تۇرك تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلى بىر مەنبەدىن شاخلىغان تۇققان تىل تىل بولۇپ، ھەرئىككىلىسى ئالتاي تىللىرى سستېمىسىنىڭ تۇركى تىللار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تۇرك تىلى ئوغۇز-سالجۇق(غەربىيتۇركىي تىلى)تارماق گۇرپىسىغا،ئۇيغۇر تىلى بولسا قارلۇق-ئۇيغۇر (شەرقى تۇرك تىلى) تارماق گۇرپپىسىغا كىرىدۇ.بۇ ئىككى تۇققان تىلنىڭ تۇپ سۆز ۋە گىرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى پۇتۇنلەي دېگۇدەك ئوخشىشىپ كېتىدۇ.پەقەت سۆز ياساش (لىكىسىكا) جەھەتتىن ئانچە-مۇنچە پەرىقلىنىدۇ.
تۇرك تىلنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا نىسبەتەن گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرى تۇۋەندىكىچە:
1-ئۇيغۇرتىلىدا بوغۇم بېشىدا كېلىدىغان t تاۋۇشى تۇرك تلىدا d بولۇپ كېلىدۇ
مەسىلەن:
تۇمان.......................duman
تاغ.........................tağ
تىلەك.......................dilek
2.ئۇيغۇر تىلىدا بوغۇم بېشىدا كېلىدىغانk تاۋۇشى تۇرك تىلىدا g بولۇپ كېلىدۇ
مەسىلەن:
كۇن.......................gün
كۆڭۇل.....................gönül
كۆز.......................göz
3.ئۇيغۇرتىلىدا بوغۇم بېشىدا كېلىدىغانm تاۋۇشى تۇرك تىلىدا b بولۇپ كىلىدۇ
مەسىلەن:
مەن.......................ben
مۇز.......................buz
مىڭ................... bin
ئۇيغۇر تىلىدا بوغۇم بېشىدا كېلىدىغانp تاۋۇشى تۇرك تىلىداb بولۇپ كېىلىدۇ.
مەسىلەن:
پىچاق.................biçak
پالتا..................balta
5.بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇر تىلىدا بوغۇم بېشىدا كېلىدىغانb تاۋۇشى تۇرك تىلىدا p بولۇپ كېلىدۇ. مەسىلەن:
بارماق..................parmak
بەك....................pek
6.ئۇيغۇرتىلىدابوغۇم بېشىدا كېلىدىغانq تاۋۇشىتۇرك تىلىداd بولۇپ كېلىدۇ
مەسىلەن: چىش..........diş
7.ئۇيغۇر تىلىدا بوغۇم بېشىدا كېلىدىغانç تاۋۇشى تۇرك تىلىدا s بولۇپ كېلىدۇ
مەسىلەن: چاچ........saç
8.ئۇيغۇر تىلىدا بوغۇم بېشىدا كېلىدىغانb تاۋۇشى تۇرك تىلىداv بولۇپ كېلىدۇ
مەسىلەن: بەر..............ver
9.تۇرك تىلىدا 29 ھەرىپ بار بولۇپ،ئۇيغۇر تىلىدا كۆپ ئۇچرايدىغان ق.خ.ڭ ئۇزۇك تاۋۇش ھەرىپلىرى تۇرك تىلىدا كۆرۇلمەيدۇ.ھازىرقى زامان تۇرك تىلىدا ق.خ.ڭ تاۋۇشلىرى كېلىشكە تېگىشلىك ئورۇنلارغا بىر دەك k.h.n. تاۋۇشلىرى قوللىنىدۇ. مەسىلەن:
قىز...................kiz
خەۋەر.................haber
كەلدىڭ...............geldin
ئايروپىلان..............uçak
ھايات................yaşam
ئاپتۇنوم..............özerk
جەمئىيەت............toplum
ئالىم................bilgin
مەكتەپ..............okul
تۇنۇشۇش............tanişma
قانداق..............nasil
ياخشى..............iyi
مەن...............ben
مەمنۇن.خۇشال......memnun
قەيەر...............nere
قىلماق.ئەتمەك.ياسىماق....... yapmak
پويىز.... tıren
.ئىشلىمەك...........çalişmak
ياغاچ.................................ağaç
يامغۇر................yağmur
ئادۋۇكات..............avukat
پۇل..................para
پاتمىدى...............siğmadi
ئازاپلىدى...............dağladi
ئوقۇتقۇچى..............öğretmen
ئوقۇغۇچى..............öğrenci
چىقماق................çikmak
توقۇمۇچىلىق...............dokumuçilik
قۇش.....................kuş
ئۇرىدۇ.....................vurdu
ئۆگەي...................üvey
كۆۋرۈك..................köprüsu
ئاسمان..................gok
تۇگمەنچى...............değirmençi
باشلىدى.................başladi
شۇنچىلىك...............şukader
قار.....................kar
ئاستىدا................altinda
سانائەت................sanayi
كىرىش.................giriş
ئەگرى................eğri
قۇتقازدى...............kurtardi
ئىېيىق................ayi
ئەسلى.................eski
ئاغزى.................ağzi
توكچىلىق............eliktirçilik
دوختۇرخانا.............hastane
چەت ئەللىك...........yabanci
قايسى.................hangi
تىل..................dil
ئەسكەرتىش: «تۈركچە ئۆگىنەيلى» (türkçe oğrenıyoruz) ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
[①] تۈرك تىلىدىكى بۇ ھەرپ «غ» بىلەن «گ»نىڭ ئارىلىقىدىراق يۇمشاق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.
[②] تۈرك تىلىدىكى بۇ ھەرپ ئادەتتە «قاتتىق ئى» دەپ ئاتىلىدۇ. سۆزلەردە لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشلارغا ماسلىشىپ كېلىدۇ.