查看完整版本: [-- ئىككى نادىر تىمىغا ئىنكاس(گۇۋاھ) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كۆڭۈلدىكى سۆز -> ئىككى نادىر تىمىغا ئىنكاس(گۇۋاھ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۇۋاھ 2011-02-28 19:21
  ئاخشام مانا، كومپىيوتىرىمنى  تورغا ئۇلىغاندىن بۇيان كىچىدە ئەڭ ئۇزۇن ئولتۇرۇپتىمەن. بىركىچە كىنو،كىنولا كۆردۈم، خۇددى كىنو ھەممە ئارزۇيۇمنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ بىرىدىغاندەك.  نىمە ئىش قىلىمەن،ئەمىسە؟ كىنو كۆرمەي؟ بۈگۈن كۆرۋالمىسام بولمايدۇ.  يامىنىڭ باقىدىغان ئالتە بالام يەتتە كالام بولمىسا   ؟! خوتۇن يوق تىخى، بالا نەدە تۇرۇپتۇ؟! ئانامغۇ 2يىلچە بولدى بىشىمنى ئاغرىتقىلى، پۇل يوق شۇ..... ..
  بۈگۈن كىچە پىغانىم ئۆرلەپ قاپتىكەن كىنو كۆردۈم.باشقىلار پىغانى ئۆرلىسە يا ھاراق-تاماكادا دەردىنى ئالىدىكەن ياكى كىيىم ئىشكاۋىنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ،يېرىم كۈن ياسىنىپ ئىچ پۇشۇقى ئۈچۈن سىرىتلارغا ماڭىدىكەن ياكى تورخانىغا چاپىدىكەن. ھاراق-تاماكا بىلەن خۇشۇم يوق. ياسىناي ئويناي دىسەم  ئەركىشى مەن. نىمە ئىش قىلاي؟! سىرىتتا بولغان بولسام تورخانىغا چاپاتتىم ھەقىچان؟!  ئۇنىڭ ئۈستىگە سىرت شۇنداق سوغۇق، بۇ ھاۋارايىمۇ قىززىق. قىش ئۆتۈپ كەتتى. 3-ئاي كىرگىلى تۇرغاندا قارنىڭ ياغقىنىنى ؟! نىمە ئىش قىلاتتىم....؟! كىنو كۆردۈم شۇ!؟ يا قىلىدىغان يازغۇچىلىقىم بولمىسا.... ...ياكى باش قاتۇردىغان كاتتا بىر پىلانىم بولمىسا مىنىڭ!؟   ...يازغۇچىلىقنى مەمتىمىن ھوشۇر قىلىدۇ. كاتتا لاھىيەلەرنى <ئارمان> نىڭ، <ئامىنە> نىڭ، <ئىخلاس> نىڭ خوجايىنلىرى قىلىدۇ. مىللەت ھەققىدە مەن باش قاتۇرمىساممۇ ئۇ ئىشلارنى قىلىدىغانلار جىق. يا مەن ئەركىن سىدىق مىتىم...؟!
  كىنو كۆردۈم شۇ..... ؟!
  ........  .........
  پۇت-قولۇمدا ماغدۇر يوق، بىشىم زىڭىلداپلا تۇرىدۇ. كۆزلىرىم خۇددى بەزگەك كىسىلى تەگكەن مۈشۈكنىڭ كۆزلىرىدەك قىزىرىپ كىتىپتۇ. بوينۇمدىن بىرسى تارتقاندەك ياممان تەستە تاھارەت ئىلىپ ئوقۇۋالدىم، نامازنى... ئۇنىڭ ئۈستىگە سوغۇقنى دىمەيسىز بىزار قىلىپ..... ئەتىگەنلىك ناشتىنىمۇ ئىرەنسىزلىك بىلەن قىلدىم-دە كومپىيۇتىر ئالدىغا كەلدىم.
  كەڭساي، ئاھ كەڭساي! سەن بىلەن ئەتتىگەندە دىدارلىشاي!
  توۋا، كەڭسايغا كىرىش قىزغىنلىقىم شۇنچە يۇقىرى-يۇ لىكىن تىمىلارغا ئىنكاس يىزىش تەس كىلىدۇ،ماڭا. ھەيران قالدىم.....
  مۇنبەرنىڭ ئۇيەر-بۇيەرلىرىنى كۆردۈم. يىڭى تىمىلارمۇ خىلى كۆپ ئىكەن. ۋاھ،ئەزالىرىمىز يازغۇچى بوپ كەتتىمۇ-نىمە؟ <دۇنيادىكى ئەڭ غەلىتە 10 خىزمەت> <ماۋزۇدۇڭنى مەدىھلەش نەمۇنىسى> يەنە < بازا تەشكىلاتى غەرىپكە يىڭىچە ئۇسۇلدا زەربە بەرمەكچى> < ئارام ئال ئاتا> <سوۋغام> قاتارلىق تىمىلار كۆز ئالدىمدا نامايان بولغانمۇ بولدى. بىرە قاتالىق كۆرگەنمۇ بولدۇم-يۇ ئىنكاس يازمىدىم. باشقىلار يازمىغان ئىنكاسنى مەن نىمە دەپ يازىمەن؟ خەقنىڭ ئىنكاسى شۇنچە قىممەت شۇنچە ئەتىۋارلىق. مىنىڭ پاخالمىكەن؟! بولدى يازمىدىم...... ....... .....
  مۇنبەر ئەزا سانى:5973  ئەڭ تەجرىبىلىك ئەزالار: قاراقاش،سۈبھى 0998 ،غەيرەت828.  نادىر تىما دەرجىسى: ھەمزە14،  تۈن لىرىكىسى11،غەيرەت828. جانلىق ئەزالار: شاخرۇھ، رەيھان، فاتىخ204، تاھىر،ئەلى...... ..... ۋاي،...ۋۇي! نىمە جىق گەپ بۇ، كەڭسايكام بىكارچىلىقتا قىلغىلى ئىش تاپالماي قاپتۇ-دە.....
  خە....مانا خەۋار دىگەن!         يازما يوللاش چولپانلىرى ئالتۇن مىدالدا: ئالپا كىنو، كۈمۈش مىدالدا: ئۇران0999، مىس مىدالدا ئىللىق باھار. ئاغزىمنىڭ پۇچۇقىدا كۈلۈپ قويدۇم،  تىرىشىڭلار چولپانلار...... ......
  بولدىلا....يەنىلا تىما كۆرەي...مۇنبەرنى زىيارەت قىلىش باسقۇچىغا كەلدىم. تىمىلارغا كۆز يۈگۈرتىۋاتىمەن، ھىچ مىنىڭ دىققىتمىنى تارتقىدەك تىما چىقاي دىمەيدا...؟ تەۋسىيەلىك تىما، يىڭى تىما، نادىر تىما... ھە...مۇشۇ نادىر تىمىلاردىن بىردەم ھوزۇر ئالاي دەپ ئويلىدىم-دە < ۋەدە بىرىشكە بولماسكىق> نى چەكتىم.غەيرەت828نىڭ تىمىسى ئىكەن. بۇ بۇرادەر نىمىلەرنى دىگەندۇ؟ تىمىغا كۆز يۈگۈرتتۈم:
  بەزىدە بىر-بىرىمىزنى ئىت، ئىشەك دەپ ھاقارەتلىشىپ كىتىمىز. لىكىن بەزىلىرىمىز ئاشۇ ھايۋانچىلىك بولالمايۋاتىمىز! ئىت بولسا ۋاپادارلىقى، ئىشەك بولسا...... .....
  كۈلۈپ تاشلىدىم، قازاقىستاندا مال دوختۇرلۇق قىلغان ئاداشمۇ نىمە-بۇ؟! قىنى ،ئاخىرىنى بىر كۆرەي..... ....
  ھەركەتكە ۋەدە بەرگىلى بولىدۇ،بىراق ھىسياتقا...... .....
 ...... . ...... .. ...... .........
  ..... ھازىر بىزدە ئەڭ نوچىسى پۇل..... گەپلىرى راستەك تۇيۇلىۋاتاتتى. مەن نەچچە ۋاقتىن بىرى يۈرۈكۈمدىن چىقىرالمايۋاتقان پۇشايمان ئارلاش ھەقىقەتلەر بۇ يەردە باشقىلارنىڭ قەلىمى ئاستىدا ماڭا ئايان بولىۋاتاتتى.....
 ...... 18ياشتا بىز مۇھەببەت دەشتىلىرىدە تەمتىرەپ يۈرۈيمىز، غەرىپ ياشلىرى بولسا  مۇستەقىل ياشاش ۋە ئىگىلىك تىكلەش يولىدا كىتىۋاتقان بولىدۇ...... ......
  ئۆزۈمنىڭ 18ياش ۋاقىتلىرىمنى ئىسىمگە ئالماقچى بولدۇم،لىكىن..... ..خۇدا پەرزەنىت ئاتا قىلسا بالىلىرىمنى 18ياشقا كىرگەندە نىمە ئىشقا سالارمەن؟ مەندەك بىر ئۆزىنىڭ 18ياش ۋاقتىنى ئەسلىيەلمىگەن ئادەمنىڭ بالىلىرى 18ياشقا كىرگەندە يەنە نىمە ئىشلارنى قىلالىشى مۇمكىن؟!
....... ....ئەڭ ئىتبارسىز قارايدىغىنىمىز-پەن-مەدەنىيەت.....
....... .....ئەڭ قۇتۇلالمىغىنىمىز-نامراتلىق..... بۇ ئىككى ئەڭ باغلىنىشلىقمۇ قانداق؟
  ....... سىلىنىۋاتقىنى مەسجىد، كىرىدىغانلار قانچىلىك؟......
  توغرا، بىركۈدە ئوقۇيدىغان 5ۋاخ نامىزىمنىڭ قانچىسىنى ئۆيدە، قانچىسىنى مەسجىدتە ئوقىۋاتىمەن؟ بەزى جايلاردا سىلىنىۋاتقان مەسجىدلەرگە ھۆكۈمەت مەبلەغ سالمايدۇ. يەرلىك كىشىلەر مەسجىد سىلىش ئۈچۈن يەرنىڭ ھەل بولغىنىغا خوش. مەبلەغنى ئۆزلىرى يىغىش قىلىدۇ. ناماز ئوقىۋاتىمەن، لىكىن ياردەمگە ئىھتىياجلىق مەسجىدلەرگە نەچچە پۇل ياردەم قىلغاندىمەن؟
  ...... ...يىگىتلەرنىڭ يىرىم-يالىڭاچ قىزلار ئالدىدىكى سۈكۈتى، ۋىجدانى ئالدىدىكى يەنە بىر سۇئال......
 ......  ...ئۆيگە مەسىت كىرگەن ئەرنىڭ پۇشتىدىن، كوچىدا يىتىپ قالدىغان ئوغۇلنىڭ تۆرېلىدىغىنى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس..... ....
   

   قۇلاق تۈۋىمدە بىرسى جاراڭلىق قوڭغۇراق چىلىۋاتاتتى....... ...
  قوڭغۇراق گەپ قىلالامدۇ؟ لىكىن مەن بۇ قوڭغۇراقنىڭ گەپ قىلغىنىنى ئاڭلىدىم... نۇرغۇنلىغان ئاتىلار، نۇرغۇنلىغان ئانىلار توۋلىغان، لىكىن بىزگە ئاڭلىتالمىغان ئاۋاز،  ئويغان!    ئويغان!
  تەپەككۇرى قىتىپ كەتكەن كىشىلەر سەۋەنلىكنى ئۆزى كۆرگەن ئەسەرلەردە قويىدۇ،چۈشنىكسىزكەن،دەپ.    كۈلگۈم كىلىدۇ... تىخى ئىككى كۈن ئاۋال ئۆزۈم شۇنداق دىگەن ئىدىم..... .......
  ۋەتەن دىسە زىمىننى كۆز ئالدىغا كەلتۈردىغانلار يوق ئەمەسقۇ دەيمەن؟!
  ئىقرار قىلامسىلەر؟ مىللەت ھەققىدە ئېغىز ئىچىشساق، مەھمۇد بوۋىمىزنىڭ تۆھپىلىرىدىن ياقىمىزنى ئۆرە قىلىپ قويىمىز. ئەجدادلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىزلىرى دائىملىق سۆھبەت تىمىمىز بولىدۇ. < مەن بالىلىرىمنى مۇنداق تەربىيلەيمەن>دىن بىرسى يوق!
  شۇنداق بىر ئاگاھلاندۇرۇش بەرگىم كىلىۋاتىدۇ(بەلكىم ئۆزۈمگىدۇ): ئالدىنقى ھەپتە باشقا تور بەتلەرگە يوللانغان<قىنى سىلەر ئەركەكلەر؟> دىگەن تىمىنى كۆرۈپ ئوقۇپ باقتىم.  شۇ ئايان بولدىكى، بۇ بايانلار نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ <ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر>(ئىسىمدە قىلىشچە شۇنداقراققۇ دەيمەن) دىگەن كىتاۋىدىن ئىلنىپتۇ. شۇ ھامان شەھەرگە كىرىپ كەتكەن ئىنىمگە تىلفۇن قىلىپ شۇ كىتابنى ئالغاچ چىقىشنى بۇيرۇدۇم.   30مىنۇتتىن كىيىن..... تىلفۇن تۇرۇپكىسىدىن مىنى سوغۇق كۈلكىگە مەجبۇرلايدىغان ئاۋاز ئاڭلاندى:
  -ئاكا، ئۇ كىتابنى ھازىر تاپقىلى بولمايدىكەن. مەن ئۆزۈم بىلىدىغان كىتابخانلارنىڭ ھەممىسىنى ئىزدەپ چىقتىم.
  -سىتىلىپ  بوپتىمۇ....؟
  -شۇنداقتەكمۇ قىلىدۇ،ئۇنداق ئەمەستەكمۇ قىلىدۇ. خەقتىن مۇنداق كىتاب بارمۇ دىسەم، ماڭا بىرخىل سىرلىق نەزەردە قاراۋاتىدۇ.
   ........ ........ ....
  بىر چاغلاردا كىتابخانلاردا يۇمۇر كىتاب كۆرۈش ئۈچۈن قولۇمغا پۇتلاشقاندا ، نېرىراق ئىلۋەتكىنىم يادىمدا..... ......
  ئادىل تۇنىيازنىڭ ئىككى پارچە كىتابى ئىشكاۋىمدا توپا بىسىپ تۇرۇپتۇ. دىنى ئىلىم ئاتا قىلىدىغان ماترىياللاردىن مەندە تىپىلىدىغنى خىلى-خىلى كىشلەردە تىپىلمايدۇ. لىكىن قانۇن ساقچىلىرى كىتابلاردىكى بارماق ئىزلىرىنى ئانالىز قىلسا مىنىڭ بارماق ئىزىم چىقمايدۇ.....   يەنە بىر  سوغۇق كۈلكە
 
  يۇقارقىدەك جاراڭلىق شۇئارلار مەندە، ياق بىزدە خىلى بار. ئەڭ ياخشىسى"مەندە" دەي، مەندە خىلى بار. ئەسلىدە بولۇشقا تىگىشلىك بولغىنى يەنىلا مۇشۇ شۇئارلارمۇ......؟؟؟!!!
  (ئاللاھ ئىگەم رىيادىن ساقلىسۇن، مەندەك ئاجىز مۇھتاج بەندىسىنى رىيادىن يىراق قىلسۇن) بىر چاغلاردا خۇدا دەپ يىغلىغانلىرىم (ئاز تىخى ) ئىسىمدە، بۇگۇن بۇ تىمنى كۆرۇپ كۆزۇمدە ئازراق ياش ئەگىدى، تىما مەزمۇنىغا قەلەم تۇتقۇچىدەك چۆكەلمىسەممۇ ئۆز ئىدراكىمغا خاس ھالدا چۆكۈپ قويدۇم.
  ئاپتور بۇنى < ئۆز > ى ئۈچۈنلا يازغاندەك قىلىدۇ. شۇنداق، < ئۆز > ئۈچۈن......  چۈشەنگەنلەرگە........



   مانا، قاراڭلار، ماۋۇ بالىنىڭ ئايغا چىققىسى بار ئىكەن.... ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ چۈشلىرى سىنىڭ خىيالىڭنىڭ خۇرۇچلىرى بولۇپ قالدىمۇ-نىمە؟!
  بولدى قوي، سەن داداڭ ئىيتقاندەك< ئايغا چىقىمەن دىگۈچە ئاۋۇ ئىغىلدىكى كالاڭنى باقە ئاداش> .  بۇ مۇمكىنمۇ؟
  ئىغىلدىن چىقالمايۋاتساڭ، چىققىڭ بولسىمۇ چىقىرىلمايۋاتساڭ،ئىغىلدىن چىقالماي تۇرۇپ ئايغا چىقامسەن؟ تىخى؟!
    قوشنىلىرىڭغا قاراپ باقە، ئۇلارنىڭ باققان چوشقىسى ئورۇق بولسىمۇ سىنىڭ كالىلىرىڭدىن كۆپ(تۆكمە بولسىمۇ)ئىھتىياج يەنىلا سىنىڭكىدىن يۇقىرى.... بۇنىڭ سىرىنى بىلگىڭ بارمۇ........؟!

   ئاخشىمى سەن كالىغا يەم سالغىلى چىقىپ كەتكەندە سىنىڭ 4ياشلىق قىزىڭ بىلەن 6ياشلىق ئوغلۇڭ نىمە ئىش قىلىپ قالىدۇ... ؟
  بالىلىرىڭغا < بىسمىللاھ> نى ئۈگۈتۈپسەن، ئۇنىڭ مەنىسىنىچۇ......؟
  ئوغلۇڭ مەكتەپ يىشىغا يىتىپتۇ، سەن ئۆزۈڭنىڭ بىلگىنىڭچە ئىلىپبە ھەققىدە سۆزلەپ باقتىڭمۇ.... ....؟
  مەن دەپ قوياي دوستۇم، ئوغلۇڭمۇ بىر كۈنلەردە < مەن ياخشى ئوقۇپ ئايغا، مارىسقا چىقىمەن دىسەم، دادام مىنى بىشىدىن ئىگىز كۆتۈرۈپ، ھوي، قاراڭلار! مىنىڭ بالام ئايغا چىقىدۇ، دەپ توۋلاپ كىتەتتى. ئەمدى ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇراي دەپ قەدەم ئالسام بۇنداق دىگىنى نىمىسى؟ كىچىكىمدە نى-نى ئارزۇلارغا يىتىمەن دەپ قۇرۇق شۇئار توۋلاپ، ئەمدى ئەمەلگە ئاشۇرالمىسام، زادى مەن ئالدامچىمۇ ياكى چوڭلار ئالدامچىمۇ؟ > دەپ ساڭا تاپا-تەنە قىلمىسۇن،جۇمۇ؟!

  ..... ...سەن ئۇيغۇرمۇ؟   ئۇيغۇر شۇنداقمۇ؟  ئەمىسە ئاڭلا ئۇيغۇرۇم! سەن قىلالمىغاننى بالىلىرىڭ قىلسۇن. ئۇلارنى سىنىڭ قىلالمىغان ئىشلىرىڭنى قىلالىغىدەك قىلىپ تەربىيلە..... سىنىڭ ماغدۇرۇڭ يەتمەيدىغان ئىشلارغا ئوغلۇڭنى بۇيرۇ! خۇددى: 

                                                   يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاھلاپ كۈلمە،
                                                   ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى.
                                                   قىرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە،
                                                   ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قويارمەن ئوغلۇمنى.

                                                                                                                دىگەندەك...... ...... 
                                                                                         

  مىنىڭ ئىنكاسلىرىمنى چۈشەنگەنلەر نىمە دەر؟!
  مىنىڭ بىلجىرلاشلىرمنى چۈشەنمىگەنلەرنىڭ سان-ساناقسىز مۇشىت-پەشۋالىرى ئارسىدا قالىدىغانلىقىم ئىنىق!

 توۋا، مەنمۇ تەپەككۇر قىلالايدىكەنمەن، مەنمۇ ئىنكاس يازالايدىكەنمەن.  لىكىن .....  مەن ئۆزۈمدىكى بىرخىل كەمتۈكلىكنى ھىس قىلىۋاتىمەن......  ئۇ نىمىدۇ....؟   مەندە زادى نىمە كەم؟!
  بولدىلا.... توختاپ قالاي..... ..  قىسقىسى مەنمۇ يالغانچى..... .....

saifulla 2011-02-28 22:12
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم : پالۋان. كاستىيۇم -بۇرۇلكىمۇ يارىشىدىكەنغۇ سىزگە.

گۇۋاھ 2011-03-01 00:32
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
  دىمەكچى بولغانلىرىڭىز...... .......

turditohti 2011-03-01 00:43
ھەم قىزىقارلىق،ھەم مەزمۇنلۇق ياخشى ئەسەر يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

qakar 2011-03-01 02:50
مەن بۇ ئەسەردىن خىلى كۆپ تەربىيەگە ئىگە بولدۇم.
رەھمەت سىزگە.

yusup 2011-03-01 11:18
دىگەنلىرىڭىز ئەمەلىيەتىكى ئىشلار، ئورۇنلۇق  سۆزلەر،تېمىڭىزغا رەھمەت.

arzuyum 2011-03-01 13:00
ئىككى نادىر تېمىغا بىر نادىر ئىنكاسكەنغۇ بۇ ؟!

abdul 2011-03-01 16:04
ياخشى يېزىپسىز

muhajir1 2011-03-01 16:09
اللە رەخمەت قىلسۇن!!!  ھەم قىزىقارلىق، ھەم ئەھمىيەتلىك تېما بۇلۇپتۇ.
ئەگەر ھەممىمىز پەرزەنتلىرىمىزنى اللەرنىڭ بىزگە بەرگەن ئامانىتى دەپ تۇنۇپ، اللەھقا يارىغۇدەك قىلىپ تەربىيەلەپ چىقالىغان بولساق ھە!

rayhan 2011-03-01 19:02
ئايغا چىقايمۇ ياكى خۇتۇن ئالايمۇ دەپ مەسىلھەت سوراپتىكەن .سىزنىڭ گىپىڭىزدىن قارىغاندا تېخى خۇتۇن ئېلىشقا نىۋەت كەلمەيدىكەن  دە ھە؟...بويتتاقلار كوپۇيۇپ كىتەرمۇ ئەمدى !!!   ماۋۇ يىگىتلەرنى  خۇتۇن ئالمىساڭلار ئىسىل قىزلىرىمىز قانداق قىلدۇ دەيمەن ..خۇتۇن ئالغاندا ئاندىن بالىنى قانداق تەربىلەيدىغاننى يازمامدۇ كىشى ؟

fatih204 2011-03-01 19:28
ماۋۇ بويتاقلار ،،،،،،،،،،  ئاۋال بىر ئوينىڭ مۇرىسىدىن ئىس چىقىرىپ ئاندىن پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە گەپ قىلىڭلار ،،،،،
بوپتۇغۇ  ،،،،،،،،،  مۇشۇنداق ناگاندا بىر ئوڭ تەتۇر گەپلەرنى ئاڭلاپ قويسىمۇ ئادەم زۇكام بولمايدىكەن جۇمۇ باللا ،،،،،
چاخچاق ھە تىما ئىگىسى ،،،،،،،  تىمىڭىزنى ئوقوپ يەڭگىل بوپقالدىم ،،،،،،، رەھمەت

general 2011-03-01 22:15
ماۋۇنى نادىرلىساق قايدا بولۇر؟

paris 2011-03-01 22:24
سىزدەك ئويلىغانلار،ئويغانغانلار كۆپ بولسا ئىدى......

nazli0998 2011-03-01 22:26
تازا   ئوبدان   بولۇر  !! 

oychan 2011-03-01 23:22
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى rayhan نىڭ 2011-03-01 19:02 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئايغا چىقايمۇ ياكى خۇتۇن ئالايمۇ دەپ مەسىلھەت سوراپتىكەن .سىزنىڭ گىپىڭىزدىن قارىغاندا تېخى خۇتۇن ئېلىشقا نىۋەت كەلمەيدىكەن  دە ھە؟...بويتتاقلار كوپۇيۇپ كىتەرمۇ ئەمدى !!!   ماۋۇ يىگىتلەرنى  خۇتۇن ئالمىساڭلار ئىسىل قىزلىرىمىز قانداق قىلدۇ دەيمەن ..خۇتۇن ئالغاندا ئاندىن بالىنى قانداق تەربىلەيدىغاننى يازمامدۇ كىشى ؟

قانداق قىلىدۇ؟ ئاتا- ئاناڭلار قىزىمنى پۇلغا ساتىمەن، دەپ تۇرسا؟   ئېسىل قىزلىرىڭلار ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە <ئىسىل> ئەر بولمىسا تەگمەيمەن دەپ تۇرسا!  يۇشۇرۇن ئاي شارىغا بۇلاپ ئېلىپ چىقىپ كەتكىلى يا بولمىسا؟  ئايغا ئۆزلىرى بولسىمۇ چىقىپ تۇرمىسۇنمۇ؟

گۇۋاھ 2011-03-02 00:53
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 10قەۋەتتىكى fatih204 نىڭ 2011-03-01 19:28 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ماۋۇ بويتاقلار ،،،،،،،،،،  ئاۋال بىر ئوينىڭ مۇرىسىدىن ئىس چىقىرىپ ئاندىن پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە گەپ قىلىڭلار ،،،،،
بوپتۇغۇ  ،،،،،،،،،  مۇشۇنداق ناگاندا بىر ئوڭ تەتۇر گەپلەرنى ئاڭلاپ قويسىمۇ ئادەم زۇكام بولمايدىكەن جۇمۇ باللا ،،،،،
چاخچاق ھە تىما ئىگىسى ،،،،،،،  تىمىڭىزنى ئوقوپ يەڭگىل بوپقالدىم ،،،،،،، رەھمەت



نىمە كىسەل تەگدىكىن؟  بىلەلمىگەن ئىدىم.  مۇشۇنداق ئوڭ-تەتۈر جۆيلۈپ قويسام يەڭگىللەپ قالدىم!
 
  كەڭساي ئەھلىگە ئاللاھ ئىگەم مۇستەھكەم تەۋپىق ئاتا قىلغاي!!! ھەربىر قىرىنداشلىرىمنىڭ قىلغان دۇئالىرى پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بولغاي!!! ئامىن!!!

تاش 2011-03-02 02:08
ياخشى گەپلەرنى قىلىدىغانلار بۇ مۇنبەردە جىق  ،ئەمما،تېتىقسىز چاقچاق قىلىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس!!!!!!!بەرىبىر مېنى بىلمىگەندىكىن دەپ  ئاتايىن پۇتاق چىقىرىدىغانلارمۇ بار تېخى؟!!!!!!!!!!

rabani 2011-03-02 15:42
ئاللا رەھمەت قىلسۇن        مەخسەت مۇدايىىڭز  . نىمە دىمەكچىى بولغۇنىڭز  شۇنداق چۈشنشلىك  بوپتغۇ..................... ئارتۇقچە خىيالدا بولماڭ          رەھمەت  

esma0999 2011-03-02 16:09
بەك قىززىقكەن.

era13 2011-03-03 14:52
راسىتەك چاقچاق ، چاقچاقتەك راست گەپكە ئۇراپسىز ! ھەقىيقەتەن ئېسىل !

alpacino 2011-03-04 02:02
يېڭىچە  ئۇسلۇپكەندە  .............          

alpacino 2011-03-04 02:03
ئالپاكىنو ئەمەس  ئالپاچىنو.....    

گۇۋاھ 2011-03-04 11:35
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 22قەۋەتتىكى alpacino نىڭ 2011-03-04 02:03 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئالپاكىنو ئەمەس  ئالپاچىنو.....     


  كەچۈرۈڭ،  مەن دىققەت قىلىشقا تىرىشىمەن!

xarifa 2011-03-08 22:40
راسلا بىر ئۆزگىچە تېما بوپتۇ.  ئۆزگىچە

botanik 2011-03-11 21:44
تىمىڭىزنى كۆرۈپ خوش بولدۇم.
يىقىندىن بىرى كەيپىياتىم شۇنداق ناچار ، نىمە بولغىنىمنى سىزەلمەس بوپ قالغاندەك . ئەمەل - ئىبادەتلىرىمدىن  ھىچىبىر دىل ھۇزورى ھىس قىلالمىدىم . بەلكىم چۇشكۇنلۇك كىسىلىگە گىرىپتار بولغاندىمەن . ئەي ئاللاھ،  ئۈمۈدۋار بولغىلى نىسىپ قىلغايسەن.
تىمىڭىزنىڭ ئاخىرى ماڭا بەكرەك تەسىر قىلدى. ھازىرقى كۈنگە قىلىشىمىزغا يىقىنقى تۆت - بەش ئەسىردە ياشىغان ئاتا - بوۋىلىرىمىز سەۋەپچى دەپ قاخشىدۇق . بەلكىم شۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش ئوزى قىلالمىغاننى بالام قىلدۇ دەپ چوڭ ئۈمۈدلەرنى كۈتكەن بولغىدى؟ ئاتا - ئانىمىز بىزدىن ئۈمۈد كۈتتى . نۆۋەت بىزگە كىلىۋىدى .........

tugrul525 2011-03-15 03:57
سەندە نىمە كەم بولماقچىدى؟ ھەممىمىزدە كەم نەرسە، سەندىمۇ كەم!!! ھىې ھىې ھىې ھەجەپ مۇتەپپەككۈرلەردەك گەپ قىلۋالدىما!!!!! چاقچاق!!
ساڭا  بىر ئاددى ئۇسۇل ئۆگىتەي. مەن مۇشۇ ئۇسۇل بۇيىچە مېڭىپ، جىق ئىشلېرىم يۈرۈشۈپ كەتتى. خوتونمۇ ئېلىۋلدىم،تېخى!! ھەراست، ئۇماق بالاممۇ بار بولدى. ئاللاھ بۇيرىسا!!
مېنى دوست دەپ قارىساڭ، پەقەت مېنىڭ <گېپىمنىلا ئاڭلا،> مېنىڭدىن، باشقىلاردىن باشقا ياردەم كۈتمە.
1.ئەڭ ئاۋال چوڭ بىر نىشاننى بەلگىلە. سېنىڭ بۇ دۇنياغا كېلىشتىكى مەقسىتىڭ نىمە؟  بۇ دۇنياغا قايتا تۆرىلەمسەن؟ سېنىڭ نىمە قىزىقىشىڭ بار؟ سېنىڭ قانداق ئارتۇقچىلىقىڭ بار؟ ئەلۋەتتە قانداق كەمچىلىك بار؟  ئۆزەڭگە ماس كېلدىغان بىر نىشان بەلگىلە. قانداق نىشان بولسا بۇلىۋېرىدۇ. مىلىيۇنىر بۇلۇش، تىلەمچى بۇلۇش، كارخانىچى بۇلۇش، ناۋاي بۇلۇش، سىياسىيۇن بۇلۇش، مودىل بۇلۇش، ناخشىچى-سەنئەتكار بۇلۇش، ئاشپەز، تۆمۈرچى، تېۋىپ، مەمۇر، خىزمەتچى، ئىش قىلىپ ئادەم قلىدىغان ھەرقانداق كەسىپ بۇلىۋېرىدۇ. خالىساڭ ئادەم قىلمايدىغان ئىشلارنى قىلىمەن دىسەڭمۇ ھېساپ. كەڭتاشىچىلىق بۇلۇپ كەتتى دەيمەن. مېنىڭچە چوڭ نىشانىڭنىڭ چوڭراق بولغىنى ياخشى.
2. سېنىڭ مۇشۇ نىشانىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا پايدىلىق شارائېتىڭ بىلەن ناچار شارائىتىڭنى ئىككى قەغەزگە يېزىپ قوي. پايدىلىق شارائىتتىن پايدىلان، ناچار شارائىتتنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشقىن. كۆپرەك بىر نەرسە ئۆگەن.

3. مەبلەغ مەسلىسى. سېنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىڭنى باشلاش ئۈچۈن قانچىلىك مەبلەغ كېتىدۇ؟ بۇنى ئېنىق ھېساپلاپ چىق. ئۆزەڭنىڭ بىر ئايدا قانچىلىك چىقىم قىلدىغانلىقىڭنى ھېساپلاپ چىق. ناچار تۇرمۇش ئادىتىڭنى ئۆزگەرتىپ< مەسلەن: تاماكا چىكىدىغان، ھاراق ئىچىدىغان، سورۇنلارغا چاپىدىغان، قىممەت-كېيىم كىچەك كېيىدىغان، ئىشقىلىپ خەجلەشكە تىگىشلىك بولمىغان پۇلنى خەجلىمە> بۇنىڭدىن تىجىگەن پۇلۇڭنى يېغقان مەبلىغىڭگە قوش. بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان بولغاچقا مۇشۇ قائىدىگە ئۇزۇن مۇددەت رىئايە قىل. بۇ بەك تەس. تەس بولمىسا ھەممە ئادەم ئۇتۇق قازانمامدۇ؟

4. ئېتقادلىق بول. بۇنى دىمىسەممۇ بىلىسەن. ياراتقۇچى ھېچقانداق بەندىسىنىڭ تىرىشچانلىقىنى يەردە قويغان ئەمەس. سەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. بۇنىڭغا شەكسىز ئىشەن. ئاللاھ بۇيرىسا.

5. نىشاننى بەلگىلەپ بولغاندىن كېيىن، ئىشنى قاچان باشلاش مەسلىسى؟ قاچان باشلايسەن؟ بۇرۇنقى قىلغان ئىشلېرىڭ، ئالغان تەربىيەڭ، ئائىلە كېلىپ چىقىشىڭ، مىللىتىڭ، جىنسىڭ دىگەنلەر ھېچقانچە تۇسالغۇ ئەمەس. بۇ ئىشلارنى ئويلىما. پايدىسى يوق.
قاچان باشلايسەن؟ مېنىڭچە بۈگۈن باشلا، ياق ياق ياق ھازىرلا باشلا. ئەمدى كېچىكسەڭ بولمايدۇ. نارادا مۇشۇ ئىنكاسىمنى ئوقۇغانلا بولساڭ دەرھال ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، نىشانغا قاراپ ئىلگىرلە. بىلىشىڭ كېرەك. سېنىڭ ۋاقىتتىن باشقا ھېچنىمەڭ يوق. نىمىلا ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىنەزەر ھەرگىر كەينىڭگە يانما!!!! ئىشلېرىڭغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

سەھەر 2011-03-15 12:24
ئۆزەڭنىڭ قەدىر-قىممىتى،ئۆزەڭنى تونۇشتا

ئەسرا 2011-03-16 22:01
بىر گەپ قىلاي ،نېمىشقا ھە دېسىلا ئۇلۇغ ئارزۇ ئىستەكلەرنى ئاشۇ تېخى كىچىك ياكى تېخى تۇغۇلمىغان بىچارە بالىلارنىڭ گەدىنىگە يۈكلەيمىز؟ئەجىبا بىز مۇشۇنداق تېزلا كېرەكتىن چىقتۇقما؟پەرزەنتنى ياخشى تەربىيلەشتىنغۇ باش تارتالمايمىز،ئەمما ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزنى تاشلىۋەتمەيلى دەيمە!!!بىزمۇ گۇۋاھ ئاداشتەك ئۆزىمىز ئۈستىدە تېخىمۇ جىقراق ئويلىنىپ باقايلى.شۇ ئىككى-ئۈچ ئېغىز پولىرىمىز بىلەن بالىلىرىمىزنىڭ دوپپىسىغا جىگدە سېلىپ يۈرمەيلى!

بىرلەش 2011-03-25 22:20
بۇ تىمىنى ئۇقۇپ ئەجەپمۇ  ئىزىلدىم    

gardan 2011-04-02 14:02
قاچانلىققا ئۆزىمىزنى تونۇيمىز؟!قاچانلىققا غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنىمىز؟!

ئوزبېك 2011-04-05 13:35
توردىشىمىز نىڭ دىمەكچى بولغىنىنى كوپ بولغاندا% 10 تورداش چۇشۇنۇپتۇ...چۇشانمىگەنلەرنىڭ ئېنكاسلىرى ماڭا خۇددى <<كاللا دىسە پاكالچەك ...>> دىگەندەك كۇلكىلىك بىلىندى..

موتو 2011-04-05 18:47
ياخشى تىما ئكەن

گۇۋاھ 2011-04-06 17:55
     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار....!

  «سىنېڭ ۋاقىتتىن باشقا  ھىچنىمەڭ يوق!»  ماۋۇ گەپ ماڭا ئەڭ ياقتى!  

dulbarqin310 2011-04-22 18:37
ھەقىقەتەن نادىر ئىنكاسكەن !

bugra944 2011-06-18 13:31
رەخمەت     

ئۇيغۇرقىزى 2011-08-05 18:49
بۇ...................................؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟         

abduwali123 2011-08-06 00:40
  

مەنزىرە 2011-08-08 14:36
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 32قەۋەتتىكى گۇۋاھ نىڭ 2011-04-06 17:55 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار....!

  «سىنېڭ ۋاقىتتىن باشقا  ھىچنىمەڭ يوق!»  ماۋۇ گەپ ماڭا ئەڭ ياقتى!  

ئەمىسە مەن يازغان :"ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ..............."   بۇ چۇ؟

نادىر 2011-09-01 17:05
    

خەنجەر0903 2012-01-25 16:17
سىز قانچىلىك چۈشەندىڭىز؟

1-قېتىم 2012-02-01 11:09
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى turditohti نىڭ 2011-03-01 00:43 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھەم قىزىقارلىق،ھەم مەزمۇنلۇق ياخشى ئەسەر يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

نازىلە 2012-03-25 18:10
        ياخشى بوپـتۇ ،  كۆپرەك يوللاپ تۇرگايسىز

ambal 2012-03-25 18:17
   ياخشى تېما

eltabir9 2012-03-25 19:41
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 37قەۋەتتىكى مەنزىرە نىڭ 2011-08-08 14:36 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

ئەمىسە مەن يازغان :"ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ..............."   بۇ چۇ؟

ئەلۋەتتە،شۇ ھەممە نەرسە ھەركەت ھالىتىدە بولسىلا.

تېما ئېگىسىغا رەخمەت!
تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىڭىز بەك جانلىقكەن.


查看完整版本: [-- ئىككى نادىر تىمىغا ئىنكاس(گۇۋاھ) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.062399 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us