باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 6394 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: بىر مۇسۇلمان ئايالنىڭ يۈرەك ساداسى
دىنىمىزنىڭ مەقسىتى ھەرئىككى دۇنيادابەخت يارىتى& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 196
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە196دانە
ئۆسۈش: 1210 %
مۇنبەر پۇلى: 3238 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-08
ئاخىرقى: 2012-03-25
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-04 11:51

بىر مۇسۇلمان ئايالنىڭ يۈرەك ساداسى

    (بۇ تىمىنى مەرىفەت مۇنبىرىدە كۆرۈپ شۇنداق تەسىرلەندىم. شۇڭا باشقا تورداشلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم.يولۇچى ئىسىملىك تورداشقا ۋە بۇ تىمىنى چىن يۈرىكى بىلەن ئوقۇپ ئەمەل قىلغان ھەر بىر تورداشقا اللە چەكسىز رەھمەت قىلسۇن.) 


    مەيلى غەرىپنىڭ ياكى شەرىقنىڭ يازغۇچىلىرى بولسۇن ئايال دىگەن تىمىدا بىرلا قەلەم تەۋرەتسە، بىر داستان ئەسەرنى يىزىۋىتىدۇ.  ھەقىقەتەن ئايال ئىنسانىيەتنىڭ ئانىسى.   مىللەتنىڭ تەربىيىچىسى، جەمىيەتنىڭ مەنىۋى تۈۋرىكى، ئائىلىنىڭ يۈرىكى، پەرزەنىتلەرنىڭ ئەمىلىي ئۆلگىسى ........
    مۇسۇلمان ئايال دىسە، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا چوقۇم ئۇچىسىغا  ئۆز يىشىغا ماس كەلمىگەن خالتىدەك كىيىملەرنى كىيىۋالغان ،  بىشىغا تازا يوغان رومال  چىگىۋالغان ، مەدەنىيەت دىگەننىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان، ئىلىپنىڭ سۇنۇقىنىمۇ بىلمەي تۇرۇپ ، ئۆزىنى تەقۋا چاغلايدىغان، ئاغزىدا اللە دەپ قويۇپلا،  قولىدىن ھىچ ئىش كەلمەيدىغان ، جەننەتنى دەپ بۇ دۇنيانى تەرك ئەتكەن،  ئارزۇ - ئىستىكى يوق، ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈشنى بىلمەيدىغان .....شۇنداق بىر قالاق ئايالنىڭ سىماسى كۆز ئالدىغا  كىلىدۇ . بۇ پەقەت  مۇسۇلمان ئايالنىڭ تاشقى قىياپىتى خالاس. ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسى كىشى ئويلاپ يىتەلمەيدىغان دەرىجىدە باي ھەم  گۈزەل.  يەنى مۇسۇلمان ئايالنىڭ قەلبى اللە نىڭ مۇھەببىتى بىلەن تولغان ،  <<بۇ دۇنيانىڭ، اللە نىڭ نەزىرىدە پاشىنىڭ قانىتىچىلىكمۇ نەزەرگە ئىلىنمايدىغانلىقىنى>> بىلگەن،  قىسقىغىنە دۇنيا ھاياتىنى دەپ ئاخىرەتتىكى مەڭگۈلۈك جەننەت ھاياتىنى يوق قىلىشنى خالىمىغان  ئايال. مۇسۇلمان ئايالغا  نىسبەتەن ئۇلارنىڭ باھايىدىن بەكراق پۈتكۈل كائىناتنى،  بارچە مەخلۇقاتنى ياراتقۇچى، پەرۋىش قىلغۇچى ،  مومىنلەرنى دۇنيا - ئاخىرەتتە ئەزىز قىلغۇچى ھەممىدىن شەپقەتلىك ۋە ھەممىدىن مىھرىبان اللە تەئەلانىڭ باھاسى ئەڭ مۇھىم..

        مەن شۇنداق دىيەلەيمەنكى : ئى ئىنسانلار،  بىز ئاياللار ئىچىدىكى اللە نى پەرۋەردىگارىمىز، ئىسلامنى دىنىمىز، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبىرىمىز دەپ تونۇغان ھەم شۇنىڭغا رازى بولۇپ ، تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلارنى يىڭىپ ، ھەر نەپسىمىزدە اللە دىن قۇرقۇپ،  ئىسلامنىڭ پىرىنسىپلىرىغا تولۇق رىئايە قىلىپ ، ئەرلىرىمىزگە ئىتائەت قىلىپ ، پەرزەنىتلىرىمىزنى ساپالىق قىلىپ تەربىيلەش ئۈچۈن يۈرەك - قىنىمىز بىلەن تىرىشىپ ياشاۋاپ كىلىۋاتقان قەيسەر   ئاياللارمىز .  اللە نىڭ سۆيگۈسى بىز ئۈچۈن نىئمەت. ئەرلىرىمىزنىڭ رازىلىقى بىز ئۈچۈن  مۇۋاپىقىيەت .  پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ سائادىتى بىز ئۈچۈن بەخىت.
         قارايدىغان بولساق ،  ھازىر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئىسلام دۈشمەنلىرى ،ئىسلامنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن،  ھەرخىل ۋاستىلارنى قوللۇنۇپ ، پۈتۈن كۈچىنى ھىساپلىشىپ ئولتۇرمايلا شۇ يولغا  سەرىپ قىلىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى دەۋىر  ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ  مۇشۇنداق ۋەزىيەتكە  شاھىت بوپ ياشاۋاتىمىز. شۇڭلاشقا بىزلەرنىڭ ئۈستىمىزدىكى مەسئۇلىيەت ھەقىقەتەن ئىغىر . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇن مۇددەت ئىلىمسىز قالغانلىق سەۋەبىدىن، يىقىنقى زامان ياشلىرى نۇرغۇن ئىلىمدىن خەۋەرسىز قالدۇق ۋە نۇرغۇن ئىلىملەرنى ئىلىشقا كىچىكىپ قالدۇق ، بولۇپمۇ مىللەتنىڭ تەربىيىچىسى بولغان قىز - ئاياللىرىمىزدا  پەرزەنىتلىرىمىزنى ھەر تەرەپتىن ئەتراپلىق تەربىيلەشكە قورساقتا ئۇماچ يوق، بار دىگەنلەردىمۇ ناھايىتى ئاز ...... كىشىنى ئەڭ ئەپسۇسلاندۇردىغىنى، دەل مۇشۇ ئۈممەتنىڭ ئىز باسارلىرىنى تەربىيلىگۈچى بىر تۈركۈم ئىلغار قىز - ئاياللار تەربىيلىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن، كۆز ئالدىمىزدىلا   قاتمۇ - قات بىسىم ئاستىغا ئىلىنىپ ، تۈگىمەس تەنبىھ ۋە تەنقىد ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قالماقتا ، ھەتتا نۇرغۇن ۋەدىلەر بىلەن اللە رازىلىق ئۈچۈن نىكاھىلانغان ئۆمۈر يولدىشىمۇ ئۇنى خاتىرجەم ئائىلە مۇھىتىغىمۇ ئىرىشتۈرمەي قۇرۇق سەپسەتە سىتىپ يۈرمەكتە.
      ئەنە  مۇسۇلمان ئايال يىغلىماقتا.  يىنىدا بىر ، قۇچىغىدا بىر بالا ئاپىسىغا  ئىچ ئاغرىتقاندەك تەڭ يىغلىماقتا، ئۇنىڭ ئىلگىركى غايىلىرى، ئارزۇ - ئىستەكلىرى ھەممىسى كۆپۈككە ئايلاندى، ئۇ ناھايىتى ئۈمۈدسىزلەندى، لىكىن اللە رازىلىقى ، ئەرنىڭ رازىلىغى دەپ يەنە سەۋىر قىلدى، ئۇ ئويلىدى ، قىنى نىكاھتىن ئىلگىركى ۋەدىلەر، قىنى  مىنى جەننەتكە باشلاپ ماڭىدىغان مۇسۇلمان ئەر. قىنى ئىسلامىي تۇرمۇش، ئەر پۇل تاپىمەن دەپ ئەتتىگەندىن كەچكىچە  يا كوچىدا، يا شەمۇ - شە يۈرگەن، بىچارە ئايال  ئۆيدە باللىرى بىلەن ، تاماق ئىتىپ .كىر قات يۇيۇپ، ئۇلارغا دەرس بىرىپ دىگەندەك ھىرىپ كۈننى كەچ قىلغان .بىر - بىرىنىڭ ھالىغا يىتىشتىن ئەسەر يول. يا  مۇسۇلمان ئەر ئايالدىن رازى ئەمەس، يا مۇسۇلمان ئايالنىڭ كۆڭلى ئىرىدىن سۇ ئىچمىگەن.  توۋا ، مۇسۇلمان ئايال  پاسىق ئەرنىڭ ئۆز ئاياللىرىغا قىلغان ياخشى مۇئامىلىلىرىگە  قاراپ ،  ھەيران بولىۋاتىدۇ.   مۇسۇلمان ئەر پاسىق ئاياللارنىڭ اللە تىن قورقماي قىلغان ناز - كەرەشمىلىرىگە قاراپ ھوزۇرلۇنۇپ كىتىۋاتىدۇ . يەنە بەزى مۇسۇلمان ئەر ئاياللىرىنى كوچىغا چىقىپ پۇل تىپىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ ..........يۈركۈم يىغلاۋاتىدۇ.....  
            بىزنىڭ بەزى <ئاتالمىش> مۇسۇلمان ئەرلىرىمىز بار ئاۋازى بىلەن ئىسلام شۇئارىنى توۋلاپ ھارمايدۇ يۇ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ئىسلام ھەققىدە بىر - ئىككى ئىغىز سۆھبەت قۇرمايدۇ. سىرتتىن ھىرىپ كىردىم دەپ  تىلىۋىزوردا قانداقتۇر بىمەنە نەرسىلەرنى كۆرۈپ ئولتۇرۇشقا رازىكى، باللىرىغا بىرە پايدىلىىق ھىكايە ، قىسسە ياكى ھەدىس سۆزلەپ بىرىش ئىغىر كىلىدۇ. ھەتتا بەزى پاسىق تونۇشلىرىنىڭ ئۆز  ئاياللىرىغا قىلغان مۇئامىلىىسىنىڭ يىرىمىنى شۇ مۇسۇلمان ئايالىغا قىلالمايدۇ ، ياق قىلىدۇ، بىراق <سايىماخۇن> بوپ قىلىشتىن قورقىدۇ .جەمئىيەتتىكى پاسىق خوتۇنلارغا ھىجاراپ ھىچ ھالىي قالمايدۇ يۇ، ئۆيىدە باللىرىنىڭ ھالىدىن خەۋار ئالغان جاپاكەش ئايالىغا ۋاقىراپ چالۋاقايدۇ،  بىچارە ئايالى ئوخشۇتۇپ تاماق ئىتىپ چاقارسا كەلمەيدۇ ، ئەكسىچە پۇل بۇزۇپ ئاغىنەم دەپ تىز تاماقخانا، ساماۋەرخانىلارغا كىرىم قىپ بىرىپ يۈرىيدۇ. ئاياللىرىنى يات ئەرلەردىن كۈنلەپ ئايلاپ  سىرتىغا چىقارمايدۇ يۇ،  ئۆزى قانداقتۇر باھانە سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ نامەھرەم ئاياللار بىلەن بىمالال <مۇئامىلە>  قىلىشىپ يۈرىيدۇ. ئايالىغا ، پەرزەنىتلىرىنى ياخشى تەربىيلە دەپ بۇيرۇقنى چوڭ سوقىدۇ يۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر شارائىت ھازىرلاپ بىرىشكە ئۇنىمايدۇ.  ئايالى ۋە باللىرىنى سىرىتلارغا ئەپ چىقىپ ئايلاندۇرۇپ كەپ بولغۇچە ئىچىدە  مىڭنى غۇدراييدۇ يۇ، بىرە تونۇش قىز - ئاياللارغا  ئىلتىماسى بوپ قالسا ، مىھمان قىلىش ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن تىز تاماقخانىلارغا باشلايدۇ،  ئەرلەر  پۇلنى ئۆزۈم تاپقاندىكىن دەپ خالىغانچا خەجلەيدۇ يۇ ، ئايالىغا بەرگەن بىر تىيىننىڭ ئۈستىدە تىك تۇرىدۇ، بىچارە ئايال اللە يەتكۈزۈپ بەرگەن شۇ پۇلنىمۇ يۈرەكلىك خەجلىيەلمەيدۇ.  ھەتتا ئۇلار بەزى كەم ئەقىل ئاياللارنىڭ خىيانەتچى بولۇشىغا سەۋەپچى بولىدۇ . مۇسۇلمان ئەرلەرنىڭ  نەزىرىدە ئۇلار ئۆزى  يالغۇز كىرىم قىلغۇچى،  ئاياللار پەقەت چىقىم قىلغۇچى، ئەمەلىيەتتە ئاشۇ ئەرنىڭ تاپقىنى پەقەت ئۇنىڭلا ئەمەس ئائىلىدىكى ھەممە ئەزانىڭ رىزقى ھىساپلىنىدۇ. (ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمان ئايالنىڭ چىقىمى باشقا ئاياللارغا قارىغاندا ئاز بولىدۇ . مەسىلەن : ئۇ مودا قوغلاشمايدۇ، كىيىم جىق كەتمەيدۇ، تاھارەت سۈيى بىلەن پەردازلىنىدۇ،  گىرىم بۇيۇملىرى كەتمەيدۇ، چىچىنى ياساش ، بويىتىش كەتمەيدۇ، ئابروي قوغلۇشۇپ ئۆي ياسىمايدۇ،) دىگەندەك ...........( بىز ئاياللاردىمۇ يىتەرسىزلىك يوق ئەمەس )
        شۇنداق،  مۇسۇلمان ئايالمۇ بىر ئادەتتىكى ئىنسان ئۇنىڭدىمۇ گۆشتىن بولغان يۈرەك  ۋە   تەن  بار، ئۇنىڭ كاللىسى ئالدىن بەلگىلەپ قويۇلغان  پىروگىرامما ئەمەس. ئۇنىڭمۇ شەخسى كۆز قارىشى، ھىسىياتى، قەدىر - قىممىتى، ئىززەت - ئابرويى بار، ئۇنىڭمۇ ئائىلىدە مەسلەھەت بىرىش، ئورۇنلۇق يەرلەر بولسا چىقىم قىلىش، يوللۇق رەدىيەلەرنى بىرش ، پەرزەنىتلىرى ئالدىدا پىكىر  قىلىش ھوقوقى بولىدۇ.  ئۇ اللە نىڭ شۇ ئەرگە بەرگەن ئامانىتى ،  ئۇ قىز  ئاتا- ئانىسى ئەرگە سىتىۋەتكەن قۇل ئەمەس، بەلكى ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى  اللە ش ئەرگە بەرگەن  ھالال جۈپتى ھەمراھى.  نىكاھتىن كىيىن  ئايالنىڭ ئىككى ئانىسى ، ئىككى دادىسى بولغىنىدەك، ئەرنىڭمۇ ئىككى ئانىسى ، ئىككى دادىسى بولىدۇ. ھەر ئىككىلا تەرەپ ھەقلىرىنى ئادا قىلىشتا باراۋەر بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم . قىسقىسى مۇسۇلمان ئەر ۋە ئايال بىر قولىدا قارشى تەرەپنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى سۈرۈشتە قىلىغىنىدەك يەنە بىر قولىدا ئۇلارنىڭ ھوقوقلىرىغىمۇ ھۆرمەت قىلغاندا ئاندىن تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ ئائىلە ئىناقلىقىغىمۇ چوڭ ياخشىلىنىش ئىلىپ كىلەلىشى مومكىن.
           ئەي مۇسۇلمان ئەرلەر  : سىلەر بىزنىڭ   ھاياتىي دۇنيادا ھەمسەپەرلىككە تاللىغان يولداشلىرىمىز ،اللە نىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن  بىز ئۆز ئارا سەپەرداش بولدۇق،  بىز سىلەرگە سادىقمىز، سىلەر ۋە پەرزەنىتلىرىمىز  بىزنىڭ جىنىمىز ، سىلەر ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە تەييارمىز(ھەققە قارشى بولمىسىلا)، سىلەرنىڭ ئۈممەت غىمىدە يۈرىكىڭلارنىڭ پۇچلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز ، ئائىلە غىمىدە تىنىڭلارنىڭ جۈدەپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۋاتىمىز، بىز سىلەر بىلەن جاپادىمۇ،ھالاۋەتتىمۇ  بىللە بولۇشنى بەكمۇ خالايمىز ، بىراق بىزنىڭ سىرىتلاردا يۈرىشىمىز ساۋاپقا ئەمەس، گۇناھقا باشلاپ بارغاچقا مومكىن بولمايدىكەن،(اللە ھەممىنى بىلگۈچى). بىز ئاجىزەلەر پەقەت ئائىلىدە سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىپ، ھەقلىرىڭلارنى ساقلاپ ، پەرزەنىتلىرىمىزگە مەسئۇل بولۇپ ئولتۇردىكەنمىز ، بىزلەرمۇ  ئۇلارنىڭ ئاش تامىقىنى ئىتىپ، كىر - قاتلىرىنى يۇيۇپ،ئۇلارغا زىرىكمەي - تىرىكمەي  تەلىم - تەربىيە بىرىپ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ دىگەندەك چەمبەرسىمان  ئىشلارنىڭ قاينىمىدا پالاقشىپ ھىرىپ چارچايدىكەنمىز .  ئۇنىڭ ئۈستىگە  كىچىكىمىزدىن بىقىپ ، پەرۋىش  قىلغان  ئاتا - ئانىلىرىمىزنىڭ  ۋە دۇنيا غىمىدىلا ياشايدىغان نادان ئاكا - ئاچىلىرىمىزنىڭ <بىرەر ئىش قىلمىدىڭ، خىزمەت قىلمىدىڭ،جاپا تارتىپ بىقىپ، ئوقۇتۇپ قويساق ، ئائىلە ئايالى بوپ كەتتىڭ> دىگەندەك تۈگىمەس  تاپا - تەنىسى، جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك سوغۇق مۇئامىلىلەر،  چەتكە قىقىشلار ،تۈرلۈك چەكلىمىلەر بىزنىڭ ئۆز قەدىر - قىممىتىمىز بىلەن ياشىشىمىزغا ئاز بولسىمۇ تەسىر كۆرسەتكەچكىمۇ ، بەزى ۋاقىتلاردا بىزنىڭمۇ يالغۇزلۇق ھىس قىلىپ قالىدىغان ، كۆڭلىمىز يىرىم بولىدىغان ، ھەتتا بەزىدە يۈرىكىمىز سىقىلىپ يىغلاپمۇ كىتىدىغان چاغلىرىمىز بوپ قالىدۇ ، شۇڭا بىزمۇ  سىلەرنىڭ قوللىشىڭلارغا ، سىلەرنىڭ نەسىھىتىڭلارغا ، سىلەرنىڭ  كۆيىنىشىڭلارغا مۇھتاج بولىمىز .
        ئىي مۇسۇلمان ئەرلەر ،  سىلەر ئىسلامىي جامىئەنىڭ  قۇرغۇچىلىرى ، ئۈممەتنىڭ جەڭچىسى . سىلەر بىزنىڭ پەخرىمىز ، بىزنىڭ ھامىيچىلىرىمىز . سىلەر باللىرىمىزنىڭ قەھرىمانى.......سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار - بىز ئۈچۈن بىر چوڭ مەدەت، سىلەرنىڭ ئاسرىشىڭلار  - بىز ئۈچۈن شەرەپ. سىلەرنىڭ  نەسھىيىتىڭلار  - بىز ئۈچۈن مەنىۋى ئوزۇق.  (ئەلۋەتتە اللە نىڭ ھىدايىتى، ياردىمى ، رەھمىتى  ئەڭ چوڭ نىئمەت، ئەلھەمدۇلىللاھ )
        ئەي ئەرلەر جامىئەسى، قىز - ئاياللىرىڭلارغا ياخشى سۆز يەنى نەسىھەت قىلىڭلار، <<سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىڭلار ئايالىغا ياخشى مۇئامىلا قىلغىنىڭلار>><< ئاياللىرىڭلارغا ياخشى سۆز قىلىڭلار. ئاياللار ئەگرى قوۋرىغىدىن يارىتىلغان ، ئۇنى تۈزلەيمەن دىسەڭ سۇندۇرۇپ قويىسەن..... >>.(ھەدىستىن)

         باشقىلار  بىزنى چەتكە قاقسىمۇ ، سىلەر چەتكە قاقماڭلار!..........چۈنكى بىزمۇ سىلەردەك  اللە نى ياخشى كۆرىمىز.
          باشقىلار  بىزنى كۆزگە ئىلمىسىمۇ ،  سىلەر ھۆرمەتلەڭلار!.......چۈنكى بىزنىڭ ھىجابىمىز ئىسلامنىڭ سىموۋلى.
          باشقىلار  بىزنى پەس كۆرسىمۇ ، سىلەر ئىززەتلەڭلار!......چۈنكى بىز  قالاق ئەمەس، اللەنىڭ نەزىرىدە بىز ئۇلاردىن ئىلغار.
          باشقىلار  بىزنى ئۆچ كۆرسىمۇ ، سىلەر بىزنى سۈيۈڭلار!....چۈنكى مۇسۇلمان مۇسۇلماننى ئۆچ كۆرمەيدۇ.
          باشقىلار  بىزگە ئازار بەرسىمۇ ، سىلەر بىزگە ئازار بەرمەڭلار!.....چۈنكى بىز سىلەرنى ئۆزىمىزدىنمۇ بەك ياخشى كۆرىمىز...
          باشقىلار بىزگە ۋاپاسىزلىق قىلسىمۇ . سىلەر ۋاپاسىزلىق قىلماڭلار! .....چۈنكى ۋاپادىن جاپا كۆرۈش بىزنى تۈگەشتۈرىشى مومكىن...
         باشقىلار  بىزنى تاشلاپ كەتسىمۇ ، سىلەر بىزنى تاشلاپ كەتمەڭلار!..... چۈنكى بىز ئورتاق نىيەتتە ، سەپەرگە بىللە ئاتلانغانمىز.....
         باشقىلار  بىزگە ئىشەنمىسىمۇ ، سىلەر ئىشىنىڭلار!..... چۈنكى بىزدە اللە دىن قورقۇدىغان، سىلەرگە سادىق قەلىب بار......
        باشقىلار  بىزدىن يىرگەنسىمۇ ، سىلەر يىرگەنمەڭلار! ....چۈنكى بىز اللە نىڭ نەزىرىدە دۇنيا گۈزەللىرىدىن ئەۋزەل......
       باشقىلار پەرزەنىتلىرىمزگە  ئۆلگە بولۇشتىن ئىلگىرى سىلەر ئۆلگە بولۇڭلار! ....چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ ئۈمۈدىمىز ، ئىسلامنىڭ ئىز باسارلىرى.  
       باشقىلار بىزگە يامان كۆز بىلەن قارىسىمۇ، سىلەر ئۇنداق قارىماڭلار!....چۈنكى سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردىكى ئوبرازىمىز بىز ئۈچۈن بىر مۆھۈر.......
           بىز مۇسۇلمان ئاياللارمۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ سىلەرنىڭ جاتىرجەم تىرىكچىلىك  قىلىشىڭلارغا ، ئائىلا غىمىدىن ئېشىنىپ،  ئۈممەت غېمىدە يۈرىشىڭلارغا شارائىت ھازىرلاپ بىرەيلى، .سىلەرمۇ بىزنى ھۆرمەتلەپ ، بىزنى ئاسراپ ، پەرزەنىتلىرىمىزنى ساغلام، تىنىچ مۇھىتتا تەربىيلەشكە، سىلەرنى ياخشى كۈتۈشكە  شارائىت ھازىرلاپ بىرىڭلار. بىز اللەنى ياخشى كۆرگەن، بىر بىرىمىزنى ياخشى كۆرگەن،  ئۆزئارا ئىشەنگەن، خاتىرجەم بولغان ھالدا ئالدىمىزغا قاراپ، بىشىمىزنى كۆتۈرۈپ، قەددىمىزنى رۇسلاپ   ياشايلى! پەرزەنىتلىرىمىز ئىسلامنىڭ نەقەدەر گۈزەل ئىكەنلىكىنى ئائىلىسىدىن باشلاپ  كۆرۈپ چوڭ بولسۇن!  ئۇلارغا مۇسۇلمان ئايال ۋە مۇسۇلمان ئەرنىڭ ھەقىقى ئوبرازىنى تىكلەپ بىرەيلى !!!
اللە ھەر بىر مۇسۇلمان ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك. ئىناقلىق ۋە  بەركەت ئاتا قىلسۇن!!!!.
             
                       قىرىنداشلار، بۇ ئاجىزەنىڭ قەلبىنى چۈشەنگەندەك بولدۇڭلارمۇ؟  بۇ قىرىندىشىمىزغا تەسەللى بىرەيلى. بىز بولساقمۇ ھالىغا يىتەيلى.  ئاجىزەنىڭ دەردىگە مەلھەم تاپايلى. ئۇ بەك ھالسىراپ كىتىپتۇ....                             .                                                     مەنبە: دوستۇمنىڭ خاتىرسىدىن .

سايرامدىن ئىلاۋە؛بۇ تىمىنى قانچە قېتىم ئوقۇساممۇ يەنە ئوقۇغۇم كىلىدۇ.ئەتراپىمىزغا قاراپ باقايلى!دوستلىرىمىز،تونۇش بىلىشلىرىمىزنىڭ ئائىلىسىگە قاراپ باقايلى!!! ھەقىقەتەن ئېچىنارلىق ئەھۋال،ئائىلىدە يۈرەك پارىلىرىمىزنى ياراملىق تەربىلەش ئۈچۈن شۇنچە جاپا چىكىۋاتقان  ھىجاپلىق بىر مۇسۇلمان ئايال ئەتىگەندىن كەچكىچە تالادا يۈرۈپ تۆت تەڭگە پۇل تاپىدىغان ھىجاپسىز ئايالچىلىك ئىمتىيازغا ئىرىشەلمەي ياكى ئىتىقادىدىن كىچەلمەي ئۇھ تارتىۋاتىدۇ! كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتىدۇ! دەردىنى تۆكۈۋاتىدۇ!!!ئاشۇ ئاياللارنىڭ ئەرلىرى مۇسۇلمانمۇ ياكى ئەمەسمۇ!
ھىجاپلىق بىر مۇسۇلمان ئايالنىڭ چىن يۈرىكىدىكى سۆزىنى ئوقۇپ بولدىڭىز، قېنى دوستۇم،قانداق تەسىراتتا بولۇۋاتىسىز....بىلىمەن بۇ تىمىنى ئوقۇغان ھەر بىر مۇسۇلمان ئەركەك تەسىرلەنمەي قالمايدۇ..لىكىن تەسىرلىنىش بىلەن قانچىلىك مەسىلە ھەل بولىدۇ؟ مىڭلاپ قۇرۇق ئۇھ تارتىشلاردىن بىر دەقىقە ھەركەت ئەلا دەيدىغان ھىكمەتلىك سۆز بارغۇ! قېنى سىز مۇشۇ تەسىرلىنىشىڭىزنىڭ تۈرتكىسىدە ئەمىلى ھەركەتتىن بىرنى قىلىپ دەرھال ئۆيىڭىزدىكى بالىلىرىڭىزنى ئىسلامى تەربىيە بىلەن ئەدەپ-ئەخلاقلىق،ھايالىق چوڭ قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ھەتتا نىرۋىسى ئاجىزلاپ كىتىۋاتقان ھالال جۇپتىڭىزنىڭ قولىنى مىھرىڭىز بىلەن سىقىپ ،كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ؛مەن ئۈچۈن ،ئائىلىمىز ئۈچۈن ، پارلاق كەلگۈسىمىز ئۈچۈن ،بەلكى پۈتكۈل مىللەت،ئۈممەت ئۈچۈن جىق جاپالارنى تارتتىڭىز ھەم تارتىۋاتىسىز،سىزگە كۆپ رەھمەت،مەن سىزنىڭ ھالىڭىزدىن ياخشى خەۋەر ئالالمىدىم،سىزگە ئېغىر ۋەزىپىلەرنى يۈكلەپ قويدۇم،مىنى كەچۈرۈڭ! سىز مەن ئۈچۈن بەكمۇ  قەدىرلىك ھەم قىممەتلىك ،سىزنى چىن يۈرىكىمدىن سۆيىمەن،بىز ئاخىرقى ئۆمرىمىزگىچە ئايرىلماي بىللە ياشايلى(اللە خالىسا)،بۈگۈن مەن سىزنى ئايرىم ئالاھىدە مىھمان قىلاي، ئىسىل كىيىملەردىن ئەپبىرەي....دەپ ئۇنىڭ مىسكىن كۆڭلىنى خۇشاللىق نۇرلىرى بىلەن يورۇتالارسىزمۇ؟؟؟؟؟  
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+2(تاھىر) ئاللاھ رەھمە ..
  • مۇنبەر پۇلى:+2(bartum) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئاندىن ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغان بەندىلىرىمگە بىشارەت بەرگىن.ئەنە شۇلار اللە ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر.ئەنە شۇلار ئەقىللىق كىشىلەردۇر.
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5951
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 115
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە115دانە
    ئۆسۈش: 630 %
    مۇنبەر پۇلى: 1750 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-01-28
    ئاخىرقى: 2012-03-14

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم بەكمۇ ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز، اللە رەخمەت قىلسۇن!!!
    بۇ مەن كەڭ سايغا كىرىپ مىنى يىغلاتقان تۇنجى تېما بولدى.....
    biz nima vqvn , kim vqvn yaxayimiz?
    hudayim bar himim yuk
    دەرىجە: چولپان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5863
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 766
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە766دانە
    ئۆسۈش: 300 %
    مۇنبەر پۇلى: 8182 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-01-24
    ئاخىرقى: 2012-03-21
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-07 23:08

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم بەكمۇ ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز،ئەجەپ بىر يىزىپتۇ يۇرەكنى يىغلاتتىغۇ.
    ئەر ئائىلىنىڭ قانۇنى قانۇن ئادىل قەتئى ئىجىرا قىلنغان ئەلدە خاتىرجەملىك كوپتۇر.
    all praise to allah , the lord of the worlds
    دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1340
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1340دانە
    ئۆسۈش: 360 %
    مۇنبەر پۇلى: 15240 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-08-27
    ئاخىرقى: 2012-03-30
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-07 23:34

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،،، بارمۇ سىز بۇرادەر ،،  بەكلا يوقاپ كىتىپ ياخشى قىلمىدىڭىز جۇمۇ ،،،،،،،،
          مۇشۇ مەن مۇسۇلمانمەن دىگەن كىشى مەن پۇل تىپىپ بىقىۋاتىمەن دەيدىغان مىننەتلىك ۋە كىبىرلىك سوزنى ئىغىزىدىن چىقارماسلىقى كىرەك ، چۇنكى رىزقى ئاللاھدىن ،، ئاندىن ئايالنىڭ پۇل تېپىش مەجبۇريىتى يوق ئىسلامدا ،، شۇنداق مەجبۇريىتى بولمىغان ئىكەن ، ئۇلارنىڭ زىممىسىدا بولمىغان ئەمما ئوز زىممىمىزدە بولغان ئىشلارنى دەستەك قىلىپ مىننەت قىلىپ ، ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا مەن مۇنداق قىلىپ سىنى بىقىۋاتىمەن ئۇ بۇ دىيىش ئوزى كىبىر ،،،، ئاياللارغا چىرايلىق مۇئامىلە قىلىشنى ئىسلام ئوگەتكەن ئىدى ، ئەينى قىز بوۋاقلار تىرىك كومىۋىتىلگەن دەۋىرلەردە ، ئاياللار پەس كورىلگەن دەۋىرلەردە ، ئۇرۇمچىدە دادامنى داۋالاۋاتقان ۋاقتىدا  يىنىمىزدا شىمالىي شىنجاڭلىق بىر داموللا بار ئىدى ، ئۇ زاتنىڭ ئايالى بۇلارنىڭ ئوتمىشنى سوزلەپ بىرىپ «ئاتا ئانام ئەھلى ئىلمى ئادەملەر ئاياللارنى خارلىمايدۇ دەپ مۇشۇ كىشىگە بەرگەن ئىدى » دىگەن ئىدى ، ھىلىقى داموللاھاجىم سوز قىستۇرۇپ «40 يىل ئوي تۇتۇپ تاك بىرنى چىكىپ باقمىغان ئىدىم » دىۋىدى ،،، ھەقىقىي ئاللاھدىن قورقىدىغان ئادەم ئىكەن دىگەن ئىدىم ، چۇنكى ئاللاھدىن قورققان كىشى ، ئاجىز مەزلۇمنىڭ كوزىدىن بىھۇدە ئورۇنسىز  ياش ئاققۇزىشتىنمۇ قورقىدۇ  ،،،، ئەتراپىمغا قاراپ باقساممۇ ساپ ئىتىقادلىق دوستلۇرۇمنىڭ ئائىلىلىرى
    شۇنچىلىك بەخىتلىك ،، ئۇلار ئويدە بولسىمۇ ھەر ھالدا ئىرىم نەلەردە كىم بىلەن يۇرىيدىكىن دىگەن غەمدىن ھەر ھالدا خالىيراق ،، ھەقىيقىي ئىسلام ئوز ئىپادىسىنى تاپقان ئائىلىلەردە ئەر ئايالنىڭ ئوز ئارا كويىنىشى مەلۇم مەنىدىن ئىيتقاندا ساۋاپ نوقتىسىدىن چۇشەندۇرگىلى بولىدۇ ، چۇنكى سەدىقىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئوز ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن باشلاشقا ئىسلام ھەر ۋاقىت رىغبەتلەندۇرۇپ تۇرغان ،،، ھەتتاكى ئىسلامى نىكاھ ئاساسىدىكى ئەر ئاياللىق بىرگە بۇلۇش ئوزىمۇ ئەجىر كىلىدىغان ئىشلار قاتارىغا تىزىلغان ، چۇنكى شۇ ھەۋەس سىرتتىن قاندۇرۇلسا زىنا بولاتتى  ، مەيلى ئىقتىسادى مەيلى ئەر ئايالىىق مۇھەببەت نوقتىسىدىن بولسۇن ئىسلام  ئوز ئارا كۇيۇمگە چاقىرىدىغان بىر دىن ،،،، توغرا ئىسلام ئەرنىڭ ئىتائىتىنى قاتتىق تەكىتلەيدۇ ،،، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر پەرزەنكە نىسبەتەن  رازى قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق كىشىنى ئاۋال ئانا دەپ ئاياللارنىڭ ئورنىنى بۇ تەرەپلەردىن كوتەرگەن ،،، مىنىڭ نەزىرىمدە ھەقىقىي ئىسلام ئاساسىدا نىكاھ قورولغان ئائىلىدە ئاياللارنىڭ ئورنى ھەر ۋاقىت كوتۇرۇلۇپ كەلگەن ،، ئۇلارنى پەس كۇرۇش يوق ،، ھەم ئۇلار ئالاھىدە قانداقتۇر بىركۇن بىلەن ئوزىنى خوشال سىزىشكىمۇ مۇھتاج بولمايدۇ ، چۇنكى ئۇلار ھەر ۋاقىت بەخىت ئىچىدە ،،،
    دەرىجە: چولپان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5351
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 611
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە611دانە
    ئۆسۈش: 760 %
    مۇنبەر پۇلى: 6913 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-12-31
    ئاخىرقى: 2012-03-25
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-07 23:36

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم سىزگە قانداق مەدىيە بىرشىمنى بىلمەي قالدىم .تىمىڭىزنى ئوقۇپ بولغىچە يىغلېۋتىپتىمەن ،
    سىز پۈتكۈل مۇسۇلمان ئاياللىرنىڭ يۈرەك سۆزنى بۇ تىمىڭىز ئارقىلىق ئىپادىلەپ بىرىپسىز ،رەھمەت سىزگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ،ئۇللۇغ ئاللاھىم ئەزىز تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن ،ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن،ئامىن................
    Just believe in allah
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4736
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 495
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە495دانە
    ئۆسۈش: 420 %
    مۇنبەر پۇلى: 3119 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-12-12
    ئاخىرقى: 2012-03-07
    5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-08 17:46

    مانا بۇ پۈتۈن دۇنيا مۇسلىمەلىرنىڭ چىن يۈرەك سۈزى.ئائىلە قۇرۇپ بولغان.قۇرۇش ئالدىدا تۇرۋاتغان ياكى شۇ بىر قەدەمنى كەلگۈسىدە بېسىش ئالدىدا تۇرۋاتغان ھەمشىرەلەرنىڭ يۈرەك سۈزى،مەيلى بىزنى ئاتا-ئانا ،.ۇرۇق -تۇققان، دوس-بۇرادەرلەر نىمە دىسۇن،مانچە يىل ئوقۇپ ئۆي ئايالى بولامسەن؟-دىسۇن ،مەيلى (زاماننىڭ كەينىدە قالغان)-دىسۇن.......نىمىلا دىسە بىز چىدايمىز،(ئىنشا ئاللاھ) ،لىكىن بىز قېرىندىشىم.ھالال جۈپتۈم دەپ تاللىغان كىشى بىزگە ياخشىلىق ئورنىغا زۇلۇم قىلسا بۇ بىزگە بەك ئېغىر كىلدۇ.
    ئالاھىم مۇسۇلمان يىگىتلىرمىزگە مۇستەھكەم ئىمان،ۋاپا ھەقىقىي توغرا يول ئاتا قىلغىن! ئامىن!
    بۇ دۇنيا ئۈچۈن قايغۇرۇش دىلدىكى قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىپادىسى.
    ئاخىرەت ئۈچۈن قايغۇرۇش دىلدىكى نۇرنىڭ ئالامىتى--ئوسمان رادىيەللاھۇ ئەنھۇ.
    ئىللەت تۇزەلمىسە، مىللەت تۇزەلمەيدۇ..
    دەرىجە: چولپان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4482
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 868
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە868دانە
    ئۆسۈش: 500 %
    مۇنبەر پۇلى: 4911 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-12-07
    ئاخىرقى: 2012-03-30
    6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-09 15:17

    ئۇلۇغ ئاللاھ تائالا  سىزگە رەھمەت قىلسۇن. تىل بىلەن تەسۋىرلىگۇسىز ياخشى تىما ئىكەن ..
    بىز نۇمۇس قىلىشىمز كىرەك...
    دوستلىشىش
    tanhayigt
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3686
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 22
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە22دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 130 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-11-09
    ئاخىرقى: 2012-03-30
    7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-09 15:27

    ئەسساللاممۇ ئەلەيكۇم،بەك ياخشى تېما يوللاپسىز
    ئەگەر بىز ئوغۇللا مۇشۇنداق ھەمراغا ئېرىشەلىسەك بۇ بىز ئۇچۇن بۇ دۇنيادىكى ئەڭ زور بەخت
    tanhayigt
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1113
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 10
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 115 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-08-23
    ئاخىرقى: 2012-02-02
    8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-09 22:48

    بەك ياخشى يىزىپسىز !مەنمۇ شۇنداق تەسىرلەندىم.ھەقىقەتەن!!!
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1557
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1557دانە
    ئۆسۈش: 180 %
    مۇنبەر پۇلى: 16345 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-01-22
    ئاخىرقى: 2012-03-29
    9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-09 23:02

    بۇ تېمىنى بىر ھەپتە بۇرۇن مەرىفەت تورىدا كۈرۈپ بىر نەچچە كۈنگىچە ھاياجانلىنىپ يۈرگەن ئىدىم ، دىمىسىمۇ ھازىر ئىسلام
    قانۇنىي بويچە ياشايمىز دەپ ئورانساق ئەتراپتىكى تۈرلۈك ئادەملەرنىڭ تۈرلۈك نەزەرلىرىگە ئۇچىراپ تۇردىكەنمىز ،
    بەزىلەر بىزنىڭ ھىجابلىنىشىمىزغا ھۆرمەت نەزىرى بىلەن قارىسا بەزىلەرغەلىتە مەخلۇققا ئۇچىرىغاندەك ھەيرانلىقتا قارايدىكەن
    يەنەبەزىلەر بولسا ئۆچمەنلىك نەزىرىدە قارايدىكەن ، بىزگە ئاللاھنىڭ رازىلىقى كۇپايە  .مىنىڭ بۇ تېمىنى يولدىشىمغا بەكمۇ ئۇقۇپ بەرگىم بار ئىدى ئەپسۇس ...........
    ئاللاھ ھەممىمىزنى ئىماندا ،ھىجابىمىزدا مۇستەھكەم قىلسۇن!
    بۇ تېمىنى كەڭسايغا يوللىغان قېرىندىشىمغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن !
    اللا