查看完整版本: [-- تاكسىلارنىڭ رەڭگى يېشىل  -سېرىق بولىدىكەن --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شىنجاڭ خەۋەرلىرى -> تاكسىلارنىڭ رەڭگى يېشىل  -سېرىق بولىدىكەن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

gayrat828 2011-02-19 19:21
[attachment=8956]

ئۈرۈمچى لىنىيەسى خەۋىرى. ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 500 تاكسىنىڭ ئۈستىگە بىردەك ئاق رەڭلىك چىراغ ئورنىتىلىپ، گەۋدىسى سېرىق، يېشىل رەڭ ئارىلاش سىرلىنىپ، ھازىر بار بولغان قىزىل رەڭلىك تاكسىلاردىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش تاكسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 16-فېۋرال يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن «پاسات» ماركىلىق تاكسىلارنىڭ گەۋدىسىنىڭ رەڭگىنى ئېلان قىلدى.
بۇ يىل ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن 500 تاكسى كۆپەيتىلىدۇ، ھازىر «پاسات» ماركىلىق 200 تاكسى نەقلىشىپ، 150ى يولغا چىقىپ بولدى، نەقلەشتۈرۈلگەن «پاسات» ماركىلىق تاكسىلارنىڭ رەڭگى ھازىرچە كۈمۈش رەڭدە.

nazli0998 2011-02-19 19:29
ھەممىدىن  قەشقەر  نىڭ  تاكسىلىرى  چىرايلىق  كەن  

uyguhurogli 2011-02-19 19:30
ما بىزنىڭ خوتەندە تاكسىلارنى ئاق -  يىشىل  ، يەنە ئىشىكلىرىدە بوتىلاقنىڭ سۈرىتى بار ، خېلى چىرايلىق ، بىراق كۆپىنچىسى شالى ماركىلىق .

zam_zam 2011-02-19 19:49
كاۋا رەڭدە قىلىدىكەندە ھە ئاستىنى چەيزە رەڭ قىلغان بولسىچۇ

215 2011-02-19 20:20
نىمە رەڭ بولسا بولسۇن ئاللا تىنىچ ئامان ماڭغىلى نىسىپ قىلسۇن!

amanxa 2011-02-19 20:33
ئەمدى بوپتۇ مانا، مەركىزى شەھەر بولغاندىكىن  

uyghur 2011-02-19 20:46
بۇنىڭدا بىرەر سەۋەب بارمۇ قانداق؟  نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغان بولغاندۇ؟

xapkat0999 2011-02-19 23:53
بۇنداق  رەڭدە بۇلىشى  1. يىڭدىن كۆپەيتىلگەن ئىكەنلىكىنى چۇشەندۈرىشى مۆمكىن 2. مەلۇم بىر يۇلۇچې تۇشۇش  شىركىتىنىڭ بەلگىسىنى بىلدۈرشى مۇمكىن 3. مەركىزى شەھەر ئۇرىمچىگە يىڭىچە بىر قىيياپەت بۇلسۇن ئۈچۈن قىلغان بۇلۇشى مۇمكىن .    

general 2011-02-20 00:33
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى xapkat0999 نىڭ 2011-02-19 23:53 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇنداق  رەڭدە بۇلىشى  1. يىڭدىن كۆپەيتىلگەن ئىكەنلىكىنى چۇشەندۈرىشى مۆمكىن 2. مەلۇم بىر يۇلۇچې تۇشۇش  شىركىتىنىڭ بەلگىسىنى بىلدۈرشى مۇمكىن 3. مەركىزى شەھەر ئۇرىمچىگە يىڭىچە بىر قىيياپەت بۇلسۇن ئۈچۈن قىلغان بۇلۇشى مۇمكىن .    

مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن.
كىرا ماشىنىلىرى ئادەتتىكى ماشىنىلاردىن پەرقلىق بولغىنى ياخشى.بۇمۇ مۇنتىزىملاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر بەلكى.

huxdil 2011-02-20 00:38
قوي باققاندا  ئاسان ئايرىش ئۈچۈن  قويغا قىزىل  يىشىل بەلگىلەرنى ئۇرۇپ قۇياتتۇق . بەلكىم مۇشۇنداق ئوخشاشلىقى باردۇ .

tarim0996 2011-02-20 00:49
    

abdul 2011-02-20 16:38
يېڭىدىن قۇرۇلغان تاكسى شىركىتى ئوخشىمامدۇ


查看完整版本: [-- تاكسىلارنىڭ رەڭگى يېشىل  -سېرىق بولىدىكەن --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.048396 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us