-
ئوباما قاھىرەدە نۇتۇق سۆزلەپ، ئىسلام دۆلەتلىرىگە يېقىنچىلىق قىلدى - [خەلىقئارا ئېقىم مەسللىرى]
2009-06-10
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40810199.html
16يىل ئىلگىرى بىر ئاخبارات سۈرىتى دۇنيادىكى ھەر قايسى چوڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدا كۆپلەپ ئلان قىلىندى. سۈرەتتە، ئەينى ۋاقىتتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامرىكا زۇڭتۇڭى كلىنتون غۇلاچ كرىپ تۇرغان، پەلەستىن رەھبىرى ئارافات بىلەن ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى رابىن ئۇنىڭ ئالدىدا قول ئلىشىپ تۇرغان ئىدى. شۇ چاغدا، دموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان كلىنتوننىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقانقىنىغا ئەمدىلا بىر يىل بولغان بولۇپ، 1993- يىلى كلىنتون پەلەستىن- ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ ۋاشىنگتوندا بىر تۈرلۈك تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە پەلەستىن- ئىسرائىلىيە تىنچلىق ئەھدىنامىسى ئىمزالىشىغا تۈرتكە بولغان. ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن 8 يىل مابەينىدە، ئامرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى شۇنداقلا تەسىر كۈچى ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولغان.
16 يىلدىن كيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، دموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان يەنى ۋەزىپە ئۆتىگىنىگە ئانچە ئۇزۇن بولمىغان ئامرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئەرەب چوڭ دۆلىتى سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن مىسىرغا زىيارەتكە باردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قاھىرە ئۇنۋرسىتتىدا نوتۇق سۆزلەپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن بولغان سابىق زۇڭتۇڭ بوش بىلەن ئوخشاش بولمىغان ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق تەسەۋۇرىنى شەرھىيلەپ، ئىسلام دۆلەتلىرىگە قارىتىلغان سىياسەت توغۇرسىدا كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئوباما يۈزلىنىۋاتقان ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى بىلەن ئامرىكا سىياسىتىنىڭ تەسىر كۈچى كلىنتون دەۋرىدىكى بىلەن پەقەتلا ئوخشىمايدۇ.
ئۇ چاغدا كلىنتون"11- سىنتەبىر ۋەقەسى" نى باشتىن كۆچۈرمىگەن ھەمدە ئۇرۇش قىلىش، خورلاش قاتارلىق بىر يۈرۈش تارىخىي ۋەقەلەر تۈپەيلى ئامرىكىلىقلار بىلەن ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىي ھالەتكە ئۆتمىگەن ئىدى.
ئوباما يۈزلىنىۋاتقان ۋەزىيەت بوش دەۋرىدىكى ۋەزىيەت بىلەنمۇ ئوخشاشمايدۇ.
ئافغانىستان ۋە ئىراقتا ئىككى مەيدان ئۇرۇش قوزغىغانلىقى شۇنداقلا ئىسرائىلىيىنى شەرتسىز قوللىغانلىقى ئۈچۈن، بوش ۋەزىپە ئۆتىگەن 8 يىلدا ئامرىكىنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە ئوتتۇرا شەرق ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا كۆپلىگەن سىياسىي، ئىجتىمائىي بايلىقى خوراپ كەتتى. ھالبۇكى ئوباما بۇلتۇرقى سايلام رىقابىتى مەزگىلىدىلا ئاشكارا قىلىپ، "ئالدىن قول سلىش، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش" ۋە " قۇرال كۈچى بىلەن بويسۇندۇرۇش" نىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئوبامانىڭ بۇ قتىمقى زىيارەتكە چىقىش، نوتۇق سۆزلەش كۈن تەرتىپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى شۇنداقلا سىياسەت جەھەتتىكى ئاساسىي كۆز قارىشى توغرىسىدىكى داۋراڭ ئاللىبۇرۇن سلىنغاچقا، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمىتى، ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە ئاۋام خەلق نەتىجىسىنى ساقلاش بىلەن بىرگە، بەس- بەس بىلەن قىياس قىلىشتى ۋە مۇزاكىرە قىلىشتى.
ئوبامانىڭ قاھىرە ئۇنىۋرسىتتىدا سۆزلىگەن نوتۇقىنىڭ يەر شارىدىكى بىر مىليارد 500 مىليون مۇسۇلمان ئارىسىدىكى جامائەت پىكرى تەسىرىنى ئىمكانقەدەر كڭەيتىش ئۈچۈن، ئامرىكا ئاقساراي تور پونكىتىدا ئوبامانىڭ سۆزلىگەن نۇتۇقى بىۋاستە كۆرسىتىلدى ھەمدە 13 خىل تىلدىكى نوتۇق ماقالىسى ئلان قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەزى ئۈزۈندىلەر ئالاقىدار تور پونكىتلىرىغا چىقىرىلدى. ئاقساراي تورىدا ئابۇنىتىچىلار ئوبزور ئلان قىلسا بۇلىدۇ.
مۇشۇ ئاينىڭ 4- كۈنى، ئوباما قاھىرە ئۇنۋرسىتتىنىڭ نوتۇق سەھنىسىگە چىقىپ مۇنداق ددى: قاھىرەگە ئامرىكا بىلەن مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ مۇناسىۋىتىدە يڭى بىر سەھىپە ئچىلغانلىقىنىڭ گۇۋاھچىلىرىدىن بولۇش ئۈچۈن كەلدىم. ئامرىكا بىلەن مۇسۇلمانلار دونياسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا ھەسەت قىلىش ۋە ئىناقسىزلىقتىن ئىبارەت بۇنداق ناچار ھالەت ئاياغلاشتى. ئامرىكا زۇڭتۇڭى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان بىر تەرەپلىملىك قارىشىنى تۈگىتىش ئۈچۈن تىرىشىمەن، بۇ منىڭ مەسئۇلىيىتىم.
ئوبامانىڭ سۆزلىگەن نوتۇقى يالغۇز ئوتتۇرا شەرق ئىسلام دۆلىتىگىلا قارىتىلغان ئەمەس. ئۇ بىر مىليارد 500 مىليون مۇسۇلمان ئاممىنىڭ ياخشى باھاسى ۋە ئىشەنچىسىگە ئرىشمەكچى بولغان. بۇ يالغۇز ئىسلام دۆلەتلىرىنى كۆرسىتىپلا قالماستىن يەنە ئامرىكىدىكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئوباما ھىندونزىيىدىن ئىبارەت بۇ ئىسلام چوڭ دۆلىتىدە بالىلىق دەۋرىنى ئۆتكۈزگەن، ئىسلام ئۆرپ- ئادىتىگە ئىگە قاراتەنلىكلەر پۇشتىدىن بولغان تۇنجى ئامرىكا زۇڭتۇڭى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھازىر مۇسۇلمانلارغا بارغانسىرى يقىنچىلىق قىلىپ دوستلۇق قولىنى سۇندى.
CNN نىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دەپ قارالدى: ئوباما قاھىرە ئۇنۋرسىتتىنى ئامرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ چۈشەندۈرىدىغان مۇھىم سەھنىسى قىلدى. بۇنى ئوباما ناھايىتى ئەتراپلىق تاللىدى. ئۇ يەردىكى نوتۇقنى ئاڭلىغان 3 مىڭدىن كۆپرەك ئاممىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇغان، ئۇلار ئوتتۇرا شەرقنىڭ كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئوباما ئۆزىنىڭ سھرى كۈچىگە تايىنىپ، مۇسۇلمان ياشلارنىڭ ئامرىكىغا بولغان سەلبى كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتمەكچى.
ئوباما نوتۇق سۆزلىگەندە ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ "ئىسلام" دۆلەتلىرىگە بولغان قارىشىنى تىلغا ئلىپ، ئامرىكا بىلەن ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى ھەمدە ئامرىكا بىلەن ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرى ئورتاق يۈزلىنىشى بولغان 7 مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ يەنە نۇرغۇن قتىم قۇرئاننىڭ تكىستلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئامرىكا بىلەن پۈتكۈل دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ "ئورتاق مەنپەئەتنى قوغداش ۋە ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش" ئاساسىدا، ئىككى تەرەپ " بىر- بىرىنى چەتكە قاقماي ۋە رىقابەتلەشمەي، ئىنسانلارنىڭ دۇنيا قارىشىغا ھۆرمەت قىلىش يەنى ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات، سەۋىر- تاقەت ۋە ھۆرمەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق ددى: ئىككى تەرەپ جەزمەن سىجىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بىر- بىرىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سلىپ، بىر- بىرىدىن ئۆگىنىپ، بىر- بىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئورتاق نوقتا ئۈستىدە ئىزدىنىشى كرەك.
ھازىرقى ئىنكاستىن قارىغاندا، ئوبامانىڭ بۇ قتىمقى نوتۇقىنىڭ ئىستراتگىيىسى ۋە ئۈنۈمىنى نىسبەتەن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، دەپ قاراشقا بۇلىدىكەن. ئۇ نۇتۇق سۆزلەش داۋامىدا تۆۋەندىكى ئامما 3 قتىم ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئالقىش ياڭراتقان ۋە "سىزنى سۆيىمىز" دەپ توۋلىغان. CNN نىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇنداق ئىش ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان.
بۇ قتىمقى نوتۇقتا، ئوباما تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئامرىكا بىلەن بەزى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ قارشىلىشىنى ئامرىكا بىلەن ئىسلام ئكسترىمىزمنىڭ رىقابىتى دەپ تار مەنىدە شەرھىيلىدى ھەمدە ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچكە ئىگە ئالاھىدە تىل قابىلىيىتىگە تايىنىپ، ئىسلام ئكسترىمىزمنى ئىسلام دۇنياسىدىن ئايرىپ چۈشەندۈردى ۋە ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن ئۇلارنى قارمۇ- قارشى ئورۇنغا قويدى. شۇ ۋەجىدىن تەكىتلەنگەن ئامرىكىنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرى قايىل قىلىش كۈچىنى ئالاھىدە نامايەن قىلدى.
بىر تەرەپتىن، ئوباما ئامرىكىنىڭ ئىسلام ئكسترىمىزمغا بولغان قەتئىي ۋە تەۋرەنمەس مەيدانىنى تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق ددى:" 11- سىنتەبىر " ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان ئىسلام ئكسترىمىزم بىگۇنا ئامرىكىلىقلارنىڭ بشىغا چىقىپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى جىنىدىن زامىن قىلدى. بۇ، دۇنيا خەلقنىڭ ئورتاق ئەخلاق چكىگە خىلاپ ئىش. شۇنىڭ ئۈچۈن، زوراۋانلىق ۋاستىلىرى بىلەن ئامرىكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىد سىلىۋاتقان ئىسلام ئكسترىمىستلارغا رەھىمسىزلارچە زەربە برىش كرەك. زۇڭتۇڭ بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن بۇ منىڭ ئەڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتىم. ئامرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەرىكىتىدە ھچقانداق تاللاش يوق. ئىلگىرىكى 7 يىلدا، ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن " تالىبان" لارغا زەربە برىپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ كۆلەملىك قوللىشىغا ئرىشتۇق.
يەنە بىر جەھەتتىن، ئوباما يەنە مۇنداق ددى: بۇ منىڭ دەل تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە نوتۇق سۆزلىگەندە ئيتقىنىمدەك ئامرىكا ھەرگىزمۇ شۇنداقلا مەڭگۈ ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلمايدۇ. ئۇ مۇنداق ددى: ئامرىكا ئافغانىستاندا ھەربىي ئىشلار بازىسى قۇرۇشقا ئىنتىلمەيدۇ. ئافغانىستان بىلەن پاكىستاندىكى ئىسلام ئكسترىمىستلارنىڭ ئامرىكىلىقلارنى قەستلەش ئويىدا بولماسلىقى دەلىللەنگەن ئالدىنقى شەرتى ئاساسىدا، ئامرىكا ئافغانىستاندىكى بارلىق ئەسكەرلىرىنى چكىندۈرۈپ چىقىدۇ. چۈنكى بۇ توقۇنۇش سىياسەت ۋە چىقىم جەھەتتە ئامرىكىنى قيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
نوتۇقتا، ئوباما ئۆزىنىڭ ئىسلام مەسىلىسىگە مۇئامىلە قىلىشتا بوش بىلەن ئىختىلاپ بارلىقىنى قىلچىمۇ يوشۇرماي ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: ئىراق مەسىلىسى ئافغانىستان بىلەن ئوخشاشمايدۇ. ئىراققا قارىتا مەندە ھچقانداق تاللاش يولى يوق. منىڭچە دپلوماتىيە ۋاستىسى ۋە خەلقئارا ئورتاق تونۇشقا تايىنىپ مەسىلە ھەل قىلىش ئەڭ ياخشى يول.
ئوباما بۇ قتىمقى نوتۇقتا يەنە ئىسلام دۆلەتلىرىگە دوستلۇق قۇلىنى سۇندى. ئۇ كەلگۈسى بەش يىلدا، ھەر يىلى پاكىستانغا 1 مىليارت 500 مىليون ئامرىكا دوللىرى مەبلەغ سلىپ، ئۇلارنىڭ مەكتەپ ۋە دوختۇرخانا سلىشى، تاشيول ۋە كارخانىلارنى قۇرۇشىغا ياردەم برىدىغانلىقىنى؛ ئافغانىستاننى 2 مىليارد 800 مىليون ئامرىكا دوللىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ياردەم برىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ يىل 7- ئايدىن بۇرۇن ئىراقتىن ئامرىكىنىڭ ئۇرۇش قىلغۇچى قىسىملىرىنى چكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقى، 2012- يىلىغا بارغاندا، بارلىق ئامرىكىلىق ئەسكەرلەرنى ئىراقتىن چكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامرىكا ئارمىيىسىنىڭ خورلاش قاتارلىق سەتچىلىكلىرىنىڭ ئامرىكىنىڭ ئوبرازىغا سەلبى تەسىر كۆرسەتكەنلىكىگە قارىتا، ئوباما ئامرىكىدا دەھشەتلىك قىيىن- قىستاققا ئلىشنىڭ ئنىق چەكلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كلەر يىلىنىڭ بشىدا گۇۋانتانامۇ ئامرىكا ئارمىيىسى تۈرمىسىنى تاقىۋتىشكە كاپالەت بەردى.
ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىدىكى يادرولۇق مەسىلە --- پەلەستىن- ئىسرائىلىيە ۋە ئەرەب - ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدە، ئوباما ئاممىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي تخىمۇ تەڭپۇڭ بولغان سىياسەتنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن تەڭ مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرىدىغان "ئىككى دۆلەت لايىھىسى" نى قوللاش، ئىسرائىلىيىنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئولتۇراقلىشىش نوقتىلىرىنى كڭەيتىشنى توختۇتۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى مەسىلىدە، ئوبامانىڭ ئامرىكا سىياسىتىدە ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئنىق كۆز قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئوباما ئوبدان تەييارلىق كۆرگەن يەنى 5- ئايدا ئوباما ئىلگىرى- كيىن بولۇپ، ئىئوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا، ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ، مىسىر دپلوماتىيە مىنىستىرى ئابۇ گايت قاتارلىقلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئامرىكىغا بولغان پوزىتسىيىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان.
ھەر قايسى دۆلەتلەر كۆڭۈل بۆلىۋاتقان يەنە بىر چوڭ مەسىلە يەنى ئىران يادرو مەسىلىسى شۇنداقلا ئامرىكىنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرىنىڭ يۆنىلىشى توغرىسىدا توختالغاندا ئوباما مۇنداق ددى: يادرو مەسىلىسى ئامرىكا- ئىران مۇناسىۋىتىنى جىددىي ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىۋاتقان مۇھىم سەۋەپ. يادرو قۇراللىرىنى كڭەيتمەسلىك مەسىلىسى ھالقىلىق، ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا برىپ قالدى. ئامرىكا تەرەپ ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، ھچقانداق ئالدىنقى شەرت بولمىغان ئەھۋالدا ئىران بىلەن بۇ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلىشىشنى خالايدۇ.
ئوباما مۇنداق ددى: بىر دۆلەتنىڭ تۈزۈمىنى ھەرگىزمۇ يەنە بىر دۆلەتكە مەجبۇرىي تاڭغىلى بولمايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاددىي مىساللىرى بىلەن ئۆز پوزىتسىيسىنى ناھايىتى ئوبرازلىق شەرھىيلەپ بەردى. ئامرىكا، مۇسۇلمان ئاياللىرى ۋە قىزلىرىنىڭ ياغلىق چگىش ھوقوقىنى قوغداپ، ئۇلارغا قارشىلىق قىلغۇچىلارنى جازالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەڭ ئىسلام دۆلىتىدە، ئاياللار ھۆرمەت قىلىنىشى كرەك ۋە ئۇلار تەربىيىلىنىش ھوقوقىغا ئىگە. كىشىلەر ئوغۇللىرىنى تەربىيىلەش ئۈچۈن قانچىلىك كۈچىسە قىزلىرىغىمۇ شۇنچىلىك كۈچ سەرپ قىلىشى كرەك.
ھەر قايسى دۆلەتلەر تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ھەمدە يەرشارى ئەھمىيەت برىۋاتقان بۇ نوتۇق گەرچە بىر سائەتلا سۆزلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئوباما ۋە ئۇنىڭ يڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئامرىكا- ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىگە بولغان سىياسەت پىلانى شۇنداقلا كەلگۈسى دۇنيا ۋەزىيىتىگە بولغان تەسىرى، قاھىرە جۈملىدىن بىر سائەتلىك نوتۇقتىن ئاللىبۇرۇن ھالقىپ كەتكەن ئىدى.
ئاقساراي ئەمەلدارىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئوباما سايلام رىقابىتى مەزگىلىدىلا ئوتتۇرا شەرق نوتۇقىغا تەييارلىق قىلغان ئىكەن. ھازىر مەسىلىنىڭ مۇھىم نوقتىسى ئوباما كەلگۈسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 4 يىلدا بۇ سىياسەتلەرنى زادى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ؟ بولۇپمۇ، ئەرەب ئەللىرىدىن تارتىپ ئافرىقا، ئوتتۇرا ئاسىيادىن تارتىپ شەرقىي، جەنۇبىي ئاسىيادىكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگىچە ئامرىكا ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئۇلارغا بولغان سەمىمىي نىيىتى ۋە دوستلۇقىنى ئىپادىلىيەلەمدۇ؟
ئوباما ئامرىكىنىڭ يڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىتى بىلەن ئىسلام دۆلەتلىرىگە ئۆزىنىڭ كلىشىپ قىلىش مۇددىئاسىنى بىلدۈردى. ئەمما كەلگۈسىدە ئۇنىڭ ئۈنۈمى قانداق بۇلىدۇ؟ قارشى تەرەپ قانداق جاۋاپ قايتۇرىدۇ ۋە ماسلىشىدۇ؟ مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئامرىكىلىقلارنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىدىن ئامرىكىغا ئىشەنسە بۇلىدىغانلىقىنى بىلىشكە ئىنتايىن مۇھتاج. مىسىردا چىقىدىغان << رۇز. يۈسۈپ>> ھەپتىلىك ژورنىلىدىكى بىر ئوبزوردا مۇنداق بىر قانچە نوقتا ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئامرىكا ئىسرائىلىيىگە يان باسماسلىقى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقى، دموكراتىيىنى باشقىلارغا مەجبۇرىي تاڭماسلىقى كرەك.
ئىراننىڭ ئەڭ ئالىي داھىيسى ئاياتۇللا ئەلى ھامىنىيى مۇشۇ ئاينىڭ 4- كۈنى مۇنداق ددى: بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر ئامرىكىغا ئىنتايىن ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدۇ. چۈنكى ئامرىكىلىقلار ئۇلارغا زوراۋانلىق ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتە تاجاۋۇزچىلىق قىلدى ھەمدە ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقوقىغا دەخلى تەرۇز قىلدى. ئامرىكا ئۆز ئەمەلىيىدە ئۇلارغا بولغان سەمىمىي نىيىتىنى ئىپادىلىشى كرەك. ھەر قانداق بىر كىشى تىل، نوتۇق ۋە شۇئارلىرى بىلەن بۇ خىل ئۆچمەنلىكنى يوقىتالمايدۇ.
收藏到:Del.icio.us