ئۇيغۇر قىزىغا ئاپىرىن
تۇرمۇش  قۇرۇپ  يىتىم  بۇلۇپ ،
ئايال   بۇلۇپ   چاكار  بۇلۇپ  .
ئانا  بۇلۇپ   پەرزەت  تۇغۇپ ،
ئاللاھ  بىر  دەپ  تىل  چىقارغان  ئۇيغۇر  قىزىغا  ئاپىرىن .
تۈندە   تۇرۇپ   يۇيۇپ   تازلاپ ،
ئاق  سۈت بىرىپ  سۈيۈپ ئازلاپ .
جان  بالام  دەپ  ھەم  ئېزىزلاپ ،
مىڭ  ئارزۇلاپ  ئوغلۇم ....؟  دىگەن  ئۇيغۇر  قىزىغا  ئاپىرىن .
ئانا  بولۇپ  باللىرىم   دەپ ،
ئايال  تۇرۇپ  مىللىتىم  دەپ .
ئىلىم  ئۇقۇپ  ئەقىدەم  دەپ ،
ئىسلام  ئۈچۈن  تۆھپە  قوشقان  ئۇيغۇر  قىزىغا  ئاپىرىن .
قىز  بولسىمۇ   يىگىت  بولۇپ ،
ھەقتە،  كۆكرەك  كېرىپ  تۇرۇپ .
ئەر  بولمىسا   بىز  بارمىز  دەپ ،
ئەركەكلەرگە  نىدا....  قىلغان  ئۇيغۇر  قىزىغا  ئاپىرىن .
« مىڭ  ئاپىرىن  ئۆزلىرى   ئاجىز  بولسىمۇ   شۇ   ئېغىر  ....... ، جەۋرى  جاپالرنى  دادىللىق  بىلەن  يېڭىپ   كىلىۋاتقان  ئۇيغۇر  قىزىغا  ئاپىرىن »
مەنبە؛ئسلام مۇنبىرى