باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى |
تېما: ھاراقنىڭ بايانى |







0-قەۋەت
يوللانغان ۋاقت: 2011-03-05 11:51
ھاراقنىڭ بايانى
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
ھاراقنىڭ بايانى مېنىڭ شادلىقىمغا جاھان تار ،مەن شىشىنىڭ ئىچىدە جىم تۇرغان بىلەن قورساققا كىرگەندە جىم تۇرالمايمەن.مېنى ئىچكەنلەرنىڭ مېڭىسىنى قىزىتىپ، ئەقلىدىن ئازدۇرۇپ، ئۇلارنى بىردەمدىلا ھايۋانلارغا ئايلاندۇرالايمەن، بۇنىڭ بىلەن دوستۇم شەيتاننىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ،ئىچ-ئىچىدىن يايراپ كېتىدۇ.قانداق مېنىڭ كارامىتىم بارمىكەن؟ مېنى ئىچىپ دوستلار دۈشمەنگە ، بىر تۇققان قېرىنداشلار ئۇرۇشۇپ-سوقۇشۇپ، ئېغىز-بۇرۇنلىرىنى قانغا بويۇشۇپ، قىيامەتلىك رەقىپلەرگە ئايلانغاندا دوستۇم شەيتاننىڭ بېشى كۆككە يېتىدۇ. شۇڭا دەيمەن، يول ماڭالايدىغان، ئۇخلىيالايدىغان، گەپ قىلالايدىغان بولسىلا ئادەم بولمايدۇ دەپ . مەن شۇڭا ئادەملەرنى تولىمۇ ئەقىلسىز ، دۆت دەيمەن .سەۋەبى، مېنى ئېشەكمۇ ئىچمەيدىغان تۇرسا ئۇلار ئىچىپ ئاجايىپ –غارايىپ ئەسكىلىكلەرنى، ئېشەكلەرمۇ قىلمايدىغان رەسۋالىقلارنى،پەسكەشلىكلەرنى قىلىشىدۇ ئەمەسمۇ؟!...بۇنىڭدىن مەن خوشال بولماي تۇرالامتىم؟ دوستۇم شەيتان كۈلۈپ يايرىمامتى؟ كىممۇ ئۆز نەتىجىسىدىن پەخىرلەنمىسۇن،ھاياجانلانمىسۇن؟... مېنىڭ مەقسىدىم ،ئادەملەرنىڭ ئەقلىنى بۇلغاپ ،ئۇلارنى نادانلىقتا قالدۇرۇپ، ئەقىل كۆزىنى كور قىلىپ، قىممىتىنى يوقىتىش، ئىستىقبالىنى نابۇت قىلىش؛مېنى ئىچىشكە ئۆگىنىپ كەتكەنلەر تىرىك تۇرۇپ ئۆلگەنلەردۇر.مېنى ئىچكەنلەرنى ھەممە نېمىسىدىن مەھرۇم قىلىۋېتەلەيمەن.قانداق مېنىڭ كارامىتىم بارمىكەن؟... مېنىڭ ئارمىنىم،ئىنسان روھىنىڭ ئويغاقلىقىنى ، تەپەككۇرىدىكى ھالقىشنى نابۇت قىلىپ،نادانلىقتا قالدۇرۇپ، مەنىۋىيىتىنى بۇلغاپ، ئەسلى-ۋەسلىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، ئۆتمۈشىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، گالۋاڭلاشتۇرۇپ، بىخۇتلۇق پاتقىقىغا پاتۇرۇپ، بۈگۈنى، ئەتىسى ئۈستىدە باش قاتۇرمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ، ئۆزلىرى توغرۇلۇق ئويلىمايدىغان قىلىۋېتىش.قىسقىسى ئادەملەرنىڭ ئادىمىيلىك قىممىتىنى يەرگە ئۇرۇش. شۇ ئارقىلىق دوستۇم شەيتاننىڭ شادلىقىغا شادلىق قوشۇش،كۈلكىسىنى يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرۈش. قانداق مەن بولامدىكەنمەن؟ دوسلۇققا يارامدىكەنمەن؟؟ ۋاپادار دوستمىكەنمەن؟؟؟ ئادەملەر تولىمۇ نادان ،ئەقىلسىز ئىكەن، ئۈلۈشكۈن ئۈچ ئاغىنە مېنى بولۇشىچە ئىچىپ، راسا مەست بولۇپ، بىر موتۇسىكلىتقا مىنىپ ،يولنىڭ چېتىدە توختىتىپ قويۇلغان ماشىنىغا ئۈسۈۋېلىپ جانلىرىدىن جۇدا بولۇپ، مانا بۈگۈن يەنە بىرى مېنى قانغۇچە ئىچىپ بولۇشىغا مەست بولۇپ،موتۇسىكلىتىنى ئۇچقاندەك ھەيدەپ بىر پۇتىدىن ئايرىلىپ، ئاتا-ئانىلىرى، ئۇرۇق-تۇققانلىرى،دوست بۇرادەرلىرىنىڭ يۈرەكلىرىدە دەرد-ھەسرەت قالدۇرغان بولسا، يەنە بىرى مېنى ئىچىپ ئانىسىدىن تۇغما بولۇپ كوچىغا چىقىپ خەلقى –ئالەمگە ئۆزىنىڭ ئۇچىغا چىققان رەسۋالىقىنى دادىللىق بىلەن جاكارلاپ ،دوستۇم شەيتاننىڭ گۈلقەقەلىرىنى ئېچىلدۇرىۋەتتى. قانداق، مېنىڭ راستىنلا بەك كارامىتىم بارمىكەن؟ ئادەملەر ئاشۇنداق ئېچىنىشلىق پاجىئەلەردىن ئاچچىق ساۋاق ئالماي يەنە قىلغۇلۇقلىرىنى قىلىۋېرىپ، پاجىئە ئۈستىگە پاجىئە پەيدا قىلىۋېرىدۇ. ئەمەسمۇ؟ مېنىڭ ئارمىنىم ،مېنى ئىچكەنلەرنىڭ تېنىنى زەئىپلەشتۈرۈپ ،ئۇلارنى تىرىكتاپلارغا ئايلاندۇرىۋېتىش، ئەقلىنى بۇلغاپ،ھايات يولىنى تارايتىپ،ئوتتەك ھەۋەس،پولاتتەك ئىرادىسىنى نابۇت قىلىش،ئۇلارغا نۇرغۇنلىغان يىتەرسىزلىكلەرنى يۈكلەش، ساق تېنىگە ساقايماس مەرەز كېسەللىكلەرنى چاپلاش،دوستنى دۈشمەننىڭ ئالدىدا يۈكۈندۈرۈپ يۇم-يۇم ياش تۆككۈزۈش ...شۇ ئارقىلىق شەيتان دوستۇمنىڭ كۆڭلىنىڭ داۋاملىق خۇشال تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، قانداق مېنىڭ ئارمانلىرىم بۈيۈكمىكەن؟!دوستلۇققا يارامدىكەنمەن؟؟ مېنى داۋاملىق ئىچىۋەرگەنلەرنىڭ ئېتىقادى بۇلغۇنۇپ،دىلى بۇزۇلۇپ، تىنى زەئىپلىشىپ، روھى پۈچەكلىشىپ ، ناكالىشىپ كېتىدۇ.دىلىنى كورلۇق قاپلايدۇ،ھارامخورلۇق ئۇلارنى كاردىن چىقىرىدۇ.ئۇلار،ياخشى-يامانغا ئېرەنشىمەيدىغان نان كۈچۈكلىرىگە،ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلمەيدىغان ماڭقۇرتلارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.غايە،ئېتىقادتىن ئايرىلىدۇ،ئەخلاق ۋە شەرمى-ھايادىن يىراقلايدۇ؛ نۇرغۇن نۇقسان–ئىللەتلەرنى ئىجاد قىلىدۇ،پىسخىكىسنى ھەر تۈرلۈك ئاجىزلىقلار قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىدۇ،روھىي ۋە مەنىۋىيىتىدە ھەر تۈرلۈك يېتەرسىزلىكلەر پەيدا بولىدۇ...مۇھەببەت-نەپرەت تۇيغۇسى قاشاڭلىشىپ كېتىدۇ،شۇڭا ئۇلار دېڭىزدىكى پالاقسىز قولۋاقتەك مەقسەت نىشانسىز لەيلەپ يۈرىدۇ، ‹ مەن نېمە كويدا ، ئەل نېمە ئويدا › دېگەندەك تەخىرسىز مەسىلىلەر ئۈستىدە باش قاتۇرماس، ئويلانماس، زامان سېزىملىرىغا ئويغاق تەپەككۇر بىلەن تۇيغۇن مۇئامىلە قىلالماس قىلىۋېتىمەن ،ئۇلاردىكى ئويغاق ئاڭ ،سەگەك تەپەككۈرلارنى تۇنجۇقتۇرىۋېتىمەن، كۆڭلىنى ئاچ قويىمەن ،روھىدىن بوران ئۇچۇرىمەن.ئوڭ سۆزلەيدىغانلارنى پەلىپەتىش، داڭقان پۇتى ،مالىماتاڭ سۆزلەيدىغان قىلىۋېتىمەن.مېنى ئىچىپ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا بۇقۇلداپ يىغلاپ كېتىشىدىكەن تېخى،بولغۇلۇق بولۇپ بولغاندا كۆز يېشى قىلغاننىڭ نېمە پايدىسى.كۆز يېشى دېگەن رېئاللىقنى يىرگىنىشلىك ۋە پاتقاق قىلىۋېتىدۇ. ئادەملەرنىڭ بۇنى بىلگۈچىلىكى يوقمىدۇ؟بىلگۈچىلىكى بولسا مېنى ئىچىپ، كوچىلاردا رەسۋالىق قىلىشىپ يۈرۈشمەستى؟ مېنىڭ مەخسىدىم مېنى ئىچكەنلەرنى غونىجىننىڭ تولغاق ئازابىدەك ئازاپتا قىيناش، دوستلار ئارىسىغا دۇشمەن ئارىلىتىش ،ئۇلارنىڭ ئارىسىدا چاكىنىلىقلارنى يامرىتىش، غايە يولىدىكى ئىزدىنىشلىرىدىن بەزدۈرۈش... ئادەملەر مېنى ئىچىڭلار... پۇلۇڭلار تۈگىسە نېسىگە ئىچىڭلار... نېسى بەرمىسە قېنىڭلارنى سېتىپ بولسىمۇ ئىچىڭلار... مەن مەقسىدىمگە يېتەي،دوستۇم شەيتاننىڭ گۈلقەقەلىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتسۇن. ئەسكەرتىش: مەزكۈر يازمىنىڭ ئىملاسى تەھرىرلەندى. يازما يوللاشتىن بۇرۇن ئىملاسىنى تۈزەتكەيسىز. [ بۇ يازمىنىgeneral 2011-03-05 21:21قايتا تەھرىرلىدى ] | ![]() |
![]() |
![]() |
![]() |