسۇپچان ياسىن
يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بېرى ئېنتېرنېت سەھىپىلىرىدە ۋە ئايرىم سورۇنلاردا ھېچقانداق بىر تارىخي ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرى بولمىغان، ئىسلامىيەت مۇھىتىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكى ئۈچۈن ئازراق بىر دىنىي ھېسياتى بولسىمۇ، لېكىن دىن بىلىملىرىنى ئىگىلىمىگەن، شۇ سەۋەپلىك مىللەت بىلەن ئۈممەت پەرقىنى ئايرىيالماي، مىللەت زىيىنىغا ئۈممەتچىلىك ۋە خەلىپىچىلىكنى قوغدىغۇچى بەزى كىشىلەر تارىخىي ھەقىقەتلەرگە ئەمەس، بەلكى پاكىتسىز تەسەۋۋۇرغا تايىنىپ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە يېڭى تۈرك مىللىتىنىڭ تەربىيىچىسى مۇستاپا كامال– ئاتاتۈركنى «ئىسلامىيەتنىڭ ۋە تۈركنىڭ دۈشمىنى»قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا. بىزگە مەلۇمكى، تارىختىكى مىللەت دۈشمەنلىرى «دىننىڭ ۋاجىپلىرى»نامى بىلەن باتىل چۈشەنچىلەرنى تارقىتىپ، مىللەتنى روھىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن گۇمران قىلغان بولسا، بۈگۈنكى مىللەت دۈشمەنلىرى ئاتالمىش «يېڭى چۈشەنچە»نامىدىكى كۆلەڭگە پىكىرلەرنى تارقىتىپ، مىللەتنى مەنىۋىي تۈۋرۈكتىن، مىللىي بىرلىكتىن ۋە گۈزەل ئىستىقبالدىن مەھرۇم قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. تارىختا ماددىي قۇللۇق دەل مۇشۇنداق مەنىۋىي گۇمرانلىقتىن تۇغۇلغان. «دەرەخنى كەسكەن پالتىنىڭ سېپى ياغاچتىن»دېگەندەك، تارىختا مىللەتنىڭ ئەڭ خەتەرلىك دۈشمەنلىرى دەل شۇ مىللەتنىڭ ئۆز ئىچىدىن چىققان. تۈرك ئىرقىدىن تۆرەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەرەبتۈگىسىنىڭ قۇيرىقى ئاستىدا سايىداشنى ئارزۇ قىلىپ، مۇستاپا كامالنىڭ بۈيۈك تارىخىي تۆھپىسىگە قارا چاپلىغان ۋە ئۇنىڭ ۋىجدانىدىن گۇمانلىنىپ روھىنى بۇلغاشقا ئۇرۇنغان تىجىمەللەر بۈيۈك تۈرك نەسلىنىڭ ۋە تىز پۈكمەس تۈرك مىللىتىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك دۈشمىنىدۇر. مىللەت ئالدىدىكى جىنايەتلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن تارىختىكى ئاپپاق غۇجا تۈركىمىدىكى كىشىلەر توپىنىڭ ئەزالىرىغا ئايلانغان بۇ دۈشمەنلەر يەنە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بۈيۈك سىمالىرىغا ئېتىلغان زەھەرلىك يىلانلاردۇر.بۇنداق بىمەنە چوقان كۆتۈرگەن «ئىنسان شەكىللىك زەھەرلىك يىلانلار»نى كۆرگەن يەردە چەيلەپ ئۆلتۈرۈش ۋۇجۇدىدا مىللىي ۋىجدانى بار ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر بۇرچلىرىدىن بىرىدۇر.
1923-يىلى 10- ئاينىڭ 29-كۈنى مۇستاپا كامالنىڭ باشچىلىقىدا تارىختىكى مەشھۇر ئوسمان ئىمپېرىيسىنىڭ مەزكىرىى ئۆلكىسى بولغان ئانادولۇ(ئاناتولىيە) دا يېڭى بىر مىللىي دۆلەت–تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. بۇ جۇمھۇرىيەت سىياسىي بىلەن دىن ئايرىلغان لائىك بىر دۆلەت بولۇپ، 1924- يىلى 3- ئاينىڭ3- كۈنى خەلىپىك تۈزۈمنى بىكار قىلدى.ئەمەلىيەتتىمۇ تۈركىيىنىڭ ئىمپىرىيە تۈزۈمىدىن ۋاز كىچىپ بىر مىللىي دۆلەت بولۇپ قۇرۇلۇشى، خەلىپىلىكنى بىكار قىلىشى ۋە مەدەنىيەتتە غەرپكە يۈزلىنىشى ئاھمەدⅢ(1703-1730)دەۋرىدە باشلانغان غەرپتىن ئۈگىنىپ تۈركلەرنى كۈچەيتىش ھەرىكىتىنىڭ، بولۇپمۇ مۇشۇ مەقسەتتە 19- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىن كېيىن تېخىمۇ كۆرىنەرلىك ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان تۈرلۈك ئۇرۇنۇش ۋە ئىزدىنىشلارنىڭ تەجىرىبە – ساۋاقلىرىدىن كېيىن تاللانغان يول ئىدى. بۇ ئانادولۇ تۈركلىرىنىڭ تەبىئىي تاللىشى ئىدى. بۇ يولنىڭ پروگراممىسىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەنىۋىنى ئۇلىنى قۇرغان بۈيۈك مۇتەپەككۇر ۋە سوتسىيالوگ زىياگۆكئالپ 2- مەشرۇتىيەت دەۋرىدىلا «تۈركلەشمەك، ئىسلاملاشماق، زامانىۋىيلاشماق»دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇ، بۇ سىياسىي پىكىرىنى «تۈرك مىللىتىدىنمەن، ئىسلام ئۈممىتىدىنمەن، غەرپ مەدەنىيىتىدىنمەن»دېگەن ئۈچ سۆزگە يىغىنچاقلىغان. مىللىي ئىنقىلاپنىڭ غەلىبە قىلىشى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلىشى مەزگىلىدە سېلىنغان ئۇلدا زىيا گۆكئالپنىڭ پىكىرلىرى ئەڭ مۇھىم رەھبەر سۈپىتىدە رول ئوينىغان. نەتىجىدە مۇستاپا كامال زىيا گۆكئالپنىڭ تۆھپىسىنى لايىق شەكىلدە ئىپادە قىلىش ئۈچۈن، «جىسمىمنىڭ ئاتىسى ئالى رىزا بولسا، پىكرىمنىڭ ئاتىسى زىيا گۆكئالپتۇر»دەپ تەرىپلىگەن. زىيا گۆكئالپ تۈرك مىللەتچىلىك پىكرىنى ئىدىئولوگىيە سۈپىتىدە سىستېمىلاشتۇرغان، مۇستاپا كامال ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. دېمەك، مۇستاپا كامال ئىسلامىيەتكە قارشى چىققان ئەمەس، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىمۇ ئىسلامىيەتكە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان ئەمەس.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلىپىكنى بىكار قىلىشىنىڭ تۈۋەندىكىدەك سەۋەپلىرى بار ئىدى. ئىسلام مەدەنىيىتىدە ھەزرىتى مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ھاكىمىيەت شەكلى قۇرئاندا كۆرسىتىلگىنىدەك، مەشرۇئىيەت(قانۇنىيلىق)، ئادالەت، ئەھلىيەت(سالاھىيەت)، كېڭىشىش، ئەخلاق ۋە ئىنساننى قەدىرلەشتىن ئىبارەت ئالتە پرىنسىپقا مەركەزلەشكەن. مۇھەممەد پەيغەمبەردىن كېيىن مەركىزى ئىدارە خىلەفەت قۇرۇمىنى مەركەز قىلىپ شەكىللەنگەن. خىلافەت «بىرىنىڭ ئورنىغا چىقىش، بىر كىشىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىنى ئېلىپ ۋاكالەتلىك قىلىش»دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. ئاتالغۇ سۈپىتىدە «ھەزرىتى مۇھەممەدتىن كېيىنكى دۆلەت باشلىقلىق قۇرۇمى»مەنىسىدە كەلگەن. ئاشۇ يىلتىزدىن چىققان «خەلىفە»(كۆپلۈك شەكلى خۇلافە، خالائىف)سۆزى بولسا «دۆلەت باشلىقى»دېگەنلىكتۇر. «قۇرئان كەرىم»دە خىلافەت سۆزى ئۇچرىمىغىنىدەك، خەلىفە سۆزىمۇ بىلىنگەن شەكلى بىلەن ئاتالغۇ مەنىسىدە قوللىنىلمىغان. پەقەت خالىفە، خالائىف ۋە خۇلافە سۆزلىرى ئارقىلىق ئىنساننىڭ ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى خەلىپىسى ئىكەنلىكى پات — پات تەكىتلەنگەن.(1)ئىسلام مىللەتلىرىدە خەلىپىنىڭ «پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنىڭ سىرتىدا ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭ دۇنيا ئىشلىرىدىكى نوپۇزىغا ۋەكىللىك قىلىش، ئىنسانلار ئارىسىدا دىنىي ھإكۈملەرنى يۈرگۈزۈش، دۇنيا ئىشلىرىنى رەتكە سېلىش سالاھىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىش»مەنىسىدە چۈشەندۈرۈلىدۇ. شۇڭا، بۇ مەرتىۋىدىكى كىشى «خالىفەتۇل رەسۇلىللاھ»دەپ ئاتىلىدۇ. ھەزرىتى مۇھەممەد ئۆزىدىن كېيىن كىمنىڭ خەلىپە بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتمىگەن. ئۇ «خەلىپىلىك مەندىن كېيىن ئوتتۇز يىل داۋاملىشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن كۈچلۈك سۇلتانلىق بولىدۇ»دېگەن ۋە دإلەت باشلىقىنى(خەلىپىنى)تەيىنلەشنى خەلققە قالدۇرغان. پەيغەمبەردىن كېيىن ئەبۇ بەكىرنىڭ خەلىپىلىككە تىيىنلىنىشى بىلەن خىلافەت قۇرۇمى(قۇرۇم – مۇئەسسىسە دېگەن مەنىدە—ئا)ئوتتۇرىغا چىققان.
بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كىرەككى، خەلىپىلىك ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ ئەقىدىسى ئەمەس. لېكىن خەلىپىلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئىسلام تارىخىدا خەلىپىلىكنىڭ دەستلەپكى چاغلىرىدىن تارتىپلا قىرغىنچىلىقلار يۈز بىرىشكە باشلىغان. بۇنداق ئىسسىق ئۇرۇشلار ئوسمان دەۋرىدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان. جەمەل ئۇرۇشىدا نەچچە مىڭ ساھابە ئۆلگەن. مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئايالى ئائىشە بىلەن كۈيئوغلى ئەلى بىر بىرىگە قارشى ئۇرۇشقا كىرگەن. ئەلى بىلەن مۇئاۋىيەنىڭ سېففىندىكى ئۇرۇشىدا بولسا 40 مىڭ ئەتراپىدا مۇسۇلمان ئۆلگەن. خەلىپىلىك ئەمەۋىلەرگە ئۆتكەندىن كېيىن ئەمەۋىيلەر بىلەن ئابباسىيلار رىقابىتى ۋە زىددىيىتى زادىلا بېسىقمىغان. نەتىجىدە مىلادى 750- يىلى خەلىپىلىك ئەمەۋىيلەردىن ئابباسىيلارغا ئۆتكەن. باغدادتا ئابباسىيلار خانلىقى ھۆكۈم سۈرىۋاتقان مەزگىلدە، مىسىردا مىلادى 909- يىلى فاتىمىيلەر خانلىقى قۇرۇلغان. ئۇبەيدۇللاھ مەھدى ئىسمائىلنى ئىمام جافەر سادىقنىڭ نەسلىدىن دەپ قاراپ، ئۇنى مەنىۋىي يىتەكچى قىلىپ تەيىنلىگەن. شۇنىڭ بىلەن يېڭى بىر خەلىپىلىك مەيدانغا كەلگەن. بۇ خىل ئىدارە شەكلى مىلادى 1171-يىلىغىچە داۋاملاشتى. فاتىمىيلارنىڭ ئاخىرقى خەلىپىسىنىڭ ۋارىسلىق قىلىدىغان پەرزەنتى بولمىغاچقا، سالاھىددىن ئەييۇبى باغدادتىكى ئابباسىيلار خانىنى خەلىپە دەپ ئىتىراپ قىلدى. ئەييۇبىيلار دۆلىتىدە دۇنيا ئىشلىرىنى سالاھىددىن ئەييۇبى، دىن ئىشلىرىنى خەلىپە يۈرگۈزدى. مىلادى 929-يىلى ئەندۈلۈستىكى ئەمەۋىيلەر ھۆكۈمدارى ئابدۇراخمانⅢ ئۆزىنى خەلىپە دەپ ئىلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن باغدادتا، مىسىردا ۋە ئەندۈلۈستە ئايرىم — ئايرىم ئۈچ خەلىپىلىك شەكىللەنگەن. مىلادى 1258-يىلى موڭغۇل ئىمپېرىيسىنىڭ ئىراندىكى خانى ھۈلاگۇ باغدادنى ئىشغال قىلىپ ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنى يوقاتتى. ئابباسىيلاردىن خەلىپە ئەھمەد مىسىردىكى تۈرك كۆلەمەن(مەملۈك)ھۆكۈمدارى بايبارىسنىڭ يېنىدا پاناھلاندى. ئىسلام دۇنياسى بىر مەزگىل خەلىپىسىز قالدى. نىھايەت مىلادى 1261- يىلى بايبارىس ئەھمەدنىڭ خەلىپىلىكىنى ئىتىراپ قىلدى. لېكىن ئىدارە ھوقۇقى ۋە سىياسىي كۈچ يەنىلا بايبارىسنىڭ ئىلكىدە ئىدى. ئىدارە ئىشلىرىدا تۆرە(ئۆرۈپ-ئادەت قانۇنلىرى)گىمۇ ئەھمىيەت بىرىلگەن. خەلىپىلىك ئورنىمىسىر ھۆكۈمدارى كانسۇ گاۋىردە ئۆزىنىڭ كۈچىنى يۇقىتىپ پەقەت بىر كۆرۈنىش شەكلىدىلا ساقلانغان. ئوسمانىيلاردىن ياۋۇز سۇلتان سەلىمنىڭ 1517-يىلى رىدانىيە سەپىرى ئارقىلىق مىسىر ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، خەلىپىلىك تۈركلەرگە ئۆتكەن. ئوسمانىيلاردا خەلىپىلىك مىلادى1774-يىلىدىكى كىچىك كاينارجا كېلىشىمىدىن كېيىن خەلقارا ئىشلاردا دىنىي مەنىدە رول ئوينىغان ئىدى. ئابدۇلھەمىدⅡمۇ 1876-يىلى تۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇنغا «پادىشاھ خەلىپە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ قوغدىغۇچىسىدۇر»دېگەن ماددىنى كىرگۈزگەن. 1- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن خەلىپە ۋاھدەتتىن ئىنگلىزلاردىن پاناھلىق تىلەپ، ئانادولۇدىكى مىللىي كۈچ بىلەن ئىسسىق ئۇرۇشقا كىردى. تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ۋاھدەتتىن ئىنگلىزلارنىڭ بىر كېمىسىگە ئولتۇرۇپ ئەنگلىيىگە قاچتى. ئۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئوسمانىيلار نەسەبىدىن بولغان ئابددلمەجىد ئەفەندىنى خەلىپە قىلىپ تەيىنلىدى. لېكىن ئۇ ئۆزىگە بىرىلگەن سالاھىيەتتىن ھالقىپ، يېڭى تۈرك دۆلىتىگە قارشى چىقتى. نەتىجىدە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى 1924-يىلى 3- مارت كۈنى خەلىپىكنى بىكار قىلدى. ئومۇمەن قىلغاندا، خەلىپىلىك تەڭرىنىڭ ئەمرى ئەمەس. ئۇ سىياسەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر قۇرۇم. شۇ سەۋەپلىك، ئۇ دائىم بۈلۈنىشكە ۋە ئۇرۇشلارغا سەۋەپ بولغان.
يۇقىرىدا دېيىلگىنىدەك، 1517-يىلىدىن باشلاپ خەلىپىلىك يېڭىدىن كۈچىيىشكە باشلىغان. خەلىپىلىك ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسى كۈچەيگەن مەزگىللەردە دۇنيا مۇسۇلمانلار ئۈستىدە كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان، لېكىن زەئىپلەشكەن مەزگىللەردە دۆلەت بۇ كۈچنى قوللىنالمايدىغان بولۇپ قالغان. بولۇپمۇ خەلىپىكنى تىرەك قىلغان دىن دائىرىلىرى 18- ئەسىردىن باشلاپ ئوسمانىيلار ئىمپېرىيسىنىڭ كۈچىيىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان ۋە ئىمپېرىيىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدا ھەممىدىن بەكرەك كۈچ چىقارغان.تۈركلەرنىڭ جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن كۈچىيىش يولىدا ئېلىپ بارغان بارلىق ئىسلاھاتلىرىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبى دەل ئارمىيە(بولۇپمۇ يىلتىزى چېرىغان يېڭى چەرى ئارمىيىسى)بىلەن ئۆلىمالار ئىدى. ئوسمان ئىمپېرىيىسى دۇچ كەلگەن ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭ مۇھىم سەۋەپلىرىدىن بىرى بولغان ئۆلۈمالار سىنىپى 1826- يىلى يېڭى چەرى ئارمىيىسى بىكار قىلىنىشتىن بۇرۇنلا دۆلەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان پۈتكۈل زىيانلىق ھەرىكەتلەردە ئارمىيىنىڭ يان تايىقى بولغانىدى. بۇ سىنىپ دىننى يامان غەرەزدە قوللىنىش ئارقىلىق نادان خەلق ئۈستىدە تىكلىگەن نوپۇزىدىن پايدىلىنىپ ھەر سەۋەب بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ئارىلاشقان، بولۇپمۇ غەرپ مودىلىدىكى گۈللىنىش ھەرىكىتىگە پات – پات قارشى چىققان. ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسىدە ئۇزۇن مەزگىل ناھايىتى كۆپ زىيانلىق رولى كۆرۈلگەن دىنىي نوپۇز يېڭى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەت ئۈچۈنمۇ تەھلىكىلىك رول ئوينىغان. ئەسلىدە ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسىنىڭ سەلتەنەتى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، خەلىپىلىك ئۆز ئورنىدا قالدۇرۇلغان. لېكىن مىللىي مەجلىس تەرىپىدىنخەلىپىلىك ئورنىغا چىقىرىلغان ئابدۇلمەجىت ئەپەندىنىڭ ئۆزىگە قانۇنلۇقبىرىلگەن سۈپەتلەرنىڭ سىرتىدا «خان»ۋە «پەيغەمبەر خەلىپىسى»قاتارلىق سۈپەتلەرنىمۇ قوللىنىشى، پادىشاھقا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىشى ۋە جۇمە نامىزىدا ئادەم توپلاپ كۈچ كۆرسىتىشى، چەتئەلنىڭ كۈچكۈرتىشى بىلەن بىر مەملىكەتتە ئىككى ھاكىمىيەت ياكى ئىككى دۆلەت پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنىشى ۋە بۇ تالاش–تارتىشقا مۇستاپا كامالنىڭ يېقىن دوستلىرىنىڭمۇ قېتىلىشى بىلەن ۋەزىيەت مۇرەككەپلىشىشكە باشلىغان. بۇ ھالەت ياش تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە تەھلىكە پەيدا قىلغاچقا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى بىر قانۇن تەكلىپى بىلەن خەلىپىلىكنى بىكار قىلغان ۋە ئوسمانىيلارنىڭ خان جەمەتى چەتئەلگە چىقىرىۋىتىلگەن.(2)بۇ جىددى ئەھۋالنى مۇستاپا كامال مۇنداق چۈشەندۈرگەن:«ئەپەندىلەر ئېنىق ۋە كەسكىن ئېيتىشىمىز كىرەككى، ئىسلامنى بىر خەلىپىلىك خىيالى بىلەن ئىشغال قىلىشقا ۋە باشقىلارنى غەپلەتتە قالدۇرۇشقا ئۇرۇنغانلار يالغۇز ۋە پەقەت ئىسلامنىڭلا ئەمەس، مۇھىمى تۈركىيىنىڭمۇ دۈشمىنىدۇر. بۇندان بىر ئويۇننى خىيال قىلىش پەقەت نادانلىق ۋە غەپلەتنىڭ ئەسىرى ھېساپلىنىدۇ.»(3) شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۈتۈش كىرەككى، ئاتاتۈرك باشچىلىقىدىكى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ خەلىپىلىكنى بىكار قىلغانلىقى ئۇنىڭ رەقىبى ئەنگلىيىنى قاتتىق بىئارام قىلغان.(4)
روھنىڭ تېخنىكىلىق قۇۋۋەتتىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى تۇنجى بولۇپ ئىسپاتلاپ، يېڭى مىللىي تۈركىيە دۆلىتىنى قۇرغان ۋە يۇقىرىدا دېيىلگەن ئاشۇ ئۈچ سۆزلۈك شۇئارنى پىرىنسىپ قىلىپ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»ئېلىپ بېرىپ، تۈركىيەنى زامانىۋىي بىر مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈشكە تىرىشقان ئاتاتۈركنى دىنسىزلىق بىلەن ئەيىپلەش ۋە تۈركىيىنىڭ كېيىنكى تارىخىدىكى بەزى دۆلەت ئادەملىرىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىدىن ۋە پارتىيىلەر بىلەن ئارمىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپتىن پەيدا بولغان ئۆتكۈنچى ئىجتىمائىي كىرېزىسلارنى دەۋردىن ھالقىتىپ ئاتاتۈرككە ئارتىپ قويۇش پەقەت ئاتاتۈركنىڭ ئوبرازىغا ھۇجۇم قىلىشلا بولۇپ قالماي، بۇ يەنە ئۇنىڭ ئەسىرى ھېساپلانغان تۈركىيەنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق بىر پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنى ئۆزىنىڭ مىللىي ئىستىقبالى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىلھام مەنبەسىدىن ۋە مەنىۋىي قۇۋۋىتىدىن ئايرىپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇشتۇر. شۆبھىسىزكى، بۇ تۈركلۈك دۈشمەنلىرى ئۈچۈن قول چوماق بولۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. تۈركىيەنىڭ ھازىر قانداق ھالەتتە تۇرىۋاتقانلىقىنى ياكى قانداق تەقدىرگە دۇچ كىلىۋاتقانلىقىنى ئەڭ ياخشى چۈشىنىدىغانلار ۋە بۇ ھەقتە ھەممىدىن بەكرەك پىكىر يۈرگۈزۈشكە تېگىشلىك كىشىلەر يەنىلا ئاشۇ تۇپراقتا ياشاۋاتقان ئانادولۇ تۈركلىرىدۇر. ئېتنىك ۋە سىياسىي تارىخىي نام بولغان «تۈرك»ئىبارىسىنى ساقلىيالىغان ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكىنىڭ ئۈستۈنلىكى بىلەن ياۋروپانىڭ بېقىنىدا ياۋروپا مەڭگۈ چېقىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان يېڭى تۈركىيىنى ياراتقان ئانادولۇ تۈركلىرى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەر قانداق بىر تەھلىكە ئالدىدا تەمتىرەپ قالمايدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئاتاتۈركنىڭ تۈرك مىللىتى ئۈچۈن ياراتقان ئىدىيىسى ۋە پىرىنسىپلىرى تۈركىيەنىڭھەر قانداق ۋاقىتتا دۇچ كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى ئوڭشىشىغا ۋە خەۋپلىك ئەھۋاللارنى يېڭىپ تاشلىشىغا يەتكۈدەك ماددىي ۋە مەنىۋىي كۈچ بىرەلەيدۇ.
ئەمدى ئاتاتۈركنىڭ ئىسلام دىنى ھەققىدىكى ھېسياتى ۋە چۈشەنچىسى مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇنى دىنسىز دەپ قاراش ياكى ئۇنى ئىسلام دىنىغا زەربە بەرگەن دەپ ئەيىپلەش پەقەت ئۇنىڭغا چاپلانغان تۆھمەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس. «قۇرئان كەرىم»گە بولغان چوڭقۇر ئەقىدىسى ۋە ھۆرمىتى، ئىسلام دىنىنى ئەڭ ساپ شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇشقا بولغان ئېتىقادى ئۇنىڭ دىندارلىق تەرىپىنى ھەر ۋاقىت نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ. ھەقىقىي دىن بىلەن باتىل ئېتىقادلارغا تولغان مۇتەئەسىپلىكنى ھەر زامان ئېنىق شەكىلدە ئايرىغان ئاتاتۈرك بىر مۇنچە سۆھبەتلىرىدە ئاللاھ، ئىسلامىيەت ۋە «قۇرئان كەرىم»ھەققىدە ھۆرمەت ۋە ساداقەت بىلەن سۆز ئاچقان. ئۇ ھەزرىتى مۇھەممەد پەيغەمبەرنى مەھىيلەپ، تۈرك مىللىتىنى ھەقىقىي دىنگە چىڭ باغلىنىشقا ۋە تېخىمۇ دىندار بولۇشقا تەۋسىيە قىلغان. ئاللاھقا يۈزلىنىشتە ھەزرىتى مۇھەممەد پەيغەمبەرنى يىتەكچى قىلىپ كۆرسىتىپ مۇنداق دېگەن:«پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئاللاھنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ كۆرسەتكەن يولىدا مېڭىشى ۋە ئۇنىڭ بەرگەن تەلىماتلىرىنى تولۇق ھالدا تەدبىقلىشى كىرەك. پۈتكۈل مۇسۇلمانلار ھەزرىتى مۇھەممەدنى ئۆرنەك قىلىپ ھەرىكەت قىلىشى ۋە ئىسلامىيەتنىڭ ھۆكۈملىرىنى تولۇق ئۇرۇندىشى كىرەك. چۈنكى، پەقەت مۇشۇ ئارقىلىقلا ئىنسانلار نىجاتلىققا ئىرىشەلەيدۇ ۋە كۈچلىنەلەيدۇ.»(5)
ھەزرىتى مۇھەممەدنى مەدھىيلەپ، ئۇنى ئۆزىگە ئۆرنەك قىلغان ئاتاتۈرك ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە كەسكىن ھالدا ئىشەنگەن. ئاتاتۈركنىڭ ھەزرىتى مۇھەممەدكەبولغان ھەيرانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ھاياجان بىلەن سۆزلىگەنلىكىنى كۆرگەن م. شەمسىدىن گۇنالتاي ئاتاتۈركنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھالىتىنى مۇنداق بايان قىلغان: «ئاتاتۈركنىڭ دېڭىزدىن رەڭ ئالغان رەڭدار كۆزلىرى شىرەنىڭ ئۈستىگە يېيىلغان خەرىتىگە تىكىلدى. مېنى قولۇمدىن تۇتۇپ شىرەنىڭ قېشىغا تارتىپ، بارمىقىنى بىر نوقتىغا قاراتتى. بۇ، ئۆز قولى بىلەن سىزغان ھەربىي خەرىتە بولۇپ، ئۇ ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ئۇلۇغ بەدىر ئۇرۇشىنى قەدەممۇ قەدەم كۆرسىتەتتى. ھەزرىتى مۇھەممەدكە ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگىلا ئەمەس، يەنە ئۇلۇغ ھەربىي تالانتىغا ھەيران بولغان بۇ تەڭداشسىز ساكاريا غالىبى بەدىر ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى كۆككە كۆتۈرۈپ،‹ئۇنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلىدىغانلار شۇ خەرىتىگە قارىسۇن، بەدىر داستانىنى ئوقۇسۇن›دەپ ھاياجانلاندى.»(6)ئاتاتۈرك پەيغەمبەرنىڭ ھاياتىنى ناھايىتىياخشى تۇنۇپ يەتكەن ۋە ئۇنىڭ ئۈستۈن ئالاھىدىلىكلىرىنى تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن چۈشەندۈرگەن. يەنى ئۇ مۇنداق دېگەن:«ئۇ ئاللاھنىڭ بىرىنجى ۋە ئەڭ ئۇلۇغ قۇلىدۇر. ئۇنىڭ ئىزىدىن بۈگۈن مىليۇنلىغان ئىنسانلار ماڭماقتا. مىنىڭ، سىنىڭ ئىسمىڭ ئۈچۈپ كىتىدۇ. لېكىن ئاخىرىقى زامانغىچە ئۇنىڭ ئىسمى داۋاملىشىدۇ. ئۇ ئإلۈمسىزدۇر.»(7) «تارىخ ھەقىقەتلەرنى بۇرمىلايدىغان بىر سەنئەت ئەمەس، بەلكى بىلدۈرىدىغان بىر ئىلىم بولۇشى كىرەك. بۇ كىچىك ئۇرۇشتىمۇ ھەربىي تالانتىغا ئوخشاش سىياسىي قاراشلىرى بىلەنمۇ يۈكسەلگەن بىر ئىنساننى تەلۋە بىر دەرۋىشكە ئوخشاش تەسۋىرلەشكە ئۇرۇنغان نادان تىجىمەللەر بىزنىڭ تارىخىي پائالىيىتىمىزگە قېتىلالمايدۇ…..»(8)، «ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ئازغىلا ئىمانلىق مۇسۇلمانلار بىلەن ناھايىتى كۆپ ۋە كۈچلۈك قۇرەيش قوشۇنىغا قارشى بەدىر ئۇرۇشىدا قازانغان غەلىبىسى پانىي ئىنسانلارنىڭ قىلالايدىغان ئىشى ئەمەس. ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دەلىلى دەل مۇشۇ ئۇرۇشتۇر.»(9)ئاتاتۈرك خاس سۆھبەتلىرىدە ناھايىتى كۆپ قېتىم دىندار بولۇشنىڭ زۆرۈرلىكىدىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ھاياتىدىن، ئەسرى سائادەت(پەيغەمبەر دەۋرى)، تۆت خەلىپە دەۋرىدىن، ئىسلام دىنىنىڭ ئۇلۇغلىقىدىن ۋە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىدىن سۆز ئاچقان. ئىسلام دىنىنىڭ ئاخىرىقى ۋە مۇكەممەل دىن ئىكەنلىكىنى ۋە مۇھەممەدنىڭمۇ ئاخىرىقى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ھەر قانداق پۇرسەتتە تەكىتلىگەن ئاتاتۈرك مىللىتىگىمۇ دىندار بولۇشنى ۋە ئىسلام دىنىنىئۈگىنىشنى نەسىھەت قىلغان. ئاتاتۈرك ھەزرىتى مۇھەممەدكە بولغان مۇھەببىتىنى تەرىپلەپ مۇنداق دېگەن:«بۈيۈك بىر ئىنقىلاپ ياراتقان ھەزرىتى مۇھەممەدكە بولغان مۇھەببەت پەقەت ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرى ۋە ئاساسلىرىنى قوغداش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.»(10)
ئاتاتۈرك ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ۋە ئەسلىگە ئۇيغۇن ھالدا داۋاملاشتۇرۇلىشىنى، تۈرك مىللىتىگە توغرا، زامانىۋىي، خۇراپىيلەردىن خالى قىلىنغان بىر دىن چۈشەنچىسىنى سىڭدۇرۇشنى مەقسەت قىلغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە باشقا پەنلەردىكىگە ئوخشاش ئىسلام دىنى ھەققىدىكى مۇكەممەل تەتقىقاتى بىلەنمۇ دۇنيانى زىلزىلىگە سېلىۋاتقان تۈرك ئالىمى ھارۇن ياھيا ئاتاتۈركنىڭ ئىسلام دىنى چۈشەنچىسى ھەققىدە توختىلىپ، «ئۇ ‹قۇرئان كەرىم›نىڭ ئەسلى روھىنى ئۆز چۈشەنچىسىگە ئايلاندۇرغان»دەپ تەرىپلەيدۇ.(11)ئېنىق كۆرۈلۈپ تۇرىدۇكى، ھەقىقىي مەنىدىكى دىندارلىق ئاتاتۈرك تەرىپلىگەن بىلىملىك، ئىنسانىي ۋە زامانىۋىي بولۇشتەك قۇرۇلمىدا ئۆزىنى كۆرسەتكەن. بۈيۈك ئاتاتۈركنىڭ ئىسلام دىنىنى، «قۇرئان كەرىم»نى، ھەزرىتى پەيغەمبەرنى، دىنىي مۇئەسسىسەلەرنى مەدھىيلىگەن ۋە ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىدىن ئىپتىخارلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بۇ سۆزلىرى ئۇنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان سەمىمىي ساداقىتىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان كونكىرىتنى ۋە مۇنازىرىسىز بەلگىلەردۇر.
ئاتاتۈرك دىنىي تەربىيىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى. دىنىي تەربىيىنىڭ مۇھىملىقىنىمۇ تۇنۇپ يەتكەن ئاتاتۈرك بۇ تەربىيىنىڭ مەكتەپلەردە بىرىلىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى شۇ سۆزلەر بىلەن ئىپادە قىلغان:«ھەر قانداق شەخس دىننىڭ دىيانەت ۋە ئېتىقادلىرىنى ئۈگىنىش ئۈچۈن بىر يەرگە مۇھتاجدۇر. ئۇ يەر بولسا مەكتەپتۇر. ھەر ساھەدە ئالى مەكتەپلەرنى قۇرۇپ ئىختىساس ئىگىلىرىنى يارىتىش قانداقلازىم بولسا، دىنىمىزنىڭ ھەقىقىتىنى تەتقىق ۋە ئىنچىكە تەتقىق قىلىدىغان ئىلمىي ۋە پەننىي قۇدرەتكە ئىگە مۇنەۋۋەر ۋە ھەقىقىي ئۈلىملارنى يىتىشتۈرىدىغان شۇنداق ئالىي مۇئەسسىسەلەرگىمۇ ئىگە بولۇشىمىز كىرەك.>>(12)
ئىسلام دىنىنىڭ مۇھىم ئەقىدىلىرىدىن بىرى بولغان بىلىم ۋە تەربىيە مەسىلىسى ئاتاتۈركمۇدىققەت قىلغان ئۇقۇملار ئىدى. «قۇرئان كەرىم»نىڭ تۇنجى ئايىتى «ئوقۇ-ئۇقۇتۇش»نىڭ ئاساسى بولغان «ئوقۇ»دېگەن ئەمىر بىلەن باشلانغىنىدەك، مۇھەممەد پەيغەمبەرمۇ بىلىم يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىشنى تەۋسىيە قىلغان. ئۇ بىلىمبىلەن مۇناسىۋەتلىك قاراشلىرىنى تۈۋەندىكى ھەدىسلەردە ناھايىتى ئېنىق كۆرسەتكەن ئىدى.
«بىلىدىغانلار بىلەن ھېچنىمىنى بىلمەيدىغانلار قانداقمۇ تەڭ بولسۇن.»(بۇ ھەدىس «سۇرە زۇمەر»نىڭ 9-ئايىتىگە تايانغان ھالدا ئېيتىلغان)
«ئىلىم تەھسىل قىلىش ھەر بىر مۇسۇلمان ئەر– ئايال ئۈچۈن پەرىزدۇر.»
«ئىلىم جۇڭگودا بولسىمۇ بېرىپ ئۈگىنىڭلار.»
«بىلىم مۇسۇلمانلارنىڭ يول باشچىسىدۇر. ئۇنى قەيەردە بولسا شۇ يەردىن ئېلىش كىرەك.»
«ھىكمەت ئال، ئۇنىڭ قانداق قاپتىن چىققانلىقىنىڭ ساڭا زېيىنى تەگمەيدۇ.»
«بۆشۈكتىن قەبرىگە قەدەر ئىلىم تەھسىل قىلىڭلار.»(13)
بۇ ھەدىسلەرنىڭمۇ كۆرسەتكىنىدەك، بىلىم ۋە مەدەنىيەت ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان نىمەتلىرى ئىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ نىمەتلەرنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئىگىلەپ قوللىنىشى دىننىڭ ئەقىدىلىرى ھېساپلىناتتى. ئىسلامنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەقىدىسىنى ۋە ئەينى ھەدىسلەرنىڭ روھىنى قوبۇل قىلغان ئاتاتۈركمۇ تۈركىيىنى زامانىۋىي مەدەنىيەتلەر قاتارىغا ئۆتكۈزۈشنى ئەڭ مۇھىمنىشان سۈپىتىدە تاللىغان. ئۇ «ئىلىم – پەن قەيەردە بولسا ئۇنى شۇ يەردىن ئالىمىز ھەم مىللەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ كاللىسىغا قويىمىز. ئىلىم ۋەپەن ئۈچۈن مۇنازىرە شەرت يوقتۇر»، «دۇنيادا ھەر نەرسە ئۈچۈن، ماددىيەت ئۈچۈن، ھايات ئۈچۈن، مۇۋاپپىقىيەت ئۈچۈن ئەڭ ھەقىقي شىرىك ئىلىم ۋە پەندۇر»دەيدۇ. ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىمۇ مائارىپقا ئەھمىيەت بىرىلگەن. لېكىن مائارىپ سەۋىيىسىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن شۇ دەۋرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن قوللىنىلغان تەدبىرلەر ياكى شەرقنىڭ ياكى غەرپنىڭ مائارىپ سىستېمىسىنى تەدبىقلاشنى ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇۋاپپىقىيەت قازىنالمىغانىدى. شۇڭا قۇتۇلۇش ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان يىللاردا تۈركىيىدە ساۋاتلىقلار نىسبىتى پەقەت %4 ئىدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ھەر ساھەدىكىگە ئوخشاش مائارىپنىڭمۇ مىللىي بۇلۇشى كىرەكلىكى ئۈستىدە توختىلىپ، تۈركلەرنىڭ خاراكتېرىگە ئۇيغۇن ۋە دەۋرنىڭ ئېھتىياجلىرىدىن شەكىللەنگەن بىر مىللىي مائارىپ پروگراممىسىنى تۈزۈش ئارقىلىق ئىش باشلىغان. شۇنى ئېيتىش كىرەككى، بۇ مائارىپ پروگراممىسىدا دىنىي دەرسكىمۇ مۇھىم بىر ئورۇن بىرىلگەن ئىدى. بۇ ھەقتە ئاتاتۈرك مۇنداق دەيدۇ:«مىللىي مائارىپ پروگراممىسىدىن سۆز ئاچقاندا، قەدىمكى دەۋرنىڭ خۇراپىي نەرسىلىرى – باتىل ئېتىقادلىرىدىن ۋە تەبىئىي خاراكتېرىمىز بىلەن زادى مۇناسىۋىتى بولمىغان يات پىكىرلەردىن، شەرقتىن ۋە غەرپتىن كەلگەن بارلىق تەسىرلەردىن تامامەن يىراق تۇرىدىغان، مىللىي ۋە تارىخىي خاراكتېرىمىزگە ئۇيغۇن بىر مەدەنىيەتنى نەزەردە تۇتىۋاتىمەن»(14)«ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى مائارىپ ئىشلىرىدۇر. بۇ ئىشلاردا مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش ئۈچۈن شۇنداق بىر مائارىپ پروگراممىسىنى قوللىنىشقا مەجبۇرمىزكى، بۇ پروگرامما مىللىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى ھالىتى، ئىجتىمائىي ۋە ھاياتىي ئېھتىياجى بىلەن، مەۋجۇت شارائىت ۋە دەۋرنىڭ زۆرۈرىيەتلىرى بىلەن ماسلاشقان ۋە ئۇنىڭغا ئۇيغۇن كەلگەن بولۇشى كىرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن دەبدەبىلىك، لېكىن خىيالى ۋە تەستە چۈشىنىلىدىغان مۇتالىئەلەردىن تامامەن ۋاز كىچىپ، ھەقىقەتكە كۆرىدىغان كۆزلەر بىلەن نەزەر تاشلىشىمىز كېرەك. ئەسىرلەردىن بىرى مىللىتىمىزنى ئىدارە قىلغان ھۆكۈمەتلەر مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ كەلگەن. لېكىن بۇ ئارزۇلىرىغا يىتىش ئۈچۈن شەرقنى ۋە غەرپنى تەقلىد قىلىشتىن قۇتۇلالمىغانلىقى ئۈچۈن نەتىجىسى پەقەت مىللەتنىڭ بىلىمسىزلىكتىن قۇتۇلالماسلىقىدەك ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت بولدى. بۇ ئېچىنىشلىق ھەقىقەت ئالدىدا بىزنىڭ قوللىنىشقا مەجبۇر بولغان مائارىپ سىياسىتىمىز مۇنداق بولوشى كىرەك: بۇ مەملىكەتنىڭ تۇنجى ئىگىسى ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئاساسلىق تەركىبى دېھقانلاردۇر. مانا شۇ دېھقانلار بۈگۈنگە قەدەر مائارىپ نۇرىدىن مەھرۇم بولۇپ كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈنقوللانماقچى بولغان مائارىپ سىياسىتىمىزنىڭ ئاساسى ئاۋۋال مەۋجۇت نادانلىقنى يوقىتىشتۇر. تەپسىلى سۆزلەپ ئولتۇرماي، بىر قانچە ئېغىز سۆز بىلەن بىلدۈرۈپ ئۆتمەكچىمەنكى، قانداقلا بولمىسۇن، دېھقانلارغا ئوقۇش ۋە يېزىشنى، ۋەتىنىنى، مىللىتىنى، دىنىنى، دۇنياسىنى تۇنىتىدىغان جۇغراپىۋىي، تارىخىي، دىنىي ۋە ئەخلاقى مەلۇماتلارنى بىرىشتىن ئىبارەت تۆت زۆرۈرىيەت مائارىپ پروگراممىمىزنىڭ بىرىنجى مەقسىتىدۇر. بىر تەرەپتىن بىلىمسىزلىكنى يوقىتىش بىلەن مەشغۇل بولۇش، يەنە بىر تەرەپتىن مەملىكەت ئەۋلادلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ھاياتتا ئەمىلىي ئىقتىدارغا ۋە پايدىلىق كىشىلەرگە ئايلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان دەستلەپكى بىلىملەرنى ئەمەلىيەتچىل بىر شەكىلدە يەتكۈزۈش مائارىپ ئۇسۇلىمىزنىڭئاساسىنى تەشكىل قىلماقتا.»(15)ئۇ بالىكەسىر جامەسىدە سۆزلىگەن بىر نۇتقىدا «بىزنىڭ دىنىمىز ئەڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن ۋە ئەڭ تەبىئىي بىر دىندۇر. بىر دىننىڭ تەبىئىي بولۇشى ئۈچۈن ئەقىلگە، پەنگە، ئىلىمگە ۋە مەنتىقىگە ئۇيغۇن كېلىشى كىرەك. بىزنىڭ دىنىمىز بۇلارغا تامامەن ئۇيغۇن. بىزنىڭ دىنىمىز مىللىتىمىزگە چۈشكۈن، مىسكىن ۋە خور بولۇشنى تەۋسىيە قىلمايدۇ. ئەكسىچە ئاللاھمۇ، پەيغەنبەرمۇ ئىنسانلارنىڭ ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئۇلۇغلىقىنى ۋە شان — شەرىپىنى قوغداشنى بۇيرىدۇ…. بىزنىڭ دىنىمىز ئۈچۈن ھەر كىشىنىڭ قولىدا بىر ئۆلچەم بار. بۇ ئۆلچەم بىلەن قايسى نەرسىنىڭ دىنگە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئاسانلا ئايرىيالايسىز. قايسى نەرسى ئەقىلگە، مەنتىقىگە ۋە جەمئىيەت مەنپەئەتىگە ئۇيغۇنكەلسە، بىلىشىڭىز كىرەككى، ئۇ بىزنىڭ دىنىمىزگىمۇ ئۇيغۇندۇر، ئۇ نەرسە دىنىيدۇر. ئەگەر بىزنىڭ دىنىمىز ئەقىلگە، مەنتىقىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن بىر دىن بولغان بولسا ئىدى، ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ ئاخىرقى دىن بولالمايتتى….. مىللىتىمىزنىڭ، مەملىكىتىمىزنىڭ ئىلىم – ئىرپانيۇرتلىرى بىر بولۇشى كىرەك. مەملىكەتنىڭ بارلىق ئەۋلادلىرى، ئەر–ئايال ھەممىسى ئوخشاش دەرىجىدە ئۇيەردىن تەربىيىلىنىپ چىقىشى كىرەك.»(16)دېمەك، ئاتاتۈركنىڭ تۈرك مىللىتىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن كۆرسىتىپ بەرگەن زامانىۋىي ۋە مىللىي بىر مائارىپ چۈشەنچىسى ھەرگىزمۇ دىنىي تەربىيىدىن خالى بىر سىستېما ئەمەس ئىدى. ئاتاتۈرك مۇنداق دەيدۇ:«جامەلەرنىڭ مۇقەددەس مۇنبەرلىرى خەلقنىڭ روھى ۋە ئەخلاقى ئوزۇقلىرىنىڭ ئەڭ يۈكسەك ۋە ئەڭ مۇنبەت مەنبەلىرىدۇر. مۇنبەرلەردىن خەلق چۈشىنەلەيدىغان تىل بىلەن روھقا ۋە مىڭىگە خىتاپ قىلىنسا مۇسۇلمانلارنىڭ ۋۇجۇدى جانلىنىپ، مىڭىسى تازلىنىپ، ئىمانى كۈچىيىدۇ، قەلبى جاسارەتكە تولىدۇ. لېكىن خۇتبە ئوقۇيدىغانلار مۇكەممەل ئىلمىي ئالاھىدىلىكلەرنى ھازىرلىغان ۋە دۇنيا ۋەزىييىتىنى چۈشىنىدىغان بولۇشى مۇھىمدۇر»(17)دېمەك، خۇتبە ئوقۇشتىن مەقسەت خەلقنىڭ روھىنى يورىتىش ۋە ئۇلارغا يول كۆرسىتىشتىن ئىبارەت دەپ كۆرسەتكەن ئاتاتۈرك ھەم زامانىۋىي مەدەنىيەتنى ئۆزلەشتۈرگەن ھەم دىنىگە سەمىمىي باغلانغان بىر مىللەتنى يارىتىشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىۋە تۈركلەرگە مىراس قالدۇرغىنىمۇ مۇشۇ ئىدى.
ئاخىرى بار ....
مەنبە :---دەۋىر ئىزدەش تورى