ئاخشام مانا، كومپىيوتىرىمنى تورغا ئۇلىغاندىن بۇيان كىچىدە ئەڭ ئۇزۇن ئولتۇرۇپتىمەن. بىركىچە كىنو،كىنولا كۆردۈم، خۇددى كىنو ھەممە ئارزۇيۇمنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ بىرىدىغاندەك. نىمە ئىش قىلىمەن،ئەمىسە؟ كىنو كۆرمەي؟ بۈگۈن كۆرۋالمىسام بولمايدۇ. يامىنىڭ باقىدىغان ئالتە بالام يەتتە كالام بولمىسا ؟! خوتۇن يوق تىخى، بالا نەدە تۇرۇپتۇ؟! ئانامغۇ 2يىلچە بولدى بىشىمنى ئاغرىتقىلى، پۇل يوق شۇ..... ..
بۈگۈن كىچە پىغانىم ئۆرلەپ قاپتىكەن كىنو كۆردۈم.باشقىلار پىغانى ئۆرلىسە يا ھاراق-تاماكادا دەردىنى ئالىدىكەن ياكى كىيىم ئىشكاۋىنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ،يېرىم كۈن ياسىنىپ ئىچ پۇشۇقى ئۈچۈن سىرىتلارغا ماڭىدىكەن ياكى تورخانىغا چاپىدىكەن. ھاراق-تاماكا بىلەن خۇشۇم يوق. ياسىناي ئويناي دىسەم ئەركىشى مەن. نىمە ئىش قىلاي؟! سىرىتتا بولغان بولسام تورخانىغا چاپاتتىم ھەقىچان؟! ئۇنىڭ ئۈستىگە سىرت شۇنداق سوغۇق، بۇ ھاۋارايىمۇ قىززىق. قىش ئۆتۈپ كەتتى. 3-ئاي كىرگىلى تۇرغاندا قارنىڭ ياغقىنىنى ؟! نىمە ئىش قىلاتتىم....؟! كىنو كۆردۈم شۇ!؟ يا قىلىدىغان يازغۇچىلىقىم بولمىسا.... ...ياكى باش قاتۇردىغان كاتتا بىر پىلانىم بولمىسا مىنىڭ!؟ ...يازغۇچىلىقنى مەمتىمىن ھوشۇر قىلىدۇ. كاتتا لاھىيەلەرنى <ئارمان> نىڭ، <ئامىنە> نىڭ، <ئىخلاس> نىڭ خوجايىنلىرى قىلىدۇ. مىللەت ھەققىدە مەن باش قاتۇرمىساممۇ ئۇ ئىشلارنى قىلىدىغانلار جىق. يا مەن ئەركىن سىدىق مىتىم...؟!
كىنو كۆردۈم شۇ..... ؟!
........ .........
پۇت-قولۇمدا ماغدۇر يوق، بىشىم زىڭىلداپلا تۇرىدۇ. كۆزلىرىم خۇددى بەزگەك كىسىلى تەگكەن مۈشۈكنىڭ كۆزلىرىدەك قىزىرىپ كىتىپتۇ. بوينۇمدىن بىرسى تارتقاندەك ياممان تەستە تاھارەت ئىلىپ ئوقۇۋالدىم، نامازنى... ئۇنىڭ ئۈستىگە سوغۇقنى دىمەيسىز بىزار قىلىپ..... ئەتىگەنلىك ناشتىنىمۇ ئىرەنسىزلىك بىلەن قىلدىم-دە كومپىيۇتىر ئالدىغا كەلدىم.
كەڭساي، ئاھ كەڭساي! سەن بىلەن ئەتتىگەندە دىدارلىشاي!
توۋا، كەڭسايغا كىرىش قىزغىنلىقىم شۇنچە يۇقىرى-يۇ لىكىن تىمىلارغا ئىنكاس يىزىش تەس كىلىدۇ،ماڭا. ھەيران قالدىم.....
مۇنبەرنىڭ ئۇيەر-بۇيەرلىرىنى كۆردۈم. يىڭى تىمىلارمۇ خىلى كۆپ ئىكەن. ۋاھ،ئەزالىرىمىز يازغۇچى بوپ كەتتىمۇ-نىمە؟ <دۇنيادىكى ئەڭ غەلىتە 10 خىزمەت> <ماۋزۇدۇڭنى مەدىھلەش نەمۇنىسى> يەنە < بازا تەشكىلاتى غەرىپكە يىڭىچە ئۇسۇلدا زەربە بەرمەكچى> < ئارام ئال ئاتا> <سوۋغام> قاتارلىق تىمىلار كۆز ئالدىمدا نامايان بولغانمۇ بولدى. بىرە قاتالىق كۆرگەنمۇ بولدۇم-يۇ ئىنكاس يازمىدىم. باشقىلار يازمىغان ئىنكاسنى مەن نىمە دەپ يازىمەن؟ خەقنىڭ ئىنكاسى شۇنچە قىممەت شۇنچە ئەتىۋارلىق. مىنىڭ پاخالمىكەن؟! بولدى يازمىدىم...... ....... .....
مۇنبەر ئەزا سانى:5973 ئەڭ تەجرىبىلىك ئەزالار: قاراقاش،سۈبھى 0998 ،غەيرەت828. نادىر تىما دەرجىسى: ھەمزە14، تۈن لىرىكىسى11،غەيرەت828. جانلىق ئەزالار: شاخرۇھ، رەيھان، فاتىخ204، تاھىر،ئەلى...... ..... ۋاي،...ۋۇي! نىمە جىق گەپ بۇ، كەڭسايكام بىكارچىلىقتا قىلغىلى ئىش تاپالماي قاپتۇ-دە.....
خە....مانا خەۋار دىگەن! يازما يوللاش چولپانلىرى ئالتۇن مىدالدا: ئالپا كىنو، كۈمۈش مىدالدا: ئۇران0999، مىس مىدالدا ئىللىق باھار. ئاغزىمنىڭ پۇچۇقىدا كۈلۈپ قويدۇم، تىرىشىڭلار چولپانلار...... ......
بولدىلا....يەنىلا تىما كۆرەي...مۇنبەرنى زىيارەت قىلىش باسقۇچىغا كەلدىم. تىمىلارغا كۆز يۈگۈرتىۋاتىمەن، ھىچ مىنىڭ دىققىتمىنى تارتقىدەك تىما چىقاي دىمەيدا...؟ تەۋسىيەلىك تىما، يىڭى تىما، نادىر تىما... ھە...مۇشۇ نادىر تىمىلاردىن بىردەم ھوزۇر ئالاي دەپ ئويلىدىم-دە < ۋەدە بىرىشكە بولماسكىق> نى چەكتىم.غەيرەت828نىڭ تىمىسى ئىكەن. بۇ بۇرادەر نىمىلەرنى دىگەندۇ؟ تىمىغا كۆز يۈگۈرتتۈم:
بەزىدە بىر-بىرىمىزنى ئىت، ئىشەك دەپ ھاقارەتلىشىپ كىتىمىز. لىكىن بەزىلىرىمىز ئاشۇ ھايۋانچىلىك بولالمايۋاتىمىز! ئىت بولسا ۋاپادارلىقى، ئىشەك بولسا...... .....
كۈلۈپ تاشلىدىم، قازاقىستاندا مال دوختۇرلۇق قىلغان ئاداشمۇ نىمە-بۇ؟! قىنى ،ئاخىرىنى بىر كۆرەي..... ....
ھەركەتكە ۋەدە بەرگىلى بولىدۇ،بىراق ھىسياتقا...... .....
...... . ...... .. ...... .........
..... ھازىر بىزدە ئەڭ نوچىسى پۇل..... گەپلىرى راستەك تۇيۇلىۋاتاتتى. مەن نەچچە ۋاقتىن بىرى يۈرۈكۈمدىن چىقىرالمايۋاتقان پۇشايمان ئارلاش ھەقىقەتلەر بۇ يەردە باشقىلارنىڭ قەلىمى ئاستىدا ماڭا ئايان بولىۋاتاتتى.....
...... 18ياشتا بىز مۇھەببەت دەشتىلىرىدە تەمتىرەپ يۈرۈيمىز، غەرىپ ياشلىرى بولسا مۇستەقىل ياشاش ۋە ئىگىلىك تىكلەش يولىدا كىتىۋاتقان بولىدۇ...... ......
ئۆزۈمنىڭ 18ياش ۋاقىتلىرىمنى ئىسىمگە ئالماقچى بولدۇم،لىكىن..... ..خۇدا پەرزەنىت ئاتا قىلسا بالىلىرىمنى 18ياشقا كىرگەندە نىمە ئىشقا سالارمەن؟ مەندەك بىر ئۆزىنىڭ 18ياش ۋاقتىنى ئەسلىيەلمىگەن ئادەمنىڭ بالىلىرى 18ياشقا كىرگەندە يەنە نىمە ئىشلارنى قىلالىشى مۇمكىن؟!
....... ....ئەڭ ئىتبارسىز قارايدىغىنىمىز-پەن-مەدەنىيەت.....
....... .....ئەڭ قۇتۇلالمىغىنىمىز-نامراتلىق..... بۇ ئىككى ئەڭ باغلىنىشلىقمۇ قانداق؟
....... سىلىنىۋاتقىنى مەسجىد، كىرىدىغانلار قانچىلىك؟......
توغرا، بىركۈدە ئوقۇيدىغان 5ۋاخ نامىزىمنىڭ قانچىسىنى ئۆيدە، قانچىسىنى مەسجىدتە ئوقىۋاتىمەن؟ بەزى جايلاردا سىلىنىۋاتقان مەسجىدلەرگە ھۆكۈمەت مەبلەغ سالمايدۇ. يەرلىك كىشىلەر مەسجىد سىلىش ئۈچۈن يەرنىڭ ھەل بولغىنىغا خوش. مەبلەغنى ئۆزلىرى يىغىش قىلىدۇ. ناماز ئوقىۋاتىمەن، لىكىن ياردەمگە ئىھتىياجلىق مەسجىدلەرگە نەچچە پۇل ياردەم قىلغاندىمەن؟
...... ...يىگىتلەرنىڭ يىرىم-يالىڭاچ قىزلار ئالدىدىكى سۈكۈتى، ۋىجدانى ئالدىدىكى يەنە بىر سۇئال......
...... ...ئۆيگە مەسىت كىرگەن ئەرنىڭ پۇشتىدىن، كوچىدا يىتىپ قالدىغان ئوغۇلنىڭ تۆرېلىدىغىنى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس..... ....
قۇلاق تۈۋىمدە بىرسى جاراڭلىق قوڭغۇراق چىلىۋاتاتتى....... ...
قوڭغۇراق گەپ قىلالامدۇ؟ لىكىن مەن بۇ قوڭغۇراقنىڭ گەپ قىلغىنىنى ئاڭلىدىم... نۇرغۇنلىغان ئاتىلار، نۇرغۇنلىغان ئانىلار توۋلىغان، لىكىن بىزگە ئاڭلىتالمىغان ئاۋاز، ئويغان! ئويغان!
تەپەككۇرى قىتىپ كەتكەن كىشىلەر سەۋەنلىكنى ئۆزى كۆرگەن ئەسەرلەردە قويىدۇ،چۈشنىكسىزكەن،دەپ. كۈلگۈم كىلىدۇ... تىخى ئىككى كۈن ئاۋال ئۆزۈم شۇنداق دىگەن ئىدىم..... .......
ۋەتەن دىسە زىمىننى كۆز ئالدىغا كەلتۈردىغانلار يوق ئەمەسقۇ دەيمەن؟!
ئىقرار قىلامسىلەر؟ مىللەت ھەققىدە ئېغىز ئىچىشساق، مەھمۇد بوۋىمىزنىڭ تۆھپىلىرىدىن ياقىمىزنى ئۆرە قىلىپ قويىمىز. ئەجدادلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىزلىرى دائىملىق سۆھبەت تىمىمىز بولىدۇ. < مەن بالىلىرىمنى مۇنداق تەربىيلەيمەن>دىن بىرسى يوق!
شۇنداق بىر ئاگاھلاندۇرۇش بەرگىم كىلىۋاتىدۇ(بەلكىم ئۆزۈمگىدۇ): ئالدىنقى ھەپتە باشقا تور بەتلەرگە يوللانغان<قىنى سىلەر ئەركەكلەر؟> دىگەن تىمىنى كۆرۈپ ئوقۇپ باقتىم. شۇ ئايان بولدىكى، بۇ بايانلار نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ <ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر>(ئىسىمدە قىلىشچە شۇنداقراققۇ دەيمەن) دىگەن كىتاۋىدىن ئىلنىپتۇ. شۇ ھامان شەھەرگە كىرىپ كەتكەن ئىنىمگە تىلفۇن قىلىپ شۇ كىتابنى ئالغاچ چىقىشنى بۇيرۇدۇم. 30مىنۇتتىن كىيىن..... تىلفۇن تۇرۇپكىسىدىن مىنى سوغۇق كۈلكىگە مەجبۇرلايدىغان ئاۋاز ئاڭلاندى:
-ئاكا، ئۇ كىتابنى ھازىر تاپقىلى بولمايدىكەن. مەن ئۆزۈم بىلىدىغان كىتابخانلارنىڭ ھەممىسىنى ئىزدەپ چىقتىم.
-سىتىلىپ بوپتىمۇ....؟
-شۇنداقتەكمۇ قىلىدۇ،ئۇنداق ئەمەستەكمۇ قىلىدۇ. خەقتىن مۇنداق كىتاب بارمۇ دىسەم، ماڭا بىرخىل سىرلىق نەزەردە قاراۋاتىدۇ.
........ ........ ....
بىر چاغلاردا كىتابخانلاردا يۇمۇر كىتاب كۆرۈش ئۈچۈن قولۇمغا پۇتلاشقاندا ، نېرىراق ئىلۋەتكىنىم يادىمدا..... ......
ئادىل تۇنىيازنىڭ ئىككى پارچە كىتابى ئىشكاۋىمدا توپا بىسىپ تۇرۇپتۇ. دىنى ئىلىم ئاتا قىلىدىغان ماترىياللاردىن مەندە تىپىلىدىغنى خىلى-خىلى كىشلەردە تىپىلمايدۇ. لىكىن قانۇن ساقچىلىرى كىتابلاردىكى بارماق ئىزلىرىنى ئانالىز قىلسا مىنىڭ بارماق ئىزىم چىقمايدۇ..... يەنە بىر سوغۇق كۈلكە
يۇقارقىدەك جاراڭلىق شۇئارلار مەندە، ياق بىزدە خىلى بار. ئەڭ ياخشىسى"مەندە" دەي، مەندە خىلى بار. ئەسلىدە بولۇشقا تىگىشلىك بولغىنى يەنىلا مۇشۇ شۇئارلارمۇ......؟؟؟!!!
(ئاللاھ ئىگەم رىيادىن ساقلىسۇن، مەندەك ئاجىز مۇھتاج بەندىسىنى رىيادىن يىراق قىلسۇن) بىر چاغلاردا خۇدا دەپ يىغلىغانلىرىم (ئاز تىخى ) ئىسىمدە، بۇگۇن بۇ تىمنى كۆرۇپ كۆزۇمدە ئازراق ياش ئەگىدى، تىما مەزمۇنىغا قەلەم تۇتقۇچىدەك چۆكەلمىسەممۇ ئۆز ئىدراكىمغا خاس ھالدا چۆكۈپ قويدۇم.
ئاپتور بۇنى < ئۆز > ى ئۈچۈنلا يازغاندەك قىلىدۇ. شۇنداق، < ئۆز > ئۈچۈن...... چۈشەنگەنلەرگە........
مانا، قاراڭلار، ماۋۇ بالىنىڭ ئايغا چىققىسى بار ئىكەن.... ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ چۈشلىرى سىنىڭ خىيالىڭنىڭ خۇرۇچلىرى بولۇپ قالدىمۇ-نىمە؟!
بولدى قوي، سەن داداڭ ئىيتقاندەك< ئايغا چىقىمەن دىگۈچە ئاۋۇ ئىغىلدىكى كالاڭنى باقە ئاداش> . بۇ مۇمكىنمۇ؟
ئىغىلدىن چىقالمايۋاتساڭ، چىققىڭ بولسىمۇ چىقىرىلمايۋاتساڭ،ئىغىلدىن چىقالماي تۇرۇپ ئايغا چىقامسەن؟ تىخى؟!
قوشنىلىرىڭغا قاراپ باقە، ئۇلارنىڭ باققان چوشقىسى ئورۇق بولسىمۇ سىنىڭ كالىلىرىڭدىن كۆپ(تۆكمە بولسىمۇ)ئىھتىياج يەنىلا سىنىڭكىدىن يۇقىرى.... بۇنىڭ سىرىنى بىلگىڭ بارمۇ........؟!
ئاخشىمى سەن كالىغا يەم سالغىلى چىقىپ كەتكەندە سىنىڭ 4ياشلىق قىزىڭ بىلەن 6ياشلىق ئوغلۇڭ نىمە ئىش قىلىپ قالىدۇ... ؟
بالىلىرىڭغا < بىسمىللاھ> نى ئۈگۈتۈپسەن، ئۇنىڭ مەنىسىنىچۇ......؟
ئوغلۇڭ مەكتەپ يىشىغا يىتىپتۇ، سەن ئۆزۈڭنىڭ بىلگىنىڭچە ئىلىپبە ھەققىدە سۆزلەپ باقتىڭمۇ.... ....؟
مەن دەپ قوياي دوستۇم، ئوغلۇڭمۇ بىر كۈنلەردە < مەن ياخشى ئوقۇپ ئايغا، مارىسقا چىقىمەن دىسەم، دادام مىنى بىشىدىن ئىگىز كۆتۈرۈپ، ھوي، قاراڭلار! مىنىڭ بالام ئايغا چىقىدۇ، دەپ توۋلاپ كىتەتتى. ئەمدى ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇراي دەپ قەدەم ئالسام بۇنداق دىگىنى نىمىسى؟ كىچىكىمدە نى-نى ئارزۇلارغا يىتىمەن دەپ قۇرۇق شۇئار توۋلاپ، ئەمدى ئەمەلگە ئاشۇرالمىسام، زادى مەن ئالدامچىمۇ ياكى چوڭلار ئالدامچىمۇ؟ > دەپ ساڭا تاپا-تەنە قىلمىسۇن،جۇمۇ؟!
..... ...سەن ئۇيغۇرمۇ؟ ئۇيغۇر شۇنداقمۇ؟ ئەمىسە ئاڭلا ئۇيغۇرۇم! سەن قىلالمىغاننى بالىلىرىڭ قىلسۇن. ئۇلارنى سىنىڭ قىلالمىغان ئىشلىرىڭنى قىلالىغىدەك قىلىپ تەربىيلە..... سىنىڭ ماغدۇرۇڭ يەتمەيدىغان ئىشلارغا ئوغلۇڭنى بۇيرۇ! خۇددى:
يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاھلاپ كۈلمە،
ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى.
قىرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە،
ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قويارمەن ئوغلۇمنى.
دىگەندەك...... ......
مىنىڭ ئىنكاسلىرىمنى چۈشەنگەنلەر نىمە دەر؟!
مىنىڭ بىلجىرلاشلىرمنى چۈشەنمىگەنلەرنىڭ سان-ساناقسىز مۇشىت-پەشۋالىرى ئارسىدا قالىدىغانلىقىم ئىنىق!
توۋا، مەنمۇ تەپەككۇر قىلالايدىكەنمەن، مەنمۇ ئىنكاس يازالايدىكەنمەن. لىكىن ..... مەن ئۆزۈمدىكى بىرخىل كەمتۈكلىكنى ھىس قىلىۋاتىمەن...... ئۇ نىمىدۇ....؟ مەندە زادى نىمە كەم؟!
بولدىلا.... توختاپ قالاي..... .. قىسقىسى مەنمۇ يالغانچى..... .....