ئۈرۈمچى لىنىيەسى خەۋىرى. ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 500 تاكسىنىڭ ئۈستىگە بىردەك ئاق رەڭلىك چىراغ ئورنىتىلىپ، گەۋدىسى سېرىق، يېشىل رەڭ ئارىلاش سىرلىنىپ، ھازىر بار بولغان قىزىل رەڭلىك تاكسىلاردىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش تاكسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 16-فېۋرال يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن «پاسات» ماركىلىق تاكسىلارنىڭ گەۋدىسىنىڭ رەڭگىنى ئېلان قىلدى.
بۇ يىل ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن 500 تاكسى كۆپەيتىلىدۇ، ھازىر «پاسات» ماركىلىق 200 تاكسى نەقلىشىپ، 150ى يولغا چىقىپ بولدى، نەقلەشتۈرۈلگەن «پاسات» ماركىلىق تاكسىلارنىڭ رەڭگى ھازىرچە كۈمۈش رەڭدە.