باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1601 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەپتە كۈنلىرىنىڭ ئاتىلىشى ھەققىدە
ۋاكالىتەن ۋىزا بىجىرىش، ئوقۇشقا چىقىرىش مۇلازىم ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4858
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 93
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە93دانە
ئۆسۈش: 330 %
مۇنبەر پۇلى: 860 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-15
ئاخىرقى: 2011-07-31
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-03 17:32

ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەپتە كۈنلىرىنىڭ ئاتىلىشى ھەققىدە

ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەپتە كۈنلىرىنىڭ ئاتىلىشى ھەققىدە
ئاپتور: غەيرەت ئابدۇرەھمان
 

   ھازىر تىلىمىزدا دائىم قوللىنىلىدىغان ھەپتە كۈنلىرى ئاتالغۇلىرى پارس تىلىدىن تۈركىي تىللارغا ، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىغا ئىسلام دىنى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن كىرگەن.

     خاقانىيە تىلى ۋە بۇ تىل ئاساسىغا قۇرۇلغان چاغاتاي تىلى ئەرەب، پارس تىللىرىدىن نۇرغۇن سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلغان. ۋە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تەلەپپۇز جەھەتتە فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان. تىلىمىزدىكى ھەپتە كۈنلىرىنىڭ ئاتىلىشىدىمۇ ئەنە شۇنداق مەلۇم نۇقتىلىق ئۆزگىرىشلەر  بار.

     بۇ ئاتالغۇلاردا جۈمەدىن باشقا ئالتە كۈننىڭ نامى «شەنبە» سۆزى يەككە ياكى باشقا سۆزلەرگە برىكىش ئارقىلىق ياسالغان. ئىسلامدىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار ياكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ھەپتە كۈنلىرىنى قانداق ئاتىغانلىقى ە ھېچقانداق مەلۇمات يوق.

      ھەپتە:  پارسچە «يەتتە» ئۇقۇمىنى بىلدۇرىدىغان سان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا پەقەت بىر ھەپتىدىكى يەتتە كۇننى بىلدۈرىدۈ.

      شەنبە:  «بازار» مەنىسىدىكى سۆز بولۇپ، ھەپتىنىڭ جۇمەدىن كېيىىنكى،  يەكشەنبىدىن ئىىلگىرىكى كۇنىنى كۆرسىتىدۇ.

    يەكشەنبە: پارسچە «بىر» مەنىسىدىكى «يەك» سۆزى بىلەن «شەنبە» سۆزىنىڭ «بىر يەنە شەنبە(بازار)»ئۇقۇمىدا بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان، «بازارنىڭ بىرىنچى كۇنى» دېگەن مەنىدە.

    دۇشەنبە: پارسچە «ئىككى» مەنىسىدىكى «دو» (تىل ئادىتى سەۋەبىدىن «دۇ»گە ئۆزگىرىپ كەتكەن) سۆزى بىلەن «شەنبە» سۆزىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان،« بازارنىڭ ئىككىنچى كۇنى» دېگەن مەنىدە

     سەيشەنبە: پارسچە «ئۈچ»مەنىسىدىكى «سې» (ئىستېمال جەريانىدا «ئې» «ئە»گە ئۆزگىرىپ، ئۇنىڭغا «ي» تاۋۇشى قوشۇلۇپ قالغان) سۆزى بىلەن «شەنبە» سۆزىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان، «بازارنىڭ ئۈچىنچى كۇنى» دېگەن مەنىدە.

   چارشەنبە: پارسچە «تۆت» مەنىسىدىكى «چەھار» (ئىستېمال جەريانىدا «چار»غا ئاجىزلاشقان) سۆزى بىلەن «شەنبە» سۆزىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان، «بازارنىڭ تۆتىنچى كۇنى» دېگەن مەنىدە.

 پەيشەنبە: پارسچە «بەش» مەنىسىدىكى «پەنج» (ئىستېمال جەريانىدا «پەي»گە ئۆزگىرىپ كەتكەن) سۆزى بىلەن «شەنبە» سۆزىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان، «بازارنىڭ بەشىنچى كۇنى» دېگەن مەنىدە.

    جۇمە: پارسچە «جۇمئە»، ئەرەبچە«يەۋمۇل جۇمئە» دېيىلىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ مەخسۇس جۇمە نامىزى ئۈچۈن ئىشتىن توختايدىغان كۇنى.

    مۇسۇلمان ئەللىرىدە جۇمە كۇنى جۇمە نامىزى ئوقۇپ، شەنبە كۇنى دەم ئېلىپ (بازار قىلىپ)، يەكشەنبە كۇنىدىن باشلاپ ئىشلەيدىغان ئادەت بار.

 
[ بۇ يازمىنىyamghur 2011-03-03 20:40قايتا تەھرىرلىدى ]
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5951
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 115
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە115دانە
ئۆسۈش: 630 %
مۇنبەر پۇلى: 1750 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-28
ئاخىرقى: 2012-03-14

رەخمەت بىلۋالدىم!
biz nima vqvn , kim vqvn yaxayimiz?
har kim oz taghdirining tomurqisi
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1520
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 13
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 140 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-04
ئاخىرقى: 2011-03-04
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-03 21:01

  ئاڭلاپ  باقماپتىكەنمەن   ،بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك  ساۋاتكەن ، تېما ئىگىسىگە  رەخمەت.
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1404
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1404دانە
ئۆسۈش: 1190 %
مۇنبەر پۇلى: 15338 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-05-08
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-05 01:06

بىلىۋالدىم رەخمەت سىزگە
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ