查看完整版本: [-- ئاھ، بۇلار كىمكەن؟ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> ساياھەت كۆڭۈل ئېچىش -> ئاھ، بۇلار كىمكەن؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

<<   1   2   3  >>  Pages: ( 3 total )

zulayha 2011-02-25 01:30
ئازادە سىنىپلاردا تۇرۇپمۇ ، بۇ بالىلارچىلىك ئەقىلنى دوس قىلالمايۋاتقان بالىلارنىڭ مەنىۋىيىتىدە ،ئاتا- ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى يوقمىدۇ؟ ئەجەبا...
[attachment=9092]
[attachment=9090]
رېستۇرانلاردا ئولتۇرۇپ غەيۋەت بىلەن تولغان ھېلىقى كۆزلەرنى ، بۇ كۆزلەرگە سېلىشتۇرساق ...نىمە دىگەن زور پەرق -ھە. بۇلارنىڭ چىھرىدىن مىھىر يېغىپ تۇرۇدىكەن ..ئەپسۇس،شەھەرلەردىكى كۆزلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا...
بۇ نانلار.....

بۇ قىز بىلەن شەھەرلەردىكى مودا خېنىملارنى  سېلىشتۇرسىڭىز قەيەرلىرى ئارتۇق چىقا؟
مېنىڭ ئاڭلىغۇم با....

بىز ئۆينىڭ ئىچىدىلا ،سۇنى ئىشلىتىپ تارتقان جاپالىرىمىز ، بۇ جاپالار ئالدىدا ھىچنىمە ئەمەس.

ئەشۇ كىچىككىنە كەپىدە ھاياتلىق ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلارغا اللە نىڭ ھىممىتى بولسۇن!

شۇنچە يىراق بولسىمۇ ، ئائىلىسىدكى ، كەلگۈسىدىكى ئۈمۈتلىرى ئۈچۈن جاپالىق بۇ يوللار ئۇلار تەرىپىدىن قانچە قېتىملاپ بېسىلغاندۇ؟....
 
ئائىلىلەردىكى كىرئالغۇدا كىر يۇيۇپ تۇرۇپمۇ ، مەن جاپا تارتىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىۋاتىمەن دىيىشكە تىلىمىز بارىدۇ. ئەپسۇس بۇ ئانىلارچۇ...؟ مىننەتسىز، ئەجرىدىن سۆيۈنىدۇ خالاس.
  
ئائىلىسىنىڭ ئېغىرى، زىممىسىگە چۈشكەن بۇ ناتىۋاننىڭ كۆزلىرىدىن ، تۇرمۇشتىن نە ئاغرىنىش ھىچ كۆرۈنمەيدۇ. ئەجەبا، كىيىدىغان كىيىملىرى ئىشكاپلارغا پاتماي ، تەييار تاماق يەۋەتقان بۇ قىز دىمەتلىك شەھەرلىكلەرچۇ؟  بۇ قىزغا ئىچىم شۇنچىلىك كۆيدى. قىسمەت تەڭسىز بولغىنى بىلەن بۇلارنىڭ  شاتلىغى قايغۇسىدىن كۆپ.
  
ئىگىز، پاكىز ئېسىل ئېمارەتلەردە ئولتۇرۇۋاتقانلار...مۇشۇنداق ئاددى كەپىلەردە ھاياتلىقنى تەمەسىز كۈتۈۋاتقانلارنىڭ بارلىغىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ.  شۈكرىنى ئېغىزىمىزغا ئالايلى ...
  
مانا...بۇ ئاتىلار بىر ئۆمۈر جاپا چەككەن بولسىمۇ يەنىلا شۇنداق خۇشال. اللە بۇ مىھنەتكەشلەرنى مەڭگۈ خاتىرجەم قىلغاي.

نىمىنى ئاڭلىدىڭىز؟ ....يۈرۈكىڭىزدىن تىڭشاڭ. جىم تۇرۇپ ئاڭلاڭ. بىر مىنۇت.


بۇ يەردەدىكى نەزىر- چىراق بىلەن شەھەرلەردىكى نەزىر-چىراقلارنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى... توي تۈسىنى ئالغان، مىيىت ئۇزۇتۇلۇۋاتقاندا ئالتۇن ئۈچۈن يىغىلىۋاتقان پۇللار، يۆتكەش ئۈچۈن ئېلىنىدىغان كىيىم ئۈچۈن يىغىلىۋاتقان پۇللار...كىرىۋاتقان داستىخانلارنىڭ كۆپلۈكىدىن ، يىيىلىپ بولالماي تۆكۈلۈۋاتقان تاماقلار، يەنە بىر تەرەپتە ئادەم كۆپ بولغاچقا سودىسىنى قىلىۋېلىش ئۈچۈن ئۇششاق زىبۇ - زىننەت ، پايپاق، ئالتۇن - جاپبدۇقلار....رەببىم ئۆزۈڭ ئوڭشىغىن.....
...
بۇ قوللارنى كۆردىڭىزمۇ؟ كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى مۇنبەرداشلىرىم . بۇ قول بالىلىرى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر جاپا چەككەن ، بالىلىرىنى يۇقۇرى بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتۇپ ، ياخشى خىزمەتكە ئېرىشتۈرۈش يولىدا  ئاز بولمىغا جەبىرلەرنى تارتقان . ئەمما، شۇلار قايتىپ كېلىپ نىمىمۇ قىلىپ بېرەلىدى. ئۇلارنىڭ
مىھنەت خەرىتىسى بولغان، بۇ قوللار، كىمنىڭ يۈرۈگىنى ئېچىشتۇرمايدۇ.

كۆزلىرىدىن غەملەر تۆكۈلۈپ تۇرغان بۇ بوۋايغا ، بوۋا نىمە بولدىلا ؟ دەپ ھالىنى سورۇغۇم كەلدى. ئېسىت...نىمە قىلالىدۇق ھەي،ئوخشاش ئىنسانلار.

بۇ ئاتىلار مۇشۇ ياشقىچە ، بۇ يوللارنى ھاياتلىق ھەم پەرزەنت ئۈچۈن قانچە قېتىملاپ باسقاندۇ...؟

تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى، كىچىككىنە كەپە... بەك جىق ئويلاپ كەتتىم. يېزىپ بولالمايمەن ، راسلا....

چايدىن قايتقان مۇبارەك خېنىملارنىڭ رېستۇراننىڭ ئالدىدا تاكسى بولمىسا ماڭماي ، تۇرۇشلىرى ، كۆز ئالدىمدامۇنۇ سۆرەت بىلەن ئالماشتى. 
 
بوۋا ... مۇشۇ ياشلىرىدا نەگە ماڭدىلا...؟ جاپا چەككەن ئىزلار پىشانىلىرىدىكى قورۇقلاردا ئۆزىنى تېپىپتۇ . يولدا ئىھتىيات قىلسىلا...اللە گە ئامانەت.

مەنبە: رەسىملەر تور دۇنياسى.
ھەم قەلىمىم.

تاھىربەگ 2011-02-25 11:24
ئىسىل رەسىملەر ، ئىسىل تۇيغۇرلار ....
   رەھمەت قېرىندىشىم ....      جاپاكەش خەلقىم....

banda 2011-02-25 11:28
بۇ رەسىملەرنى كۆرۈپ قاتتىق ئويغا پاتىتىم ،شۇنداق بۈگۈنكى دۇنيا ئىقسادىنىڭ 70% نى دۇنيادىكى 17% ئادەمنىڭ قولىدا ئىكەنلىكى پەقەتلا كالامدىن ئۆتمەيۋاتىدۇ ،..........

abdul 2011-02-25 11:28
ھەي  

كۆكئاي 2011-02-25 12:00
يۇقالسۇن نامراتلىق  

~malika~ 2011-02-25 12:18
كۆڭلۈم بەكلا يىرىم بولدى،ھەقىقەتەن كۈچلۈك سىلىشتۇرما ئىكەن،ھەي توۋا، خۇدا بەرگەن كۈنۈڭگە مىڭ مەرتىۋە شۈكرى جۇمۇ...بۇ رەسىملەرنى كۆرۈپ بەزىدە ئۆزۈمنىڭ يىتەرسىزلىكىنى كۆرگەندەك بولدۇم زۇلەيخا...

نادىرلىسا بولغۇدەك تىما ئىكەن.

aces 2011-02-25 12:22
شوكّا تىرىشىلى. ..........

salam 2011-02-25 13:06
نامراتلىقنىڭ ئۆلچىمى ھەر-خىل بولىدۇ گوكەي ئەپەندىم...
بۇلار سىز بىلەن مەندىن بەلكىم ئىقتىسادىي جەھەتتىن نامراتتۇر..
بىراق روھى ساغلاملىق ھەمدە دىلىنىڭ پاقلىغىدا سىز بىلەن مەندىن بەلكىم ئىشىپمۇ كېتىشى مۈمكىن!!
بۇلارنىڭ شۇنداق چەت يەرلەردە شۇنداق ياشاپ تۇرغىننىڭ پايدىسىنى كۆپ ئادەم كۆرىۋاتقان بولىشى مۈمكىن دەپ ئويلايمەن.

jula520 2011-02-25 13:24
كەيپيات ياخشې.......رەخمەت سېزگە دوستوم.........

pigan 2011-02-25 13:29
    روھى گاداي باي گاداي.باي گاداي.باي گاداي
    روھى باي .گاداي باي.گاداي باي.گاداي باي
  

ئەخمەت ئىمىن

پۇلات 2011-02-25 14:05
      

uran0999 2011-02-25 16:34
[quote]بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى ~malika~ نىڭ 2011-02-25 12:18 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
كۆڭلۈم بەكلا يىرىم بولدى،ھەقىقەتەن كۈچلۈك سىلىشتۇرما ئىكەن،ھەي توۋا، خۇدا بەرگەن كۈنۈڭگە مىڭ مەرتىۋە شۈكرى جۇمۇ...بۇ رەسىملەرنى كۆرۈپ بەزىدە ئۆزۈمنىڭ يىتەرسىزلىكىنى كۆرگەندەك بولدۇم زۇلەيخا...

نادىرلىسا بولغۇدەك تىما ئىكەن.
 سىڭلىم بەك ئورۇنلۇق گەپ قىلدىڭىز جۇمۇ

ۋارىس 2011-02-25 17:03
بۇ رەسىملەرنى كۆرۈپ ۋۇجۇدۇمدىن بىرخىل ئىسسىق ئېقىم ئېقىپ چىقىپ بوغۇزۇمغا قاپلىشىپ قالغاندەك بولدى، تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز بىر خىل ھاياجاندىن كۆز ياشلىرىمنى توختىتىۋالالمايلا قالدىم. كىشىنى ئويغا سالىدىغان ئۆزىڭىز ئۈستىدا ئويلۇنۇشقا مەجبۇر قىلىدىغان مۇشۇنداق تېتىملىق تېمىلاردىن كۆپرەك يوللاپ تۇرارسىز،رەھمەت.

dulbarqin310 2011-02-25 17:44
پاكلىق ئىچىدىكى خۇشاللىقكەنغۇ بۇ ؟!

uran0999 2011-02-25 18:05
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى aces نىڭ 2011-02-25 12:22 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل : شۇڭا تىرىشىلى. ..........

muhtarbay 2011-02-25 18:16
بۇلار ئىختىسادى جەھەتتە ئامىركىدىن قالسىلا 2 جى ئوروندا تۇرىدىغان جوڭگودەك باي  دولەتنىڭ پۇخرالىرى

darwix1 2011-02-25 19:29

amanxa 2011-02-25 19:49
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

tewip 2011-02-26 00:17
بۇ مەزمۇن يوشۇرۇنغان بولۇپ ، ئىنكاس قايتۇرغاندىن كىيىن كۆرەلەيسىز

almiliq 2011-02-26 00:33
دىيارىمىز، دۇنيادىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەر ئەڭ كۆپ بولغان رايۇنلارنىڭ بىرى . ئالىملارنىڭ تەكشۈرۈپ چىققان خۇلاسىسىدە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنىڭ سىرى: تەبىئىي شارائىتتىلا ئەمەس، بەلكى شۇ كىشىلەرنىڭ كۆڭلى كۆكسىنىڭ بىپايان دىڭىزدەك كەڭ، تىرىشچان،ئەمگەكچان، ئۈمىدۋار، ئەپۇچان، قانائەتچان، مىھماندۇست ئاق نىيەتلىك ئىنسانلاردىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاندى.    

nasirdin73 2011-02-26 00:53
[wmv=314,256,1][/wmv]ھەقىقىتەن ياخشى سىلىشتۇرما بوپتۇ ، بىزنىڭ چىرايلىرىمىز شىۇنچە غەمكىنمىدۇ ؟ ھەي...      
ئىچ ئىچىمىزدىن خوشاللىق جىلۋىلانمايدىغان..  يىغلىغۇم كىلىۋاتىدۇ      [attachment=9104] [attachment=9105] [attachment=9106] [attachment=9107] [attachment=9108] [attachment=9109]

yaxauyhur 2011-02-26 15:55
ھە قىقەتەن ياخشى تىما ئىكەن    سىلىش تۇرۇپ باقساق ھەقىقەتەن زورپەرىق بارئىكەن    ياشا روھى باي خەلقىم  

xahadat 2011-02-26 18:04
شۇ نچىلىك تەسىرلىك لىكىن بۇلار ئۆزىنى نامرات ھىساپلىمايدۇ   ،بىر قىسىملىرىمىزدەك تۇرمۇشتىن رەنجىمەيدۇ تەقدىردىن ئاغىرىنمايدۇ. خۇشاللىق ۋە بەخىت پۇل ۋە بايلىق بىلەن ئۆلچىمەيدۇ ،بىز يەنە شۈكىرى قىلمايمىز !!!

esma0999 2011-02-28 19:15
شىنجاڭغا  ياردەم بىرىش تۈرى پەيدىنپەي ئەمەلگە ئاشسا ،ئۇلارمۇ نامراتلىق بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلىشىدۇ.

muslimog 2011-02-28 20:13
بۇھەقىقەتەن ياخشى تىما بوپپتۇ

uyghur-biz 2011-02-28 23:56
مەن ساقلىۋالاي

rabani 2011-03-01 00:23
ئاللا ئىگەم بەندىلىرىڭنىڭ ئىشلرنى ئاسان قىلغايسەن ....

نەزىر 2011-03-01 16:08
مەن بۇ رەسىملەرنى كورۇپ ئىنتايىن تەسىرلەندىم ، ھەقىقەتەن شۇنداق ئىشلارمۇ بار ،

شاش520 2011-03-04 19:48
الا  ھممە ادملەرنى  نامراتچىلىق تىن ساق لى سۇن

zulayha 2011-03-07 01:29
[attachment=9262]

kemter 2011-03-07 16:01
بۇرەسىم لەرنى كۇرۇپ بەك ئېچىندىم

gunahkar 2011-03-07 17:47
بۇ رەسىملەرگە <<ئازاتلىقتىن بۇرۇنقى شىنجاڭ >>دېگەن ئىسىمنى قويۇپ چەتئەل تور بېكەتلىرىگە ئەۋەتسە بولغىدەك!

ئەسرا 2011-03-16 22:21
رەھمەت،يەنە بىر قېتىم خېجىل بولىۋاتىمەن .ئۆزۈم دېھقان بالىسى بولساممۇ مەن بۇلارنىڭ ئالدىدا شەھەرلىك ئىكەنمەن ،بولۇپمۇ ھېلىقى بىر جۈپ قول ماڭا چوڭ ئانامنى ئەسلەتتى ...............ھەشقاللا، ساقلىۋالدىم

ئەسرا 2011-03-16 22:33
گۇناھكار ئېدېش ،نېمىشقا ئازاتلىقتىن بۇرۇنقى دەپ يازىدۇ ؟بولسا <<جۇڭگو تېخى قېزىشقا ئۈلگۈرمىگەن ئۇيغۇرلار>>دەپ ماۋزو قويۇپ ئەۋەتسە دەيمەن.

zulayha 2011-03-19 23:34
ھىچكىمگە ئېۋەتمەي ئۆزىمىز، غورۇر ھەم كۈچىمىزنى ئىشقا سېلىپ ، ئازراق نىممەتنىڭ مىھرىدىن كېچىپ تۈزەيمىز. باشقىلارمۇ مۇشۇ ھالەتتىن بىز ھەۋەس قىلغۇدەك چەتئەللىككە ئايلانغان . بىز ھەم ئايلىنالايمىز. شۇ چەتئەللىكلەرمۇ بىزنى ھەجەپ چەتئەللىكلەركەن دەيدۇ تېخى.

lokqun 2011-03-21 16:31
    

نازۇك 2011-03-22 18:05
bularni kurup bakla kunglum yerim boldi,hazirki bayaxat turmuxiga kanaat kilmaydiganlkar kuprak kursa boptikan bu rasimlarni

xamxar22 2011-04-05 13:15
ئەسسالام قېرىندىشىم ، نىمە ئۈچۈن ياشىشىم كىرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىپ قويدوڭ ...................   

موتو 2011-04-05 21:24
ھەقىقى يەرلىك پۇراق  

saderpalwan 2011-04-06 06:56
ئاللاھ ئەنە شۇ جان قېرىنداشلىرىمغا سالامەتلىق ،بەخىتلىك تۇرمۇش ئاتا قىلغاې!   جاپا چەكتىڭ ئۇيغۇرۇم!

hamsiz 2011-04-14 18:24
?YAH XI TIMIKAN ,!!,MAN NIMIXKA uyghrqa HAT YAZALMAYMAN,YEZIK KAQILIMISA SUNDAK BULAMDU?

ئوزبېك 2011-04-18 17:59
<<<ئۇنتۇلغان كىشىلەر...>>> ئىكەن ...

maniwer2010 2011-04-18 21:29
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 31قەۋەتتىكى gunahkar نىڭ 2011-03-07 17:47 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
بۇ رەسىملەرگە <<ئازاتلىقتىن بۇرۇنقى شىنجاڭ >>دېگەن ئىسىمنى قويۇپ چەتئەل تور بېكەتلىرىگە ئەۋەتسە بولغىدەك!

ئازاتلىقتىن كېيىنكى شىنجاڭدا ،ئۇنداق رەسىملەر يوقمىدۇ، ؟!

مۇزلۇك 2011-04-18 23:22
towa....
   axula  bizning  millitimiz  ha,biz bilan bir  kan ,bir yiltiz  ha....
   dolat nimixka  karimaydu  ulaga??
   bir  umur  xundak  otidu   ha         towa....towa

maniwer2010 2011-04-19 19:32
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 43قەۋەتتىكى مۇزلۇك نىڭ 2011-04-18 23:22 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
towa....
   axula  bizning  millitimiz  ha,biz bilan bir  kan ,bir yiltiz  ha....
   dolat nimixka  karimaydu  ulaga??
   bir  umur  xundak  otidu   ha         towa....towa

ئىككى گەپنىڭ بىرىدە حا،حا،حا،،،،سىز قايسى مىللەتتىن ،نىمانداق
تولا حا-حا بۇ ،،،،ياكىسىز «ۋاخاخا» شىركىتىنىڭ ئىلانچىسىمۇ ؟!....

مۇزلۇك 2011-04-20 23:22
xundak  man  elanqi    kandak
gaptin  kusur  qikargiqa  ozining  pikirini  digisi  kalsa   dap  bolmisa  adamning  qixiga
tagmisa  bolmasmu  muxu  hak

سۇزۇك 2011-04-22 22:55
بۇلار  بىزدەك  روھىي قەلەندەرلىدىن  كوپ ياخشى ئىكەن .نىمە دىگەن .........

سۇزۇك 2011-04-22 23:03
مەركەزدىن تەكشۇرۇشكە  كىلىدىغانلارغا  شەھەردە نىمە با دەيمە شۇ يەرگىلا بارماي .

مەنزىرە 2011-05-08 13:44
[upload=1]
بۇ رەسىمنىمۇ يوللىغىم كېلىپ قالدى......

مەنزىرە 2011-05-08 13:48
بۇ مەزمۇن يوشۇرۇنغان بولۇپ ، ئىنكاس قايتۇرغاندىن كىيىن كۆرەلەيسىز


查看完整版本: [-- ئاھ، بۇلار كىمكەن؟ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.060437 second(s),query:4 Gzip enabled

You can contact us