باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 34921 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاھ، بۇلار كىمكەن؟
akida
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 208
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 168
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە168دانە
ئۆسۈش: 1184 %
مۇنبەر پۇلى: 2304 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-08
ئاخىرقى: 2012-02-03
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-02-25 01:30

ئاھ، بۇلار كىمكەن؟

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-02-26)
ئازادە سىنىپلاردا تۇرۇپمۇ ، بۇ بالىلارچىلىك ئەقىلنى دوس قىلالمايۋاتقان بالىلارنىڭ مەنىۋىيىتىدە ،ئاتا- ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى يوقمىدۇ؟ ئەجەبا...

[attachment=9090]
رېستۇرانلاردا ئولتۇرۇپ غەيۋەت بىلەن تولغان ھېلىقى كۆزلەرنى ، بۇ كۆزلەرگە سېلىشتۇرساق ...نىمە دىگەن زور پەرق -ھە. بۇلارنىڭ چىھرىدىن مىھىر يېغىپ تۇرۇدىكەن ..ئەپسۇس،شەھەرلەردىكى كۆزلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا...
بۇ نانلار.....

بۇ قىز بىلەن شەھەرلەردىكى مودا خېنىملارنى  سېلىشتۇرسىڭىز قەيەرلىرى ئارتۇق چىقا؟
مېنىڭ ئاڭلىغۇم با....

بىز ئۆينىڭ ئىچىدىلا ،سۇنى ئىشلىتىپ تارتقان جاپالىرىمىز ، بۇ جاپالار ئالدىدا ھىچنىمە ئەمەس.

ئەشۇ كىچىككىنە كەپىدە ھاياتلىق ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلارغا اللە نىڭ ھىممىتى بولسۇن!

شۇنچە يىراق بولسىمۇ ، ئائىلىسىدكى ، كەلگۈسىدىكى ئۈمۈتلىرى ئۈچۈن جاپالىق بۇ يوللار ئۇلار تەرىپىدىن قانچە قېتىملاپ بېسىلغاندۇ؟....
 
ئائىلىلەردىكى كىرئالغۇدا كىر يۇيۇپ تۇرۇپمۇ ، مەن جاپا تارتىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىۋاتىمەن دىيىشكە تىلىمىز بارىدۇ. ئەپسۇس بۇ ئانىلارچۇ...؟ مىننەتسىز، ئەجرىدىن سۆيۈنىدۇ خالاس.
  
ئائىلىسىنىڭ ئېغىرى، زىممىسىگە چۈشكەن بۇ ناتىۋاننىڭ كۆزلىرىدىن ، تۇرمۇشتىن نە ئاغرىنىش ھىچ كۆرۈنمەيدۇ. ئەجەبا، كىيىدىغان كىيىملىرى ئىشكاپلارغا پاتماي ، تەييار تاماق يەۋەتقان بۇ قىز دىمەتلىك شەھەرلىكلەرچۇ؟  بۇ قىزغا ئىچىم شۇنچىلىك كۆيدى. قىسمەت تەڭسىز بولغىنى بىلەن بۇلارنىڭ  شاتلىغى قايغۇسىدىن كۆپ.
  
ئىگىز، پاكىز ئېسىل ئېمارەتلەردە ئولتۇرۇۋاتقانلار...مۇشۇنداق ئاددى كەپىلەردە ھاياتلىقنى تەمەسىز كۈتۈۋاتقانلارنىڭ بارلىغىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ.  شۈكرىنى ئېغىزىمىزغا ئالايلى ...
  
مانا...بۇ ئاتىلار بىر ئۆمۈر جاپا چەككەن بولسىمۇ يەنىلا شۇنداق خۇشال. اللە بۇ مىھنەتكەشلەرنى مەڭگۈ خاتىرجەم قىلغاي.

نىمىنى ئاڭلىدىڭىز؟ ....يۈرۈكىڭىزدىن تىڭشاڭ. جىم تۇرۇپ ئاڭلاڭ. بىر مىنۇت.


بۇ يەردەدىكى نەزىر- چىراق بىلەن شەھەرلەردىكى نەزىر-چىراقلارنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى... توي تۈسىنى ئالغان، مىيىت ئۇزۇتۇلۇۋاتقاندا ئالتۇن ئۈچۈن يىغىلىۋاتقان پۇللار، يۆتكەش ئۈچۈن ئېلىنىدىغان كىيىم ئۈچۈن يىغىلىۋاتقان پۇللار...كىرىۋاتقان داستىخانلارنىڭ كۆپلۈكىدىن ، يىيىلىپ بولالماي تۆكۈلۈۋاتقان تاماقلار، يەنە بىر تەرەپتە ئادەم كۆپ بولغاچقا سودىسىنى قىلىۋېلىش ئۈچۈن ئۇششاق زىبۇ - زىننەت ، پايپاق، ئالتۇن - جاپبدۇقلار....رەببىم ئۆزۈڭ ئوڭشىغىن.....
...
بۇ قوللارنى كۆردىڭىزمۇ؟ كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى مۇنبەرداشلىرىم . بۇ قول بالىلىرى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر جاپا چەككەن ، بالىلىرىنى يۇقۇرى بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتۇپ ، ياخشى خىزمەتكە ئېرىشتۈرۈش يولىدا  ئاز بولمىغا جەبىرلەرنى تارتقان . ئەمما، شۇلار قايتىپ كېلىپ نىمىمۇ قىلىپ بېرەلىدى. ئۇلارنىڭ
مىھنەت خەرىتىسى بولغان، بۇ قوللار، كىمنىڭ يۈرۈگىنى ئېچىشتۇرمايدۇ.

كۆزلىرىدىن غەملەر تۆكۈلۈپ تۇرغان بۇ بوۋايغا ، بوۋا نىمە بولدىلا ؟ دەپ ھالىنى سورۇغۇم كەلدى. ئېسىت...نىمە قىلالىدۇق ھەي،ئوخشاش ئىنسانلار.

بۇ ئاتىلار مۇشۇ ياشقىچە ، بۇ يوللارنى ھاياتلىق ھەم پەرزەنت ئۈچۈن قانچە قېتىملاپ باسقاندۇ...؟

تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى، كىچىككىنە كەپە... بەك جىق ئويلاپ كەتتىم. يېزىپ بولالمايمەن ، راسلا....

چايدىن قايتقان مۇبارەك خېنىملارنىڭ رېستۇراننىڭ ئالدىدا تاكسى بولمىسا ماڭماي ، تۇرۇشلىرى ، كۆز ئالدىمدامۇنۇ سۆرەت بىلەن ئالماشتى. 
 
بوۋا ... مۇشۇ ياشلىرىدا نەگە ماڭدىلا...؟ جاپا چەككەن ئىزلار پىشانىلىرىدىكى قورۇقلاردا ئۆزىنى تېپىپتۇ . يولدا ئىھتىيات قىلسىلا...اللە گە ئامانەت.

مەنبە: رەسىملەر تور دۇنياسى.
ھەم قەلىمىم.
دوستلىشىش
بىناۋا
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7808
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 210
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە210دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 2314 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-10
ئاخىرقى: 2012-03-27
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-25 17:34

مائارىپسىزلىق  نامراتلىقنىڭ مەنبەسى.مائارىپسىزلىق تۈپەيلى ئىقتىسادتا كەينىدە قېلىش پاجىئەسىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، نامراتلىقنىڭ خاتا ئىشلارنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. مەكتىپىمىزنىڭ ھالى سۈرەتتىكىدەك بولسا، خەلقىمىزنىڭ ھالى  يەنە قانداق بولماقچى ئىدى؟ تېخى قاتمىغان بېشىغا ئېغىر يۈكنى كۆتىرىپ كېتىۋاتقان ئەشۇ قىزىمىز  نامراتلىققا قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلەر؟
دوستلىشىش
بىناۋا
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7808
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 210
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە210دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 2314 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-10
ئاخىرقى: 2012-03-27
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-29 11:16

ئاھ، بۇلار  كىم بولاتتى؟  ئۇيغۇرلۇرۇم ئىكەن....................
دوستلىشىش
بىناۋا
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7808
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 210
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە210دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 2314 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-10
ئاخىرقى: 2012-03-27
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-01 12:36

مەن ئۇيغۇرمەن بەختىم پۈتۈن تۇغۇلغان،
تارىختا بىر يۇلتۇز بولۇپ تونۇلغان.
ۋادىلارغا تولۇپ ئاققان دەريادىم،
يىللار ئېشىپ چۆللەر ئارا سوغۇلغان.

مەن ئۇيغۇرمەن ئۆملۈك بىلەن كۆكەرگەن،
چېچىلغاندا قۇدرىتىمنى يۈتتۈرگەن.
بىر قولۇمدا ئۈمىدۋارلىق مەشئىلى،
جاسارەتنى بايراق قىلىپ كۆتەرگەن.


بىر قولۇمدا قارىغۇ تاقەت جامى بار،
ئۇ پەپىلەپ غورۇرۇمنى  ئۇخلىتار.
ئۆزگە خەسىس،ئۆزگىلەرگە سېخىلىق،
مېنى غەپلەت ۋادىسىدا يوقىتار..............


                   داۋامى بار
دوستلىشىش
بىناۋا
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7808
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 210
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە210دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 2314 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-10
ئاخىرقى: 2012-03-27
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-08 08:08

داۋامى:

     تەسەللىغا تولغان ئۈچۈن ۋۇجۇدۇم،
     كۆزلىرىممۇ كۆرمەس ئىدى تولۇپ قۇم.
     ئاتاي دېسەم غەپلەت -ئاپەت قەسرىگە،
     پاراسەتتىن ياسالغان يوق بىر ئوقۇم.


             مەدھىيىنى يازماس شۇڭا قوللىرىم،
             مىڭ تەرەپكە ئۇچ ئېپكەتتى يوللىرىم،
             قېنى ئەمدى مىڭ تەرەپتىن بىر ياققا،
             دەريا بولۇپ ئاققان مېنىڭ ھونلىرىم.
    
            .....................................................
            تەڭرى تېغى مىسلى ئالتۇن قالقىنىم،
            ئۆلمىگىنىم ئۇندا ئۆلۈپ ياتقىنىم.
            ئەجدادلارنىڭ جاسارىتىن قۇچاقلاپ،
            ۋەتىنىمنىڭ بىر تېشى بوپ ياتقىنىم.


                                                د.ياسىن شېئىرى
            
دوستلىشىش
بىناۋا
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7808
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 210
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە210دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 2314 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-10
ئاخىرقى: 2012-03-27
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-21 18:08

بۇلار كىم بولاتتى....................
دوستلىشىش
بىناۋا
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7808
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 210
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە210دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 2314 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-10
ئاخىرقى: 2012-03-27
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-04 07:18

بۇلار كىم بولاتتى،ئالتۇن تاۋاق كۆتىرىۋالغان كەمبەغەللەر!