-
ھىجران يېشىى (ئابدۇقادىر جالالىدىن) - [تەرمىلەر]
2010-07-17
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/69464892.html
ھىجران يېشى
پىنھان،مەيۇس ھېسلار مەۋجى كۆكسۈمگە پاتماي،
كەزدىم ئاپئاق ئايدىڭدىكى ئاپئاق ەالانى.
تەنھالىقتا بەرھەملىكنىڭ پەيتىنى تاپماي،
قۇچار ئىدىم بىئىختىيار،مۇڭلۇق ناۋانى.
شامال يىنىك پەرۋاز بىلەنروھىمنى بەزلەپ،
كېتەر ئېغىر دەملىرىنى توشۇپ يىراققا.
تەۋرىتىدۇ رىيازەتلىك ئىشقىمنى سۆزلەپ،
ئاي شولىسى جىلۋە قىلغان كۆلگە،بۇلاققا.
ئېڭىم ئارا زەڭگەر ساما غۇبارسىز ئەينەك،
ئاي سۈزۈلگەن خىيال كەبى دىلبەرنىڭ ئەكسى.
يۇلتۇز نازى ئۇنىڭ ئىستەك چوغىغا ئەرمەك،
ئۇ سۆيگۈگە جۇلا بەرگەن قۇياشنىڭ نەسلى.
تەلپۈنۈشنىڭ ئۇزۇن چېغى قويدى چارچىتىپ،
قۇچىقىغا ئالدى تۈننىڭ قۇۋناق بىر چۈشى.
ئالغىنىدا شەپەق مېنى ئۇندىن ئاجرىتىپ،
كۆرگەنلىرىم ياپراقتىكى ھىجراننىڭ يېشى.
مەنبە:ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ "كۆيگەن دېڭىز" ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.
收藏到:Del.icio.us
كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !