ئۇيغۇر كىمگە ئوخشىدى، كىمگە ئوخشايدۇ دىكى ئىنكاسلار: ../../uighur-kimge-oxshidi-kimge-oxshaydu/ Sun, 13 Nov 2011 02:01:53 +0000 hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.0.1-alpha-15359 ئاپتور: ئاماندار ../../uighur-kimge-oxshidi-kimge-oxshaydu/#comment-2953 ئاماندار Fri, 08 Apr 2011 01:29:43 +0000 ../../?p=1368#comment-2953 @ئەخمەتجان, ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مەن ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز ۋە غەيرىتىڭىزگە ئاپرىن ئوقۇدۇم، مىنىڭچە سىز 2يىل ئۈزۈلدۈرمەي ئۈگۈنىشنى داۋاملاشتۇرسڭىز چەتئەلدىكى داڭلىق ئۇنۋىرىستىتقا ئۆتكىدەك سەۋىيەگە يىتەلەيسىز، مەن سىزنى مەنىۋى جەھەتتىن قوللايمەن، شۇنداقلا خىزمەت ئورنىدا تۇرۇپمۇ يەنە مۇشۇنداق يۈكسەك غايىسى بار قىرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ ۋۇجۇدقا چىقىشىنى چېن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن، ئاخىرىدا سىزگە ئۇتۇق تىلەپ : توردىشىڭىز ئاماندار ئاپتور: ئەخمەتجان ../../uighur-kimge-oxshidi-kimge-oxshaydu/#comment-2943 ئەخمەتجان Tue, 05 Apr 2011 16:07:22 +0000 ../../?p=1368#comment-2943 ياخشىمۇسىز جېك ئەپەندى: سىزنىڭ ۋە تور بېتىڭىزدىكى باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن. سىز تاللىغان ۋە بېكىتىڭىزدە ئۇلىنىش قىلغان بىر قىسىم ماقالىلەر كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ، تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەيدۇ. مەن مۇشۇ تور بېكىتىڭىز ئارقىلىق خېلى جىق نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم. مەن ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇش ئارقىلىق يەنىلا جاھان كۆرگەنگە يەتمەيدىكەن دىگەن خىيالغا كېلىپ قالدىم. سىزنىڭچە مەندە چەتئەلگە چىقىپ ماگىستىرلىقتا ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولامدۇ؟ ئاساسلىق ئەھۋالىم تۆۋەندىكىچە: 30ياش، ئەر ، 2005-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن ، كەسپىم خىمىيە، ھازىر بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە خىمىيە ۋە ئىنگىلىزتىلىدىن دەرس بېرىۋاتىمەن. ئىنگىلىزتىلىنى قىزىقىشىم تۈپەيلى دەرستىن سىرتقى كۇرسلارغا قاتنىشىپ ئۆگەنگەن، ئۆتكەن يىلى يەنى 2010-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىنگىلىز تىلى 4- دەرىجىدىن ئۆتتۈم ۋە ھازىرغىچە ئىنگىلىزچە ئۆگۈنۈشنى توختىتىپ قويمىدىم. سىزنىڭچە يەنە 2يىل تىرىشسام چەتئەلگە ئىمتىھان بەرگىدەك سەۋىيىگە يىتەرمەنمۇ؟