ئەدەپكە رىئايە قىلمىغان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ سۆيگىسىگەۋە رىزاسىغا يىتەلمەس،ئاللاھ تائالانىڭ دۇستىمۇ بۇلالماس.دىن بۈيۈكلەرنىڭ يۇلى يەنى باشتىن-ئاخىر ئەدەپلىك بۇلۇشتۇر.ئەدەپ ئۈگەنمەستىن تۇرۇپ ئىلىم ئۈگۈنەلمەس.فەيزنىڭ چۇققۇسى ئەدەپتۇر.فەيز ئەدەپلىك بولغانلارغا كىلىدۇ.ئەمما ئەدەپسىزلەرگە كەلمەس.دىن،ئەدەپ ۋە تەۋازۇ دىمەكلىكتۇر.ئەدەپ بولسا كىرىش ئىشىكىدۇر ئاندىن تاۋازۇ كىلىدۇ.ئەدەپ-ئەخلاق ئەقىلنىڭ سىرتقى كۆرنىشىدۇر.كىشىنىڭ ئەقلى ئەخلاقىغىچىلىكدۇر.ئەخلاق بولسا ئۆزىنى نۇقسانلىق بىلمەكلىكتۇر،ھەددىنى بىلمەكلىكتۇر.ئىلىمنىڭ ئەڭ چۇققىسىغا يەتكەندىمۇ ھەددىنى بىلمەكلىكتۇر.
مۇھىم ئۈچ ئەدەپ:
1)ئاللاھ تائالاغا ئەدەپتۇر.يەنى زاھىرى ۋە باتىنى بىلەن پۈتۈنلەي قۇللۇق قىلىش،بۇيرىغانلېرىنى جان-تەن بىلەن قىلىپ ياندۇرغانلېرىدىن پۈتۈنلەي يىنىشدۇر.
2)رەسۇلۇللاھقا(س ل ۋ)ئەدەپتۇر.يەنى ئىتقاتتا،ئىش ۋە ھاللاردا رەسۇلۇللاھ ئۈگەتكەن بۇيچە بۇلۇشدۇر.
3)روھى مۇرشىتقا ئەدەپتۇر.چۇنكى پەيغەمبىرىمىزگە ئىتائەت قىلىشقا روھى مۇرشىت ۋاستەدۇر.بۇ جەھەتتىن روھى مۇرشىتنى ھىچبىر زامان ئۇنۇتماسلىق لازىم.
ئاللاھ تائالا ئۆزىگە قارشى قىلىنغان گۇناھلارنى،ئىسيانلارنى تەۋبە قىلسا كەچۈرىدۇ،ئەمما ھەبىبى ئىيشانىمىزغا قارشى قىلىنغان يامانلىقلارنى كەچۈرمەيدۇ.پەيغەمبىرىمىز جەلىسىئىلاھىدۇر.يەنى ئاللاھ تائالا بىلەن باراۋەردۇر(ئىتائەتتە).ۋارىسلېرى بولغان ئىمام راببانىغا ئۇخشاش زاتلارمۇ شۇنداقدۇر.ئۇلارغا ئازار بېرىش گۇناھدۇر،ھەرقانداق كىشى بۇنىڭدىن ساقلىنىشى لازىمدۇر.بۇيۈك زاتلار(ئۇستازىمدىن ئەخلاق سايىىسىدە ئىلىم ئالالىدىم.)دىگەن.
مۇللا ئابدۇللا ئىسىملىك بىر مۇدەررىس ئىككى تالىبى بىلەن سىلسىلە ئىلاھىيە بۈيۈكلېرىدىن سەييىد تاھا ھەققارى ھەزرەتلېرىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن نەھرىگە ماڭماقچى بۇلۇپ چاي ئىچكەش ئولتۇرۇپ تالىپلېرىغا دەپتۇ(ھەممە ئادەم نەھرىدە كاتتا بىر زاتنىڭ بارلىقىنى بىلىپ ئۇيەرگە تاھارەت ئىلىپ ماڭىدۇ.مەن تاھارەت ئالماي بېرىپ بۇ ئادەتنى بۇزۇپ تاشلايمەن)دىدى.تالىپلېرى(ئۇستاز،بىز بۇ ئادەتنى بۇزمايلى تاھارەت ئىلىپ بارايلى)دىسە، مۇللا ئابدۇللا(بۇ دىننى ھۈكۈممۇ؟مەن قىلمايمەن)دىدى.ئاندىن سالقىنداش ئۈچۈن يۈزۈنى يۇياي دەپ تۇرشىغا ھاسسىسى سۇغا چۈشۈپ كەتتى.ئالاي دەپ قۇلىنى ئۇزۇتۇپ تۇرشىغا ھاسسا باش-كۆزىگە ئۇرۇپ قان قىلۋەتتى.ئاندىن ھاسسا غايىپ بولدى.ئۇمۇ سۆزلەپ قويغانلېرىغا پۇشايمان قىلىدى ۋە يارىلېرىنى تىڭىپ تاھارەت ئىلىپ نەھرىگە ماڭدى.شەيىخ تاھا ھەزرەتلېرىنىڭ دەرگاھىغا كىرگەندە ھاسسىنى تامغا ئىسىقلىق كۆرۈپ قاراپلا قالدى.سەيىد تاھا ھەزرەتلېرى(نىمە بولدى؟بۇ ھاسسا سىزنى ئۇرسىمۇ يەنە قاراۋاتامسىز)دىدى.مۇللا ئابدۇللا ئەتمىشلېرىگە پۇشايمان قىلدى ۋە ئۇ زاتنىڭ تالىبى بۇلۇشنى شەرەپ بىلدى.
مەنبە:
http://dinimizislam.blogbus.com/[ بۇ يازمىنىsirik 2011-02-13 13:08قايتا تەھرىرلىدى ]