بىز يۈرگەن باغلاردا ئىزلار قالمىدى،
بىز يۈرگەن دالىدا يوللار قالمىدى.
سېغىنىپ ئۆتكەچكە سېنى دىلبىرىم،
بۇ ھاياتتا زادى مەنا قالمىدى.
ئايلىنىپ يۈرىمەن تەنھا باغلارنى
ئىزىمىز كۆرۈنمەس شۇنچە باقساممۇ
باغلاردا بار ئىدى شېرىن سۆيگىمىز،
ھەسرەتلىك يۈرەكتە مادار قالمىدى
بىز ماڭغان يوللارنىڭ شاھىدى بولغان
شۇ بىر تۈپ چىناردا شاغلار قالمىدى
سۆيگۈمىزگە جۆر بولغان ئاشۇ قۇشلاردا
سۆيگۈمىزگە تەڭكەش ناخشا قالمىدى
ئۆتتى كۈنۈم سېغىنىپ كېلىپ قويمىدىڭ
ۋەسلىڭگە زار بولدۇم زادى بىلمىدىڭ
ئۆتتۈممەن مۇشۇنداق ئاھۇ – زار بىلەن،
كەلگىن جېنىم ئەمدى مەندە تاقەت قالمىدى
كۆكنۇر يازمىسى