نامىزىم!!
مىكرو ھىكايە
قۇياشنىڭ نۇرى كېتىپ ئابدۇللاھنىڭ ئۆيىنى قاراڭغۇلۇق باستى، ئۇ تېخىچە كارىۋاتتا بېخارامان ياتاتتى. يان تەرەپتىكى ھوجرىدىن ناھايىتى كۆيۈمچان ۋە شەپقەتلىك بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.
ــ ئوغلۇم! دۇنيانى قاراڭغۇلۇق باستى، ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ، ناماز شامنى ئوقۇۋالغىن بالام!
بۇ دۇنياغا كۆز يۇمۇش ئالدىدىكى چوڭ ئانىسىنىڭ ئاۋازى ئىدى. ياشىنىپ قالغان موماي قېرىپ پۇت - قولىدا ماغدۇر قالمىغىنىغا قارىماي نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇشقا بەكمۇ ھېرىس ئىدى. لېكىن نەۋرىسى ياش يېگىت دەرسلىرىنىڭ كۆپلىكىنى باھانە قىلىپ نامازنى ۋاقتى چېقىپ كەتكىلى ئاز قالغاندا ئوقۇشقا ئادەتلەنگەن ئىدى. ئۇ چوڭ ئانىسىنىڭ ئاۋازى بىلەن سەكرەپ تۇرۇپ،
ــ ۋاي ئېسىت، ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ، دېدى - دە، دەرھال تاھارەت ئېلىپ يۈز - كۆزىنىمۇ قۇرۇتمايلا نامازغا تۇردى. نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن كارۋاتقا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ دۇئا - تەسبىھ ئوقۇشقا باشلىدى. ھارغىنلىقتىن بولسا كېرەك بېشىنى قولىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ تەسبىھ ئېيتقاچ ئۇيقۇغا كەتتى. ئۇ مۇنداق چۈش كۆردى:
ئىنسانلار بىلەن تولۇپ تاشقان پايانسىز بىر مەيدان، باشلار قاتقان، يۈرەكلەر قورقۇنچىدىن دۆپۈلدەۋاتقان، كۆزلەر ئەندىشىلىك قاراۋاتقان، بىر - بىرىگە ئارىلىشىپ كەتكەن ئاۋازلار، يىغىزارىلار، ھېچكىم ئۆزىگە قانداق مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنى، ئاقىۋىتىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمەي ھەيران تۇرىدۇ. ئابدۇللاھ كۆزىنى ھەر تەرەپكە بۈگۈرتۈپ كېيىن يىراققا تىكىلىپ قارىدى. ئۇ يەردە ئىگىز تەختلەر قۇرۇلغان بولۇپ، ئۈستىدە ئاق كىيىملىك بىر نەچچە كىشى ئولتۇراتتى. تۇيۇقسىز
ــ بۈگۈن ھاكىمىيەت كىمنىڭ؟!... ھاكىمىيەت قەھرى قىلغۇچى ئاللاھنىڭدۇر! دېگەن ئاۋاز ياڭرىدى.
قورققىنىدىن يۈرىكى چىقىپ كەتكىلى تاس قالدى ئابدۇللاھنىڭ،
ــ ۋاي خۇدايىم! مەن نەگە كېلىپ قالدىم؟! دېدى، ئۇ دەھشەتلىك مەنزىرىگە ھەيران بولۇپ.
ئۇ قورقۇنچ ۋە ھەيرانلىقتىن داڭ قېتىپ تۇرغىنىدا تۇيۇقسىز بىر ئاۋاز ئۇنى چۆچىتىۋەتتى. ئۇ سىلكىنىپ ئۆزىنى ئوڭشىغىچە ھېلىقى ئاۋاز يەنە ياڭرىدى:
ــ ئابدۇللاھ ئىبنى مۇراد!
ئۇ ئوڭ - سولىغا بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن تەسلىكتە
ــ مە.. مە.. مەن؟!
پىشانىسىدىن تەر تۆكۈلۈشكە باشلىدى. نەپىسى سىقىلىپ، بوغۇلغاندەك ھىس قىلدى. ئۇنىڭغىچە ناھايتى يوغان گەۋدىلىك ئىككى ئادەم كېلىپ ئۈنىڭ پۇت - قوللىرىدىن تۇتقانچە تەختنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. تۈگىمەس - پۈتمەس ھېساب - كىتاب باشلىدى، سوئاللار تاشلانغانسىرى ئۇمىدى ئازىياتتى، پىشانىسىدىن توختىماي تەر ئاقاتتى، مەھكىمە ئۇزىغانسىرى قىيىنچىلىق ئېغىرلاشماقتا ئىدى. كۆزى ئەندىشە ئىچىدە تارازۇغا مەركەزلەشكەن ئىدى. ياخشى ئەمەللىرى بىر ئېغىر كېلەتتى - بىر يەڭگىل كېلەتتى، بىر تەرەپتىن قۇتۇلۇشنى ئۇمىت قىلاتتى يەنە بىر تەرەپتىن ئۆمىدسىزلىنەتتى. ئاخىرىدا گۇناھلىرى ياخشى ئەمەللىرىنى بېسىپ چۈشتى. ھۆكۈم ئېلان قىلىندى:
ــ بۇنى ئاپىرىپ دوزاخقا تاشلاڭلار!...
ئۇنىڭ كۆزىدە ئالەم قاپ قارا بىر گەۋدىگە ئايلاندى. قۇلۇقىغا ئىشىنەلمەيتتى، دەھشەتلىك بىر چۈشكۈنلۈك ھىس قىلدى، پۇت - قوللىرى ساڭگىلاپ، ئىككى كۆزى چانىقىدىن چىقىپ كېتەي دەپ قالدى.
ــ نېمە؟!.. دوزاخقا؟!! يااااق!!..
ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكىلى ئاز قالغاندا ئوقۇغان نامازلىرىنى ئەسلىدى، كۆزلىرى نەملىشىپ غەم ــ قايغۇ ۋە پۇشايماندىن ياشلار ئېقىشقا باشلىدى.
ــ مەن نېمىدېگەن ئاخماق! بۇ بالا - مۇسىيبەت نېمىدېگەن ئېغىر! دېدى، ئۇ يۈرىكى ئېچىشقان ھالدا.
دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇنى دوزاخقا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن كەلدى. ئابدۇللاھ قورقۇنچ ئىچىدە قولىنى كۆتۈرۈپ، ئاسمانلارنى يېرىۋەتكۈدەك توۋىلاپ مەرھەمەت تىلەپ، نالە - پەرياد قىلىشقا باشلىدى. ئاغزىدىن «مەرھەمەت!» «نامازىم!» دېگەن سۆزدىن باشقا گەپ چىقمايتتى. ئاللاھنىڭ رەھمىسى كېلىپ قالارمىكىن، ئوقۇغان نامازلىرى شاپائەت قىلارمىكىن دەپ، ئارقىسىغا قاراپ تارتىشاتتى.
پەرىشتىلەر ئۇنى دوزاخقا سۆرەپ ئېلىپ ماڭدى. دوزاخقا يېقىنلاشقانسىرى ئادەمنىڭ تىرىسىنى تىكەنلەشتۈرىۋىتىدىغان ئازاب - ئوقۇبەت ئاۋازلىرى ئۇنىڭ قۇلىقىنى بىئارام قىلاتتى. ئۇ ئاللاھتىن رەھمەت تىلەپ ئارقىسىغا قاراپ تىركىشەتتى، پەرىشتىلەر ئالدىغا سۆرەيتتى. دوزاخنىڭ قىرغىقىغا يېتىپ كەلگەندە پۈتۈن كۈچى بىلەن توۋىلىدى:
ــ پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىپ، دىنىم ئۈچۈن خىزمەت قىلغانتىمغۇ؟! ئەقىدەم يولىدا رولۇمنى ئادا قىلغانتىمغۇ؟! ئۆزەمنى ئىنسانىي ۋە دىنى خىزمەتلەرگە پىدا قىلغان ئەمەسمىدىم؟! ناماز ئوقۇغان ئەمەسمىدىم؟! ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا رەھىم قىلساڭچۇ!...
ھەممە ئىش تۈگىدى، دۇنيا ۋە ئاخىرەت ھەممىنى زىيان تارتتى. ئاخىرىدا پەرىشتىلەر ئۇنى يالقۇنلاپ تۇرغان قىززىق ئوتقا تاشلىدى. ئۇ ئوتقا چۈشۈپ كېتىۋاتقاندا تۇساتتىن بىر قول ئۇنى تۇتتى - دە، ئوتتىن قۇتقۇزۇپ سىرتقا تارتىپ چىقاردى.
ــ يا ئاللاھ! نىمە ئىشلار بولىۋاتىدۇ!!؟
ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈۋىدى، ئاپ ئاق ساقال، ئاق كىيىملىك، يۈزىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان بىر زات ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرۇپتۇ.
ــ قورقمىغىن! دېدى، بوۋاي ئۇنىڭغا مىھرىبانلىق بىلەن قاراپ.
ئابدۇللاھ ھالسىرىغان ھالدا بوۋايغا تىكىلىپ قاراپ:
ــ سىز كىم؟!
ــ مەن سېنىڭ نامىزىڭ.
ــ مېنى ئەڭ ئاخىرىدا قۇتقازدىڭ، نېمىشكە بۇنچە كېچىكتىڭ؟ مېنى ئوت يۇتىۋەتكىلى تاس قالدى.
ــ مېنى ۋاقتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا ئوقۇيدىغانلىقىڭنى ئونۇتتۇڭمۇ؟ دېدى، بوۋاي ھەيران بولغان ھالدا.
...
«ئاللاھۇ ئەكبەر» ئاۋازى بىلەن چۆچۈپ ئويغاندى، خۇپتەنگە ئەزان چىقىۋاتاتتى. بېشىنى كۆتۈردى، پۈتۈن بەدىنى تەر ئىچىدە قالغان ئىدى. ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ، تاھارەت ئېلىشقا يۈگۈردى..
يازغۇچى، تۈرك تەتقىقاتچى ئالىم ئابدۇللاھ دېمىرجى.
ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى، ئابدۇل ئەھەد ھاپىز.
مەنبە مەرىپەت تورى