بۇراننىڭ قىزنىڭ كېسىلى توغرۇلۇق تىمىسىنى كورۇپ ھەقىقەتەن كوڭلۇم يېرىم بولدى ھەم ئۇ قىزغا ئاسانلىق شىپا تىلىدىم .ئويگە كىرىشىمگە 5ياشلىق ئوغلۇم يۇگۇرۇپ كەلدى ...ئاپا ئاپا قاراڭ مەن ھېلىقى پىلاستنكىنى كورۇپ بولدۇم .....ئوغلۇمنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاچ تۇساتتىن ئۇنىڭ كۆز ئەينىكىگە قايتا دىققەت قىلىپ قالدىم ."ۋاي ئىسىت ....شۇنچە كوپ تورداشلىرىم تۇرسا مەنمۇ نىمە مەسىلھەت سوراپ باقمىغاندىمەن .بۇ كىسەلنىڭمۇ ئويغۇر تىبابىتىمىزدە داۋاسى بار بولغۇيتتى ؟! دىگەن خىيال بىلەن ئوزەمنى گۇناكاردەك ھىس قىلىپ قالدىم ....
شۇنداق قىلىپ بۇ تىمىنى دوسلاردىن ياردەم سوراپ سۇندۇم. تاما- تاما كول بۇلار دەيدىكەن چوڭلىرىمىز ...بەلكىم تورداشلار بىلىدىغىنىنى دەپ باقسا مۇشۇ يەردە بىر كۆز داۋالاش رېتىسىپى توپلىنىشى مۇمكىن ...
ئوغلۇم بۇ يىل 5ياشقا كىردى .ئۇ 4ياشقا كىرگەندە تىلۋۇزۇرنى سىڭايان قاراپ كۇرىۋاتقانلىقىنى كۇرۇپ ئۇيناپ شۇنداق قىلسا كېرەك دەپتىمىز ... تەكشۇرتسەم كۆزنىڭ نۇرى چېچىلغان (散光)دەپ دىئاگۇنۇز قويدى (ئارلاشما كۆزنىڭ نۇرى قېچىش) .ھەم 350گىرادۇسلۇق ئەينەك تاقاپ قويدى .ھازىر بىر يىلدىن ئاشتى .بىزمۇ بىلگەن دۇرۇىمىزنى قىلدۇق .سەۋزە بېلىق دىگەندەك يىمەكلىكلەرنى بەردۇق،بېلىق مېيى يىگۇزدۇق ئۇرۇمچى ھەدىيە كۆز كىسەللىكىگە ئاپىرىپ مەسىلھەت ئالدۇق،بىر يىلدا نەچچە ئاپىرىمىز .لېكىن كورىنەرلىك ئۇنۇم ھاسىل قىلالمىدۇق .بالا كىلەر يىل مەكتەپكە كىرسە تەس بولغۇدەك .مەنمۇ مۇشۇ بىر يىلنى چىڭ تۇتۇپ داۋاسىنى قىلسام بولغۇدەك .شۇڭا ھەر قايسى جايلاردا مۇشۇنداق ياخىشى داۋالاش ئۇرۇنلىرىنى ھەم يەرلىك ياخىشى داۋالاش ئۇسۇلىنى بىلىدىغانلار بولسا ياردەم بەرسە دىگەن ئۇمۇتتە بۇ تىمىنى يوللىدىم ...قېرىنداشلار ياردىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر ....ئەجرىڭلارنى بىرەر .كۆز دىگەن بەك مۇھىم ئورۇنكەن .بالام ئەينەك تاقاپمۇ خېلى ئاۋارىچىلىق تارتتى قىشتا تېخى تالاغا چىقسا ھۇرداپ .ئويگە كىرسە نەمدەپ دىگندەك يا كوڭۇللۇك ئۇينىيالمىغان ،يا چاققان يۇگۇرەلمىگەن .
[ بۇ يازمىنىrayhan 2011-02-24 19:12قايتا تەھرىرلىدى ]