ئايىلتىس ئىمتىھانى توغرىسىدا

جۈمە, سېنتەبىر 23, 2011 5:36

ئايلتىس (IELTS, International English Language Testing System) نىڭ ئىنگلىزتىلىدىكى قىسقارتمىسى بولۇپ، ئەنگىلىيە مائارىپ نازارىتى، ئاۋستىرالىيە ۋە كامبىرىج ئۇنىۋېرىسىتىتى بىرلىشىپ باشقۇرىدىغان ئىمتىھان سىستېمىسى. ئىمتىھاننىڭ ئاكادېمىك نۇسخىسى (academic version) ۋە تەربىيىلەش نۇسخىسى(general training version) دىن ئىبارەت ئىككى خىل نۇسخىسى بار. ئاكادېمىك نۇسخىسى (academic version)نى چەتئەلدىكى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا چىقىش ئارزۇسىدىكىلەر بەرسە بۇلىدۇ. تەربىيىلەش نۇسخىسى(general training version)نى چەتئەلگە كۆچمەن بۇلۇش ياكى  بىلىم ئاشۇرۇش ئارزۇسىدىكىلەر بەرسە بۇلىدۇ.

ئىمتىھان ئۆزىنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ئۇزۇن يىللىق تەرەققىيات جەريانىدىكى يېڭىلىقلىرى بىلەن ئايلتىس (IELTS) ئىمتىھانى ئاۋستىرالىيە، بىرتانىيە، كانادا، ئېرلاندىيە، يېڭى زىنلاندىيە، جەنۇبى ئافرىقا ۋە ئامېرىكىدىكى  1800دىن ئارتۇق ئاكاېمىك ئورگانلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە مەملىكىتىمىزدە 26 ئىمتىھان نۇقتىسى تەسسىس قىلىنغان.

       ئايلتىس (IELTS) ئىمتىھان قۇرۇلمىسى ئاڭلاپ چۈشىنىش، ئوقۇپ چۈشىنىش، يېزىقچىلىق ۋە ئېغىزتىلى قاتارلىق تۆت بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بۇلۇپ، تۇلۇق نومۇرى 9 نومۇر. ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ نەتىجىگە بولغان تەلىپى ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىدىكىلەرنىڭ نەتىجە ئۆلچىمى 6 نۇمۇر،  كۆچمەن بولۇش ئارزۇسىدىكىلارنىڭ نەتىجە ئۆلچىمى 5 دىن يۇقىرى بۇلىشى كېرەك.

      مەركىزىمىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانىغا ئۆنۈملۈك تاقابىل تۇرىشى ئۈچۈن ئايلتىس (IELTS) مەخسۇس تەربىيىلەش سىنىپى تەسسىس قىلدى. دەرس خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ماتىرىيال (Cambridge IELTS) دەرسلىك قىلىپ ئۆتىلىدىغان بولۇپ، ئىمتىھان بېرىش تاكتىكىلىرى ھەرقايسى تۈرلەر بويىچە سىستېمىلىق ھالدا سۆزلىنىدۇ.

ئىنكاس يىزىڭ