ھۆرمەتلىك تورداشلار،سىلەرنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.
ئوغلۇم تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا ، ئۇنىڭ داداىسى، < بالىمىز ئوغۇل بولۇپ قالسا ، چۇقۇم زۇلقەر دىگەن ئىسىمنى قۇيۇمەن. بۇ ئىسىم قۇرئاندا بار> دەپ تۇرۋالاتتى.
قۇرئان كەرىمنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى چۈشەندۈرۈشىدە زۇلقەر نەيننى مۇنداق چۈشەندۈرۈپتۇ.
<كۆپچىلىك مۇپەسسىرلەر قۇرئاندا تىلغان ئىلىنغان زۇلقەر نەين مەشھۇر ئىشغالىيەتچى ئىسكەندەر مەقدۇنى دەپ قارايدۇ. بەزىلەر ئۇنى يەمەننىڭ پادىشاھلىرىدىن بىرى دەپ قارايدۇ. بەزىلەر ئۇنى بىر ياخشى بەندە بولۇپ، ئاللا ئۇنىڭغا بۈيۈك سەلتەنەت ، ھىكمەت ۋە پايدىلىق ئىلىم ئاتا قىلغان دەپ قارايدۇ. زۇلقەر نەين ئىسكەندەر مەقدۇنى ئەمەس دىگۈچىلەر ئىسكەندەرنىڭ قەدىمقى يۇنان ئىلاھلىرىغا ئىتىقاد قىلىدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ ئارىستۇتىلدىن پەلسەپە ئۈگەنگەنلىكىنى ، قۇرئاندا تىلغان ئىلىنغان زۇلقەرنەيىننىڭ تەۋھىدكە، ئاللاغا ئىنىشىنشكە مايىل ئىكەنلىكىنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ....> دەپ چۈشەندۈرگەن ئىكەن.
ئوغلۇم تۇغۇلغاندا تەبىلا < زۇلقەر >دىگەن ئىسىمنى قۇيۋەتتۇق.
كىيىنچە، باشقىلار بۇ ئىسىم ئانچە ياخشى ئىسىم ئەمەس، دىسە يەنە بەزىلەر بۇ ئىسىم بەك ئۇلۇق، بالىڭىز شەرتلىك بولۇپ قالىدۇ. دەپ كەتتى.بەزىلەر <زۇلقە ر> دىگەننىڭ مەنىسى <مۆڭگۈز >دىگەن گەپ دەيدۇ.
بالام ھازىر خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. ئۇ داۋاملىق مەندىن ئۆزىنىڭ ئىسمىنىڭ مەنىسىنى، ئىسكەندەر زۇلقەر نەيننىڭ ئىش -ئىزلىرىنى سۆزلەپ بەر دەپ تۇرۋالىدۇ. مەن پەقەت يۇقارقى قۇرئاننىڭ كەينىدىكى چۈشەندۈرۈش بىلەن چەكلىنىپ قىلۋاتىمەن. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەلۇم ناھىيەگە كاماندىروپكىغا بارغاندا، ئىسكەندەر زۇلقەر نەيىن توغرىسىدا يىزىلغان بىر تارىخى كىتاپنى باشقىلارنىڭ قولىدا كۆرۈپ قالغانتىم . ئارىيەت بىرىپ تۇرۇڭ دىيىشكە خىجىل بولۇپ قايتىپ كەلگەن ئىدىم.
كىيىن تۇرمۇش ھەلەكچىلىگى، خىزمەت ئالدىراشچىلىقى بىلەن بۇ توغرىلىق ماتىرياللارنى ئىزلەپ تىپىش پۇرسىتى بولمىدى
. بەزى خەنزۇچە كىتاپلاردا) 亚历山大)(356-323( موكىدون دۆلىتىنىڭ پادىشاسى دەپ ئاپتۇ.
ئوغلۇم مۇشۇ كىتاپتا سۆزلەنگەن يالىشاندا دىگەن ئادەمنىڭ ھىكايىسى سەن سۆزلەپ بەرگەن قۇرئاندا تىلغان ئىلىنغان ئىسكەندەر زۇلقەر نەيىننىڭ ھىكايىسىگە بەك ئوخشايدىكەن. ئۇ زۇلقەر نەيىن شۇكەن دەپ ئۇنىڭ رەسىمى بويىچە پۇتىغا يىپلارنى يۆگەپ (چۇرۇق ياساپ ) زۇلقەر نەيىن ئاتنى مۇنداق مىنىدۇ دەپ مىنى كۈلدۈرۈپ ئوينايدۇ.
يىقىندا بىرسىدىن غەربى دىياردىكى بەش شەھەرنى زۇلقەر نەين سالدۇرۇپتىكەن دىگەندەك گەپلەرنىمۇ ئاڭلاپ قالدىم.
كەڭ دورداشلارنىڭ بۇ توغرىلىق بىلدىغانلىرى بولسا ئايىماي سۆزلەپ بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
[ بۇ يازمىنىsawirqan 2011-03-05 21:02قايتا تەھرىرلىد ]