باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2977 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: «يىگانە ئارال»دا چاقنىغان مىللىي روھ ھەققىدە
قەيسەر يۈرەك
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5709
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 130
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە130دانە
ئۆسۈش: 230 %
مۇنبەر پۇلى: 1472 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2011-04-18
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-06 16:48

«يىگانە ئارال»دا چاقنىغان مىللىي روھ ھەققىدە




ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم .
   بەلكىم بۇ روماننى ئوقۇمىغانلا يوق بولسا كىرەك دەپ ئويلايمەن ، مەن بۇ روماننى تۆت قېتىم ئوقۇپ بولدۇم ...  قايتا قايتا ئوقۇسىمۇ ئوقۇغۇسى كىلىدىغان ئىسىل رومان دە بۇ  ...  

  تۆۋەندە جېلىل ئاۋۇتنىڭ «يىگانە ئارال» دا چاقنىغان مىللىي روھ ۋە ئانارخان ئوبرازى ھەققىدە  دىگەن يازمىسىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم . ئاستىدا بۇ روماننىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسى بار . روماننى ئوقۇمىغانلار كىرىپ ئاڭلىۋىلىڭلار ..



«يىگانە ئارال» دا چاقنىغان مىللىي روھ ۋە ئانارخان ئوبرازى ھەققىدە
جېلىل ئاۋۇت

     « تەكلىماكاننى ھاياتلىق ماكانىغا ئايلاندۇرۇپ ياشاپ كېلىۋاتقان ئەمگەكچان» ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى مىللىي روھى، ئۆرۈپ ئادىتى،ماددىي تۇرمۇش ۋە مەنىۋىي پائالىيەتلىتلىرى ھەم ئاچچىق قىسمەت لىرنىڭ روشەن كارتىنىسىنى سىزىپ بەرگەن يىرىك ئەسەر- «يىگانە ئارال» ئەختەم ئۆمەرنىڭ تۇنجى نەشىرقىلىنغان رومانى بولۇپ، مەن بۇ روماننى زور قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ تۈگەتكىنىمگە بەش يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ ، ئەمما روماندىكى قەلبىمنى زىل- زىلىگە سېلىپ تومۇرۇمدىكى قانلارنى شاۋقۇنلاتقان جەڭگىۋار ، مەردانە ھايات كۆ رۈنۈشلىرى، ئۆزگىچە پىسخىك خاراكتېر ۋە ئۆزگىچە تەقدىر- قىسمەتلەرگە ئىگە پىرسۇناژلارنىڭ يارقىن ئوبرازى تا بۈگۈنگە قەدەر ھەر دائىم كۆڭۈل ئېكرانىمدا ساقلىنىپ كەلدى.
     روماندا يوقىرى ۋە ئوتتۇرا قاتلامغا تەۋە بىر قاتار پىرسۇناژلارنىڭ ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا يارتىلغان بولۇپ، بىز بۇ پىرسۇناژلار ئوبرازى ئارقىلىق ئەينى دەۋىردىكى كىشلەرنىڭ مىللىي ، دىنىي ئېڭىنى ۋە پىسخىك روھىي ھالىتىنى ئىنتايىن ئېنىق كۆرىۋالالايمىز. روماندا تەسۋىرلەنگەن كىشلەرنىڭ تار مەنىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك( يۇرتىنىڭ شان-شەرپى ئۈچۈن تەڭ كۈچ چىقىرىش) ،ئۆملۈك، ئىناقلىق ۋە مەرتلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان قوۋناق، جەڭگىۋار تۇرمۇشى بىلەن يىگانە ماكاندا دۇنيادىن، زاماندىن بىخەۋەر، بىغەم ھالدا تۈز كۆڭۈللۈك، ئەركەكلىك بىلەن ياشاپ ئادەتلەنگەن پىسخىك خا راكتىرى شۇنداق گىرەلىشىپ كەتكەن بولسا؛ سۈزۈك، تىنىق سۇلار شىلدىرلاپ ئاققان، چاتقاللار بىر- بىرىگە يامىشىپ ئۆسكەن يېشىل توقايلىق، ئۇ يەردىكى تۈرلۈك -تۈمەن ھايۋاناتلار، قۇشلار، مەي بولۇپ پىشقان مېۋىلەر ئادەمگە ئىختىيارسىز ھالدا جەننەتنى ئەسلىتىدۇ.
     قىسقىسى، تەكلىماكاندىكى كىشلەرنىڭ قەلبى بىلەن تەبئەت ئالىمى زىچ بىرلىشىپ كەتكەن. كىشلەر ئۆزلىرىنى قانداق سۆيسە تەبىئەتنىمۇ شۇنداق قىزغىن سۆيىدۇ. ھەتتا ، ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ. مانا مۇشۇنداق بىر جەننەت ماكانغا كۆز تەگكەندەكلا ئاچكۆز، ياۋۇز دۈشمەنلەرنىڭ ئىبلىس قار ا قولى سۇ نۇلىدۇ. دۈشمەنلەر مال-دۇنيا بۇلاش ئۈچۈن بىگۇنا خەلقنى ۋەھشىيلەرچە ئۈلتۈرگەننى ئاز دەپ، خۇددى ئاخىرى زامان يالماۋۇزلىرىدەك ئەسىرلەردىن بېرى ئادەم ئايىقى كەمدىن - كەم تەگكەنلىكتىن بۇزۇلماي كەلگەن چەكسىز توغراقلىقنى ۋە ئۇنى پاناھداپ ياشاپ كېلىۋاتقان جىمىي جانلىقلارنى كۆيدۈرۈپ كۈلگە ئايلاندۇرۋېتىدۇ. تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئىپلاس قەدىمىنىڭ بۇ قەدىمىي يۇرتقا بېسىلىشى يالغۇز بۇماكاننىڭ تەبئەت ئېكىلوگىيەسىنى ۋەيران قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بۇ ماكاندىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىمانى- ئېتىقادىنى ۋى ۋىجدانىنى بولغايدۇ ، مىللىي روھىنى ۋەيران قىلىدۇ، ئىرادىسىنى سۇندۇرىدۇ.
     يۇرتتا مىللىي غۇرۇرىنى يوقاتقان نامەرتلەر، مۇناپىقلار بىر تاۋاق ئاش يىسە تويۇدىغان قارنىنى دەپ پۈتۈن سۈرۈك يۇرتىنى، جەددى- جەمەت قېرىداشلىرىنىڭ ئۆمۈرلۈك تەقدىرىنى يات تائىپىلەرگە ساتىدىغان نائەھلىلەر ئەدەپ كېتىدۇ. ئىمان -ئېتىقادلىق، غۇرۇر- ۋىجدانلىق، ھالال، ھەق ئادەملەر خۇددى يىگانە ئارالدەكلا يىتىم- جامائەتسىز قالىدۇ. ئانارخان- بۇ دىياردىكى ئەنە شۇنداق ئىنسانىي ھۆرلۈكنى قولغا كەلتۈرۈش، ئانا زېمىننى، مۇقەددەس ئېتى قادنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەق يولىدا ئاخىرقى تىنىقى قالغۇچە تىرىشىپ جان بەرگەن ئىمانى ۋە ئېتىقدى مۇس تەھكەم سۈيۈملۈك ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بىرى.
     «...بىز ئۆزىمىزنى قۇتقۇزۇش، ھۆرلۈكنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ماللىرىمىزنى، جانلىرىمىزنى، ئاتا-ئانا ، قۇۋم- قېرىنداشلىرىمىزنى قۇربان بەردۇق. بىزنىڭ ئاشۇ قىممەتلىك قۇربانلىقلىرىمىز ئىچىدە ئەلۋەتتە قىممەتلىك يۇسۇنلىمىزمۇ بار. بىز ئۆزىمىزنى، دىنىمىزنى، زېمىنىمىزنى قۇتقۇزۇش يولىدىكى جەڭ مەيدانلىرىدا قۇربان قىلغان مۇسۇلمانچىلىق يۇسۇنلىرىمىز ھازىرمۇ ھازىرمۇ ئامالسىزلىقتىن قۇربان قىلىنسا ئوخشاشلا تۆھپە- ساۋاپ، ئىبادەت بولىۋېرىدۇ.
    ئۆزىمىزنى، ئېتىقادىمىزنى، ئەركىنلىكىمىزنى قۇتقۇزۇشتا ئاشۇ قىممەتلىك قۇربانلىقلىرىمىز قاتارىدا شەرمىي- ھايانى، نامەھرەمنى قۇربان قىلساق ئەرزىيدۇ....بىز ئ،رۇس ھەم شىڭ چىرىكلىرىنىڭ قاتتىق باستۇرشى بىلەن قانلىق مەغلۇب بولۇپ، كاتتىلىرىمىزدىن تارتىپ ئۇلۇغ- ئۇششاقلارغىچە قىرىلىپ، تىرەپىرەن بولۇپ كەتتۇق، ئەمما بىزنىڭ ئادەملىرىمىز يەنە بار. بىز يەنە كۈرەش قىلىمىز. بىز قىرىلىپ تۈگىگىچە، ئاخىرقى نۈسرەت بىزگە كۈلۈپ قارىغۇچە ئۇرۇشىمىز. مەن ئەمدىلا 17 ياشنىڭ قارسىنى ئالغان قىز. مېنىڭ ئائىلەمدىكى دادام، ئانام، ئاكا- ئاچىلىرىم بولۇپ توققۇز جاننىڭ ھەممىسى قىرىلىپ تۈگەپ پەقەت مەنلا قالدىم. مەن كۈرشىمىزنىڭ جەۋھەر ئامانىتى بىلەن ئۆزۈمنىڭ ئامانىتىنى سىزدەك مەرت ئوغلانغا، بىزنى قوغدىغان باھادىرىمىزغا تەقدىم قىلدىم. مەن سىزگە خوتۇن بولۇشقا رازى، تەيەممۇم بىلەن پەتە قىلىڭ، شۇ چاغدا مەن سىزنى تۇلۇق كۈ تەلەيمەن، بىز نامەھرەم بولمايمىز


        يوقارقىلار ئانارخاننىڭ بارلىق يارانلىرىدىن ئايرىلىپ، بىر يارداڭلىقتا مۈكۈنۈپ ئولتۇرغاندا ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش يولىدا روس ۋە شىڭ چىرىكلىرى تەرپىدىن ۋەھشىيلەرچە جازالىنىپ ئېغىر يارلانغان خېنىيا سايىتقا ئېيتقان سۆزلىرى. ھەقىقەتەنمۇ ئانارخان دۈشمەنلىرىدىن تۇلۇق قۇتۇلۇپ ، تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرسىدىكى توغراقلىقتا گەمىنى ماكان تۇتۇپ ئوۋچىلىق قىلىپ خېنىيا سايىت بىلەن قىشلىق تۇرمۇشىنى خېلىلا تاتلىق ئۆتكۈزگەن، يەنە كىلىپ بەش تۇلۇم ئالتۇن- تىللانىڭ ئىگىسى بولۇپ قالغان بولسىمۇ ئەمما ئەھدە قىلغان مۇقەددەس ئىشىنى ئۇنتۇلۇپ قالمايدۇ.
     نورۇز كۈنى ئانارخان ئاق يىپەك ياغلىقىغا قان بىلەن « مەن قەسەم بەرگەن ئىشىمنى داۋام ئىتىش ئۈچۈن يارانلىرىمنى ئىزدەپ كەتتىم. بىزنىڭ ئىشىمىز ھەق ئىش، ئامانەتنى ئوبدان ساقلاڭ، ئاللا خالىسا بىر كۈنى يارانلىرىم بىلەن قايتىپ كىلىپ ئامانەتنى سىزدىن تاپشۇرۋالىمىز. مەن شۇ چاغدىلا ئامانلىق تاپىمەن، ئۇ دۇنيا- بۇ دۇنيا يۈزۈم يورۇق بولىدۇ. بىزنى ساقلاڭ» دېگەن سۆزلەرنى يېزىپ قالدۇرۇپ، خېنىيا سايىت بىلەن يۈز تۇرانە خوشلاشمايلا كېتىپ قالىدۇ. ئانارخان بەزىدە ئەرلەرچە، بەزىدە قېرى مەزلۇملارچە ياسسىنىپ مېڭىپ، يۇرتمۇ-يۇرت تىلەمچىلىك قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق يارانلىرى بىلەن ئالاقىلەشمەكچى بولىدۇ. بەختكە قارشى ئانارخان بەش يىل ئىزدەپمۇ يارانلىرىنى- ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى خالايدىغان ئەركەكلەرنى تاپالماي، ئاخىرى شېھىت بولغان مىڭلىغان سەپداشلىرىنىڭ مۇقەددەس ئامانىتى بىلەن بىرگە تەكلىماكاننىڭ تۇپرىقىدا ھەق يولىدا جان بىرىدۇ.
    ئانارخانمۇ، بەش تۇلۇم ئالتۇنمۇ تەكلىماكاننىڭ قۇملىرىغا كۆمۈلگەن پېتى ئۇيقىغا كىتىدۇ. ئۇلارلا ئەمەس، ئۇيغۇرنىڭ ئەسىرلەردىن بىرى تەكلىماكاندىكى قۇم تېگىدە بېسىلىپ يېتىپ« پەقەت 20-ئەسىرنىڭ تاڭ نۇرى مودھىش تۈن- لەرنىڭ پەردىسىنى قايرىغان چاغدىلا يېڭى ھاۋادىن ئاز- تولا نەپەس ئېلىشقا »باشلىغان ئۇلۇغ مىللىي روھى تەكلىماكانغا يەنە كۆمۈلىدۇ.
     بۇ يەردە تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولغىنى شۇكى، مىڭلىغان ئادەملەر ئانارخانلارنىڭ ھەق ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خېنىيا سايىتنى دۈشمەلەرگە تۇتۇپ بىرىپ ياكى شېھىتلەردىن قالغان بەش تۇلۇم ئالتۇن- تىللانى ئېلىۋېلىپ باي بولۇش خام-خىيالىدا توغراقلىققا خۇددى چېكەتكىدەك يېغىپ كىتىدۇ. قىسقىسى، بۇ يەردە ئانارخاننىڭ قىسمىتى بىلەن يىگانە ئارالنىڭ قىسمىتى ئۆزارا بىرلىشىپ كەتكەن ئېچىنىشلىق تىراگىدىيە قەلبىمىزنى ئۆرتەيدۇ. ئانارخانغا مۇناسىۋەتلىك بايانلار 302 بەتلىك بۇ روماندا ئارانلا ئوننەچچە بەتنى ئىگەللىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئانارخاننىڭ خاراكتېرى ئىنتايىن مۇۋاپىقىيەتلىك ۋە تەسىرلىك يۇروتۇپ بېرىلگەن. شۇڭلاشقا ، ئانارخان بۇ روماندىكى كىتابخانلارنى ئەڭ سۈيۈندۈرىدىغان ، ئەڭ ئېچىندۇردىغان ۋە ئەڭ ئىلھاملاندۇردىغان ئۆلمەس ئۆبرازلارنىڭ بىرى. شۇنداق، ئانارخان ۋە خېنىيا سايىتلار يەككە-يىگانە، مەسلەكداشلارسىز غېرىپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ غېرىپلىقى خەلقنىڭ روھىي مەھكۇملىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ. يىلىكى شورىلىپ، ماغدۇرسىزلانغان خەلق تېخىمۇ ئېغىر قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدۇ. زۇلۇم قىلغۇچى يات تائىپىلەرگە ئاشۇرۇپ غالچىلىق قىلىش بىلەن قۇلچىلىق كۆڭلىنى بىلدۈرۈپ ئادەتلەنگەن نائەھلى مۇناپىقلار تېخىمۇ قۇتراشقا باشلايدۇ.
     « بىزنىڭ بۇ خەق قۇتۇر ئىشەككە ئوخشايدۇ. بۇ ئىشەكلەرنى سېرىقتال قويۇپ، تاغارنى بېلى قىسماقتەك ئېگىل گۈچە ئارتىپ، قەرزگە كۆمۈپ قولىدا بىر نان، تۆت تەڭگە ئوشۇق تۇرمايدىغان، ئەتىگەنلىكىگە تاپسا كەچلىكى ئۈچۈن ھۆكۈمەت بىلەن غوجاملارنىڭ قولىغا قارايدىغان پېقىر-پۇقرا قىلىپ قويمىساق بولمايدۇ. مۇشۇ بىر يىلىدا ئۈچۈيىگە يىغىۋالغان چاۋا مايلىرى ئىچىنى قىزىتىپ ھۆكۈمەتكە، غۇجا-ئىشانلارغا بوي بەرمىگەن بۇ خەقنىڭ يانچۇقىدىكىنى قاسساپ ئاچچىق ئۈچەي سىېرىغاندەك سېرىۋالساق...»دەپ ھاياجانلىنىپ چېقىمچىلىق قىلىدۇ ئىدىرىسخان تۆرەم دېگەن بىر غالچا شېڭ ئوفىتسىرىنىڭ «تۆرە ...غۇجا...خو» دېگەن سۆزلىرىدىن مەست بولۇپ.
     ئاپتور روماندا ئانارخاندىن باشقا يەنە بىر نەچچە پىرسۇناژنىڭ ئوبرازىنى قىزغىن مېھىر- مۇھاببەت بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن بولۇپ ، مەن بۇ ماقالەمدە تېما ئېھتىياجى بىلەن باشقا پىرسۇناژلار ھەققىدە توختالمايمەن. ئاخىردا، بۇ روماننىڭ ئىدىيۋىلىك ۋە بەددئىيلىك جەھەتتىكى مۇۋاپىقىيەتلىرى ھەققىدە ھېس قىلغانلىرىمنى تۈزلا ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتىمەن.
    «يىگانە ئارال» غا ئوخشاش ئەجداتلىرىمىزنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى تارىخى رىئاللىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن روماندىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ھازىرغا قەدەر ئوننەچچە پارچە (تارىخىي، بىئوگىراپىك رومان، قىسسەلەر بۇنىڭ سىرتىدا) نەشىر قىلىنغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى پىرسۇناژلار خاراكتېرىنى يارتىشتىكى تەبئىيلىك، ئەينى زاماندىكى خەلقنىڭ جانلىق تىل ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش، ئاپتور تىلىنىڭ ئوبرازلىق( سەل ئاشۇرۇپراق ئېيتقاندا ئاپتور تىلىدىكى ھەر - بىر جۈملە ئادەتتىكى بىر ئەسەر ئىپادىلىگەن مەزمونغا تەڭ كەلگۈدەك چوڭقۇر مەزموننى ئىپادىلىگەن. مەسىلەن: ئىككى يورت خەلقىنىڭ قوچقار سوقاشتۇۇش، ئىت تالاشتۇرۇش پائالىيەتلىرى تەسۋىرلەنگەن جۈملىلەردە)، ئىپادىلەش كۈچىنىڭ يوقىرى، جۈملىلەرنىڭ ئىجادىي، تىرىك ۋە يۇمۇرلۇق، رىئالىستىك خائىشىنىڭ قويۇق بولۇشى، شۇنۇڭدەك يورۇتۇپ بېرىلگەن ئىدىيسىدىكى يېڭىلىق ۋە ئىلغارلىق قاتارلىق جەھەتلەردە « يىگانە ئارال» غا يەتمەيدۇ.
    بىزنىڭ ئىلگىرى نەشىر قىلىنغان «يىگانە ئارال»غا ئوخشاش تېمىدىكى باشقا رومانلىرىمىزدا ۋەقە قوغلىشىش ئاساسىدا ئەجداتلىرىمىزنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشى سۈنئىي ھالدا قاراڭ غۇلاشتۇرلۇپ، يۇرت مۆتىۋەرلىرى ۋە بايلارنى پەقەت ئاۋام خەلقننىڭ قېنىنى ئىچىش ئۈچۈنلا يارتىلغان ۋەھشى يالماۋۇزلارغا ئايلاندۇرۇپ، بىر مىللەت كىشلىرىدىكى يوقىرى تەبىقە بىلەن تۆۋەن تەبىقە زورمۇ- زور قارمۇ- قارشى قويۇلغان بولسا ، «يىگانە ئارال» دا ھەرقايسى تەبىقىلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت تەبئىي ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق ھالدا تەسۋىرلىنىپ، بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر قىسمەت ئوبرازلىق يورۇتۇلۇپ بېرىلگەن.بولۇپمۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەينى زاماندىكى ھەرقايسى يۇرتلارنى بىرلىك قىلغان ئوغلاق تارتىشىش، چېلشىش، قوچقار سو قاشتۇرۇش، خوراز سوقاشتۇرۇش، ئىت تالاشتۇرۇش، ئوۋچىلىق ۋە مېھماندارچىلىق ... قاتارلىق مەنىۋىي پائالىيەت لىرى تولىمۇ جانلىق ۋە تەسىرلىك بايان قىلىنغان . ساپ مىللىي روھ بىلەن سۇغۇرۇلغان بۇ رومان قارىماققا سىيۇژىت قۇرۇلمىسى چۇۋالچاقتەك، ۋەقەلەرنىڭ باش- ئاخىرى ئۈزۈلۈپ قالغاندەك تۇيۇلسىمۇ، ئەمىليەتتە قۇرۇلمىنىڭ بۇ خىل (ۋەقە قوغلاشماي) ئورۇنلاشتۇرىلىشى كىتابخانلار ئۈچۈن تەپەككۈر قىلىش بوشلۇقى قالدۇرۇپ، ئەسەرنىڭ ئىستىتىك قىممىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان.

باي ناھىيە توقسۇن يېزا 2005-يىل2-3-4-ئايلاردا يېزىلدى. 2008-يىل 2-ئايدا قايتا تۈزتىلدى.



بۇيەرگە كىرىپ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى ئاڭلاڭ
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+2(general) ئەجىر قىپسىز
  • ئىتقاد جاندىنمۇ مۇھىم !!!
    دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 615
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 5
    ئومۇمىي يازما: 440
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە440دانە
    ئۆسۈش: 1375 %
    مۇنبەر پۇلى: 5278 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-07-16
    ئاخىرقى: 2011-10-20

    مىللى قايسى مىللەتتۇ  
    قەيسەر يۈرەك
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5709
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 130
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە130دانە
    ئۆسۈش: 230 %
    مۇنبەر پۇلى: 1472 سوم
    تۆھپىسى: 5 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-01-18
    ئاخىرقى: 2011-04-18
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-06 22:22

    1-قەۋەت (xahla91) نىڭ يازمىسىغا

    بۇ روماندا تەسۋىرلەنگەن بىر مىللەت بار ئۇيغۇر دەپ  ، مىللى روھ شۇ ئۇيغۇر دىگەن مىللەتنىڭ مىللىي روھىنى كۆرسىتىدۇ
    ئىتقاد جاندىنمۇ مۇھىم !!!
    دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 615
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 5
    ئومۇمىي يازما: 440
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە440دانە
    ئۆسۈش: 1375 %
    مۇنبەر پۇلى: 5278 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-07-16
    ئاخىرقى: 2011-10-20
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-07 14:01

    مىللى بىلەن ئۇيغۇر ئىككىسى ئىككى ئۇقۇم ، تېما يوللىغۇچىدا ئەيىپ يوق ، بىراق ئىدىيىرىمىزدە ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىشىمىز كېرەك ،
    بىر كۈنلەرگە بېرىپ مىللىتىمىز مىللى دەيدىغان بۇلۇپ قىلىشىمىزدىن ئەنسىرەيمەن ، سۇ بېشىدىن لاي بولماي ، مانا مۇشۇنداق ئوچۇق پىكىرلىك زىيالىلىمىز باشلامچىلىق بىلەن مىللى كىملىكىمىزنى ھىمايە قىلىشى كېرەك ،
    ئۇنداق ئەمەسمۇ يا ؟
    بىلمىگەن نەرسە توغرىلىق توختالما!
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 396
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 419
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە419دانە
    ئۆسۈش: 690 %
    مۇنبەر پۇلى: 4844 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-06-24
    ئاخىرقى: 2011-10-20
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-08 13:13

    شوخلا تۇرداش ئاجايىپ گەپلەنى قىلالايدۇ.
    رەسۇلۇللاھ شۇنداق دېگەنكى،ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە مېنىڭ سۈننىتىمدىن ئىبارەت ئىككى نەرسىنى قالدۇرۇپ قويدۇم.(ئىككىسىگە ئېسىلساڭلاr)ھەرگىزمۇ ئازمايسىلەر(ھاكىم توپلىغان  319 - ھەدىس, سەھىھ).
    دوستلىشىش
    تاھىربەگ
    تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 8
    ئومۇمىي يازما: 1832
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1832دانە
    ئۆسۈش: 4490 %
    مۇنبەر پۇلى: 22146 سوم
    تۆھپىسى: 171 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-06-06
    ئاخىرقى: 2011-10-20
    5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-08 13:17

    4-قەۋەت (qutluq) نىڭ يازمىسىغا

    شوخلا ئەمەس  شەخلا  دەڭ   ئەپەندىم .
    ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
    mp3
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1676
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 65
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە65دانە
    ئۆسۈش: 30 %
    مۇنبەر پۇلى: 680 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-08
    ئاخىرقى: 2011-05-31
    6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-08 18:44

    kelgusi uchun  algha
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 942
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 266
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە266دانە
    ئۆسۈش: 300 %
    مۇنبەر پۇلى: 2925 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-08-11
    ئاخىرقى: 2011-10-16
    7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-08 22:45

    مەن بىرچاغدا ئۈرۈمچى شەھىرنىڭ ئون يەتتە تۈتۈن مەھەللىسىدەبىر  ئىلاننى كۆردۈم .بۇ ئىلاندا ئۆزبىكچە ئۇسۇل، تىبەتچە ئۇسۇل خەنزۇچە ئۇسۇل، مۇڭغۇلچە ئۇسۇل  دەپتۇ.لىكىن ئۇيغۇرچە ئۇسۇل دىمەي، ئۇيغۇرنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ مىللىچە ئۇسۇل دەپتۇ.بۇ نىمە دىگەن بىمەنىلىك.
    دوستلىشىش
    abduwali123
    ئى ئاللا بىر سلگە ئىبادەت قىلمىز ۋە بىر سلدىن ياد ..
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3898
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 484
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە484دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 4965 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-11-18
    ئاخىرقى: 2011-10-18
    8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-09 03:52

    adasdsadas
    دوستلىشىش
    نەفىسە
    People  believe  what  the   newspapres &nbs ..
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6385
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 169
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە169دانە
    ئۆسۈش: 650 %
    مۇنبەر پۇلى: 2160 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-03-04
    ئاخىرقى: 2011-10-15
    9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-09 23:53

       مەنمۇ بۇ  روماننى ئاڭلاپ  باقماپتىكەنمەن،تېما ئگىسىگە  رەھمەت.بۇ يەردە بۇ رومان  بىلەن  يۇز  كورۇشتۇم.
    كۇز بەزىدە سوزلەيدۇ،ئېغىز سۇزلىيھلمىگەن چىنلىكنى،ئەمما يىتەلمەيدۇ يۇرەكتىكى چىنلىققا.