دۆلىتىمىز جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 102 – ماددىسىدا: ‹‹چەت ئەل بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ۋە خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەرگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ››، ‹‹چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن.113 – ماددىسىدا: ‹‹بۇ بابتا ئېيتىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايەتلىرىدىن 103 – ماددىنىڭ 2 – تارمىقىدا، 105 –، 107 – ۋە 109 – ماددىلاردا كۆرسىتىلگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دۆلەتكە ۋە خەلققە يەتكۈزگەن خەۋپى پەۋقۇلئاددە ئېغىر، قىلمىشى پەۋقۇلئاددە قەبىھ بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلسە بولىدۇ››، ‹‹مۇشۇ بابتا ئېيتىلغان جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى قوشۇمچە بېرىلسە بولىدۇ››، دەپ بەلگىلەنگەن.
‹‹دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى›› چەت ئەل ياكى چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ۋە خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. ‹‹تىل بىرىكتۈرۈش›› دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش مەقسىتىدە ئاستىرتىن تىل بىرىكتۈرۈش، بىرلىشىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. ‹‹چەت ئەل بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش›› چېگرا ئىچىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى سادىر قىلىش غەرىزىدە بولغان ئاپپارات، تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ دۆلىتىمىزگە دۈشمەنلىك نەزەرى بىلەن قارايدىغان چېگرا سىرتىدىكى ئاپپارات، تەشكىلات، شەخسلەر بىلەن مەخپىي يوللار ئارقىلىق تىل بىرىكتۈرۈش، بىر – بىرىدىن پايدىلىنىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش پىلانىنى مەخپىي تۈزۈش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. چەت ئەل بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش چېگرا ئىچىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش غەرىزىدە بولغان ئاپپارات، تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ چېگرا سىرتىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش غەرىزىدە بولغان ئاپپارات، تەشكىلات، شەخسلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش قىلمىشىنى، شۇنداقلا چېگرىدىن چىقىپ كەتكەن جۇڭگو پۇقرالىرى چېگرا سىرتىدا قۇرغان مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپپارات، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ چېگرا سىرتىدىكى چەت ئەل ئارقا كۆرۈنۈشى بار، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە مەدەت بەرگەن ھەم يول قويغان ئاپپارات، تەشكىلات ۋە شەخسلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش قىلمىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىگىلىك ھوقۇق ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتى. چەت ئەل بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش قىلمىشىنى سادىر قىلماقچى بولغان ھەرقانداق بىر ئاپپارات، تەشكىلات ياكى شەخس ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىدۇر. مۇشۇنداق جىنايەت سادىر قىلغۇچىلار جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 102 – ماددىسى ۋە 113 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ، يەنى ‹‹مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ››؛ ‹‹دۆلەتكە ۋە خەلققە يەتكۈزگەن خەۋپى پەۋقۇلئاددە ئېغىر، قىلمىشى پەۋقۇلئاددە قەبىھ بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلسە بولىدۇ››، ‹‹مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى قوشۇمچە بېرىلسە بولىدۇ››.