باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4248 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: رىزۋانگۈل ئالدىنقى سەپتە.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2450
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 402
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە402دانە
ئۆسۈش: 890 %
مۇنبەر پۇلى: 4667 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-28
ئاخىرقى: 2012-03-22
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-02 15:04

رىزۋانگۈل ئالدىنقى سەپتە.

ئەمدىلا 17ياشقا كىرگەن رىزىۋانگۈل 1944-يىلى11-ئاينىڭ 9-كۈنى  ئۆز ئىختىيارى بىلەن پارتىزانلار سېپىگە قاتناشقان. ئۇ شەپقەت ھەمشىرىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، ياردارلارنىڭ يارىسىنى تېڭىش، ياردارلارنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش، بولۇپمۇ دۈشمەننىڭ مۆلدۈردەك يېغىۋاتقان ئوقلىرىغا قارىماي ياردارلارنى قۇتۇلدۇرۇپ، ئۆلۈم گىرداۋىدىن ياندۇرۇپ كېلىش قاتارلىق ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئاجايىپ قەھىرمانلىق بىلەن ئورۇندىغان،ئاغرىقلارنىڭ ئازابىغا ئۆزىنىڭ مۇلايىم گەپ-سۆزلىرى بىلەن ئارام بېرىپ كېلىۋاتقان ياش غۇنچە ئىدى.
1945-يىلى1-ئاينىڭ13-كۈنى تاڭ سەھەر، ھاۋا ئادەتتىن تاشقىرى سوغۇق ئىدى. پارتىزانلار ھەرەمباغدىكى قامىلىپ قالغان دۈشمەنلەرگە يەنە بىر قېتىم شىددەتلىك ھوجۇم باشلىدى.دۈشمەن ئۆزلىرىنىڭ  مۇستەھكەم ئىستىكاملىرىغا تايىنىپ ، پىلىموت ۋە مىلتىق بىلەن پارتىزانلارغا دەھشەتلىك ئوق ياغدۇردى. چۈنكى ئۇلار ئاخىرقى قېتىم جان تالىشىۋاتاتتى.  بۇ چاغدا ھەرەمباغنىڭ شىمالىي تەرپىدىكى شاھاجىنىڭ بېغى تەرەپتە بىزنىڭ دۈشمەنگە قارشى قاقشاتقۇچ زەربە بىرىۋاتقان پارتىزانلاردىن خەبىيبۇللا خەلى ئوغلى<تاتار> ، ئاناتولى ئولىنكوپ <رۇس>، ئاكا-ئۇكا نازىم، تەۋەككۇل<توغرا كۆۋرۈكلۈك>، ئابدۇرېھىم <ئايدۇڭلۇق> قاتارلىق بالىلارغا ئوق تىگىپ يىقىلدى. بۇ ھايات- ماماتلىق پەيىتتە رىزىۋانگۈل دۈشمەننىڭ مۆلدۈردەك يېغىۋاتقان ئوقلىرىغا پەرۋا قىلماي
شاھاجى بېغىنىڭ پاكار تېمىدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ ياردارلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بارلىق كۈچى بىلەن يۈگۈرۈپ باردى-دە، ياردارنىڭ بىرىنى ئېلىپ كەينىگە يېنىشىغا تۇيۇقسىزلا دۈشمەن تەرەپتىن ئېتىلغان بىر ئوق ئۇنىڭغا تەگكەندى. ئۇ كەينىگە قايرىلىپ قارىماقچى بولدىيۇ، قارىيالمىدى. ئوق تەگكەن يېرىدىن قان ناھايىتى كۆپ ئېقىۋاتقان بولسىمۇ ، ئۇ چىشىنى چىشلەپ ئۆز-ئۆزىگە غەيرەت بىرىپ،
مىڭبىر مۇشەققەتتە ياردارنى سۆرەپ ئۆمىلىگىنىچە پاناھلىق جايغا كەلدىيۇ ئۆزى شۇ يەردىلا يىقىلىپ قالدى. ئۇ ناھايىتى ھالسىزلىنىپ
كەتكەچكە يۈرىكى سوقۇشتىن توختىغان ئىدى. ئۇ باتۇرلارچە قۇربان بولدى. ئۇنىڭ كوماندىرغا قاراپ ئوچۇق تۇرغان چولپاندەك كۆزلىرى ئۇنىڭ ئېيتالماي كەتكەن ئارزۇ-ئارمانلىرىنى تىلسىز ئىپادىلەپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئۆلۈمى شەرەپلىك ئۆلۈم ئىدى.
رىزۋانگۈلنىڭ قەھرىمانلىق ئىشلىرى دەرھال باشقا پارتىزان ئەترەتلىرىگە تارقىلىپ خەلىق ئارىسىدا ئاجايىپ چوڭ تەسىر قوزغىدى.
كېيىنكى ۋاقىتلاردا رىزىۋانگۈلنىڭ ئىش-ئىزلىرى ئۇيغۇر خەلىق قوشاقچىلىرى تەرىپىدىن ناخشا قىلىپ ئېيتىلىپ پارتىزانلار ۋە مىللى
ئارمىيە جەڭچىلىرى ھەمدە خەلىق ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ ، كوماندىر- جەڭچىلەرگە ئىنتايىن زور ئىلھام بەرگەن ئىدى.  بۇ  ئۇرۇشلارنى
ئەسلىسەم كۆز ئالدىمدا ۋاقىتسىز توزۇپ كەتكەن  غۇنچە رىزىۋانگۈلنىڭ ئوچۇق قالغان چولپاندەك قاپ-قارا كۆزلىرىنى قايتا كۆرگەندەك بولىمەن-دە، يۈرۈگىمگە بىرى پىچاق سانچىغاندەك ئازاپلىنىمەن ۋە ئاشۇنداق باتۇر ئۇيغۇر قىزلىرىدىن مەڭگۈ پەخىرلىنىمەن .
كېيىن رىزىۋانگۇل ھەققىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قازاقىستاندىكى قۇددۇس غوجاميارۇپ دىگەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر كومپوزىتۇرى بىر 
سىمفونىيە ئىشلەپ، پۈتۈن سوۋېت ئىتتپاقى بويىچە شۆھرەت قازانغان ۋە ئاشۇ سىمفونىيە ئۈچۈن ستالىن مۇكاپاتىغا  ئىرىشكەن.

مەنبە: ساۋدانوپ زايىرنىڭ <ماناس دەرياسىدىن قايتىش> دىگەن تارىخى رومانى.
hudayim bar himim yuk
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5863
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 783
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە783دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 8182 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-24
ئاخىرقى: 2012-03-21
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-03 23:35

رىزۋانگۇللەرنىڭ سەۋىر قاچسى تۇشۇغلۇق .
ئەمدى كوپلەپ چىقىدۇ،